سابىت بايۋەتچە ھېكايە ئاپتورى: ئەسئەت ئابدۇرېشىت -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كادىر ئەپەندىم، ياخشﯽ تۇردۇڭمۇ؟ __ ئىدارە دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ تۇرۇشۇمغىلا بىرەيلەن يوغان سالام بىلەن ئالدىمنﯽ توستﯽ. قويۇق قارا چاچلىرىنﯽ يانغا چىرايلىق تارىۋالغان، قارا - كۆك كاستۇم - بۇرۇلكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ گالىستۇك تاقىغان، قارا شىبلىتﯽ تۈكسىز باشلاردەك پارقىراپ تۇرىدىغان بۇ ئېگىز بويلۇق، سالاپەتلىك ئادەمنﯽ دەماللىققا تونۇيالمىدىم. گەرچە قولۇمنﯽ ئۇنىڭ قىزغىن ئالىقانلىرىغا قىسىشقا بەرگەن بولساممۇ سەل دىلىغۇل بولغانلىقىمنﯽ يوشۇرۇپ قالالمىغان ئوخشايمەن. __ مېنﯽ تونۇيالمىدىڭغۇ دەيمەن؟ __ دېدﯼ ئۇ كاستۇمىنىڭ ئىچ يانچۇقىدىن غەيرىي قاپلىق تاماكىسىنﯽ چىقىرىپ ماڭا سۇنغاچ. __ مەن تاماكا چەكمەيمەن. __ ئا... نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر تاماكا چەكسە خۇددﯼ ئەتىسﯽ ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قورقۇشىدۇ. لېكىن تاماكا چەكمەي 160 ياشقا ياكﯽ 200 ياشقا كىرگەنلەرنﯽ ئاڭلاپ باقتىڭمۇسەن؟ تاماكا چەكسەكمۇ ئۆلىمىز، چەكمىسەكمۇ ئوخشاشلا ئۆلىمىز، ئالە، بىر تال چېكىپ قوي، __ ئۇ قولۇمغا بىر تال تاماكا تۇتقۇزۇپ، ئاندىن چاقمىقىنﯽ ياندۇرۇپ دېۋەيلىدﯼ. تاماكا تاشلىغىنىمغا ئون يىلدەك بولغانىدﯼ. سورۇنلاردا ئاغىنىلىرىم زورلىغان بولسىمۇ ئاغزىمغا ئالمىغانىدىم، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئۇ ياندۇرغان تاماكىنﯽ قولاشمىغان ھەرىكىتىم بىلەن ئاغزىمغا ئاپىرىپ، رەسمىي ئىچىمگە تارتتىم. __ سەن مېنﯽ تازا ئەسكە ئالالمايۋاتىسەن - ھە، مەن ھېلىقﯽ ھەممىڭلار يامان كۆرىدىغان سابىت. ئۇ شۇنداق بىر چاغلاركەنغۇتاڭ. بىز بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان، بىزنىڭ ئۆي مەھەللىنىڭ بۇلۇڭىدىكﯽ ھېلىقﯽ رۇسۇل بويتاق بار خالتا كوچىدا ئەمەسمۇ، سەن ئالىي مەكتەپكە كەتتىڭ، كېيىن بۇ شەھەرگە ئورۇنلىشىپ تۇرۇپ قالدىڭ، مانا ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئېسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئوخشايمەن، ئابدۇرېشىت داداملار داداملارنﯽ تازا بىلىدۇ. دادام - ئاپاملار مەن خېلﯽ كىچىك چاغلىرىمدىلا تۈگەپ كەتكەن. ھە، ئەنە ئېسىڭگە كەلدﯼ، شۇنداقمۇ؟ __ ئۇ خىرقىراپ كۈلۈپ كۆكسۈمگە مۇشتلىدﯼ، مەن ئارقامغا سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم. __ ھوي، سەندە جان بارمۇ - يوق؟ ھۆرىگۈل ساڭا نان بەرمەيدىكەن - ھە؟ كېيىن ئۆيگە بارغاندا ئىككﯽ ئېغىز گەپ قىلىپ قوياي جۇمۇ. يۈرە، خوتۇنۇڭنىڭ شۇ قىلغىنىغا سېنﯽ بىر مېھمان قىپ قويايچۇ. ھېلىقﯽ مەشرەپباي كوچىسىدىكﯽ يېڭﯽ ئېچىلغان پاقلان گۆشﯽ كاۋاپخانىسىغا بارايلﯽ، __ دېدﯼ ئۇ ئوڭ ئالىقىنىنﯽ كەڭ ئېچىپ، سول كۆكسىگە چىرايلىق قويۇپ. __ ياخشﯽ كۆڭلىڭىزگە رەھمەت. ئالدىراش ئىشىم بار ئىدﯼ، باشقا كۈنﯽ بولسۇن، __ دېدىم ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتىپ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا شۇنداق دېگەنىدىم. __ قارا سېنﯽ، سىزلەپ كەتكىنىڭنﯽ، بىر مەھەللىدە بىر قۇدۇقنىڭ سۈيىنﯽ ئىچىپ چوڭ بولغان ئاغىنە تۇرۇپمۇ سىز دەپ يۈرسەڭ ئادەمنىڭ تېنﯽ تىكەنلىشىپ كېتىدىكەن. بوپتۇ، ئالدىراش بولساڭ كېيىن بىللە تاماق يەپ، مۇڭدىشىشقىمۇ پۇرسەت بوپ قالار، __ دېدﯼ ئۇ تېزلا مەيلىمگە بېقىپ. مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماڭدىم. ئۇ ئارقامدىن يەنە ۋارقىرىدﯼ: __ تاكسىغا سېلىپ قويايمۇ ئاداش. __ رەھمەت، ئۆيۈم يېقىن. مەن ئۆيگە كېتىۋېتىپ لوڭڭىدە پەيدا بولغان بۇ ئاغىنەمنﯽ ئويلاپ قالدىم. راست، بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكﯽ خالتا كوچىدا سابىت ئىسىملىك، ئاتا - ئانىسﯽ يوق بىر بالا بولىدىغان، باققان كەپتىرىنىڭ تايىنﯽ يوق ئۆگزىمۇ ئۆگزە ئاتلاپ، تىل - ئاھانەتلەر ئىچىدە پەرۋامۇ قىلماي يۈرىيدىغان، ھەدىسﯽ بىچارە ئۇ ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن توخۇ - كەپتەرلەرنىڭ پۇلىن |