ئاپتورى: مەمتىمىن باقى
(ھېكايە)
چۈش مەھەلدە پۆرەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك چىرايلىق ياسىنىپ قاتار جايغا كەتكەن ئامىنەم ئەل ياتقۇدا قايتىپ كەلدى. ئايالىنىڭ تاراسلاپ دەسسەپ كىرىپ كېلىۋاتقان تونۇش ئاياغ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئايۇپ سېلىم نەزىرىنى تېلېۋىزوردىن يۆتكەپ ئىشىككە قارىدى. ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن ئامىنەمدە چاي ئوينىغانلاردا بولىدىغان خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق، ئۇنىڭ شۇ تاپتا قاشقاپاقلىرى ساڭگىلاپ، تۇمشۇقلىرى باشقىچە ئۇزىراپ كەتكەنىدى.
ئايۇپ سېلىم ھەيرانلىق بىلەن:
— نېمە بولدۇڭلار خوتۇن؟ مىجەزىڭلار يوقمۇ؟ يا بىرەرى بىلەن چايدا قاتتىقيىرىك بىر نېمە دېيىشىپ قالدىڭلارمۇ؟! — دەپ سورىدى.
— ئىست! سىلىگە ئوخشاش دىتى يوق بەغەرەز ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالغىنىمغا! — چالۋاقىدى ئامىنەم قول سومكىسىنى ساپاغا پىرقىرىتىپ تاشلاپ، — مۇشۇ ئۆينىمۇ ئۆي دېگىلى بولامدۇ! نەدە بىر ئاتام زاماندىكى جابدۇقبىسات، كونىراپ مودىدىن قالغان ئەبجەق بىر نېمىلەر. خەقلەر دېگەنچۇ، چىشنىڭ بارىدا ياغ چاينايدىكەن. ئۆيۋاقىنى چوغدەك ياساپ، كىيىمكېچەكنىڭ ئېسىلىنى كىيىپ، پۇل دېگەننى سانىماي خەجلەيدىكەن، ئۇرۇقتۇغقانلىرىنى مەمۇرىي ئورۇنلارغا تىقىپ كىرگۈزۈپ، توققۇزىنى تەل، ھاجىتىنى راۋان قىلىۋالىدىكەن. سىلىچۇ؟ مانا مۇشۇنداق قورقۇپ تىترەپ كۆمسەم پىشامدىكى، ياپسام پىشامدىكى دەپ نىنى پۇرسەتلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇڭلار، يەتتەسەككىز يىللىق يېزا باشلىقى بولغان تۇرۇقلۇق، يا سالدۇرغان ئۆيۋاقىڭلارنىڭ تايىنى يوق، يا تاپقان پۇلپۇچەكنىڭ، باشقا خەقنىڭ ئېرىنىڭ ئۆلۈكىمۇ سىلىدىن ئارتۇقكەن.
ئامىنەمنىڭ ئاخىرقى گېپى ئايۇپ سېلىمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى:
— ھوي خوتۇن، ئاغزىڭلىنى چايقىۋېتىپ سۆزلىسەڭلا بولارمىكىن. كىمنىڭ ئۆلۈكى مەندىن ئارتۇقكەن؟ سىلىدەك بىر تۇل خوتۇننىڭ قىزىنى شياڭجاڭ خېنىم قىلىپ كاتتا كۈنگە ئۇلاشتۇرسامزە، ئەمدى گېپىڭلا چىقىۋاتامدۇ، مېنىڭ ئاشنېنىم، پۇللىرىم مەيدەڭلىگە تېپىۋاتامدۇ؟ ئىككى جايغا ئاستىئۈستى تاختايلىق قىلىپ قورۇجاي سالدىم. ئاپاڭلارنىڭ جىن ئۇۋىلاپ قىڭغىيىپ قالغان ئۆيىنى يېڭىلاپ، پىششىق خىشتىن ئون ئېغىزلىق ئۆي سالدۇرۇپ بەردىم. دېھقان بولۇپ كەتكىلى تۇرغان ئىنىڭلىنى كادىر قىلىپ، باج ئىدارىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۆزۈڭلىنى تازىلىق ئىشچىلىقىدىن كادىرلىققا كۆتۈرۈپ، ئاخىرى بىر شىركەتنىڭ دىېكتورى قىلدىم. يەنە شەيتىنىڭلار مېنى كىچىك كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ بانكىغا ئامانەت قويۇقلۇق نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەمدۇ؟ ئالتۇن جابدۇق دېسە، پۈتۈن ناھىيىدە سىلىنىڭكىدەك قوشلاپ ئالتۇن بىلەزۈك، زەنجىر، ھالقا، ئۈزۈكلىرى بار خوتۇنلاردىن نەچچىسى بار؟
ئامىنەم ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان ئايال ئىدى. ئۇ ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ، بوينىنى شاپتۇل قېقىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
— ئاپامنى چىشلەپ تارتماڭلار! تۇل خوتۇن بولغىنى بىلەن، مېنى يەتتە ئەزايىم ساق، قاشكۆزلىرى جايىدا بېجىرىم تۇغۇپ، شياڭجاڭغا يارىغۇدەك چىرايلىق قىلىپ چوڭ قىلالىغاندىكىن، نوچى خوتۇن! ھە، ئەر خەق دېگەنچۇ خوتۇن خەقنى دوراپ، قىلغىنىنى مىننەت قىلمايدىغان. گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا دىككىدە قوپۇپ خەقنىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە بېرىپ قاراپ باقسىلا. ئۆينى قانداق پاسوندا سالغىنىنى، ئىچتېشىنى قانداق زىننەتلەپ، ئۆينىڭ ئىچىگە نېمەنېمىلەرنى قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، شۇ چاغدا ئاندىن مېنى جايىدا گەپ قىلغانىكەن دەپ قالىدىلا. سىلىنى كەمسىتكەنلىكىم ئەمەس، بىر ئەيىبلىرى، ھەرقانداق ئىشنى كېسىپ كەسكىن قىلمايدىلا. قوللىرىدا راۋۇرۇس ھوقۇق تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ غېمىنى ئوبدان يېيەلمەيۋاتىلا. مەن سىلىنى ئەتەئۆگۈن ئالىمادىس ھوقۇق قولدىن كەتكەن چاغدا ۋاي ئىستەي، بۇ ئىشنى ئۇنداق قىلماپتىمەن، پالانى ئىشنى مۇنداق قىلىۋالغان بولسام بوپتىكەن، دەپ پۇشايماندا قالمىسۇن دەۋاتىمەن. خەقچۇ، ئوي سالسا ئىچىتېشىنى چاقچۇق قىلىپ، گەجدىن نەقىش ئىشلىتىپ، قەۋەتلىك قىلىپ سالدۇرۇپتۇ، ھەممە ئۆي جابدۇقلىرىنى ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈرۈپتۇ. دېرىزە پەردىلىرى تۈركىيىنىڭ، گىلەملىرى ئىراننىڭ، ساپالىرى كورىيىنىڭ، تېلېۋىزوز، VCD لىرى ياپونىيىنىڭكەن. مېنىڭ ئىچىمنى بەك ئېچىشتۇرغىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى كۈمۈش ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچا بولدى. شۇنداق چىرايلىق، ئادەمنىڭ قاراپلا ئولتۇرغۇسى كېلىدۇ. ھەممە خوتۇنلار ئاغزىمىزنى ئاچقانچە تۇرۇپ قالدۇق. ساجىدە دېگەن بىرنېمە تېخى بۇنىڭغا 200سەر كۈمۈش كەتتى، دەيدۇ، ھەممىمىز بىلىمىزغۇ، تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يىرتىق كىگىز، چىت يوتقان، يىپ ئەدىيالدىن نېرىسىغا ئۆتەلمىگەن ئەبگا بىر نېمىلەر ئەمەسمىدى! مانا ھازىر بېيىپ تىقىلىپ، »قەلەندەر پادىشاھ بولسا، ئېغىلىغا زەدىۋال تارتىپتۇ،« دېگەندەك، قىلغىلى قىلىق تاپالماي قاپتۇ. مەن سورۇندىكى باشقا خوتۇنلاردىن كوچىلاپ سوراپ باقتىم. كۈمۈشئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى يالغۇزباغ كەنتىنىڭ شۇجىسى ئالىم يەكيا بىر ئاي ئىلگىرى ئەيسا جىلال بىلەن ساجىدەنىڭ يېڭى سالدۇرغان ئۆيىنى مۇبارەكلەپ ئەكەلگەنمىش. ئاڭلاپ قورسىقىم كۆپۈپ يېرىلىپ كەتكىلى تاس قالدى. يالغۇز باغ كەنتى سىلىنىڭ باشقۇرۇشلىرىدىكى كەنت تۇرسا، نېمىدەپ ئۆزىنىڭ يېزا باشلىقىنى قايرىپ قويۇپ نەدىكى سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كۈمۈش ئاپتۇۋاچىلاپچا سوۋغا قىلىدۇ؟ سىلىنىڭ بوشاڭلىقلىرى بولمىسا، ئالىم يەكيا شۇنداق قىلىشقا پېتىنالايتتىمۇ؟
ئايۇپ سېلىمنىڭ راستتىنلا قورسىقى كۆپتى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، تاماكا چەككىنىچە ئۇياقتىنبۇياققا ماڭغىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلەتتى، ئىچى بارغانسېرى ئاچچىق بولۇپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ كەتتى. راستتىنلا بوشاڭ ئىكەنمەن، خەق بۇرنۇمنىڭ تەكتىدە تۇرۇپ، كۆرۈنۈشتە »ۋاي ئايۇپ شياڭجاڭ، ۋاي سىلىئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ« دەپ قول باغلاپ تۇرغىنى بىلەن، چاندۇرماي ھەر تەرەپكە قول سوزۇپ، خېلىخېلى ئىشلارنى تەۋرىتىپ يۈرۈپتۇ. ئالىم يەكيا دېگەن بۇ كاززاپنىڭ تاناۋىنى بىر تارتمايدىغان بولسام. خەقلەر باشلىق بولغان ئادەمنىڭ قەھرغەزىپى بولمىسا قول ئاستىدىكى ئادەملىرى ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ دېسە، ئىشەنمەپتىمەن، بۇ گەپ توغرا ئىكەن. ئەمدى بۇ ئالىم يەكيا دېگەن قوڭالتاق مېنىڭ قانداقلىقىمنى بىر كۆرۈپ باقسۇن. ئادەمنى شۇنداقمۇ كۆزگە ئىلمىغان بارمۇ؟ قاراڭلا... نەدىكى بىر خەقكە 002 سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئاپتۇۋاچىلاپچا ياسىتىپ سوۋغا قىلىدىكەنۇ، يېزا باشلىقى بولغان ماڭا ھېچبولمىغاندا كۈمۈش چەينەك، پەتنۇس بولسىمۇ ماۋۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزتى دېيىشكە يارىماپتىغۇ! زادى ئۆزۈم ئۇلارنىڭ نوخۇلىسىنى پاتپات ئېلىپ، يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرمىغانمەن. ئەيسا جىلال دېگەن ئەجەب يامان نېمىكەنا. مەكتەپتىكى ۋاقتىدا لايغەزەل بىر نېمە ئىدى. سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىغا باشلىق بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىسىنىڭ تۇمشۇقىدىن ئىلىۋالدى. كوچاكويدىكى پاراڭلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بانكىدىكى ئامانەت پۇلى نەچچە مىليون يۈەنگە يېتەرمىش. قاراڭلار ما گۇينىڭ يامانلىقىنى. مانا ئەمدى تەپتارتماي مېنىڭ قول ئاستىمدىكى بىر كەنت شۇجىسىدىن ئاشۇنداق ئوبدانلا نەرسىنى ئۈندۈرۈۋالالىغان يەردە، باشقىلاردىن ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى يۇلۇۋالماي قويمايدۇدە!
ئايۇپ سېلىم كېچىنى ئەنە شۇنداق كۆڭۈلسىز خىياللار بىلەن ئۆتكۈزدى.
* *
— ۋەي، ئالىم شۇجىمۇ؟ ھە... كەنت شۇجىلىقى ئېغىر كەلگەن بولسا ۋاقتىدا شۇجىلىقنى قىلالمىغۇدەكمەن دەپ گەپنى ئوچۇق قىلىلى. يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت سىلىنىڭ خىزمىتىڭلىدىن قەتئىي رازى ئەمەس، سىلى توغرۇلۇق چۈشۈۋاتقان پىكىرلەر جىق. خىزمەتنى مۇنداق قىلغۇچە، ئاستا كەشنى سالغان يەردىن تېپىۋېلىڭلار. مەن ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئەتەئۆگۈن نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا شۇجىلىقتىن قالدۇرۇلغاندا، ئايۇپ شياڭجاڭ مېنى قوللىمىدى، دەپ نارازى بولۇپ يۈرمەڭلار. سىلىنىڭ نەزىرىڭلىدە يېزىلىق ھۆكۈمەت بارمۇيوق؟ يېزا باشلىقىنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك قانچىلىك بىر ئادەم ئىدىڭلار؟ مەن قوللىمىسام، سىلىدەك قارا قورساق ئادەم ئەتىلا موللاق ئاتىسىلە!
تېلېفوندا ھېچبىر سالامسائەتسىزلا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ئېيتىلغان بۇ گەپلەر يالغۇزباغ كەنتىنىڭ شۇجىسى ئالىم يەكيانى چۆچۈتۈپ، پۇتقولىدا جان قويمىدى. ئادەتتە گېپى سىلىق، ئۆزىگە بۆلەكچە يېقىنچىلىق قىلىدىغان يېزا باشلىقى نېمە بولغاندۇھە! يېزا باشلىقىنىڭ مۇنداق توڭلۇقى ئالىم يەكيانى تېگى يوق خىياللارغا سېلىپ قويدى. ئۇ گۇمان ئىچىدە:
— ۋاي شياڭجاڭ، مېنىڭ ئۆزلىرىدەك دانا، مېھرىبان رەھبەرنى كۆزگە ئىلمايدىغانغا بېشىم ئون ئەمەس. ئۆزلىرىنى بىلىپبىلمەي رەنجىتىپ قويغان يەرلىرىم بولسا، قولۇم كۆكسۈمدە، مىڭ مەرتەم ئەپۇ سورايمەن. سىلى دېگەن يېزىدىكى ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى. بىز دېگەن بالا، دېگەن يەرلىرىدىن چىقالمىغان بولسام، مۇنداق ئىشىڭ قاملاشمىدى دەپ نوقۇپ قويسىلا، تەنقىدلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلىرىمنى ئەستايىدىل تۈزىتىمەن. مەن ئوقۇمىغان، خام، چولتا يەرلىرىم بەك جىق. ئۆزلىرىنىڭ مەدەت بېرىپ يېتەكلىشىگە تولىمۇ ئىنتىزارمەن، — دېدى.
يېزا باشلىقىنىڭ ئاچچىقى بەكلا ياماندەك قىلاتتى.
