قەدىمىي بازاردا ئۇيغۇرنىڭ كۈلكىسى ياڭرىدى، دېمىسىمۇ ياسىن زىلال يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە ئەڭ چۈشىدىغىنى ئىدى. كەينىدىن ئۇ يەنە ئابلىكىم تالىپنى كۆرسەتتى:
−− بۇ كىشىمۇ بولىدىكەنتۇق، لېكىن كۆزئەينىكى يوق ئىكەن ئەمەسمۇ ...
شۇنداق قىلىپ ناشىلار ھەققىدە چۈشەنچە ئاڭلىغاچ، لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىنى كۈلكە - چاقچاق بىلەن ئايلىنىپ چىقتۇق.
* *
مۇرەككەپتۇر جاھان، باقساڭ شەھەرلەرگە، ئايال - ئەرگە،
ساڭا بايلىق سانالغان زەر كىشىچۈن توختىماس سەرگە.
جىمى خەق ھەق دېگەن يولدا داۋام ئەتكەن جاھاندۇر بۇ،
بولالماس شۇ سەۋەب ھەرگىز ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگىگە سەركە.
تاش ئورمان سەيلىسى
200كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، لىجياڭدىن چۇشيوڭ شەھىرىگە كەچتە كەلدۇق ۋە ئۆزلىرىمىزنىڭ ئوزۇقى بىلەن قورساقنى ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن، شەھەر مەنزىرىسىنى بىرەر قۇر تاماشا قىلدۇق. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 دە يەنە كۇنمىڭغا قاراپ ئاتلاندۇق. بۈگۈنكى ھاۋا ئادەتتىكىدىن تاشقىرى تۇمانلىق ئىدى. ئون نەچچە مېتىر نېرىدىكى نەرسىنىمۇ پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. مەن كۆرگەنلىرىم ھەققىدە خىيال قىلدىم. يول بويى ماشىنىنىڭ ماي قاچىلىغىنىغا دىققەت قىلماپتىمەن. لېكىن ھەر 200- 300كىلومېتىر ماڭغاندا، يول بويىدىكى سۇ قاچىلاش پونكىتلىرىدا توختاپ، 300كىلودىن 500كىلوغىچە سۇ قاچىلاپ ماڭدى. ئۇقسام يۈننەننىڭ يوللىرى بەكلا داۋانلىق، ھەم ئەگرى - توقاي بولغاچقا، تورمۇزلىغاندا تورمۇز بىلەن چاقنىڭ قىزىپ ئۇپراپ كېتىشىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن چاق ۋە تورمۇزغا سۇ پۈركۈپ ماڭىدىكەن. سائەت 10:30 دا كۇنمىڭغا كەلدۇق ۋە زۇمرەت تاش دۇكىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولۇپلا، كۇنمىڭدىن 87كىلومېتىر كېلىدىغان تاش ئورمانلىق (石林) قا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئورماننىڭ تاشتىن پۈتىدىغىنى قىزىق ئىش ئىدى. تۇرۇپ ئويلىساڭ، كائىناتنىڭ مۆجىزىلىرىگە ھەيران قالمايمۇ ئامالىڭ يوق. بىراۋ ئاتايىتەن پىلانلاپ تىزىپ قويغاندەك بىر - بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن غايەت يوغان قاقشالسىمان تاشلار ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئورمان بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ مەنزىرە كىشى قەلبىنى ئاجايىپ ھېسلار بىلەن چىرمايتتى. بۇ يەردىكى تاش ئورمان تاقىرلىقى بىلەن گۇيجۇدىكى ئۈستىگە ۋە بېقىنلىرىغا دەرەخ - چاتقاللار ئۈنۈپ كەتكەن تاش ئورماندىن پەرقلىنەتتى. تاش ئورمانلىقتىكى ئەگرى - بۈگرى يوللاردا ئەتراپقا ھۇزۇر بىلەن بېقىپ توختىماستىن ئايلىناتتۇق. بىركەم بولغاندا يېشىللىق بىلەن تاش ئورمان گىرەلەشكەن بىر مەنزىرىنىڭ قېشىدا سۈرەتكە چۈشتۇق. ياسىن زىلال سەمەت ئابدۇراخمان بىلەن مېنى يېنىغا چاقىردى:
−− كېلىڭلار ئىككى باش مۇھەررىر، ئۈچ باش مۇھەررىر بىر چۈشەيلى قول تۇتۇشۇپ...
