ۋوي، ۋوي(ھېكايە)

يوللانغان ۋاقتى:29-06-2011   مەنبە: تارىم 2004-3-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
– ۋوي ،– ھېلىقى ئاۋازدىن يەنە ئېسىمگە كەلدىم ،– بۇ يەردىن بىر قىز ئۆتتىمۇ،

ئاپتورى: ئابدۇرېشىت ئېلى

مەن ئەزەلدىن ھېكايە توقۇشنى ياخشى كۆرسەممۇ لېكىن ھازىرغىچە قاملاشتۇرۇپ بىرەر پارچە ھېكايە توقۇيالمىدىم، بىر نەچچە رەت ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولساممۇ نەتىجە چىقمىدى. مەن توقۇغان ھېكايىلارنىڭ بىر يىرى بولسىمۇ بىر يىرى بولماي قالاتتى. ئايالىم پۈرلەنگەن قەغەزلەرنى توشۇپ بولالماي دەسلىۋىدە ماڭا قەغەز باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىسراپچىلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئايلىق مائاشنىڭ ساپلا قەغەز ئېلىشقا كەتكەنلىكىنى (ئايالىم ھەدىسىلا مۇبالىغە قىلىپ سۆزلەيتتى)، ئۇن، ياغ، سەي… لەرنىڭ ئۆكسۈپ قالغانلىقىنى… چۈشەندۈردى. مەن بىر تال تاماكا چېكىش بىلەنلا بولدى قىلدىم. تاماكا چىكىشىم ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەنلىك بولاتتى. ئۇ قەغەزلەرنىڭ پۈرلىنىشىنىڭ توختىمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مىنىڭ بىلەن جىدەللەشتى. مەن ئۇنىڭغا مەشھۇر يازغۇچى بولۇش ئارزۇيۇمنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئېيتتىم، ئۇ نىمە دىدى دىمەمسىلەر، بۇرنىنى ئۆرۈپ، ئاغزىنى بىر قىسما قىلىپ: «مەشھۇر يازغۇچى بولارمىش تېخى» دىدى. مەن چىداپ تۇرالمىدىم. بۇ گەپ غۇرۇرۇمنى ئويغىتىۋەتتى. تاماكا تۇتقان قولۇم تاماكىسىنى تاشلىۋېتىپ ئۇنىڭ پات-پات چىرايلىق زىناق پەيدا قىلىدىغان سۈيۈملۈك ئوڭ مەڭزىگە كېلىشتۈرۈپ بىر سامسا ياقتى. شۇنىڭ بىلەن بالانىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئۇ ئالاجۇقا توۋلاپ مىڭەمنى يىدى. ئاچچىقىمنى چىقىرىپ كىرىش ئۈچۈن بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە رومكا كۆتۈرىۋېتىپ ئۆيگە كەلسەم ئۇ يوق. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كىلىپ خېتىنى بىرىشمنى ئېيتتى. نەچچە سائەت چۈشەندۈرۈشلىرىم، يالۋۇرۇشلىرىم كارغا كەلمىدى. ئامال يوق، خىېتىنى بىرىپ خوتۇنسىز قالدىم. ئايالىم بىلەن ئادا-جۇدا بولغاندىن كىيىن بۇنداق قەغەز، سىياھ بۇزىدىغان ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ھېلىقى تۆت يول كىسىشىدىغان دوقمۇشقا بوتكا ئېچىۋالدىم. سودام يامان ئەمەس يۈرۈشۈپ كەتتى. ئىلگىرى بىر مۇچەننىڭ ئالدىغا 5 قېتىم، كەينىگە 6 قېتىم قاراپ خەجلىگەن بولسام ئەمدى پۇلنى سامداپ تۇرۇپ خەجلەيدىغان بولدۇم. نىمە بولدىكىن، بۈگۈن تويۇقسىز سودا بولماي تازا ئىچىم پۇشۇپ تۆت سەر قېقىۋالدىم. كەيپچىلىكتە يولدىن ئۆتكەن چوكانلارنىڭ تولغان ساغرىسىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن.