— ئالىماخۇن، يالغۇز باغ، يالغۇز باغ دەپ قويساق ناھىيىدە، يېزىدا بەك ئەتىۋارلىق بوپكەتكەن ئوخشايمىز دەپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىپسىلە. ئىسىت، سىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىم. نەچچە يىلنىڭياقى يالغۇزباغنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە دەپ ھەر جەھەتتىن ئېتىبار بەردۇق. شەخسەن ئۆزۈم يالغۇز باغ ئۈچۈن يول مېڭىپ، كەنتىڭلارغا نۇرغۇن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردىم. كەنتىڭلارنىڭ دېھقانچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلغۇزدۇم، سۇ ھەققىنى كېمەيتكۈزۈپ بەردىم. ھەتتا ۋىلايەتلىك مالىيە مەكتىپىنى ئاران پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوغلۇڭلىنى يېزىلىق باج پونكىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردىم. كەنتىڭلارغا بارىدىغان كاتاڭلىق ساي يولىغا ئاسفالت ياتقۇزۇپ بەردىم. ئادەم دېگەنچۇ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. كەنتىڭلارغا ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمىگەن بىر نېمىلەرگە ھېچكىمگە قىلمىغان خۇشامەتنى قىلىدىكەنسىلەر. ئۇلار يا سىلىگە قىزىنى بەرگەن قېيناتاڭلارمىدى؟ يېزىلىق ھۆكۈمەت بولمىسا، كەنت نېمىش قىلىدۇ؟ بۇنى بىلەمسىلەر زادى؟
ئالىم يەكيا ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئۇ دەرھاللا:
— ۋاي، شياڭجاڭ، سىلىنىڭ ماڭا ۋە كەنتىمىزدىكى پۇقرالارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئىللابىللا ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن! ئۆزلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغان يولىمىز بار ئىدى، بۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدۇق. خەقلەرگە بىر ھەسسە رەھمەت ئېيتقان بولساق سىلىگە ئىككى ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. نەچچە ۋاقىتنىڭياقى پەقەت ئوقتاسى كەلمەي قالدى. سىلى ئۆي چىيى، تويتۆكۈن دېگەندەك بىر ئىشلارنى قىلمىغاچقا، بىزمۇ ھېچبىر ۋەجسەۋەبسىزلا بىر نېمىلەرنى كۆتۈرۈپ ئاپارساق، خەقنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىپ، ئۆزلىرىگە يوق يەردىن باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمەيلى دەپ ئويلاپتۇق. بولمىسا بۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن تەييارلىق قىلىپ قويغان. خۇدا بۇيرۇغان بىر كۈنى ئۆزلىرىگە ئاتىغىنىمىزنى ئالدىلىرىغا قويۇپ، گۇناھىمىزنى يۇيۇۋالىمىز دېگەن ئۈمىدتىمىز، — دېدى.
— ئالىم شۇجى، مەن دەيدىغان گەپنى دەپ بولدۇم. قۇرۇق گەپنى دەۋەرگەنگە ئىش تاڭاتمايدۇ. يېزا رەھبەرلىرىگە سۇغا چىلاپ قويسا ھۆل بولمايدىغان قۇرۇق گەپنىڭ لازىمى يوق. شۇجىلىق ۋەزىپەڭلارنى ھوشكاللاڭلىنى سىلكىۋېتىپ قىلارسىلە. بۇ گەپ ئېسىڭلاردا بولسۇن!
ئالىم يەكيا يېزا باشلىقىنىڭ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى جاققىدە قويۇۋەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ قىلچە يانمىغانلىقىنى جەزم قىلدى. ئۇنىڭچە يېزا باشلىقىنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشىدا چاتاق خېلىلا باردەك قىلاتتى. نەچچە ئاي ئىلگىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەرقايسى كەنتلەردە شۇجىلىق قىلىۋاتقىنىغا ئون بەش يىلدىن ئاشقانلاردىن بىر قانچىسىنى ھۆكۈمەت شتاتىغا ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت مەمۇرى قىلىدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن كەنت رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. دەل مۇشۇنداق غاز بىلەن ئۆردەكنى ئېنىق ئايرىيدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئايۇپ سېلىمنىڭ ئاچچىقلاپ تېلېفون بېرىشى چوقۇم ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس. ئۇنىڭ بېشى قاتتى. ئۇنىڭ كەنت شۇجىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلدىن ئەسلا ۋاز كەچكۈسى يوق ئىدى. ئۇ بىر ھازا باش قاتۇرۇپ، دەماللىققا ياخشى ئامال ئويلاپ تاپالمىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا كەنتنىڭ سابىق شۇجىسى سىدىق بەكرىنى ئىزدەپ تېپىپ، دەردىنى تۆككۈسى كېلىپ قالدى. سىدىق بەكرى ئوتتۇز يىلغا يېقىن كەنتنىڭ شۇجىلىقىنى قىلغان، كۆپنى كۆرۈپ بېشى پىشىپ كەتكەن، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىرىدىن ئانچە ئەيمىنىپ ئولتۇرمايدىغان ئادەم ئىدى. ئالىم يەكيا سىدىق بەكرىگە دەردىنى ئېيتىش ئۈچۈن كەنت كومىتېتى ئىشخانىسىدىن چىقتى.
* *
يالغۇزباغ كەنتى بۇ ناھىيىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان يەككەيېگانە چوڭ كەنت بولۇپ باغئېرىق يېزىسىغا قارايتتى. كەنتنىڭ شەرقى بىپايان شېغىللىق سايغا، شىمالى ئېدىرلىق تاغ قاپتاللىرىغا، غەرب ۋە جەنۇب تەرىپى يانتۇ تۆپىلىككە تۇتىشاتتى. كەنتنى ئوتتۇز كىلومېتىرچە قاقاس سايلىق يېزىدىن ئايرىپ تۇراتتى.
1958-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىكى كەلكۈن ئاپىتى يالغۇز باغقا تاغ سۈيىنى باشلاپ كېلىدىغان ئۆستەڭنى ۋە ساي ياقىسىدىكى يانتۇ تۆپىلىكتىكى ئېتىزلىقلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. يالغۇز باغلىقلار كەنتنىڭ شەرقىدىكى سايلىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ ئۆستەڭنى كەلكۈنگە چىداملىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن قانتەر ئاققۇزدى.
يالغۇزباغ كەنتىدە تېرىلغۇ يەر بەك قىس ئىدى. ئادەملەر كۆپەيگەنسېرى، تۇرالغۇ ئۆيلەر تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلەپ، تېرىلىدىغان ئۈنۈملۈك يەر يىلدىنيىلغا ئازىيىۋاتاتتى. ھەر يىلى يازدىكى يامغۇريېشىن مەزگىلىدە كېلىدىغان كەلكۈن يانتۇ تۆپىلىكلەردىكى بىر قىسىم ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋېتەتتى.
خۇددى سابىق شۇجى سىدىق بەكرى قايغۇرۇپ ئېيتقاندەك، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يالغۇزباغ كەنتىدە يىگىرمەئوتتۇز يىلدىن كېيىن تېرىغۇدەك يەر قالمايتتى.
يالغۇزباغلىقلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك شېغىللىق سايدىن ھاك تېشى تېرىپ، ئۇنى خۇمداندا كۆيدۈرۈپ، ھاك سېتىپ تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلىكنى قامدايتتى. ئەمدى سېمونتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاكنىڭ بازىرىمۇ كاساتلاشتى. يەنە بەزى ئائىلىلەر تاغئېدىرلىقلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ قاپقان قۇرۇپ ئوۋچىلىق قىلاتتى. بىراق قانۇنىي چەكلىمە ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يىلدىنيىلغا ئازىيىپ، نەسلى قۇرۇپ كېتىشى بىلەن جەرەن، تۈلكە، توشقان، سۇغۇر ئوۋلاپ پۇل تېپىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئامىتى قاچقانىدى. يالغۇز باغ كەنتىدىكى دېھقانلار كىرىمى ئازىيىپ، سېرىقتال كۈن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. سىدىق بەكرى بۇ ھالدىن ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ ئازابلىناتتى. ئۇ يالغۇزباغنىڭ ئەتراپىدىكى تاغئېدىرلىقلارنى، سايلىقلارنى ئايلىنىپ، جىق كاللا قاتۇرۇشتىن كېيىن، ھازىرقى شۇجى ئالىم يەكياغا شېغىللىق سايدىن يەر ئېچىش تەكلىپىنى بەردى. ھەر يىلى 5-ئايدا كۈزگى بۇغداي پوقاق بولاي دېگەندە، ئۇدا نەچچە كۈن يامغۇر يېتىپ، تاغئېدىرلىقلاردىن لۆمشۈپ كەلكۈن كېلەتتى. سۇ ئۇلغايغانسېرى باش دامبىدىكى سۇ كادىرلىرى سېخىيلىشىپ، ئۆستەڭلەرنىڭ ھەممىسىگە لىققىدە سۇ ئېچىۋېتەتتى. ئۇماچتەك قويۇق كەلكۈن سۈيى يالغۇزباغدىكى يەرنى سۇغىرىپ يەنە جىقلا ئېشىپ قالاتتىدە، قالغان سۇ ئاياغتىكى سايغا ئېقىپ ئىسراپ بولاتتى.
سىدىق بەكرى مۇشۇ ئىسراپ بولۇۋاتقان كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلانماقچى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، تاغدىن كېلىدىغان نەچچە تارام كەلكۈننى توسۇپ بىر ئېقىن قىلىدىغان دامبا ۋە ئۆستەڭ ياساشقا، ئىككىنچىدىن، سايلىققا ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە قىرلارنى سېلىپ ئېتىزلارنى بەرپا قىلىپ كەلكۈن سۈيىنى ئېتىزلارغا باشلاپ، لاي ئولتۇرغۇزۇپ تىندۇرما ئېتىز ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بىر مۇنچە يەر ئاچقانىدى. سىدىق بەكرى ھامىنى قىلغاندىكىن، جانغا ئەسقاتقۇدەك بىر ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئاز بولغاندا مىڭ موچە شېغىللىق ساينى رەتلەپ قىرلاپ، لاي ئولتۇرغۇزسا، ئوسىسىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، تىرنا سېلىپ، بېدە تېرىسا بىرىنچى يىلىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولاتتى. بىراق بۇنداق جىق يەرنى ئادەم كۈچى بىلەن قىرلاپ ئېتىز بەرپا قىلىش ۋە كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى چېپىش، ئېيتماققا ئاسان، قىلماق مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە توپا كولاش ماشىنىلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى، بۇنداق ماشىنىلاردىن ناھىيىدە پەقەت سۇ ئىشلار ئىدارىسىدىلا نەچچىسى بار ئىدى. ئەگەر سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەيسا جىلالنى خۇش قىلغۇدەك ئىشتىن بىرنى قىلغىلى بولسىلا بۇ پىلان شەكسىز ئەمەلگە ئاشاتتى. ئۇ پۇختىلىق بىلەن ھېسابكىتاب قىلىپ تۇرۇپ ئالىم يەكياغا مۇنداق دېدى:
— ئەگەر ئالدىمىزدىكى قىشتا مۇشۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، 5ئايدا تاغدىن كەلكۈن كەلگەن ھامان باشلاپ كېلىپ، جىق بولسا بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە مىڭ مو يەرگە 2-3سانتىمېتىر قېلىنلىقتا لاي ياتقۇۋالالايمىز. ئوسىسىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، تىرنا سېلىپ بېدە ئۇرۇقى چېچىۋەتسەك، ئارىلىقتا ئىككى قېتىم سۇغىرالىساق 9-ئايدا مىڭ مو يەردىن خېلى جىق بېدە ئورۇۋالغىلى بولىدۇ. ئەتىيازدا بىر باغ بېدە بەش كويدىن پۇل بولۇۋاتىدۇ. ئاشۇ بېدىنى ساتساق، يەر ئاچقىلى كەتكەن ماي، شوپۇرلارنى كۈتكەن چىقىم، خۇشامەتكە كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئىزلىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىشنى بەل قويۇۋەتمەي، بەش يىل داۋاملاشتۇرالىساق كەنتىمىزگە خېلى جىق يەر قوشۇلىدۇ. يەر كۆپەيسە، يەر جېدىلى ئازىيىپ، كەنت مالىيىسىگە كىرىدىغان پۇل كۆپىيىدۇ، كەنت چوڭچوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، كەنت كادىرلىرىغىمۇ جىقراق ھەق بېرەلەيدىغان بولىدۇ. دېمەك، قازانمۇ ماي، چۆمۈچمۇ ماي بولىدۇ دېگەن گەپ.
سىدىق بەكرىنىڭ پىلانى ئالىم يەكياغا ھەم ياقتى ھەم ئىچى تارلىقىنى قوزغىدى. شۇنداق ئاددىي ئىش ئەجەب مېنىڭ كاللامغا كەلمەپتا! مەيلى كېرەك يوق. ھوقۇق ھازىر مېنىڭ قولۇمدا. مەن قوشۇلمىسام، ھەرقانچە ياخشى پىلانىڭ بولغىنى بىلەنمۇ بىكار. ئەمدى بۇ پىلان مېنىڭ بولىدۇ. يەرنى كۆپەيتسەم، مېنىڭ ئالدىمغا سارغىيىپ كېلىدىغانلار كۆپىيىدۇ، ھوقۇقۇم بارغانچە چوڭلاپ، يانچۇقۇمغا كىرىدىغان پۇلمۇ كۆپىيىدۇ، شۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئالىم يەكيا سىدىق بەكرىنىڭ پىلانىغا خۇشاللىق بىلەن قۇشۇلدى، ئەمدىكى گەپ سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەيسا جىلالنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىپ، ئۇنىڭ پوستىغا كىرىدىغان يولنى تېپىش ئىدى. ئالىم يەكيا ناھىيە بازىرىدىكى ئۈلپەتلىرى ئارقىلىق تىڭتىڭلاپ باقتى. ئەيسا جىلال دېگەن بۇ ئادەم نەق پۇلدىن كۆرە، قەدىمىي قاچاقۇچا، ئاز ئۇچرايدىغان چىرايلىق ئائىلە سايمانلىرىغا ئاجايىپ ھەۋەس قىلىدىغان ئادەممىش، ھەتتا ئۆزى مېھمان بولۇپ بارغان ئائىلىدە كۆزىگە ئىلىنغانلىكى قەدىمكى قاچاقۇچىلارنى قولىغا ئېلىپ سىلاپ، شۇ يەردىلا ساھىبخانغا:
— ئەجەب چىرايلىق قاچىكەن. مېنىڭ كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، مۇشۇنداق قاچىغا ئىگە بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ماڭا سېتىپ بەرگەن بولساڭلار. نەچچە پۇل بولسىمۇ مەيلى، — دەپ تۇرۇۋالارمىش. سىدىق بەكرى ئالىم يەكيادىن بۇلارنى ئاڭلاپ تىزىغا شاپىلاقلاپ:
— ئامال تېپىلدى، بىزدە بىرنى قويساڭمۇ، خامىرىغا قوي دېگەن ماقال بار، بىز بۇ ئادەمگە كۆمۈشتىن ئاپتۇۋاچىلاپچا ياسىتىپ سوۋغا قىلايلى. بۇرۇنقى ئورداسارايلاردا كۈمۈشئاپتوۋاچىلاپچا بولغانىكەن. ھازىر بەزى ئەمەلدارلار بارغانچە ئۆتمۈشتىكى بەگغوجاملارنى دوراپ، ئۆيلىرىدىن تارتىپ نەرسەكېرەكلەرگىچە، شۇلارغا تەقلىد قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەيسا جىلال دەل شۇنداق ئادەمكەن. كۈمۈش ئاپتۇۋاچىلاپچىنى كۆرگەن ھامان بىزنىڭ تەلىپىمىزگە دەرھال ماقۇل بولىدۇ. مەن كونا بازاردا قەشقەردىن كېلىپ تۇرۇپ قالغان مىسكەر بىر ئۇستامنى بىلىمەن. ئۇ نەقىش قويۇپ ياسىغان مىس ئاپتۇۋاچىلاپچىلارنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ئادەمنىڭ قاراپ ئولتۇرغۇسى كېلىدۇ. بۇ ئۇستامنى كەنتكە چىللاپ كېلىپ، ئاپتۇۋاچىلاپچىنى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياسىتايلى. پەمىمچە ئىككى يۈزسەرچە كۈمۈشيېتەرمىكىن دەيمەن. يەر ئېچىپ، يەرنى كۆپەيتىش كۆپچىلىككە پايدىلىق ئىش بولغاندىكىن، ئوبدانراق چۈشەندۈرسەكلا، قولىدا كۈمۈش تەڭگە ساقلاۋاتقانلار ئۆتنە بېرىپ تۇرىدۇ. ئاۋۋال ئىشنى پۈتكۈزۈۋېلىپ، كېيىن ئىزىغا پۇل بەرسەكمۇ ياكى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ ئىزلاپ قويساقمۇ بولىدۇ. مەن كىمكىملەرنىڭ قولىدا كۈمۈش تەڭگىسى بارلىقىنى ئازتولا بىلىمەن. ئۆتنە ئالىدىغان ئىشنى مەن قىلاي، 8-ئاي كەلگەندە، يارچەنلىككە بېرىپ ئون كۈن تۇرۇپ تەڭگە كولىسام، ئۆتنە ئالغان تەڭگىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولىمەن، — دېدى.