ھەممىمىز كۈلۈشتۇق. خۇددى تېلېۋىزوردىكى خەلقئارا خەۋەرلەردىكى باشلىقلار نېمىگىدۇر ۋەدە قىلىشىپ قول بېرىشكەن كۆرۈنۈشنى بۇ يەردە قايتا رېپېتسىيە قىلغاندەكلا بولدى. ياسىن زىلال ئوتتۇرىدا، سەمەت بىلەن مەن ئىككى ياقتا تۇردۇق، قوللىرىمىز گىرەلەشتى.
−− ئەمىسە تاش ئورمان خىتابنامىسىنى ھازىر جاكارلايمىز!... بۇنىڭدىن كېيىن ژۇرناللار دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ!...
كۈلكىگە قوشۇلۇپ چاۋاكلار ياڭرىدى، بىزمۇ مەغرۇرانە گەۋدىمىزنى ئاپپاراتلارغا توغرىلاپ تۇتۇپ بەردۇق.
* *
بۈگۈنكى كەچلىك تاماقنىڭ پىداكارلىرى سەمەت ئابدۇراخمان بىلەن پەرھات كازىم ئىدى. بارلىق ئۆمەك ئەزالىرى ياتاقتىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىغا يىغىلىپ شىلما چۆپ، كالا گۆشىدە قىلىنغان كاۋاپ ۋە يېڭى ئۈزۈلگەن بانان، ئاپېلسىنلار بىلەن كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشقاچ غىزالاندۇق. چۇشيوڭدىن كۇنمىڭغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر بىر سەپەردىشىمغا ئاتاپ چاقچاق يازغان ئىدىم، بۇنى ياسىن زىلال كۆرۈپ قالغان ئىدى. تاماق يېيىلىپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىپ قالدى:
−− تاماقنىمۇ يېدۇق، ئەمدى ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كىروران ھەر بىرىمىزگە ئاتاپ نەزمىي چاقچاق پۈتۈپتۇ. بىر ئاڭلايلىما؟
شۇنىڭ بىلەن چۇشيوڭدىن كۇنمىڭغىچە بولغان ئىككى سائەتلىك سەپەردە ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ يازغان چاقچىقىمنى ئوقۇدۇم. ئوقۇپ بولغىچە باشتىن - ئاخىر كۈلكە ياڭراپ تۇردى.
* *
كۈلكە كاتتا دورىدۇر، دىلدىن چىگىچنى يەشكىلى،
ئۇ بىلەن بولغاي بۇلۇتتىنمۇ ئارغامچا ئەشكىلى.
نەدە بولسۇن كۈلكە ئىزدەركەن ھامان ئۇيغۇر دېگەن،
ئۇ بىلەن ئاچچىق ھاياتنىڭ چاتقىلىنى كەسكىلى.
ئىشەنگۈسىز رېئاللىق −− دەيزۇ قىزلارنىڭ«ئەر ئېلىشى»
نەچچە كۈندىن بېرى كۇنمىڭدىن غەربىي شىمالغا قاراپ ماڭغان بولساق، مانا ئەمدى كۇنمىڭدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ كېتىۋاتاتتۇق. ئەمدىكى نىشانىمىز كۇنمىڭدىن 742كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىشۇاڭبەننا بولۇپ، ئوتتۇرا مەنزىل پۇئېر شەھىرى ئىدى. ئەتىگەن سائەت 10دا يولغا چىقىپ، كەچ 5 تە پۇئېرغا كەلدۇق. پۇئېردا مېھمانخانىغا كېتىۋېتىپ توساتتىن يول بويىدا بىر ھارۋىغا بېسىلغان ماتاڭلىرىنى سېتىۋاتقان چىمەن دوپپىلىق كىشىگە كۆزىمىز چۈشتى. «جاھاننىڭ بۇ چېتىدىمۇ باركەنمىزغۇ؟... ھېلى بۇ كىشىنى تېپىپ ئوبدان بىر پاراڭلىشايلى» دېيىشتۇق. لېكىن ئىشلار ھەدېگەندە رايىمىزغا باقماي، دېگىنىمىز دېگەن پېتى قالدى.