ھاۋا ئىسسىپ كەتتى… «بۇ تېخى ماي ئايلىرى تۇرسا» دىدىم دۈشمەننىڭ مەسخىرىسىدەك چۇقامغىلا ئوت چېچىۋاتقان قۇياشقا قاراپ نارازىلىق كەيپىياتتا. بىردىنلا دىكابىر ئېيى ئېسىمگە كىلىپ تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. ئۇ كۈنى بىر ئاغىينەم بىلەن يېرىم كىچىگىچە ئىچىشتۇق (ئىچكىنىمىز ئاران 250 گىرام ھاراق ئىدى، شۇنچىلىك ھاراقنىمۇ يېرىم كېچىگىچە ئىچكەن بارمۇ دەرسىلەر ھە قاچان، لېكىن سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بىز ئادەتتە ھاراق ئىچىش ئۈچۈنلا ھاراق ئىچمەيمىز). قايتىدىغاندا يېنىمدا پۇل يوقلىقىغا باقماي شىر يۈرەكلىك بىلەن تاكسى توستۇم. ئۆيگە قايرىلىدىغان كوچىغا كەلگەندە ماشىنىنى توختاتتىم-دە، شوپۇرغا «كوچا تولىمۇ ئەسكى ھەم تار، ماشىنىنى ئەكىرەكمەيسىز، مۇشۇ يەردە بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن پۇل ئېلىپ چىقاي» دەپ قويۇپ غىپپىدىلا كوچىغا كىرىۋالدىم، كەينىمدىن بىرسى قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ قوش قاناتلىق دەرۋازىنى قېقىشقا باشلىدىم. ئايالىم ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئەتەي ئىشىكنى ئاچمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئىشىك ئېچىلمىدى. يۈرىكىم ھە دەپ سۇقاتتى. پات-پات كەينىمگە قارايتتىم، بىر ھېسابتا خوتۇننىڭ ئىشىكنى ئاچمىغىنىمۇ ياخشى بولدى، ئەمىلىيەتتە ئۆيدە تىيىننىڭ سۇنىقىمۇ قالمىغان ئىدى… لېكىن سۇغۇقتا پۇت-قۇلۇم ئۇيۇشۇپ كىتىۋاتاتتى. قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەگەر شۇ تاپتا تاكسى شوپۇرى كىلىپ قالسا، خوتۇن ئويغۇنۇپ ئىشىكنى ئاچسا… بۇنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم. نىمىلا بولمىسۇن بۇ يەردە تۇرىۋىرىشكە بولمايتتى… كەينىمگە چەكسىز ئەندىشە بىلەن يەنە بىر قېتىم قارىدىم، كۆزۈم تۈن قاراڭقۇسىدىن باشقا نەرسىنى كۆرمىگەندىن كىيىن خاتىرجەم بولۇپ تامغا ياماشتىم، ئادەتتە بۇيۇم يەتمەيدىغان تامغا بىر كۈچەپلا چىقىپ ھويلىغا ئارتىلىپ چۈشتۈم-دە، دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئېغىز بوش ئۆيگە كىردىم. بۇ ئۆيگە ئادەتتە كۆمۈر، ئۇتۇن ۋە پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى ئەكىرىپ قوياتتۇق. سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ نەدىندۇر بىر پارچە پالازنى (بەلكىم بۇ، مەن تۈنۈگۈن ئۆينى رەتلىگەندە كارۋاتتىن ئېلىۋەتكەن يىرتىق كىگىز بولىشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن يېپىنچىنىڭ تېپىلغىنى غەنىيمەت ئىدى) تېپىپ سۈرەشتۈرۈپ ئەكىلىپ ئۈستۈمگە ياپتىم، دىققىتىم، سىرتتا – ئاياق تېۋىشىدا ئىدى، ئۇدۇلدىكى ھويلىدىن چىقىۋاتقان قانجۇقنىڭ ۋەھىمىلىك كاڭشىشىدىن باشقا ھېچقانداق سادا ئاڭلانمايتتى. بىر يىرىمنى يۆگىسەم، بىر يىرىم ئوچۇق قالاتتى، سوغۇقنىڭ دەھشىتى بارغانچە كۈچىيىپ باراتتى. ئەمدى ھاراقنى كۆپرەك ئىچمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم، تازا مەست بولغان بولسام، بەلكىم توڭغىنىمنى ھىس قىلالماي ئۇيقۇغا كىتەر ئىدىم. قۇلۇمدىكى چاقماقنى ئېھتىيات بىلەن ياندۇرۇپ ھېلىدىن-ھېلىغا سائىتىمگە قارايتتىم. سائەتنىڭ قىلى ھاردۇق يەتكەن سەيياھتەك 3 بىلەن 4 نىڭ ئارىلىقىدا تولىمۇ ئاستا، تولىمۇ زەئىپ ماڭاتتى. ئاخىرى سوغۇققا چىدىيالماي قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدىم. نىمىگىدۇر پۇتلىشىپ يىقىلاتتىم، قۇپاتتىم… شۇ ئارىلىقتا ئۆيگە كىرىپ كىتىش خىيالىمغا كىرىپ قالدى، بۇ چاققا تاكسى شوپۇرىمۇ كىتىپ قالغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئىشىكنى مىڭ بىر تەسلىكتە تېپىپ ھويلىغا چىقتىم-دە، ئاۋايلاپ قەدەم ئېلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا باردىم. ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئىككى خىيال بولۇپ خېلى ئۇزۇن تۇردۇم. دېكابىرنىڭ جانلارنى قاخشاتقۇچ سوغۇقى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن غەيرەتكە كىلىپ ئىشىكنى ئىتتەردىم… ئەمدى بۇنى كۆرۈڭ، ھېچقاچان ئىشىكنى ئەتمەيدىغان بۇ ساراڭ خوتۇن بۈگۈن ئىشىكنى ئىتىپ قويغان ئىدى…
– ئېلىشىپ قالدىڭىزمۇ؟ نىمانداق قاقىرام ئىسسىقتا تۇرىسىز ،– ئايالىم ئالدىمدا لۈڭگە بىلەن پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ ماڭا قاراپ تۇراتتى. شۇ چاغدىلا ئۈستى-بېشىمغا بىرسى قوقاس قويىۋەتكەندەك قىزىپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. خىيال… بىردىنلا ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايالغا ئامراقلىقىم كىلىپ قالدى-دە بىر تاقلاپلا ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيدۈم.
– ساراڭ، كۈپكۈزدە نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ – ئايالىم شۇنداق دەپلا قۇچىقىمدىن چىقىۋالدى.
– ئەگەر سەن ئۆيدىن چىقمىغان بولساڭ، قاچانغىچە توڭۇپ تۇرار ئىدىم.
ئايالىم مىنىڭ بۇ سۆزۈمدىن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدى-بولغاي، جىمجىتلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى ۋە بىردەمدىن كىيىن «تامىقىڭىزنى يەڭ» دەپ چاقىردى. تامىقىمنى ئالدىراپ يەپ سۆزسىزلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ قاپتىمەن. ئۆستەڭدە تۇلۇپ سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئۆستەڭنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سۈگەتلەرنىڭ شاخلىرى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ 10 مىتىر نېرىسىدىكى ئادەم بۇ يەردىكى ئىشلارنى كۆرەلمەيتتى. ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ سالقىن ھاۋادىن قانغىچە سۈمۈردۈم. بىردىنلا قىش كۈنلىرى ئېسىمگە كىلىۋالىدىغان «يازنىڭ قەدرىگە ئەجەپ يەتمەپتىكەنمەن» دىگەن سۆزنى ئاستا تەكرارلىدىم. ئۆستەڭنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى يولدىن بىر توپ بالىلار ئۆتتى. ئۇلار ئانىدىن تۇغما بولۇپ ماڭا شۇنداق ئەركىن ۋە شۇنداق بەختىيار كۆرۈندى. ئۇلار بىرسى-بىرسىدىن ئۇيالمايتتى. قىزلار ئۇغۇللارغا، ئۇغۇللار قىزلارغا قاراپمۇ يۈرمەيتتى، ھەممىسى ئۆز سۆزى، ئۆز ھەرىكىتى بىلەن ماڭاتتى… تۇرۇپلا مىنىڭمۇ كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ ئۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلغۇم كەلدى-يۇ، ھايالشىمايلا بۇ نىيىتىمدىن يېنىپ قالدىم. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلسام خۇددى بىر توپ قوينىڭ ئارىسىغا بۆرە كىلىپ قالغاندەك ھالەت يۈز بىرىشى مۇمكىن ئىدى. ھېچ بولمىغاندا مەن ئۇلارنىڭ بەدىنىگە قارىمىغىنىم بىلەن ئۇلارنىڭ مىنىڭ بەدىنىمگە قارشى تۇرغانلا گەپ ئىدى، مىنىڭ تېنىمدىكى ئۇلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان تەرەپلەر بۇ گۈزەل كەيپىياتنى بۇزاتتى…
ئايىغىمنى سېلىۋېتىپ ئىشتىنىمنى تىزىمغىچە تۈردۈم-دە، پۇتۇمنى سۇغا چىلىدىم. مەن زار بولغان بىر خىل يېقىشلىق سىزىم تاپىنىمدىن كىرىپ چۇقامغا بېرىپ توختىدى….