* *
يېشى يەتمىش ياشتىن ئاشقىنىغا قارىماي، ئۆزى تېتىك، بىكار تۇرمايدىغان بۇ سابىق شۇجىنىڭ چارەئامالى مۇشۇنداق جىق ئىدى.
ئۇ بايا تىلغا ئالغان يارچەنلىك — يالغۇزباغ كەنتىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان قاقاس جىلغان بولۇپ، ئەسلىدە شالدىراڭ ياكى قۇرۇق ئېقىن دەپ ئاتىلاتتى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ جىلغىنىڭ ئەسلىي نامى ئۇنتۇلۇپ، يارچەنلىك دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. يارچەنلىك دېگىنى كۈمۈش تەڭگە چىقىدىغان جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى باشلانغاندا، مەملىكەت بويىچە ئىئانە توپلاش ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرى ھاۋادىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، چاۋشيەن ۋە ئۇنىڭغا چېگرىداش جايلاردىكى خەلقنى خالىغانچە بومباردىمان قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى دۆلىتىمىزنىڭ دەرۋازىسىغا تۇتاشتۇردى. قوشنىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتسە، قولۇمقوشنىلار دەرھال ياردەمگە كېلىدۇ. كالپۇك يېرىلسا، چىشقا زەرەر يېتىدۇ. چاۋشيەن خەلقنىڭ قانيېشى، دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشيەنگە تۇتاش جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق بومباردىماندا قېلىشى، چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدىكى پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ تالاپىتى ئەمدىلا ئازاد بولغان پۇقرالارنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھاۋا جېڭىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى مات قىلىپ، يەر يۈزىدىكى جەڭگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالمىسا بولمايتتى. خەلقئارالىق ئادەت بويىچە ئايروپىلان سېتىۋېلىشتا ئالتۇن ياكى كۈمۈش تۆلىنەتتى. دۆلەت يېڭىلا قۇرۇلغان، خەزىنە قۇرۇق، خەلق نامرات، ئۇرۇش دەھشەتلىك ئىدى. ئەمما خەلق ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىدى. فېئودال زالىملارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق زوراۋانلارغا چىشتىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى. «پۇلى بارلار پۇل چىقىرىش، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىش، ھەممەيلەن ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش» شۇئارى ئاستىدا ئاتىلار قارا كۈنلەر ئۈچۈن ئاتاپ ساقلاپ كەلگەن ئاخىرقى تەڭگىلىرىنى، ئانىلار تويلۇق ئالتۇن زىرە، ھالقا، ئۈزۈك، بىلەزۈكلىرىنى، قىزلار زىننەت بۇيۇملىرىنى مەردانىلىق بىلەن ئىئانە قىلىشتى.
بۇ يۇرتتىكى ئاددىي خەلق نەچچە ئەسىرلىك ئىچكى ۋە تاشقى يېغىلىق دەستىدىن ئىنتايىن مۇدھىش ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆز بېشىدا زۇلۇم قامچىسىنى ئويناتقان خىلمۇ خىل ھۆكۈمرانلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدى. ئاشۇ زۇلمەتلىك زاماندا پۇل پاخاللىقى پۇقرالارنى قاقسەنەم قىلىۋەتكەنىدى. بۈگۈنى قاياقتىندۇر بىر زوراۋان ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى خاقان دەپ جاكارلاپ، قەغەز پۇل تارقىتاتتى. ئەتىسى ئۇ ئاغدۇرۇلۇپ، ئورنىغا يەنە بىرى چىقىپ رەخت پۇل تارقىتاتتى. تۈنۈگۈن بازاردا بىر تاغار ئاشلىق كېلىدىغان پۇلغا بۈگۈنى بىر گىردە كەلمەيتتى. پەقەت ئالتۇن ياكى كۈمۈش تەڭگىلارلا، ھەرقانداق ۋاقىتتا قىممىتىنى يوقاتماي، بازاردا ئۆتۇۋېرەتتى. شۇ ۋەجىدىن پۇقرالار ئاشلىق، چارۋا ۋە ماتا قاتارلىقلارنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش تەڭگىلەرگە تېگىشىپ ساقلايتتى ۋە ئاسانلىقچە قولدىن چىقارمايتتى.
بۇ قېتىملىق ئىئانە ناھايىتى داغدۇغىلىق بولغانلىقى، ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىققا چاقىرىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاددىي خەلق ئاشۇنداق ساقلاپ كەلگەن ئالتۇن ۋە كۈمۈش تەڭگىلەرنى، ئالتۇنكۈمۈش زىبۇ زىننەتلىرىنى سېخىيلىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىدى. ئىئانە خېلىلا جىق يىغىلدى. ھەرقايسى كەنت، يېزىلاردىن يىغىلغان ئالتۇنكۆمۈشلەر ناھىيىىك خەلق بانكىسىغا تاپشۇرۇلغانىدى.
شۇ يىلى 8-ئايدا، ناھىيە بويىچە توپلانغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەر ۋىلايەتكە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. ئۇ چاغدىكى ۋىلايەتكە بارىدىغان دۆلەت تاشيولى دەل ھازىرقى يارچەنلىك جىلغىسى ئىچىدىن ئۆتەتتى. ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەر، كۈمۈش يامبۇ ۋە تەڭگىلەر ئون توننىلىق ھەربىي ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ ۋىلايەتكە ماڭدۇرۇلغان كۈنى سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ھەربىي ئاپتوموبىلنى ئىككى قوراللىق خادىم جېسەپ ماڭغان ئىدى. ھەربىي ئاپتوموبىل دەل يارچەنلىك جىلغىسى ئىچىدىكى يولدا يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەپ كېتىۋاتقاندا، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇششاق جىلغا، ئېقىنلاردىن كەلكۈن يامراپ چىقىشقا باشلىدى. شوپۇر سۈرئەتنى تېزلىتىپ، جىلغىدىن بالدۇرراق چىقىپ كېتىشكە ئالدىرايتتى. بىراق جىلغىدىكى يولدا كاتاڭ جىق، شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ 40كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدە بارغانسېرى داۋانغا ئۆرلەپ ماڭىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىكى زادىلا ئاشالمىدى.
سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئەمدى شارقىراپ يېغىشقا باشلىدى. يولدا تۈرۈلۈپ ئېقىپ كېلىۋاتقان كەلكۈن سۈيى ماشىنىنىڭ سۈرئىتىگە كاشىلا بولاتتى. ئاپتوموبىل بىر دوقمۇشتىكى قىيانى ئەگىپ ئۆتۈۋاتقاندا، كەلكۈن شىددەت بىلەن ئۇلغىيىپ، ئاپتوموبىلنىڭ چاقلىرى سۇ ئىچىدە قالدى. توختاش خەتەرلىق، ئارقىغا بۇرۇلۇش تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. شۇپور ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، يان تەرەپتىكى يانتۇ ئېگىز قاشقا چىقىۋالماقچى بولۇپ، رولنى بۇرىدى، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى چاقى يانتۇ قىرغاققا چىققاندا، كەينى چاق يۇمشاق قۇمغا پېتىپ قالدى. كەينى چاق پىرقىرىغانسېرى ئاپتوموبىل پەسكە قاراپ ئولتۇرۇشقا باشلىدى. كەلكۈن سۈيى قاتتىق ئۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ كابىنكا ئەينەكلىرىگىچە كۆتۈرۈلدى.
شوپۇر ئەمدى ئاپتوموبىلدىن ئايرىلمىسا ئاپتوموبىل بىلەن بىراقلا تۈگىشىپ كېتشى مۇمكىنلىكىنى پەملەپ، يېنىدىكى ئىككىيلەنگەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈش تەكلىپىنى بەردى. ئۈچەيلەن كابىنكىدىن چىقىپ، يانتۇلۇققا ئەمدى ئاياغ بېسىشىغىلا، ئاپتوموبىل »گۈلدۈرغالاپ« قىلىپ ئۆرۈلۈپ كەلكۈن دولقۇنلىرى ئىچىدە دومىلاشقا باشلىدى. ئاپتوموبىل كوزۇپىدىكى لىققىدە ئالتۇنكۈمۈش تەڭگە قاچىلانغان ساندۇقلار ئېغىر بولغاچقا تېڭىلغان ئارغامچىلار تارسىلداپ ئۈزۈلدى. ھايتھۇيت دېگىچە ئاپتوموبىلمۇ، كۈمۈش يامبۇ ۋە تەڭگىلەر قاچىلانغان ساندۇقلارمۇ ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن دولقۇنلىرىغا غەرق بولدى. ئۈچەيلەن جىلغا قىرغىقىدىكى دۆڭ ئۈستىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ، كەلكۈن سېلىككەندىن كېيىن ناھىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى دوكلات قىلدى. ناھىيە دەرھال بىر ئەترەت ئەسكەر ئەۋەتىپ، پۈتۈن جىلغىنى ئاقتۇرۇپ چىقتى. ماكچىيىپ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتكەن ئاپتوموبىل كەلكۈن سۈيى ئەتراپقا يېيىلىپ ئاستا ئاققان جايدىن تېپىلدى. ئاپتوموبىل تامامەن كېرەكتىن چىققان بولۇپ، ساندۇقلار غايىب بولغانىدى. جىلغا قايتاقايتا ئاختۇرۇپ كولانغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىدى.
كەلكۈندىن كېيىن يول ئاسراش ئىشچىلىرى، يولنى ياساۋېتىپ قۇمشېغىل ئارىسىدىن يەتمىش بەش سەرلىك يامبۇدىن بىرنى تېپىۋالدى. ئارقىدىنلا كۈن ئارىلاپ بەشئون سەردىن كۈمۈش تەڭگە تېپىۋالىدىغان ئىشلار ئارقائارقىدىن يۈز بېرىپ تۇردى. تېپىلغانلىكى تەڭگىلەر ئۇدۇللۇق دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلاتتى. كۈمۈشتەڭگىلەر پاتپات ئۇچراپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جىلغا ئاستائاستا »يارچەنلىك« دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
* *
يارچەنلىك جىلغىسى بەكمۇ سىرلىق ئىدى، بۇ جىلغا قاقاس بولۇپ، بىر تېمىم سۇ تېپىلمايتتى. يازدا كۈندۈزى قاينام ئىسسىقنىڭ دەستىدە تۇرغىلى بولمايتتى، ئەمما كېچىلىرى بولسا، شۇنداق قاتتىق سوغۇق بولاتتىكى، ئوت قالىماي ياكى جۇۋا، پاختىلىق چاپان كىيمەي چىدىغىلى بولمايتتى. دائىم 5-6 بال شامال چىقىپلا تۇراتتى. جىلغىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تاغۇ تاشلاردىن غەلىتە چىرقىرىغان، گۈلدۈرلىگەن، بىربىرىگە سوقۇلغان، كىچىك بالىلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يالغۇز كەلگەن ئادەم سۈر بېسىپ تۇرالمايتتى.
يارچەنلىك جىلغىسىدىن ھازىرغىچە كۈمۈش تەڭگىلەر تېپىلىپ تۇراتتى، بەزىدە كۈمۈش تەڭگىلەر يەر يۈزىگە چىقىپ قالاتتى. كۆپىنچە ھاللاردا يېرىم مېتىرچە قۇم، شېغىل تەكتىدىن كۈمۈش تەڭگە كۆلىۋالغىلى بولاتتى. ئەينى ۋاقىتتا كۈمۈش تەڭگىلەر بىربىرىگە دەستىلىنىپ، خام ماتا ياكى سامان قەغەز بىلەن ئوراپ قاچىلانغان بولغاچقا، كۈمۈش تەڭگىلەرنى تېپىۋالغانلارغا 20-30دانىدىن ئۇچراپ قالاتتى.
قايسىبىر يىلى يېڭىدىن باي بولغان بىرەيلەن يارچەنلىكتىكى كۈمۈش تەڭگىلەرنى بىراقلا يىغىۋېلىش نىيىتىگە كەپقالدى. ئۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئون نەچچە ئادەمنى ياللاپ يېرىم ئايدەك جىلغىدىكى قۇملارنى ئۇياقبۇياققا تۈرتۈپ، خېلىلا جىق يەرلەرنى كولاپ باققان بولسىمۇ »نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك« دېگەندەك، قۇرۇق قول قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
يارچەنلىكتە كۈمۈش تەڭگە تېپىش راستتىنلا تەلەيگە باغلىقتەك بىر ئىش ئىدى. لېكىن يالغۇزباغ كەنتىدىكى سابىق شۇجى سىدىق بەكرىنىڭ تەجرىبىسى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر قېتىملىق كەلكۈن قۇم تېگىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئورنىدىن قوزغاپ، سۇ ئېقىنى بۇرۇلۇپ ئاققان، كىچىك شارقىراتما ھاسىل بولغان جايلارغا ئەپكىلىپ قوياتتى، مۇشۇنداق يەرلەرنى پەم بىلەن كولىغاندا، كۈمۈش تەڭگىلىك بولغىلى بولاتتى.
يارچەنلىك جىلغىسى يالغۇزباغ كەنتىگە ھەممىدىن يېقىن ئىدى. يالغۇز باغ كەنتىدىكى ئوۋچىلار يارچەنلىك ئەتراپىدا جەرەن، تۈلكە، توشقان، سۇغۇرلارغا قاپقان قوياتتى. يۈرەكلىك ئادەملەر ئەتىگەندە بىر قاپاق سۇ كۆتۈرۈپ يارچەنلىككە كېلىپ، تەڭگە كولاپ كەچكىچە قىرىقئەللىك كۈمۈش تەڭگە تېپىپ قايتىپ كېتەلەيتتى. بىر سەر كۈمۈش تەڭگىنى نەچچە ئون كويغا ساتقىلى بولىدىغان كۈنلەردە مۇنداق تاپاۋەتنى ئۆز ئايىغى بىلەن مېڭىپ كەلگەن ئامەت دېيىشكە بولاتتى. لېكىن يارچەنلىك جىلغىسى قانخور ئىدى. ھەر يىلى جىلغىغا كېلىپ تەڭگە كولاۋېتىپ جېنىدىن ئايرىلغان ۋەقەدىن بىرئىككىسى كۆرۈلەتتى. شۇڭا يالغۇزباغ كەنتى كەنت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزى يالغۇز يارچەنلىككە بېرىپ كۈمۈش تەڭگە كولىشىنى قاتتىق مەنئىي قىلاتتى.