تاڭ يورۇماستىنلا خورازنىڭ چىللىشىنى ئاڭلاپ، ئۆزىمىزنى ئۆز سەھرايىمىزدىكىدەك ھېس قىلىپ، خۇشاللىق بىلەن تۇرۇپ كەتتۇق. ئۆزۈم شەھەردە ياشاۋاتقان بولساممۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەردە مەن تۇنجى ئاڭلىغان خورازنىڭ چىللىشى ئىدى بۇ. كېيىن شىشۇاڭبەننادىكى جىڭخۇڭ شەھىرىدىمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇردۇق. قارىغاندا بۇ يەردىكىلەر يەرلىك توخۇنى جىق باقسا كېرەك، تۇخۇملىرىنىڭ سېرىقىمۇ توك چۈجىسىنىڭكىدەك سارغۇچ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ »مىللىي تۇخۇم«لىرىمىزدەك قىزغۇچ سېرىق، ھەم تەملىك ئىدى.
ئەتىگەن سائەت 10دا شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كەلدۇق. بۇ يەردە 1 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بولۇپ، دەيزۇلار ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىكەن. دەيزۇلاردىن قالسىلا خانىلارنىڭ نوپۇسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىكەن. دەيزۇلاردا ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ھۆكۈمران ئىكەن. ئادەتتە دەيزۇلارنىڭ ئۆيىدە قىز تۇغۇلسا، جەمەت كىشىلىرى يىغىلىپ ئۈچ كۈن ھاراق ئىچىپ تەبرىكلەيدىكەن. دەيزۇلارنىڭ 26ھەرپتىن تۈزۈلگەن يېزىقى بار ئىكەن. ئوغۇل تۇغۇلۇپ يەتتە - سەككىز ياشقا كىرگەندە بۇتخانىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن، ئۇلار شۇ يەردە بېقىلىدىكەن، دىنىي ساۋاتى ۋە دەيزۇ يېزىقىدىكى ساۋاتى چىقىدىكەن. بۇ يەردە دەيزۇچە مەكتەپ ۋە دەيزۇچە نەشرىيات مەۋجۇت ئەمەسكەن. قىزلار ئومۇميۈزلۈك ساۋاتسىز ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز ساندىكى ئائىلىلەرلا قىزلىرىنى خەنزۇچە باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىدىغان بوپتۇ. دەيزۇ قىزلارنىڭ يەتتە - سەككىز ياشتىلا بېلى بوغۇلىدىكەن، قىزلاردا بۇرۇن كالتە ئىشتان كىيىدىغان ئادەت يوق ئىكەن، ئۇزۇن بىر رەختتە بېلىنى ئوراپلا يۈرىدىكەن. ئون نەچچە يىلدەك بوپتۇ، كىيىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئادەتتە ئۆيلىرى ئىككى قەۋەت بولۇپ، 1 - قەۋىتى ئىسكىلات قىلىنىدىكەن، 2 - قەۋىتىدە مېھمانخانا ۋە ياتاق ئۆيلەر بولىدىكەن. »ئائىلە ئەزالىرى ئايرىلسا، ئۆينىڭ بەرىكىتى قاچىدۇ« دەپ، ھەممەيلەن ئورۇنلىرىنى پاشىلىق بىلەن ئايرىپ، بىر ئۆيدە ياتىدىكەن. ياتاق ئۆيلەرگە يات كىشىلەرنىڭ كىرىشى قاتتىق چەكلىنىدىكەن، ناۋادا يات ئەر قونۇپ قالسا، مېھمانخانا ئۆيدە پۇتلىرىنى تالاغا چىقىدىغان ئىشىككە قارىتىپ ياتىدىكەن. ئۆي ئىچىگە قارىتىپ يېتىپ قالسا، مۇشۇ ئۆيدىكى قىزچاققا مەيلى بار ھېسابلىنىدىكەن. توي قىلمىغانلار سىرتتا يات جىنستىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئەڭ يېقىن ئورۇندا ياتىدىكەن. كۆزئەينەك تاقىغان ئەرلەرنى چوڭ بىلىش ئادىتى بۇلاردىمۇ بار ئىكەن. دەيزۇلاردا ئوغرى بولمايدىكەن. ئەگەر سىرتلاردا قوللىرى كېسىلگەن بىرەرىنى ئۇچراتساق، ئۇنىڭ قوللىرى چوقۇمكى ئوغرىلىق قىلىپ كېسىلگەن، دەپ قارىساق بولىدىكەن. دەيزۇلار ئۆلسە مال - مۈلكى بۇتخانىغا ئىئانە قىلىنىدىكەن، بالىلىرىغا مىراس قالمايدىكەن. ئۆلۈكىنى كۆيدۈرۈپ ئېتىزلىققا چېچىۋېتىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ قەبرىگاھى مەۋجۇت ئەمەسكەن.
دەيزۇلاردا ئاياللارنىڭ دېگىنى مۇتلەق ھېساب ئىكەن. كەنتلەرنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئايال ئىكەن. قايسى ئايالنىڭ بېلى ئىنچىكە ۋە ساغرىسى يوغان بولسا، شۇ ئايالنىڭ ئورنى ئۈستۈن، ئىناۋىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن. ھەر بىر قىزنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئىككىدىن بەلبېغى بولىدىكەن، بىرى ئانىسى بەرگىنى، يەنە بىرى ئېرى سوقۇپ بەرگىنى ئىكەن. قىز - ئوغۇل 15ياشلارغا كىرگەندە ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، ناۋادا ئوغۇل قىزغا يارىسا، قىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا مېھمانخانىدا ياتىدىكەن. شۇ ياتقانچە ئۈچ يىللىق سىناقتىن ئۆتسە، ئاندىن شۇ ئۆينىڭ ئەزاسى بولالايدىكەن؛ بىرىنچى يىلى قىزنىڭ ئۆيىگە بىر يىل ئىچىدە تاغدىن نەچچە يىل يەتكۈدەك ئوتۇننى ئەكېلىپ بولۇشى لازىمكەن. ئىككىنچى يىلى يەر تېرىيدىكەن، بانانزارلىقتا ئېتىز ئەمگىكى قىلىدىكەن. ئۈچىنچى يىلى تاغقا چىقىپ كۈمۈش ئىزدەيدىكەن ۋە كۈمۈش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىنىدىكەن. ئاخىرقى يىل ئىچىدە قىزغا بىر جۈپ ھالقا، بىر جۈپ بىلەزۈك، بىر جۈپ ئۈزۈك، بىر جۈپ چوكا ۋە ئۈچ يېرىم جىڭ ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش بەلباغنى ئۆز قولى بىلەن ياساپ تەقدىم قىلىشى زۆرۈركەن، بازاردىن سېتىۋالسا ھېساب بولمايدىكەن. توي قىلغاندىن كېيىن، ئەرنىڭ ھەرقانداق گېپى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىكەن، ئايالنىڭ گېپى گەپ ئىكەن. ئەر كىشى ھەتتا بىر سىنت پۇلنىمۇ ئايالدىن سوراپ خەجلەيدىكەن، تالاغا چىقسىمۇ رۇخسەتسىز چىقمايدىكەن. ئەر ئۆيدە بالا بېقىپ، ئۇششاق - چۈششەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىكەن، ئايال سىرتتا ئىشلەپ، ئائىلىنى باقىدىكەن. شۇڭا دەيزۇ قىزلار مەغرۇر ھالدا: »بىز ئەرگە تەگمەيمىز، ئەر ئالىمىز« دېيىشىدىكەن. بىر جۈپ قىز - يىگىت ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشتەك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىكەن، قىزلار تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىنلا ئېتىزغا چىقىپ ئىشلەيدىكەن.
* *
ئىشەنگۈڭ كەلمىگەي بۇندا كېلىپ سەن كۆرمىسەڭ بىر رەت،
بىلەلمەسسەن نېچۈك خامان، بىلەكنى تۈرمىسەڭ بىر رەت.
ۋاراقلا، كاتتا قامۇستۇر بۈگۈن يەر شارىدا ھەر يۇرت،
ھايات تەمى بولۇر بەك كەم ، ھۇزۇرنى سۈرمىسەڭ بىر رەت.
(داۋامى بار)
|