ئامىرىكا-ئەنگىلىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرى ئىراقنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى. شۇ تاپتا ئىراقلىق مۇساپىرلار نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىدىغاندۇ؟ سادام نەدىدۇر؟… سادام نەدە بولسا بولمامدۇ. ئۇنداق قورقۇنچاق ئويلاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ۋەتىنىنى، خەلقىنى دۈشمەنگە تاشلاپ بىرىپ ئۆزىنىڭ ئىت جېنىنى ئېلىپ قاچقان مەلئۇننى يەر يۇتقاي ئىلاھىم…
ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل جايدا ياشاۋاتقانلىقمدىن ئىپتىخارلاندىم. شۇ تاپتا ئايالىم يېنىمدا بولغان بولسا، ئەتراپقا قارىدىم، ھېچكىم يوق، ئۇنىمۇ يالىڭاچلىسام، ئۆزۈمنىمۇ يالىڭاچلىسام، سۇغا چۆمۈلسەك، سۇنىڭ چوڭقۇرىغا چۆكسەك، سۆيۈشسەك، يەنە… ھەي ما ئەخمەقلىقىمنى، ئايالىم كىسەل تۇرسا… ئۇنداقتا باشقا بىر قىز بولسا (ئۇ كىم، ئىشقىلىپ ئۇ ماڭا ناتونۇش ئەمەس)، ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا ئۆزى ھەققىدە (باشقا بىرى توغرىلىق ئەمەس، زىنھار ئەمەس!) سۆزلىسە، مەندىن قايسىدۇر ئىشلار توغرىلىق مەسلىھەت سورىسا، ئاندىن ئالدىمىزدىكى سۇنىڭ سۈزۈك، ئەتراپنىڭ بۈكلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتسا…
– ھوي-ھوي ،– بىرسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن ئېسىمگە كەلدىم ،– سىزگە دەۋاتىمەن، سىزگە، بۇ يەردىن بىر قىز ئۆتتىمۇ، يېشى 15 لەردە بار، كۆزى چوڭ، بويى زىلۋا…
– ياق ،– ئۇ كىشى كەتتى. كەينىگە پات-پات قارىغاندەك تۇيۇلۇپ، پۈتۈن تېنىمگە قورقۇنۇچ ياماشتى، «ئۇ كۆرۈپ قالغانمىدۇ» دىدىم پەس ئاۋازدا. ئارقىدىنلا نامەلۇم ئەندىشە بىلەن ئۇ كىشى كەتكەن تەرەپكە قارىدىم، ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.
ئۇ شۇنداق گۈزەل بولۇپ، چاچلىرىدىن كۆزلىرىدىن تېنىقىدىن ئىشقىلىپ ھەمىلا يىرىدىن ئادەمگە ھاياتنىڭ شىرىنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدىغان بىر خىل ھىد تارقىلاتتى. ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى، سۆزلەۋېتىپ كۈلەتتى. ئۇ شۇنداق روھلۇق ۋە نازاكەتلىك ئىدىكى، سۆزلىرى قۇلۇقىمغا كىرمەيتتى. پەقەت ئۇنىڭ تىپتىنىچ ۋە چەكسىز كۆزلىرىگىلا قاراپ قالغان ئىدىم. پات-پات سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ دىققىتىم چېچىلاتتى، سۇ بارغانچە ئۇلغىيىۋاتاتتى. سۇ ئولتۇرغان يىرىمگىچە چىقىپتۇ، بۇنى سەزمەپتىمەن. لېكىن ئۇ قىزنىڭ ھېچيىرى ھۆل بولمىغان ئىدى. سۈگەتنىڭ بىر تال غازىڭى كۆز ئالدىمدىلا يىنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى، شامال چىقىۋاتسا كىرەك، كۆزۈم بىردىنلا ئۆستەڭنىڭ ئۇ قېتىدىكى يولدىن ئۆتىۋاتقان بالىلارغا چۈشۈپ قالدى. بۇ قېتىم ئۇلار كىيىم كىيىۋالغان، يەنىلا شۇنداق ئەركىن، شۇنداق بەختىيار…
– ۋوي ،– ھېلىقى ئاۋازدىن يەنە ئېسىمگە كەلدىم ،– بۇ يەردىن بىر قىز ئۆتتىمۇ، يېشى 17 لەردە بار، قارا قاشلىق بىر قىز؟…
– كۆرمىدىم ،– ئۇ كىشى كەتتى، بايىقىدەك ئەمەس، بىر خىل نىمىگىدۇر تارتىشقاندەك ئاستا قەدەمدە كەتتى.