يارچەنلىكتىن كۈمۈش تەڭگىلەرنى كولاپ تېپىشتا ھېچكىم سىدىق بەكرى بىلەن تەڭلىشەلمەيتتى. باشقىلار يارچەنلىككە كېلىپلا ئۆزى بىلگەنچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلەرنى كولايتتى، بىردەم ئۇ يەرنى، بىر دەم بۇ يەرنى كولاپ ھېرىپ ھالىدىن كېتەتتى. سىدىق بەكرى ئۇنداق قىلمايتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ھەربىي ئاپتوموبىل تېپىلغان جايدىن باشلاپ يۇقىرى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، سۇ بۇرۇلۇپ ئاققان جايلارنى كۆرۈپ قويۇپ، كۆڭلىدە ئىدىتلاپ ئالغاندىن كېيىن، كولايدىغان يەرگە كېلىپ يەنە كۆزىتەتتى. ئۇ ئاسانلىقچە باشقا يەرگە يۆتكەلمەيتتى. بىر يەرنى كولاشقا باشلىسا، تاكى كۈمۈش تەڭگە تېپىلمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. بىر يىلى سىدىق بەكرى 30دىن ئارتۇق دېھقاننى باشلاپ يارچەنلىككە كېلىپ، نەق بىر ھەپتە كۈمۈش تەڭگە كولىدى. شۇ قېتىمدا ئامەت يالغۇزباغلىقلارغا كۈلۈپ چىراي ئاچقانىدى. تېپىلغان كۈمۈش تەڭگىلەر مىڭ سەردىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ئۇ كۈمۈش تەڭگىلەرنى دۆلەت بانكىسىغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ پۇلىغا يارچەنلىكتىكى تۇل خوتۇن، يېتىميېسىر، قېرىئاجىز مېيىپلارغا كىيىمكېچەك ئېلىپ بېرىپ، كۆك نامراتلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يالغۇزباغ كەنتىدە كىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ، پۇلغا جىددىي ھاجەتمەن بولسا، يارچەنلىككە كېلىپ، كۈمۈش تەڭگە كولايدىغان بولدى، بىر ھېسابتا يارچەنلىك جىلغىسى يالغۇز باغ كەنتىدىكى نامراتلارنىڭ كۈمۈش تەڭگە كولاپ، ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان غايىب خەزىنىسى بولۇپ قالغانىدى. سىدىق بەكرى شۇجى بولۇپ يۇرت سوراۋاتقان چاغدىلا:
— يارچەنلىكتىن كۈمۈش تەڭگە تاپقانلار ئىنساپنى ئۇنتۇماڭلار، سىلەر تاپقان ئىككى تەڭگىنىڭ بىرى كەنتكە مەنسۇپ، بىز بۇنى نامراتلارنى قۇتقۇزۇشقا سەرپ قىلىمىز، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ تاپقان تەڭگىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، — دەپ بەلگىلىگەنىدى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ:
— جىلغىدىكى قۇمشېغىل ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان كۈمۈش تەڭگىلەر خەلقنىڭ دۆلەتكە خالس قىلغان ئىئانىسى. قازارەن كەلكۈن كېلىپ، كۈمۈش تەڭگىلەرنى ۋىلايەتكە ئاپىرىدىغان ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كېتىپ، كۈمۈش تەڭگىلەر جىلغا ئىچىگە كۆمۈلۈپ قالدى. ھەر بىر تەڭگىدە خەلقنىڭ ھالال ھەققى بار. يارچەنلىك بايلارغا ئەمەس، پەقەت كەمبەغەللەرگە، نامراتلارغا، مىسكىن بىچارىلەرگە ھالال، — دەيتتى.
سىدىق بەكرىنىڭ ئالىم يەكياغا بۇ يىلقى كەلكۈندىن كېيىنلا يارچەنلىككە بېرىپ تەڭگە كولاپ كېلىپ، ئۆتنە ئالغانلارغا قايتۇرىمەن دېيىشىدە ئۆزىگە خاس ئىشەنچى ۋە ئاساسى بار ئىدى. ئىككىيلەن خېلى ئۇزاق مەسلىھەتلەشتى. سىدىق بەكرى نەچچە كۈن ئىچىدە كەنتتىكى ئۆز ئىگىلىكىگە پۇختا، ئازتولا كۈمۈشتەڭگە ساقلىغانلاردىن ئۆتنە ھېسابىدا تىلخەت بېرىپ نەق 200سەر كۈمۈشتەڭگە يىغدى. كونا بازاردىن تەكلىپ قىلىپ ئەپكەلگەن مىسكەر ئۇستام ئالىم يەكيانىڭ ئۆيىدە ئىش باشلىۋەتتى. ئون كۈن بولدى دېگەندە كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېرىتىپ ئۇنىڭدىن ئاپتۇۋاچىلاپچىنى ياساپ چىقتى. كۈمۈشئاپتۇۋا چىلاپچا ناھايىتى چىرايلىق ۋە كۆركەم ياسالغان بولۇپ، بېزەك نەقىشلىرى يېڭى نۇسخىدا ئىدى. سىدىق بەكرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن مىسكەر ئۇستامغا بەش يۈز كوي پۇل بىلەن ئىككى دانە تۈلكە تېرىسى ئىش ھەققىغە ھېسابلاپ بېرىلدى.
* *
يالغۇزباغ كەنتىدە ناسىر ئىسىملىك بىر دېھقان قاق، ياڭاق سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. يالغۇز باغ كەنتىنىڭ بارلىق ئۆرۈك قېقى، خورمىسى، مېغىزى، ياڭاق، قارا ئۆرۈك قاقلىرى ناسىرنىڭ قولى بىلەن سىرتقا چىقىرىلاتتى. ئۇ ياز ۋە كۈزدە دېھقانلاردىن قاق، ياڭاقلارنى نېسى ئېلىپ، ئۇنى سېتىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن دېھقانلارغا پۇل قايتۇراتتى. ئۇ مۇشۇنداق »قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپ« يۈرۈپ ئوبدانلا بېيىپ كەتتى. ناسىر ئىلىمسېتىمدا چىڭ، نەقنېسىغا پۇختا بولغانلىقتىن كەنتتىكى دېھقانلار ئۇنىڭغا »ناسىر قاق« دەپ لەقەم قويغانىدى، ناسىر يىلبويى ناھىيە بازىرىدا ئوقەت قىلاتتى. زۆرۈر تېپىلسا، يەنە يالغۇزباغ كەنتىنىڭ ئاللىقانداق تاپشۇرمىلىرىنى بېجىرەتتى. كەنتمۇ مۇشۇ ۋەجىدىن ناسىر ئائىلىسىگە ھاشار ۋە سېلىق سالمايتتى.
سۇ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەيسا جىلالنى گەپكە كىرگۈزۈش ناسىرغا ۋەزىپە قىلىپ يۈكلەندى. ئايىغى چاققان، ئارىلاشمايدىغان ئادىمى يوق، بۇ ئالىقاپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇچۇر ئەپكەلدى. سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەيسا جىلال يېڭىدىن سالدۇرغان ئۈچ قەۋەتلىك قورۇجايى ئۈچۈن ئۆي چېيى ئۆتكۈزەرمىش. ھەر قايسى كەنتلەر سوۋغاسالام ئەپكىلىدىكەن. مۇشۇ قاتاردا سوۋغا بېرىلسە پەقەت چانمىغۇدەك!
ئالىم يەكيا بىلەن ناسىر ئۆي چېيىنى مۇبارەكلىگىلى كەلدى، ھەمدە ئەيسا جىلالنى خالىيراق ئۆيگە چاقىرىپ سوۋغاتنى ئېچىپ كۆرسەتتى. ئەيسا جىلال ۋالىلداپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان كۈمۈش ئاپتۇۋاچىلاپچىنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى. ئۇ يالغۇزباغ كەنتىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاپلا:
— ئالامەت ئوبدان ئىشكەن! قانۇنغىمۇ، سىياسەتكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىكەن. ئىدارىمىز نامراتلارنى يۆلىگەن ھېسابتا ياردەم بەرسەك بولغۇدەك، بولىدۇ، مەن قارار قىلدىم. ئۈچ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئىككى يەر كولاش ماشىنىسىنى سىلەرگە بېرەيلى!، ماشىنىلارغا كېتەرلىك مايمۇ بىزدىن بولسۇن!، تېخنىكلار ئۆستەڭ ۋە ئېتىزلارنى پىلانلاپ بەرسۇن. سىلەر تېخنىك ۋە شوپۇرلارنىڭ ياتاق، تامىقىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى. بۇ ئىشنى شەخسەن ئۆزۈم بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرىمەن! — دېدى.
پىلان كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەلگە ئاشتى. بىر يېرىم ئايدا 15كىلومېتىرلىق كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى ۋە مىڭ مودىن ئارتۇق ئېتىز قىرلىنىپ پۈتتى. تېخنىك ۋە شوپۇرلار ئوبدان رازى قىلىندى. ھەر بىر ئادەمگە ئىككى دانىدىن تۈلكە تېرىسى سوۋغا قىلىندى. قاقياڭاق، قىچا مېيى دېگەن نەرسىلەر ماشىنىغا قاچىلاپ بېرىلدى.
تەقەززا بولۇپ كۈتكەنگە يارىشا كەلكۈن مۇددەتتىن ئىلگىرى كەلدى. شېغىللىق سايدىكى ئېتىزلارغا ئۇماچتەك قويۇق قىيان سۈيى چىڭقاپ قويۇلدى. قىرىق نەچچە ئادەم كېچەكۈندۈز قىر ئۈستىدە كۆزەتچىلىك قىلىپ يار ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. نەتىجىدە ئېتىزلارغا قىرىق سانتىمېتىردىن ئارتۇق قېلىنلىقتا لاي تىندى. يەر تاۋلىنىشى بىلەن تىرنا سېلىنىپ بېدە چېچىلدى. مانا ھازىر بېدىلەر چۈجە كۆرۈنمىگۈدەك ھالدا بولۇق ئۆسۈۋاتاتتى.
* *
ئالىم يەكيا كىرىپ كەلگەندە، سىدىق بەكرى ھويلىسىدا توخۇلىرىغا ئوكۇل ئۇرۇۋاتاتتى. ئۇ ئالىم يەكيانى كۆرۈپ پېتىنى بۇزماستىن:
— بەللى، بەللى، ئوبدان بولدى، «ياش كەلگەي ئىشقا، قېرى كەلگەي ئاشقا» دەپتىكەن. بىر قولۇمنى ئىككى قىلالماي تۇرغاندا، ئەجەب ئوبدان كېلىپ قالدىڭلار. ماۋۇ توخۇلارنى تۇتۇشۇپ بېرىڭلار. ئوكۇل ئۇرۇۋېتەي ھە... ھە، قولۇڭلار ئىشتا بولغان بىلەن ئاغزىڭلار بىكار بولغاندىكىن گەپ قىلغاچ تۇرۇڭلار. تايىنلىق بىرەر باش قېتىنچىلىقىڭلار بولمىسا مېنىڭ تاپسامنى ھەرگىز ئاتلىمايتتىڭلار... ھە، تاپتىم. ئايۇپ شياڭجاڭ سېسىق گەپ قىلىۋالغاندۇ. شۇڭا قورساق كۆپۈكىگە چىدىماي بىرەر ئامال تېپىشىپ بەر دەپ كەلدىڭلىغۇ دەيمەن، — دېدى.
— يائاللا شۇجى، تەجرىبىلىك، بېشى پىشقان ئادەمدە سىلى، مەن تاش ساناپ بولغۇچە، قۇمنى ساناپ بوپلىدە! سىلىنىڭ مۇشۇ موللا تاپقاقلىقلىرىغا كەنتىمىزدە ھېچكىم يەتمەيدۇ جۇمۇ. شۇ سىلى دېگەندەك ئىش بولدى، — دېدى ئالىم يەكيا.
— باشتىلا قوشۇپ ئويلاشمىغاننىڭ ئىشى بۇ. ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئەلۋەتتە ئالا بولىدۇدە! مەن سەل كېيىنرەك پەملىگەنىدىم. ئايۇپ شياڭجاڭنىڭ خوتۇنى بىلەن ئەيسا جىلال جۈيجاڭنىڭ خوتۇنى كۆرمىسە كىشنىشىدىغان، بىللە تۇرسا چىشلىشىدىغان جان دوستلار ئىمىش، ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنىڭ ئىشىنى بىلمەي قالاتتىمۇ؟ ياخشى ئىشنىڭ كاشىلىسى كۆپ. يەر ئاۋۇتىمىز دەپ، ئۆز بېشىمىزغا ئۆزىمىز بالانىڭ چوڭىنى تاپقان ئوخشايمىز. مۇنداق كېتىۋەرسە باشقا ئۇلۇغلارنى تەمە قىلىپ بىر نېمە دېمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بىراق قۇشقاچتىن قورقۇپ تېرىق تېرىماي ئولتۇرغان ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. قېنى باشقا كەلگەندە باتۇر دېگەندەك، بىر ئامال قىلارمىز. ياچەنلىك بىقىنىمىزدىلا تۇرۇپتۇ. قانچىلىك تاپساق، شۇنىڭغا چۇشلۇق بىر نېمە قىلارمىز. بىراقزە، ئاشۇ يېڭى ئېتىزلارغا كۆزقۇلاق بولماي بولمايدۇ، سېغىزدا ئۈنگەن بېدىلەرگە پاتپات سۇ قۇيۇپ تۇرمىسا بولمايدۇ. سەككىزىنچى ئايمۇ كىرىپ قالدى. كەلكۈننىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. كەنتتىن ئازراق پۇل ئاجرىتىڭلار، يېڭى ئۆزلەشتۈرگەن ئېتىزلارغا مەخسۇس ئادەم قويايلى. كېچىلىرى باقسۇن. يېڭى بېدىلىكتە مال باقىدىغان، ئورۇپ كېتىدىغان ئىشلارنى توسىمىساق بولمايدۇ. ئەمدى سەمىڭلارغا بىر گەپ سېلىپ قوياي، قانداقلىكى سورۇندا ۋەكىملا بولمىسۇن، ئالدىنئالا مۇنداق نەرسە بېرىمىز دەيدىغان ۋەدىنى بەرگۈچى بولماڭلار. سايلىقتىكى مىڭ مويەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرگۈچە قىلىدىغان ئىش جىق. قۇم تۆكىمىز، قىغلايمىز، بۇلارغا خېلى جىق پۇل كېتىدۇ. ئالىقاننى سەل چىڭراق يۇممىساق، قىلغىنىمىز »ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە« بولۇپ قالمىغاي.
ئىككىيلەن توخۇلارغا ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن بىنا قىلىنغان ئېتىزلىققا كېلىشتى. لاي قېلىنراق ئولتۇرغۇزۇلغان ئېتىزلارنىڭ بېدىلىرى قويۇق، ئوبدان ئاينىغان ئىدى. يەنە ئايرىم ئېتىزلاردا ئالا بولۇپ قالغان، بېدە ئۈنمىگەن يەرلەر بار ئىدى. سىدىق بەكرى ئالىم يەكياغا:
— يەر ئاچماق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، بۇ قېتىم سۇ قويۇشقا يېشى چوڭراق، ئىشنى كۆيۈنۈپ قىلىدىغان ئادەملەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرايلى. سۇنى بەك نېپىز قويۇش كېرەك. يېڭى بېدە چۆكتۈرۈپ سۇغىرىلسا نابۇت بولىدۇ. بۇنىڭغا پەملىك ئادەم كېرەك. كەنتىمىزدە تەجرىبىلىك دېھقانلىرىمىز بارغۇ. ئۇلارغا ھەقنى جىقراق بەرسەك، ئىشنى بىز دېگەندىنمۇ ياخشى قىلىدۇ. سىلى شۇجى بولغاندىكىن، بۇ ئېتىزلارنى پاتپات يوقلاپ تۇرۇڭلار. باشلىغان ئىشنى ئاخىرىغا چىقىرايلى. يارچەنلىكنىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرىنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتمىسۇن. — دېدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئالىم يەكيانىڭ ھويلىسى ئالدىغا لىققىدە يۈك بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى كېلىپ توختىدى. كابىنكىدىن قاق سودىگىرى ناسىر چۈشتى. ئۇ ئالدىغا چىققان ئالىم يەكيا بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرۇپ:
— شۇجى، ئۆزلىرىگە خۇش خەۋەر، بۇ بىر ماشىنا ئوغۇتنى ئوسمان ھاكىم ئەۋەتتى. توپتوغرا ئون توننا. ھە، ئوغۇتنى نەگە چۈشۈرىمىز؟ — دەپ سورىدى.
ئاسماندىن چۈشكەندەك كېلىپ قالغان ئوغۇت ئالىم يەكيانى ھودۇقتۇرۇپ قويدى. ھاكىمنىڭ خىمىيىۋى ئوغۇت ئەۋەتكىنى نېمىسى؟ يالغۇزباغ كەنتى قانداقسىگە ھاكىمنىڭ ئېسىگە كىرىپ قالغاندۇرھە!
— ناسىراخۇن، چاقچاق قىلغاندەك گەپ قىلماي، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپ دېمەمسىلە؟! — دېدى ئالىم يەكيا.
— شۇجى، ئارتۇق گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئوغۇتنى چۈشۈرىدىغان جاينى بەلگىلەپ بەرسىلە، شوپۇر ئۇستام ئىككىمىز مۇشۇ ئوغۇتنى قاچىلاپ يالغۇز باغقا كەلگۈچە، چۈشلۈك تاماقنىمۇ يېيەلمىدۇق. ئوغۇتنى چۈشۈرۈپ بولۇپلا، يەنە مەھەللىدىكى بىر قانچە ئائىلىدىن قاق باسىمىز. ئەتە سەھەر ئۈرۈمچىگە مېڭىپ كەتمىسەك، سودىمىزدىن چاتاق چىقىدۇ، — دەپ ئالدىراتتى ناسىر قاق.
— ۋاي... ۋۇي، ماۋۇ گەپنى، قاچانلا كەلسەڭلار قامچاڭلارغا تۈكۈرۈپ كەتكىلى ئالدىرايسىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مەھەللە بولغاندىكىن بىرەر ئاخشام قونۇپ، ئەلەمەلە بىلەن گۇڭمۇڭ ئەھۋاللىشىپ كەتسەڭلارمۇ بولىدىغۇ. يالغۇز باغنىڭ مەشرىپىنى سېغىنىپمۇ قالغانسىلەر تايىنلىق! سىلى بىلەن بىرەر قاپاق ئىچىشمىگىنىمىزگىمۇ خېلى بولۇپ قالدىغۇ؟
— جېنىم شۇجى، مېنىڭ ئۆز مەيلىمچە بولسا، يالغۇزباغدىن زادىلا كەتكۈم يوق. بىراق تىجارەت دېگەن ۋاقتىقەرەلى چىڭ، قاتتىق بىر ئىشكەن. بۈگۈن قىلىدىغان سودا ئەتىگە قالسا، بىز يەيدىغان ناننى خەق كېلىپ تارتىۋالىدىكەن. شۇڭا ئەتە سەھەر يولغا چىقىپ، ئۆگۈنلۈككە مال تاپشۇرۇشنى كېلىشىپ قويغان. ماۋۇ ئوغۇتلارنى چۈشۈرۈپ بولۇپ ئالتەيەتتە ئائىلىدىكى قاقلارنى قاچىلاپ بولغۇچە، تايىنلىق تاڭ ئېتىپ كېتەر. ئالدىرىمىساق بولمايدۇ. سودىدا بىز تاپىدىغان پۇل يارچەنلىكتىكى كۈمۈش تەڭگىلەردەك ساقلاپ تۇرمايدۇ. ھازىر قاقنىڭ سودىسى مېڭىۋاتقان چاغ، شۇڭا ئالدىرايمەن. راست، ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. ھاكىم سىلىگە دەپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان ئىككى ئېغىر گەپمۇ بارتى. خالىيراق يەردە دېمىسەم بولمايدۇ.
— ئۇنداق بولسا، ئوغۇتنى كەنت ئىشخانىسىنىڭ ھويلىسىدىكى ئامبارغا چۈشۈرەيلى. سىلى يول ئۈستىدە ئىمىن ئامبارچىنى ئۆيىدىن چاقىرىۋېلىڭلار. مەن سەل تۇرۇپ ئىشخانىغا باراي. شۇ يەردە سۆزلىشەيلى.
ناسىرنى ماڭدۇرۇۋېتىپ ئالىم يەكيانىڭ بېشىنى قاتتى. بۇ بىرماشىنا ئوغۇت شۇ تاپتا جاۋابىنى ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان تېپىشماقنىڭ ئۆزى ئىدى.
بۇ ئوغۇتنى بىكارغا كەلدى، دېگەن بىلەن، »بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇق تاشتا« دېگەندەك ئىش بولمىسا بولاتتىغۇ!
ئۇ ئىشخانىغا كېلىپ ناسىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا ئەندىكتى:
— نېمە؟... يەنە... يەنە بىر دەڭلا!
— ئوسمان ھاكىم بۇ ئون توننا ئوغۇت مېنىڭ سالغان دەسمايەم بولسۇن، بۇ يىل كۈزدە يالغۇز باغدا ماڭا ئاتاپ يۈز مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىتىپ قويسۇن دەپ بۇ ئوغۇتنى ئەۋەتتى. كۈزگى بوغداي ئۈنگەندە ئۆزى ئالايىتەن كېلىپ كۆرۈپ كېتىدىغان بولدى. ۋاي شۇجى، بۇنداق پۇرسەت كۆرگەنلا ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ، ھاكىمنىڭ سىلىگە ئىش تاپشۇرغىنى سىلىگە ئىشەنگىنى ئەمەسمۇ، دۆلەت مەمۇرلىقىغا ئۆتىدىغان ئىشىڭلار پۈتۈپ قالدى دېگەن شۇ، مەن شۇنداق بولىدىغان بولسام دوپپامنى ئاسمانغا ئاتاتتىم.
— ۋاي ناسىراخۇن، نەدە شۇنداق گۈلىگۈلىگە كېلىپ بېرىۋېرىدىغان بەلەن ئىش بار؟ يۈزمو يەر دېگەن ئاز گەپمۇ؟ كەنتىمىزدە نەدە شۇنداق ئارتۇق يەر بولسۇن! ھازىر ھەر بىر مو يەرنىڭ بېشىدا مىڭ ياڭزا ئوت كۆيۈۋاتسا... ئەستاغپۇرۇللا، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئونيىگىرمە مو يەر بولسىمۇ مەيلىتى، ئەستا...
— ئا.. شۇجى، چۇپەي ئادەمدەك گەپ قىلمىسىلىچۇ! ئارىتام يېزىسىدىكى ئارا ئۆستەڭ كەنتى ئوسمان ھاكىمغا قورقماي تۇرۇپ بەش يۈزمو يەرگە كېۋەز تېرىپ بېرىپتۇ. ئويقوتان يېزىسىدىكى ئۈچتوغراق كەنتى ئاۋۇت مۇدىرغا يېڭى ئاچقان بوزلۇقتىن ئۈچ يۈز مو يەرگە قوغۇن تېرىپ بېرىپتۇ. ھازىر قېنى بارلىكى ئاەم يەر بىلەن ھەپىلىشىۋاتىدۇ. باشلىقلار ئامال قىلىپ قول ئاستىدىكى يېزا، كەنتلەرگە يەر تېرىتىدىغان ئىش مودا بولغىلى نېكەم! ئوسمان ھاكىم يالغۇز باغ كەنتىدە يەر قىس دەپ ئويلاپ، ئاران يۇزمو بۇغداي تېرىپ بەرسۇن دەپ ئىنساپ بىلەن ئېغىز ئاچتى، سىلىنىڭ شەخسىي يەرلىرىگە تېرىمىغاندىكىن، قورقماي ئورۇنلاشتۇرىۋەرمەمدىلا! ھاكىمنىڭ نەزەرىدىن ئۆتمەك ئاسان ئەمەس، خەق بۇنداق ئىشنى قىلاي دەپمۇ، ئېپىنى تاپالمايۋاتسا. بۇ بىر ئامەت، ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگەن كاتتا ئامەت، پات ئارىدا كەنت شۇجىلىقىدىن مەمۇرلىققا ئادەم ئالىدىغۇ، ھاكىم تەستىقلىمىسا، ھېچكىم بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدۇ. مەمۇرلىققا ئۆتۈپلا ئالسىلا ئامەت ئۆزلىرىنىڭ بولىدۇ. ھەر ئايدا مىڭ نەچچە يۈز كوي مائاش، كەنتنىڭ شۇجىلىقى... مانا قوللىرىنى نەگە سوزسىلا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئامەت نەدە بار؟
ناسىرقاق كۆيۈپپىشىپ نەسىھەت قىلىۋەردى. دېمىسىمۇ ئالىم يەكيا بۇ ئىشقا ياق دېيەلمەيتتى. بوپتۇ، ناھايىتى كەلسە بەشئون ئائىلىلىك دېھقاننىڭ يەرلىرىنى تەڭشەيمەن دەپ ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا قالارمەن، — دەپ ئويلىدى ئۇ، — ياقا دېگەن ياقا، ئېتەك ھامان ئېتەك. ھاكىمنىڭ دېگىنىدەك قىلسامغۇ ماڭا پايدىسى تولا، يامان يېرى ئىشنىڭ تېگىنى سىدىق بەكرى بىلىپ قالسا، قۇلاقمېڭەمنى ئوچاق قىلىۋېتىدۇ.
— ھەي، شۇجى، مېنىڭچە ئاشۇ سىدىق بەكرى دېگەن ئاتىكاچى ئادەمنىڭ تاپاتەنىسىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىۋاتىدىلىغۇ دەيمەن! ئۇ ئوتتۇز يىلغا يېقىن كەنت شۇجىسى بولۇپ يا ئۆزى يېمىدى، يا خەقنى يېگىلى قويمىدى. مانا قېرىغاندا غۇربەتچىلىككە قالدى. سىلى ئۇ ئادەمنى ئەسلا دوراپ قالمىسىلا. ھازىر بەزى كەنت شۇجىلىرى قالتىس بېيىپ كەتتى. بەزىلىرىنى مىليونېر بولۇپ كەتتى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. كەنت شۇجىلىقى مۇنداقراق ئىدارىلارنىڭ باشلىقلىقىدىن ئارتۇق. شۇجىلىقتىن كېلىدىغان دۆلەت چوڭ، شۇڭا سىلىچۇ »كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر، چىشىڭنى بارىدا گۆش يە« دېگەن تەمسىلنى ئۇنتۇمىسىلا. سىلىگە بىر گەپنى ئېچىپ دەۋېتەي، ماۋۇ سىلىگە ئەۋەتكەن ئون توننا ئوغۇتقا ئوسمان ھاكىم يېنىدىن ئون تىيىن خەجلىگىنى يوق. ھەممىسى خەقنىڭ ھاكىمغا قىلىۋاتقان راپاۋىتى. ناھىيە بازىرىدا ئۇزۇندىن بېرى خىمىيىۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق سودىسى قىلىپ كېلىۋاتقان ياسىن تاھىر دەيدىغان بىر ئاغىنەم بار ئىدى، شۇ ئاداش بۇ قېتىم 50توننا ئوغۇتنى دەتتىكام، دەپ ئوشۇق ئاتقاندەك باشقىلارغا سۇڭلاپ بېرىۋەتتى. ھاكىمغا 10توننا، قالغىنىنى... بولدىلا، نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭ تېگىدىكى سىرنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ھاكىم ئون توننا ئوغۇتنى رەھمەتھەشقاللىغا بىكارغا ئالغىنى بىلەن ئالتە مىڭ توننا ئوغۇتنى مۇشۇ ناھىيىدىكى دېھقانلارغا سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. «مانا قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيىدۇ» دېگەن شۇ. سىلى شۇجىلىق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشنى ئاشۇ ھاكىمدىن ئۆگەنسىلە. شۇجىلىق ئەمەل ھېچكىمگە باقىمەندە ئەمەس. سىدىق بەكرى نېمىشقا بۇ ئەمەلدىن قۇرۇق قالدى؟ خۇشامەتنى تاشلىۋەتتى. باشلىقلار جەرەن گۆشى دەپ شوپۇرىنى ئەۋەتسە، نەدىكى قۇلاققا خۇشياقمايدىغان گەپنى قىلىپ:
— جەرەن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان، ئۇنى ئوۋلاش قانۇنغا خىلاپ، ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باراۋەر، باشلىقلارمۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك، — دەپ شوپۇرنى قۇرۇق قايتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە باشلىقلارنىڭ كۆزىگە يامان كۆرۈنۈپ قالدى. ئاخىرى شۇجىلىقنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، نامرات دېھقان بولۇپ شۈمشىيىپ يۈرىۋاتمامدۇ؟. مەن ئۆزلىرىنىڭ غېمىنى يەپ، قىلمىغانلىرىم قالمىدى. سىلىنى شۇجىلىققا دەسسىتىش ئۈچۈن، يېزا ۋە ناھىيىدىكى پىچىقى كېسىدىغانلارنى ئېپىنى تاپقان يەردە ئوبدان مېھمان قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن سايلامدا شۇجىلىققا سايلىنىپ، مانا بىر ئوبدان جان بېقىۋاتىدىلا. مەن گۇپپاڭچىلىق قىلمىغان بولسام، ئۆزلىرى ھازىرغىچە شودۈيجاڭلىقتىن نېرى ئۆتەلمەي، ئۆتۈكلىرىنىڭ قونچىغا دەسسەپ يۈرەتتىلە...
— ھە، ناسىراخۇن، قىلغانلىرىڭلارنى مەن ئۇنتۇپ قالغاندەك ئەجەب مىننەت قىلىپ كەتتىڭلىغۇ! مەنچۇ؟ مەنمۇ سىلىگە پۈتۈن بىر كەنتنىڭ مېۋەچىلىرىنى نېسى ئېلىپ، پۇلنى سۇ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېرىدىغانغا بولاپ بەردىمغۇ! ھاشار، سېلىق، خالىسانە ئەمگەكلەردىن ئازاد قىلدىمغۇ، پىلانسىز ئىككى بالا تاپساڭلارمۇ كۆرمىگەنگە سېلىپ گەپ قىلمىدىمغۇ. ئاڭلىسام، يەنە بەشىنچى بالىغا دادا بولغىلى تەييار بولۇپسىلەر.
— مەن ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنداق بەلەن يەرلىرىنىڭ بارلىقىدىن شۇجىلىققا سايە قىلغانمەن. جاھاندارچىلىق دېگەن شۇنداق بولىدۇ. مەن سىلىگە راپاۋەت قىلسام، سىلىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماڭا ياخشىلىق ياندۇرىلا. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىمىز ئوخشاش كۆكلەيمىز. نەچچە يىلنىڭياقى قاق، خورما سودىسىدا قانچىلىك پايدا ئالغان بولسام، باش بۇرنىدىن سىلىنى قۇرۇق قويمىدىم. بۇ يىللىق سودىمىز دېيىشكەندەك بولىدىغان بولسا، بەشئالتە توقماق پۇل يانچۇقلىرىغا كىرىدۇ. شۇڭا دەيمەن، ئوسمان ھاكىمنىڭ لەۋزىنى چوقۇم بەجا كەلتۈرسىلە. پۇقرا دېگەن يىغلاپقاقشاپ قالىۋېرىدۇ. باشلىق رازى بولسىلا قالغىنى ئاسان گەپ. سايلام دېگەن بىر شەكىل. مەمۇرلىققا تاللاشمۇ بىر خىل رەسمىيەت. ھەممىسى باشلىقنىڭ رايى بويىچە بولىدۇ. ھاكىم ماقۇل كۆرگەن ئىشنى يېزا باشلىقلىرى رەت قىلىۋېتەلمەيدۇ. يېزا باشلىقلىرى ھەرقانچە كۈچىگەن ئىش بولسىمۇ، ھاكىم بىر ئېغىز گەپ بىلەن رەت قىلىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا كونىلار «ئېسىلىپ ئۆلسەڭمۇ، ئېگىز دارغا ئېسىل» دەپتىكەن. لېكىنزە بۇ ئىش يەڭ ئىچىدە بولمىسا بولمايدۇ جۇمۇ.
ناسىرنىڭ ئوسمان ھاكىم ئۈچۈن مۇنداق جان كۆيدۈرۈپ پالاقشىپ كېتىشىدە ئۆز مەقسىتى بار ئىدى. ئۇ ناھىيە بازىرىدا تىجارەت قىلغىنى بىلەن، ئەمەلدارلار بىلەن ئارىلىشىشقا، ھەمداستىخان بولۇشقا بەكلا ھېرىسمەن ئىدى. ئادەم دېگەن ئاشۇنداق غەلىتە مىجەزلىك بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئۆزى ئەمەلدار بولالمىسىمۇ، ئەمەلدارلار بىلەن ئارىلىشىپ، پالانى ھاكىم، پۇستانى ۋالىي مېنىڭ ئاغىنەم، بىز مانداقمانداق يەرلەردە بىللە بولغان دەپ ماختىنىپ، ئەمەل خۇمارىنى باسىدۇ. ناسىر قاق ئەنە شۇنداق ئەمەلدارلارغا ئامراق ئادەملەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىدىق بەكرىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ ئالىم يەكيانىڭ شۇجى بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىدا، پۈتكۈل يالغۇزباغ كەنتىدىكى قاق، خورمىلارنى نېسى ئېلىپ، پۇل تاپقاندا قايتۇرىدىغان ئوبدان ئىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كەنتتە خالىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان بولۇش، يالغۇز باغدا كەنت شۇجىلىرىدىن قالسىلا گېپى ئۆتىدىغان نوپۇزلۇق ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئىدى.
ناسىر مەقسىتىگە يەتتى. مانا ھازىر پۈتۈن يالغۇز باغ كەنتى ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. ئۇنىڭدىن بىسوراق ھېچقايسى دېھقان قاقخورمىلىرىنى بازارغا ئەپكىرىپ ساتالمايتتى.
ئوسمان ھاكىمغا ياخشىچاق بولۇپ، «بۇغداي تېرىپ بېرىدىغان» ئىشنىمۇ مۇشۇ ناسىر قاق كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى.
ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا گەپتىن گەپ چىقىپ، ئارا ئۆستەڭلىكلەرنىڭ ھاكىمغا كېۋەز تېرىپ بەرگەن ئىشىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان:
— ئاشۇ نامرات ئارا ئۆستەڭلىكلەر سىلىگە قىلىپ بەرگەن ئۇنداق ئىشنى بىزمۇ قىلالايمىز. بىزچۇ ھاكىم، ئۆزلىرىگە يۈزمو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىپ بېرەيلى. قىغ سېلىپ، قىلچە خىمىيىۋى ئوغۇتنى يېقىن كەلتۈرمەي، راۋۇرۇس ئىشلەپ تېرىپ بېرىمىز. سىلى بىز تېرىپ بەرگەن بۇغداينى ئايرىم زاۋۇتتا تارتتۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەرگە بىرئىككى توننىدىن ئەۋەتىپ بەرسىلە، ئۇلار سىلىدىن قالتىس خۇش بولۇپ كېتىدۇ جۇمۇسىلا، ئۇدا ئىككى قارار ھاكىم بولدىلا. ئەمدى ۋالىي بولىدىغان ياكى بىرەر نازارەتتە نازىر بولىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ قالدى. بۇنداق ئىشلارغا مانا بىز پىدا. سىلى بىزگە ھايت دەپلا قويسىلا ھەممە ئىشنى مانا مەن سىلى ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق قىلىپ پۈتتۈرىمەن، — دېدى.
ئوسمان ھاكىم بۇ گەپلەرگە «ھە» دەپلا قويدى. ئۇ ھاراق سورۇنىدىكى ياغلىما گەپلەرنى جىق ئاڭلاپ، قۇلىقى پىشىپ كەتكەنىدى. ھاراق ئىچىپ قىزىۋالغان مەستلەرنىڭ ھاراق كەيپىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى يالغان چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەمما ناسىر قاق ھاراق سورۇنىدا دېيىلگەن گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.
ناسىر ئەتىسى ئاغىنىسى ياسىن تاھىرنى ئەگەشتۈرۈپ، ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئاخشامقى گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھاكىمنى ماقۇل قىلىشقا ئۇرۇندى. ئوسمان ھاكىم ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنچ قىلالماي:
— ناسىراخۇن، دېگىنىڭلارغۇ بەك بەلەن ئىش، بىراق كەنتىڭلاردىكىلەر شۇنداق قىلىشنى چىن دىلىدىن خالامدۇيوق؟ ئەتەئۆگۈن قاملاشمىغان گەپلەر تارقىلىپ كېتىدىغان بولسا، يۈز سۆرۈن بولىدىغان ئىش چىقىدۇ. بۇ ئىشنى ياخشىراق ئويلىشىپ باقىلى. ناھىيىمىزدە پەقەت يالغۇز باغ كەنتىلا بولمىغاندىكىن، كۆزدىن يىراقراق باشقا بىركەنتتە شۇنداق قىلساممۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇ يىل ئەپلەشمىسە كېلەر يىلى تېرىساقمۇ بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئالدىراپ كەتكۈچىلىكى يوق! — دېدى.
— ۋاي... ھاكىم، سىلى پەقەت بولىدۇ دەپ باش لىڭشىتىپ بەرسىلىلا بولىدىغان ئىشنى نېمىدەپ كەينىگە سۆرەيمىز؟ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ پەقەت ھاجىتى يوق. سىلى مېنى گېپىدە تۇرالامدۇتۇرالمامدۇ دەپ تازا ئىشەنمەيۋاتىدىلا. مەن ئۆزلىرى بىلەن ئارىلىشىپ، تۇزتائام يېيىشىۋاتقىلى خېلى بولدى. مېنىڭ «قاق» دېگەن لەقىمىمنىمۇ بىلىپ كەتتىلە. مەن ئەزەلدىن قولۇمدىن كەلمەيدىغان، كۆزۈم يەتمەيدىغان ئىشقا ئارىلاشمايمەن. ئارىلاشتىممۇ، ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقماي قويمايمەن. مانا ماۋۇ ياسىنجان ئاغىنىمىز تۇرۇپتۇ، ياسىنجاندىن سوراپ باقسىلا، مەن دېيىشىپ بولۇپ يېتنىۋالغان ياكى ئوتتۇرا يولدا پىستان چاققان بىرەر سودا بارمىكەن؟ ئۆزلىرى دېگەن ھاكىم، يۇرتنىڭ بېشى. سىلىگە چاتاق چىقىدىغان مەسلىھەتنى بېرىدىغانغا مېنىڭ بۇ بېشىم ئون ئەمەس. ئاخشام دېيىشكىنىمىزدەك بولغاي. سىلىمۇ قۇرۇق قول بىر نېمە دېمىگەن بولسىلا. مانا ياسىنجان ئۆزلىرىگە ئون توننا خىمىيىۋى ئوغۇت ئادەمگەرچىلىك قىلاي دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئوغۇتنى يالغۇز باغ كەنتىگە دەسمايە ئورنىدا ئەۋەتىدىلا. ئالىم شۇجى ھاكىمنىڭ ئۆزىگە ئىش بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتىدۇ. بۇ ئىشقا مانا مەن كېپىل. قېنى ھاكىم، مۇبارەك قوللىرىنى بەرسىلە ھە ئەمىسە، بۇ ئىش پۈتتى.
بۇ ئىشتا ناسىر قاق بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقتى. ئەسلىدە ياسىن تاھىر خىمىيىۋى ئوغۇت سودىسىنى ئاقتۇرالماي، ئۇنىڭدىن ئامال تېپىپ، ناھىيە رەھبەرلىرىنى ئوغۇت سودىسىغا چېتىۋېلىشنى ئۆتۈنگەنىدى. ناسىر قاق بەش تۈمەن تاپان ھەققى ھېسابىغا ھاكىمنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.
ناسىر بۇ ئىش بىلەن يەنە ئالىم يەكيانىڭ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى يەنە بىر كۆرسىتىۋالدى. ئالىم يەكيا ئەمدى ھاكىم بىلەن ئارىلىشىپ ھەمداستىخان بولۇپ ئۆتۈۋاتقان ناسىر قاققا ئېھتىياق بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا بولمايدىغان بولىدۇدە! چۈنكى ئالىم يەكيا يېقىننىڭياقى ئۇنىڭغا قىر چىقىرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. يالغۇز باغ كەنتىنىڭ ئۆرۈك قېقى داڭلىق بولۇپ باشقا قاق سودىگەرلىرى يالغۇز باغنىڭ قېقىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى ئىزدەپ يۈرەتتى. ئۇ باشقىلاردىن ئالىم يەكيانىڭ قايسىبىر قاق سودىگەرلىرى بىلەن ئۈلپەتلىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پۇچقىغىغا پىت چۈشكەن ئىدى. ئەمدى ئالىم يەكيا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە پېتىنالمايدۇ. ئۇ مۇندىن كېيىن يالغۇز باغ كەنتىدىن چىقىدىغان قاقياڭاقنى ئوڭچە ئىگىلەپ، قاچان خالىسا نېسىي ئېلىپ، پۇل تاپقاندا قايتۇرۇپ، بىمالال تىجارەت قىلىۋېرىدۇ.
ناسىر يەنە قاقياڭاقنى نېسىي ئالغاننىڭ ئۈستىگە، ئىلاجى بار نەق پۇل بەرمەيتتى. ئۆتكەن يىلدىكى قاقياڭاق خورمىنىڭ پۇلىنى بۇ يىلغا، بۇ يىلنىڭكىنى كېلەر يىلغا سۆرەيتتى. ئۇنىڭغا قاقخورمىلىرىنى نېسى سېتىپ بەرگەنلەر پۇلنى سۈيلەپ كەلسە:
— پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىسىلەر؟ مەن ئېھتىياجىڭلارغا لازىملىق نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئالدىڭلارغا ئەپكىلىپ بېرەي. يولىڭلارنى قىسقارتىپ، ساۋاب تاپاي دەۋاتىمەن. مەندىكى پۇلۇڭلار بانكىغا قويغاندەك ئىشەنچلىك تۇرۇۋېرىدۇ، — دەيتتى. دېھقانلار ئالماقچى بولغان نەرسىلىرىنى دېمەي بولمايتتى. ئۇ نەرسىلەرنى توپ باھادا سېتىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭغا باھا قوشۇپ، قاقخورمىنى نېسىي سېتىپ بەرگەنلەرگە قاقخورما پۇلى ھېسابىغا توغرىلاپ سېتىپ بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ قوشلاپ پايدا ئالاتتى. ئۇ يالغۇز باغ كەنتىدىكى قورۇسىنى شەھەر پوسۇنىدا پىششىق قىشتىن ئىككى قەۋەتلىك سالدۇرۇپ، دەرۋازىسىنى رەڭگارەڭ سىرلاتقانىدى. كەنت كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسى ئۇنىڭ قورۇسى ئالدىدا چېنىپ قالاتتى. قاچانلا قارىسا ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق قورۇسى ئالدىدا توپلىشىپ تۇرغان بەش ئونچە ئادەمنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇلار ناسىرنى قاقخورما پۇلىنى سۈيلەپ كەلگەنلەر ئىدى. دەرۋازىسى ئالدىدىكى نامرات، بىر پۇلغا زار بولۇپ تۇرغانلارنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇش ناسىر قاق ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر لەززەت ئىدى.
* *
ئالىم يەكيانىڭ دېھقانلارغا ھۆددىگە بەرگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئۆلۈپ كەتكەن، سىرتقا ياتلىق بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ يېرىنى قايتۇرۇۋېلىش پىلانى سىدىق بەكرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئالىم يەكيا ئۇنىڭغا گەپ يېگۈزەلمەي، ئاخىرى ياچېيكا ھەيئەتلىرىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، قارار ماقۇللاپ، كۆپ سانلىق ئاۋاز كۈچى بىلەن سىدىق بەكرىنى باسماقچى بولدى.
ئالىم يەكيا يۇقىرى ئاۋازدا:
— بۈگۈنكى ياچېيكا ھەيئەتلىرىنىڭ يىغىنىدا بىرلا مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. ناھىيىدىكى مەلۇم رەھبەرگە يەر لازىمكەن. ئۇلارغا خىمىيىۋى ئوغۇت سالماي، مەھەللىۋى ئوغۇت سېلىپ كۈزگى بۇغداي تېرىپ بېرىدىكەنمىز، بۇ ئىشقا سەل قارىساق بولمايدۇ. رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشنى تاپشۇرغانلىقى بىزگە ئىشەنگەنلىكى، ھەر بىر ھەيئەت بۇنىڭغا قىزغىن پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. كەنتىمىزدە ئارتۇق يەر يوق. بۇ يىل بىنا قىلىنغان يەرگە بۇغداي تېرىغىلى بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن كەنتىمىزدە بەشئالتە يىلنىڭياقى ئۆلۈپ كەتكەن، سىرتقا ياتلىق بولۇپ كەتكەنلەرگە تەئەللۇق يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، مۇشۇ ئىشقا ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتىمىز. كۆپچىلىك بىر ئىشنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. بىز ھەر يىلى ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، تەستىقلىشى بىلەن ئۈچ يۈز مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. مۇشۇ قەرز پۇلنى دەسمايە قىلىپ، كەنتىمىزدە خېلى نۇرغۇن دېھقان ئائىلىلىرى ئوبدانلا پىتلىنىۋالدى. كېلەر يىلى ئاز بولغاندا بەش يۈز مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئالماقچىمىز. مەن ھېسابلاپ باقتىم. بىز ناھىيە رەھبەرلىرىگە كۈزگى بۇغداي تېرىپ بەرمەكچى بولغان يەر ناھايىتى يۈز مولا يەر، بۇ يەردىن چىقىدىغان مەھسۇلاتنى كەنتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا سامىنىغىچە قوشۇپ بەك جىق بولسا قىرىق مىڭ يۈەندەك بىر نېمە بولىدىكەن. قولنى كەسمىگۈچە قان چىقمايدۇ. ئازراق زىيان تارتساقمۇ، جىقراق پايدا قىلىدىغان ئىشنى قىلايلى دېسەم، بەزى يولداشلار بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكىنىلا كۆرۈپ قارشى چىقىۋاتىدۇ. قېنى، ھېسابكىتاب قىلىپ باقايلى، ئاز پايدىغا تۇرامسىلەر ياكى جىققىمۇ؟ ھەر بىر ھەيئەت پۈتۈن كەنت خەلقىغە مەسئۇل بولغان ئاساستا پىكىر قىلىپ باقسۇن، ئاخىرىدا قارار چىقىرىمىز، — دېدى.
— مەن پىكىر قىلىپ باقاي، — دېدى سىدىق بەكرى بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ، — مەركەزنىڭ قارارى ھەممىمىزگە مەلۇم. تېرىلغۇ يەرلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى 30يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىك دېگەن قارار يالغۇز باغ كەنتىدە ئۆتەمدۇئۆتمەمدۇ؟ ھازىر تېرىۋاتقان يەرلەر يىلدىنيىلغا ئۈنۈمسىزلىشىپ كەتتى. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭكى بىردىنبىر سەۋەب — ھەر يىلى ھەر خىل باھانەسەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ھۆددىگە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭشەپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە مەبلەغ سېلىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەنلىكتە! ئادەم يەرنى باقمىسا، يەرنىڭمۇ ئادەمنى باقمايدىغانلىقى پولاتتەك ھەقىقەت. خىمىيىۋى ئوغۇت بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرالىغان بىلەن، تۇپراق تەركىبىنى بۇزۇپ يەرنى ئۈنۈمسىز قىلىۋەتتى. مۇشۇ ئولتۇرغان ھەيئەتلەردىن تېرىۋاتقان تېرىلغۇ يېرىگە مەھەللىۋى ئوغۇت سالغان كىم بار؟ ھازىر بىر تراكتور كالا قىغى يۈز يۈەندىن سېتىلىۋاتىدۇ. بۇنى قىممەت دېگىلى بولمايدۇ. باقمىچى ئائىلىلەر قىغنى خەققە نەق پۇلغا سېتىشقا رازىكى، ئۆزى تېرىۋاتقان يېرىگە چېچىشقا رازى ئەمەس. ئۇلار يەرنى ياخشىلىساق، بىر كۈنى كەنت قايتۇرۇۋالسا زىيان تارتىپ قالىمىز دەپ شۇنداق قىلىدۇ. دېمەك، ھۆددىگە بېرىلىپ تېرىلىۋاتقان يەرلەرنى تەڭشەش تۈپتىن خاتا. مەركەزنىڭ قارارىغا خىلاپ ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆلگەن، توي قىلىپ سىرتقا كەتكەنلەرنىڭ يېرىنى قايتۇرۇۋالساق، تۇغۇلغان، سىرتتىن كەنتىمىزگە توي قىلىپ كەلگەنلەرگە تولۇقلاپ يەر بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالىم شۇجى بايا ئۈسۈمسىز قەرز پۇلنى تىلغا ئالدى. بۇ قەرز پۇل مەركەز دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان غەمخورلۇق. ھەرگىز قايسىبىر باشلىقنىڭ شەخسىي ئىلتىپاتى ئەمەس! تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتا تەڭشەش خەلقنىڭ قەلبىگە ياقمايدۇ. يالغۇز باغ كەنتىدە كىمدە كىم مەركەزنىڭ قارارىغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشنى قىلىمەن دېسە مەن سىدىق بەكرى ئاددىي كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەتئىي قارشى تۇرىمەن!
يىغىن ئەھلى جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى. ھەر بىر ياچىيكا ھەيئىتى ئىككى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قېلىۋاتاتتى. پېشقەدەم شۇجى سىدىق بەكرىنىڭ گېپى توغرا. ھېچكىم تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭشەشنى خالىمايدۇ. بۇنداق قىلىنسا، دېھقانلار قاتتىق نارازى بولۇپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. يالغۇز باغ كەنتىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. ھەر قېتىم يەر ھەيدىگەندە، داڭگاللىرى چوڭلاپ، كاللەكلىشىپ كەتكەن ئېتىزلارغا قاراپ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كېتىدۇ. بۇ قىغ تۆكمىگەننىڭ، تاتلىق سۇ قۇمى ئارىلاشتۇرمىغاننىڭ ئاقىۋىتى. ھەر بىر دېھقان مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز قولىدىكى يەرگە قىغ، قۇم تۆكۈپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. بۇ يىل ئەمگەك سەرىپ قىلغان يەرنى كېلەر يىلى تەڭشىدۇق دەپ يەنە بىر ئادەمگە بېرىۋېتىدىغان ئىشلار تەكرارلىنىۋەرسە كىم زىيىنىغا ئىش قىلىشنى خالايدۇ؟ ھەر بىر ھەيئەت كۆڭلىدە ئاشۇنداق ئويلايتتىيۇ، ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى. باشقا بىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن سۆزلىشىنى خالايتتى. بەزىلەر يەنە شۇنداق ئويلاتتى — ئالىم يەكيا دېگەن مۇشۇ كەنتنىڭ شۇجىسى، ھوقۇق مۇشۇ ئادەمنىڭ قولىدا. يۈز مو يەر دېگەنغۇ بىر كەنت ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس. بۇغداينى شۇجى ئۆزىگە تېرىمدۇ ياكى ھاكىمغىمۇ بەرىبىر، ئۆسۈمسىز قەرز پۇلنىڭ پايدىسىنى مۇشۇ شۇجى ئۆزى كۆرىدۇ ساپلا ئۇرۇقتۇغقانلىرىغا، ۋاي شۇجى دەپ بەكرەك ئېگىلگەنلەرگە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئانداساندا ئايرىم نامراتلارغا بەردى دېگەندىمۇ، ئىككىئۈچ مىڭ يۈەندىن بېرىپ قويدى. بۇرۇتقا چاپلاشقان ئاشقا قورساق تويمىغاندەك، مۇنچىلىك ئاز پۇلنى دەسمايە قىلىپ نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۆسۈمسىز قەرز پۇلغا تايىنىپ باي بولىمەن دېيىش ئەخمەقلىق، ئەڭ مۇھىمى ئالىم شۇجىنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك، ئۇنىڭغا قارشى بىرەريېرىم ئېغىز سۆز قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. «ئەمىلىدىن ئەمەس، ئەلىمىدىن قورق»دېگەن گەپ بار. ئالدى بىلەن باشقىلار بىرنېمە دەپ باقسۇنا...
يىغىن قاتناشچىلىرى بىربىرىنى مارىلاپ جىم ئولتۇرىۋەردى.
— كۆپچىلىك، پىكىر قىلماي، جىم ئولتۇرۇۋالمايلى، — ئالىم يەكيا يەنە سۆز باشلىدى، — مەن يالغۇز باغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇشۇ كەنتتىكى ھەممەيلەننىڭ غېمىنى يەپ، مۇشۇنداق خەقنى ئاسانلا نارازى قىلىپ قويىدىغان ئىشنى قىلغىلىۋاتىمەن. مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆسۈمسىز قەرز پۇلنىڭ ئىشىدا ئالدىنقى يىللىرى بەزى تەڭسىزلىك ئىشلىرى يۈز بەردى. بۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىم. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ ئۆسۈمسىز قەرز پۇلنى ئەڭ نامرات ئائىلىلەرگە بېرىمىز. ئاز بولغاندا، ئون مىڭ يۈەندىن قەرز ئېلىپ بېرىشكە تىرىشىمەن. مۇندىن كېيىن ھاللىق ئائىلىلەرگە ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىلمەيدۇ. بۇنى ھەممەيلەن نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۈگۈنكى يىغىندا يەرنى تەڭشەش توغرۇلۇق بىرلىككە كېلىۋالايلى. مەن نەچچە كۈندىن كېيىن ناھىيىگە بارماقچى. كېلەر يىلى كەنتىمىزگە بېرىلىدىغان ئۆسۈمسىز قەرز پۇلنىڭ يولىنى ماڭىمەن. بۇ ئىشتا ناھىيە رەھبەرلىرى مېنى قوللىسۇن دېسەڭلار، مېنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭشەش پىلانىمنى قوللىمىساڭلار بولمايدۇ. ئەگەرچەندە ھەرقايسى ھەيئەتلەردە باشقىچە پىكىر بولمىسا، ئاۋازغا قويىمەن. تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭشەشكە قوشۇلىدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭشەش قارارى بىرگە قارشى ئالتە ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. ئەتىسى ئالىم يەكيا ناھىيىگە، سىدىق بەكرى ۋىلايەتكە قاراپ ئاتلاندى. يالغۇز باغ كەنتىدىكى دېھقانلار سىدىق بەكرىنىڭ ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن خەلققە پايدىلىق يوليورۇق ئېلىپ كېلىشكە تەشنا ئىدى.
* *
ئېتىزلاردىكى قوناقلار پۆپۈك تارتىۋاتقان كۈنلەردە ھاۋا تۇتۇلۇپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئۈزۈلمەي يامغۇر ياغدى. يارچەنلىك جىلغىسىدا قىيان شارقىراپ ئېقىپ، تاغۇ تاشلارنى تىترىتەتتى. يالغۇز باغ كەنتىدىكى كۈمۈش تەڭگە كولاپ ئادەتلىنىپ قالغانلار كەلكۈندىن كېيىن قولىمىز كۈمۈش تەڭگە كۆرىدىغان بولدى دەپ بىتاقەت بولۇشتى. يېقىنيورۇق ئاغىنىلەر بىربىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، مەسلىھەت بىلەن يارچەنلىككە بېرىپ كۈمۈش تەڭگە كولاشنىڭ تەرەددۇتىغا كىرىشىپ كېتىشتى.
يامغۇر توختاپ ئىككىئۈچ كۈن ئاپتاپلىق چىرايلىق كۈن بولدى.
كۈمۈش تەڭگە كولىماقچى بولغانلار يارچەنلىككە ئەتە بارايلى دەپ تۇرغاندا، چۈشتىن كېيىن يەنە توساتتىن ھاۋا تۇتۇلۇپ، جاھان قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئاخىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، بىردىنلا مۆلدۈرگە ئايلاندى. يەر يۈزى سانساناقسىز ئاق مارجان چېچىلغاندەك ھالەتكە كىردى. ئارىلاپ كەپتەر توخۇمىدەك چوڭلۇقتىكى مۆلدۈرمۇ چۈشتى. ئېتىزلىقلاردىكى زىرائەتلەر بىر دەمنىڭ ئىچىدە يەرگە چاپلىشىپ كەتتى. مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تامامەن تۆكۈلۈپ چۈشتى. چۈشتىن ئىلگىرىلا ياپيېشىلچىلىق ئىچىدە شۇنداق چىرايلىق تۇرغان يالغۇز باغ كەنتى يېرىم سائەتتەك ياققان مۆلدۈردە يالىڭاچلىنىپ ئەتىيازدىكىدەك مۇڭلىنىپ قالدى.
مەھەللە ئىچىنى يىغازار قاپلىدى. ھويلىلاردا يىغا، ئېتىزلاردا يىغا، كوچاكويدىمۇ يىغا ياڭرايتتى. دېھقانغا زىرائەتلىرىنىڭ نابۇت بولغىنىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق مۇسىبەت بارمۇ؟ ئېتىزلاردىكى كېۋەزلەرنىڭ شادىلىرىلا قالغان، غوزا ۋە يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي تۆكۈلگەن ئىدى. قوناقلار تۈۋىدىنلا سۇنۇپ، لايغا مىلىنىپ ياتاتتى. ئەمدى پىشىشقا باشلىغان مېۋىلەر تۆكۈلۈپ باغلارغا قارىغان ئادەمنىڭ يۈرەكباغرى ئۆرتىنىپ كېتەتتى. ھەممە يەردە غازاڭ يوپۇرماق، ئۈزۈم بېدىشلىرى تىتماكاتاڭ بولۇپ كەتكەنىدى.
قېرىلار ئاھ ئۇرسا، ياشلار ئاچچىق خۇرسىناتتى، ئاياللار نالە قىلىپ يىغلىسا، بالىلار قورقۇپ چۇرقىرىشاتتى. يالغۇز باغ كەنتى مۇسىبەتكە چۆمگەن ئىدى. ئېتىزلار، باغلار ۋەيران بولۇپ، كۈز پەسلىدىكى مولچىلىق، مەمۇرچىلىق غايىب بولغانىدى.
سىدىق بەكرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا، كېچىلەپ قايتىپ كەلدى. ئۇ ھەممە ئائىلىلەرنى بىرمۇ بىر پەتىلەپ چىقتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانىدى. بىراق ئۇ ئېغىربېسىقلىق بىلەن:
— يىغلىماڭلار، قېرىنداشلىرىم. سەۋر قىلىڭلار، تەبىئىي ئاپەت دېگەن مۇشۇنداق رەھىمسىز، شەپقەتسىز بولىدىكەن. ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، بىھۇدە يىغازار قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ ئامالىنى قىلايلى. يىغلاۋەرگەن بىلەن ھېچبىر ئىش پۈتمەيدۇ. مۆلدۈر سوقۇۋەتكەن زىرائەتنىڭ ئورنىغا تېرىغىلى بولىدىغانلىكى نەرسىنى تېرىيلى، كەنجى قوناق، كەنجى قىچا، بەسەي، چامغۇر قاتارلىقلارنى تېرىپ، مۆلدۈر ئاپىتى كەلتۈرگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرايلى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتمۇ قاراپ تۇرمايدۇ. بەردەم بولۇڭلار، قېرىنداشلار! سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار. بۇ ئاپەتتىنمۇ غەلىبە قىلىپ ئۆتۈپ كېتەلەيمىز، — دەپ دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى.
ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سوراش باشلىنىپ كەتتى. يالغۇز باغ كەنتى بىنا بولغاندىن بۇيان بۇ يەرگە مۇنداق كۆپ پىكاپ، ئاپتوموبىل ۋە باشلىقلار كېلىپ باقمىغانىدى. ئوسمان ھاكىم بىر توپ كادىرلارنى باشلاپ، نەق پۇل، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق ئېلىپ كېلىپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ھال سورىدى. ئاخىرىدا كەنتتە كادىرلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، يەر تەڭشەشنى قاتتىق مەنئى قىلدى. يالغۇز باغ خەلقنىڭ يۇرتماكانىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش ئۈچۈن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئايۇپ سېلىم كادىرلارنى باشلاپ، ھال سوراپ كەلدى. ھەر بىر ئائىلىگە ئۇن، گۈرۈچ، ماي، كىيىمكېچەك تارقاتتى. ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ج خ ئىدارىسى، بانكا، سوداسانائەت، باج ئورۇنلىرىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ نەق پۇل، كىيىمكېچەك بىلەن ھال سورىدى.
ئالدىدا كەلگەن ھال سوراش ئۆمىدىكىلەر كەتمەي تۇرۇپلا، يەنە بىر ھال سوراش ئۆمىكى تاپان دەسسەپ يېتىپ كېلەتتى. ئالىم يەكيا يېتىشەلمەيلا قالدى.
مۆلدۈر ئاپىتىدە ياشلانغان كۆزلەر پارتىيەھۆكۈمەتنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ غەمخورلۇقى، خالىس كۆيۈمچانلىقىدىن تەسىرلىنىپ يەنە ياشلاندى. خۇشاللىق يېشى، رەھمەت يېشى كۆڭۈللەرنى ئېرىتىۋەتتى. يالغۇز باغلىق دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى چىن دىلىدىن ھېس قىلدى.
ھال سوراش ئاياغلاشتى. قايتا تېرىش باشلىنىپ كەتكەن ئالدىراش كۈنلەردە، يالغۇز باغلىقلارنى ھاڭتاڭ قالدۇرۇپ، يارچەنلىك جىلغىسىدا ئادەم ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. يەنە كېلىپ ئۆلگەن ئادەم دەل يالغۇز باغ كەنتىدىن ئىدى.
خەۋەر تارقاتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، يالغۇز باغ كەنتىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى قىيالىقتا ئولتۇرۇشلۇق تۇل خوتۇن پاشاخاننىڭ قىزى ماھىنۇر بىلەن ئوغلى ئەخمەتجان مۆلدۈر ياغقان كۈننىڭ ئەتىسىلا يارچەنلىككە كەتكەن ئىكەن. ھازىر ياچەنلىكتە كۈمۈش تەڭگە كولاۋاتقانلار نەچچە يۈز ئادەمگە بارارمىش. ئاچا، ئىنى ئىككىسى دەسلەپتە ھېچنېمە تاپالمىغانمىش، ئۈچىنچى كۈنى چۈشكە يېقىن ئاچىسى بىلەن ئىنىسى جېدەللىشىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا كۈمۈش تەڭگە كولاۋاتقانلار ئىككىيلەننى ئاجرىتىپ قويغىلى كېلىپ قارىسا، ئۇلار بىر يامبۇنى تالىشىپ قالغانىكەن. ماھىنۇر بۇ يامبۇنى مەن كولاپ تاپتىم دېسە، ئەخمەتجان بۇ يامبۇنى ئەڭ ئالدىدا مەن كۆرگەن، مەن كۆرۈپ ئەنە يامبۇ دېيىشىمگىلا سەن كولاپ ئېلىۋالدىڭ دەپ جېدەللىشىۋېتىپتۇ. ئاجراتقىلى كەلگەنلەر بىر تۇغقان قېرىنداش بولغاندىكىن، تەڭمۇ تەڭ ئۇلىشىولار دېگەن بولسىمۇ ئۇلارغا زادىلا گەپ يېگۈزەلمەپتۇ. ئىككىيلەن بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ، بىربىرىنى ئادەم چىدىغۇسىز سەت تىللار بىلەن تىللاپ ئۇرۇشۇۋېرىپتۇ. بىر چاغدا ئاچىسى قولىدىكى كەتمەن بىلەن ئىنىسىنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرۇپتىكەن. ئىنىسى تىك موللاق چۈشۈپتۇ. ئۇ دەلدەڭلەپ ئورنىدىن قوپقان پېتى جوتۇنى قولىغا ئېلىپ ئاچىسىنى چاناپتۇ. قاراپ تۇرغانلار يېقىن كېلەلمەي، ۋارقىراپ نەسىھەت قىلسىمۇ كار قىلماپتۇ. ماھىنۇرنىڭ بېشىدىن شۇرقىراپ قان ئېقىپ شۇ يەردىلا ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئەخمەتجان ئاچىسىنىڭ يانچۇقىدىكى ھېلىقى يامبۇنى ئېلىۋېلىپ، يېرىلغان بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئاجراتقىلى كەلگەنلەر ئاللاتوۋا سېلىشىپ ماھىنۇرنىڭ بېشىنى تېڭىپتۇ، ماھىنۇرنىڭ بېشىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان قان توختىماپتۇ. بىرەر سائەتتىن كېيىن ماھىنۇر ئاشۇ سايلىقتا جان ئۈزۈپتۇ.
بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى قېرىنداش يامبۇ تالىشىپ كېلىپ چىققان قانلىق ۋەقە كىشىلەرنى چۆچۈتۈۋەتتى. مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان يالغۇز باغ كەنتىدىكىلەردىن ھۆكۈمەت ھال سوراپلا قالماستىن، شەھەر خەلقىمۇ، باشقا يېزاكەنتلەردىكى دېھقانلارمۇ ئاتىغىنىنى چىقىرىپ ھال سورىغان، بىركەنتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە باشقا كەنتتىكى دېھقان قېرىنداشلار سېنىڭمېنىڭ دەپ ئايرىمىغان يەردە، بىر قورساقتا يېتىپ، بىر ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ، بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ئاچا ۋە ئىنى سادىر قىلغان ۋەھشىيلىك نۇرغۇن كىشىلەرنى توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇشقا مەجبۇر قىلدى.
ئەخمەتجان قاماققا كىرىپ كەتتى. ماھىنۇر يالغۇز باغ كەنتىدىكى زاراتگاھلىققا دەپنە قىلىندى. نامازدىن كېيىن، كىشىلەر تارقىلىشقا باشلىغاندا سىدىق بەكرى ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:
— قېرىنداشلار! كەتمەي ئىككى ئېغىز گېپىمنى ئاڭلاڭلار. مەيلى چوڭلار ياكى كىچىكلەر بولسۇن، ئىنىسى ئاچىسىنى ئۆلتۈرگەن مۇشۇ قەبىھ ئىشتىن ئىبرەت ئالايلى. خۇدادىن كىچىك، پەيغەمبەردىن چوڭ بىر نەرسە بار. ئۇ دېگەن ئىنساپ! ئاق سۈت ئەمگەن ئادەم بالىسى بولغاندىكىن، پۇلپېچەك، بايلىق ئالدىدا ئىنساپلىق بولايلى. بۇ قېتىم ئاپەتتە پارتىيە ۋە دۆلەت بىزگە نۇرغۇن غەمخورلۇق قىلدى. شەھەرلەردىكى ئىشچىخىزمەتچىلەر، كادىرلاردىن تارتىپ، قوشنا يېزاكەنتلەردىكى قېرىنداشلارغىچە خالىسانە ئىئانە توپلاپ، ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇندى. تارقىتىپ بېرىلگەن ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ئاز ئەمەس. كىيىمكېچەك، يوتقانكۆرپىلەر ھەددىھېسابسىز. بىراق كەنتىمىزدە مۇشۇنىڭغا شۈكۈر قىلماي، نارازى بولۇپ يۈرگەنلەر بار. بەزى جان سانى ئاز ئائىلىلەر ھال سوراپ بېرىلگەن كىيىمكېچەكلەرنى ئون يىل كىيىپمۇ تۈگىتەلمەيدۇ. مەنچە ئېھتىياجىمىزدىن ئارتۇقىنى ئۆزىمىزدىن بەكرەك نامراتلارغا بېرەيلى. ئىنساپ قىلىشنى، بىربىرىمىزگە كۆيۈنۈشنى ئۆگىنەيلى. بىر ئادەم قىيىنچىلىقتا قالسا، قالغان قېرىنداشلار ياريۆلەكتە بولايلى. كەنتىمىزدە بىر ئادەم ئاچ كۆزلۈك، نائىنساپلىقنىڭ قۇربانى بولدى، بىر ئادەم تۈرمە ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. كەنتىمىزدىن ئەمدى يەنە مۇنداق قىلىدىغانلار زادى چىقمىسۇن قېرىنداشلار!
* *
يارچەنلىكتىن ھەر كۈنى تۈرلۈك خەۋەرلەر تارقىلىپ تۇراتتى. «يامبۇ ۋەقەسى» خېلى يىراق ناھىيىلەرگە تارقىلىپ كەتكەنمىش. «يارچەنلىك دېگەن جايدا كەتمەن بىلەن كولاپ، نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگە تاپقىلى بولىدىكەن. بىرى ئىككى كۈن ئىچىدە نەچچە يۈز سەر كۈمۈش تەڭگە كولىۋېلىپ بىراقلا بېيىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنىڭ ئىلھامى بىلەن يارچەنلىككە يىراقيېقىندىن كېلىۋاتقانلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمەيمىش. ھازىر يارچەنلىكتە كۈمۈش تەڭگە كولاۋاتقانلار بىرەر مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەنمىش. بەزىلەر چېدىر تىكىپ، بەزىلەر ئاشخانا ۋە ياتاق ئاچقانمىش. ئۇسسۇلۇق، مېۋەچېۋە ساتىدىغانلار كۆپىيىپ، كىچىككىنە بازار پەيدا بولغانمىش. ئاشخانا ئىگىلىرى ۋە سېتىقچىلارنىڭ سودىسى بەك ئوبدانمىش. بىر قاچا لەڭمەن ئون كوي، بىر نان ئۈچ كويدىن سېتىلارمىش، قاياقتىندۇر كۈمۈش تەڭگىلەرنى نەق پۇلغا سېتىۋالىدىغانلارمۇ پەيدا بولۇپ، سومكىلاپ پۇلنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئۇدۇللاپ سېتىۋالارمىش. باغئېرىق يېزىلىق ساقچىخانا ھەر كۈنى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ «يامبۇ ۋەقەسى»گە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانمىش...
يالغۇز باغ كەنتىدىكىلەر كۈزلۈك تېرىلغۇغا تۇتۇش قىلىۋاتقاندا، ناسىر پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئاپتوموبىلغا ئۇن ۋە ماي بېسىپ كەلگەنىدى. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە خالتىلاپ ئۇن بار بولغاچقا، ئۇ ئۇن ۋە مايلارنى ئۆزىدە ئېلىشى بارلارغا تېڭىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. دېھقانلارغا شۇ تاپتا نەق پۇل لازىم ئىدى. ناسىر ئەلەمدىن تولغىنىپ كەتتى. ئۇ ئېلىپ كەلگەنلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ ئالىم يەكياغا ئىككى خەۋەرنى دەپ قويۇپ كەتتى. بىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەر قايسى كەنت رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانمىش، يەنە بىرى يېزا باشلىقى ئايۇپ سېلىم ئۆكتەبىر بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ ئوغلىنىڭ تويىنى قىلارمىش.
ئالىم يەكيا ئولتۇرالماي قالدى. ئۇنىڭ ئىشلىرى ئىلگىرى باسمايۋاتاتتى. يېزا باشلىقى بۇرۇنقىدەك پاتپات تېلېفون بەرمەيدىغان بولۇۋالدى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى نەمەت يۈسۈپمۇ ئاغىنىدارچىلىقنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئۇچراشقان يەردە ئانچە قىزغىن سالاملاشمايدىغان بولۇۋالدى. ئالىم يەكيانىڭ كۆڭلى چىۋىن يەۋالغاندەك غەش ئىدى. كەنتتىكى دېھقانلارمۇ ئۇنىڭدىن قاچاتتى. ياچېيكا ھەيئەتلىرى يېقىن كەلمەيتتى. ئالىم يەكيا ئۆزىنى يېتىم، غېرىب سېزەتتى. ئۇ نائىلاج يەنە خېلىدىن بېرى ئوچۇقيورۇق گەپلەشمىگەن سىدىق بەكرىنى ئىزدەپ كەلدى.
— كېلىلى، كېلىلى، شۇجى يولداش، — دەپ ئورنىدىن قوپتى سىدىق بەكرى، — بىز نېمىلا دېگەنبىلەن بىر كەنتلىك، بىر پېلەكنىڭ خەمەكلىرى. بىر بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولدۇق، مايتارتىشقۇدەك، يامانلاشقۇدەك چوڭ ئىش يوق. خىزمەت دېگەندە نېرى تارتبېرى تارت دەيدىغان ئىش بولۇپ تۇرىدۇ، كېرەك يوق. قېنى، داستىخانغا يېقىنراق ئولتۇرۇڭلار.
سىدىق بەكرىنىڭ ئىككى ئېغىر ئوچۇق گېپىدىن ئالىم يەكيادىكى قورۇنۇش يوقاپ كەتتى. ئۇ ناسىردىن ئاڭلىغانلىرىنى يەتكۈزۈپ بولۇپ:
— بۇ سېغىزخان كۆتۈرۈپ كەلگەن گەپلەر راست چىقماي قالمايدۇ، ئاپەت بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزلىرى خەقتىن ئۆتنە ئالغان كۈمۈش تەڭگىلەرنىمۇ ئىزلىيەلمىدۇق. يېڭىدىن بىنا قىلغان بېدىلىككە بېرىپ كەلدىم. كەنتتە مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىمىغان ئاشۇ بېدىلىك قاپتۇ. ئەجرىمىز بىكار كەتمىگۈدەك، ئەمدى شۇ... ئاشۇ ئۆتنە ئالغان كۈمۈش تەڭگىلەرنى قانداق قىلىمىز؟ تەڭگە ئۆتنە بەرگەنلەر مېنى ئىزدەپ نەچچە قېتىمدىن كېلىپ بولدى، يارچەنلىككە بېرىپ كەلگەنلەردىن ئاڭلىسام، كۈمۈش تەڭگە كولاۋاتقانلار بەك كۆپمىش. شۇ تاپتا سىلىنى ئاۋارە قىلىپ بىر نېمە دېيىشكە يۈزۈم چىدىمايدۇ، باشقا ئادەملەرگە ئىشەنچ قىلالمايمەن. يارچەنلىككە بارغىنى بىلەن قۇرۇق قول قايتىپ كېلەمدىكىن دەپ قورقىمەن. قانداق قىلارمىز؟ بەك كېچىكسەك يېزا رەھبەرلىرىنى رەنجىتىپ قويۇپ، تۈگىمەس رەنجىئەلەمدە قالىدىغان ئىش بولۇپ قالارمۇ، — دېدى.
سىدىق بەكرى ئويلىنىپ قالدى. ھازىر بوشاڭلىق قىلىدىغان چاغ ئەمەس ئىدى. ئۇ ئالىم يەكيانى ئوبدان بىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئورنىغا شۇجى ۋە كەنت مۇدىرى بولغان بۇ ئادەمنى بەزى ئىنساپسىز ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ نەپسى ئانچە چوڭ ئەمەس. خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى ئانچەمۇنچە قىلىشنى خالايدۇ، پەقەت ۋاقتى
ۋاقتىدا سۆزلىشىپ، ئاممىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ، ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىلا ھەرھالدا بولىدىغان شۇجى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە ئىقتىسادى خېلى ئوبدان كۆزى ئاچ ئەمەس. دەماللىققا كەنتتىكى ئومۇمنىڭ پۇلىغا چاڭگال سالمايدۇ. خەلق ئاممىسىنى نارازى قىلىپ قويىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. مۇبادا ئىشلار تەتۈر كېلىپ قېلىپ، ناسىر قاققا ئوخشاش نائەھلىدىن بىرى كەنت باشلىقلىقىغا سايلىنىپ قالسا، يالغۇز باغلىق دېھقانلارنىڭ بېشىغا بالا ياغىدۇ. كەنت رەھبىرى ئىنساپسىز بولسا، پۇقرالارغا زۇلۇم سالىدۇ. ئالىم يەكيادا ئازتولا ئىنساپ بار. بۇ ئادەم خەلقنىڭ نەپرىتىگە قېلىشتىن ئەيمىنىدۇ. لاياقەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئادەمگە ياريۆلەك بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى سايلام ئۆتكىلىدىن تىنچئامان ئۆتكۈزۈپ قويۇش كېرەك. ئايۇپ شياڭجاڭ ئوغلىنى ئۆيلەيدىغان بولسا، بىزگە سوۋغات ئاپىرىدىغان پۇرسەت كەپتۇ. ئەمدى باشقا پەدىدە ئىش كۆرۈپ، ئايۇپ سېلىمغا كۈمۈش پەتنۇس، كۈمۈش قەدەھ، كۈمۈش چەينەك ياسىتىپ سوۋغا قىلايلى. ئالىم يەكيا ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈۋالسۇن. يارچەنلىككە يەنە بارىدىغان ئىش چىقتى، بوپتۇ. ئاخىرقى قېتىم بېرىپ كېلەي. ئالىم يەكيا ئۈچۈن ئەمەس، كەنت خەلقى ئۈچۈن باراي!
سىدىق بەكرى روھلاندى، ئۇ ئالىم يەكياغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
— قانداق قىلىمىز دېگەنمۇ گەپمۇ؟ يەنە شۇ يارچەنلىك جىلغىسىغا بېرىپ، كۈمۈش تەڭگە كولايمىز. بۇ دا تېخى جىقراق كولاپ كەلمىسەك بولمىغۇدەك. قولىمىزدا كۈمۈش تەڭگە بولسىلا، باشقا ئىشتىن غەم قىلمايمىز، — دېدى.
ئالىم يەكيا تولىمۇ خۇشال بولدى. ئەمما بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ:
— شۇجى، يارچەنلىكتە ئادەم بەك كۆپمىش. بىزنىڭ كەنتتىن نەچچەيلەن بېرىپتىكەن. نەچچە كۈن كولاپ بېقىپ، ھېچنېمە تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. مەن... مەن يارچەنلىكتە كولاپ تاپقۇدەك كۈمۈش تەڭگە قالمىدىمىكىن دەپ قورقۇۋاتىمەن. يارچەنلىكتە كۈمۈش تەڭگىلەر تۈگەپ كەتمىگەندۇرھە! — دەپ سورىدى.
سىدىق بەكرى كۈلۈپ كېتىپ دېدى:
— قورقماڭلار، يارچەنلىكنىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرى ئۇنداق بالدۇر تۈگەپ كەتمەيدۇ. ئەينى چاغدا پۈتۈن ناھىيىدىكى نەچچە يۈزمىڭ خەلتىن يىغىلغان شۇنچە جىق كۈمۈش تەڭگىلەر ھېلىمۇ قۇمشېغىل ئاستىدا كۆمۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يەردە كۈمۈش تەڭگە جىق!
|