تويۇقسىز ئۆزۈمنىڭ ئەقلىدىن مەمنۇن بولۇپ سۇس كۈلۈپ قويدۇم. لېكىن بۇنى ئۇ قىز سەزمىدى. ئۇ قۇچىقىمدا تۇلۇپ ياتاتتى. قۇلىدا بولسا بىر تال سۈگەت يۇپۇرمىقى… قۇلۇم ئاستا سويلاشقا باشلىدى، بىرسى كۈرۈپ قالىدىغاندەك ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلاتتىم، ئەمما چۇقۇم بىرسى كۈرۈپ قېلىۋاتاتتى، باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئۇ قىز كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى، نىمىشقىدۇر ئۇمۇ ئەتەي كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك ئىدى، مەنمۇ تېخىمۇ ئاستا، تېخىمۇ ئاۋايلاپ سىيلايتتىم. لىۋىمىز ئاخىر ئۇچراشتى… سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى پات-پات ئاڭلىناتتى.
– ۋوي-ۋوي… ،– ھېلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى ،– ئاڭلاۋاتامسىز، ۋوي، سىز… بۇ يەردىن بىر قىز ئۆتتىمۇ، يېشى 18 لەردە بار، چىرايلىق بىر قىز…
– ھە، ئۆتتى ،– بۇ سۆزنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن. ئۇ كىشى ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى.
– قايسى تەرەپكە كەتتى ،– ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرى كۆزۈمگە مىقتەك قادالدى.
– ئەنە ،– ئۇ كىشى ئەتراپقا قارىدى ۋە ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:
– مەن ئۇنى ئىزدەۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ،– ئۇ ئەمدى ھاسىراشقا باشلىغانىدى ،– نۇرغۇن كىشىلەردىن سورىدىم، ھېچكىم كۆرمەپتۇ، پەقەت سىزلا كۆرۈپسىز، ماڭا ئۇنى تېپىشىپ بەرسىڭىز، ئۇ قەيەردە؟
ئۇ كىشىگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
– ئۇ، سۇدا ،– قۇلۇم بىلەن ئۆستەڭنى كۆرسەتتىم، ئۇ كىشى «پەرىزات، پەرىزات…» دىگىنىچە ئۆستەڭنى بويلاپ كىتىپ قالدى.
ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ شۇنداق خاتىرجەم بولۇپ، ھېچنىمىنى سەزگەندەك ئەمەس ئىدى. بىردىنلا ئۆزۈمنىڭمۇ يالىڭاچ ياتقانلىقىمنى بايقىدىم. ئۇنىڭ يالىڭاچ تېنى باغرىمدا سۇزۇلۇپ ياتاتتى. قوللىرىم ئۇنىڭ تولغان بىر جۈپ كۆكسىدە ئوينايتتى…
– ۋوي-ۋوي ،– بىر كىشى بېشىمدا قاراپ تۇراتتى ،– ھاراق بارمۇ؟
– بار ،– ئۇنىڭغا بىر بوتۇلكا ھاراق ئېلىپ بەردىم.
«توۋا ،– دىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە ،– كەيپچىلىكتە شۇنداق ئۇزۇن ئۇخلاپتىمىنا»…
 




ھالقىلىق سۆزلەر : ھېكايە، يېڭىچە


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار