قارا يەكشەنبە(ھېكايە)
يوللانغان ۋاقتى:09-01-2012
مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان
مۇھەررىر: admin
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 9 پارچە
ئۇ ئاشۇ نەس باسقۇر كۈندىن كېيىن قارا رەڭگە شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىكى، قارا رەڭ ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا خۇددى چېكى يوق خورلۇقتەك چاقناپ تۇراتت
ئاپتورى: ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە
(ھېكايە)
ئۇ ئاشۇ نەس باسقۇر كۈندىن كېيىن قارا رەڭگە شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىكى، قارا رەڭ ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا خۇددى چېكى يوق خورلۇقتەك چاقناپ تۇراتتى. ئۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر كېچە ئاسمىنىدا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ چاقناشلىرىدىن ھېچنېمىنى ھېس قىلمىغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ يۇلتۇزلار تولۇپ تۇرغان ئاسمانغا قاراپ ھۇزۇر سۈرۈپمۇ قالاتتى. ئەگەر كېچە ئاسمىنى ئاشۇ قارا رەڭ بىلەن بويالمىغان بولسا چوقۇمكى يۇلتۇزلارنىڭ ۋىلىلداپ چاقناشلىرىنى ھەرگىزمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىچە بۇ ھەقتە پەيلاسوپلارچە پىكىر قىلىپ، كېچە پەقەت يۇلتۇزلارنىڭ چاقناشلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايتتى. لېكىن ئۇ بۇ ھەقتە ئويلانغانسېرى كېچىنىڭ خاسىيەتلىرى خۇددى تاغ ئۆچكىسىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلىپ چىقىۋېرەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېچىنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ تاتلىقلىقى، كېچىدىكى ناخشىنىڭ ياڭراقلىقى، كېچىدىكى ئاشۇ ھۇزۇرلۇق ئىشنىڭ بۆلەكچە لەززەتلىكلىكى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى.
−− ھېلىمۇ كېچە قاراڭغۇ بولۇپ قاپتىكەن - ھە؟ −− دېگەنىدى ئۇ بىر باغلام قاپقارا چاچلىرىنىڭ ئۈستىدە كۈلۈمسىرەپ ياتقان ئايالىغا قاراپ.
−− قانداق دەيسىز؟
ئايالى ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغاندەك قايتۇرۇپ سورىدى.
−− ئەگەر كېچە قاراڭغۇ بولمىغان بولسا نان يەپ، سۇ ئىچىپلا يۈرەر بولارمىدۇق دەپ ئويلاپ قالدىم.
−− قېلىن!
ئايالى ئۇنىڭ جاۋابىدىن تاتلىق بىر ھۇزۇرنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭ قۇلاق گۆشتىنى بوشقىنە چىشلەپ قويدى.
−− مەن قېلىنما؟
ئۇ قاپقارا چاچلىرىنىڭ ئۈستىدە ياتقان ئايالىغا قاراپ سورىدى.
−− ئەمىسە كېچە قېلىن بولاتتىمۇ؟
−− سەنچۇ؟
−− مەن نېمە بوپتىمەن؟
−− سەن قېلىن ئەمەسما؟
−− كىم شۇنداق دەيدۇ؟
−− بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز قېلىن بولالمايدۇ - دە!
−− ئەسكى...
ئايالى قوزىنىڭ تۇمشۇقىدەك ھەم ئىسسىق ھەم يۇمشاق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە بىر نەچچىنى مۇشتلاپ قويدى. ئايالىنىڭ خۇش ھىدلىق ئىسسىق نەپىسى بولسا ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتىمۇ ئېزىپ ياكى تېنەپ كەتمەي ئۇنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
−− سىزچە، كېچە نېمىگە ئەڭ ئوخشايدۇ؟
ئۇ ئايالىنىڭ ئاۋازىنىمۇ قاراڭغۇلۇقتا ئېنىق ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىچىدە ئايالنىڭ سوئالىغا جاۋاب ئىزدەشكە باشلىدى.
راست، كېچە نېمىگە ئەڭ ئوخشايدۇ؟ ئەجەب بۇنى ئۆزى بۇرۇن بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ باقماپتىمەن دېسە. ئەمما ئۇ شۇنچە ئويلاپ باققان بولسىمۇ كېچىنى كېچىدىن باشقا بىرەر نەرسىگە ئوخشىتالماي دېمى سىقىلىپ كەتتى. لېكىن كېچىنى كېچىگە ئوخشايدۇ، دېيىش خۇددى ئادەم ئۆزىگە - ئۆزى ئوخشايدۇ، دېگەندەكلا بىمەنە جاۋاب بولاتتى. بىر نەرسە چوقۇم ئۆزىدىن باشقا يەنە بىر نەرسىگە ئوخشىغاندىلا ئاندىن ئۇ نەرسە يەنە باشقىچە بىر خىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن بولاتتى، ئەمىسە كېچە زادى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئېسىگە قاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچ نەرسە كەلمىدى. شۇڭا ئەمدى ئۇ بىلمەيمەن دېيىش قارارىغا كەلدى. ئەمما بوغۇزىدىكى تاۋۇش ئاغزىدىن چىققاندا باشقىچە تاۋۇشلارغا ئۆزگىرىپ كەتتى.
−− كېچە سېنىڭ چېچىڭغا بەكلا ئوخشايدۇ!
−− نېمە؟
ئۇ ئايالىنىڭ ئاۋازىنى قاراڭغۇلۇقتا ئېنىق ئاڭلىغىنى بىلەن ئايالى ئۇنىڭ ئاۋازىنى قاراڭغۇلۇقتا ئېنىق ئاڭلىيالماي قالغاندەك قىلاتتى. شۇڭا:
−− سېنىڭ چېچىڭ كېچىگە بەكلا ئوخشايدۇ، −− دېدى ئۇ سۆزىنى تەكرارلاپ.
−− نېمە دېدىڭىز؟
ئايالى ئۇنىڭدىن يەنە قايتۇرۇپ سورىدى. شۇندىلا ئۇ ئىچىدە دېمەكچى بولغان گەپ بىلەن تېشىدا دېمەكچى بولغان گەپنىڭ، باشتا دېگەن گېپى بىلەن كېيىن دېگەن گېپىنىڭ ئوخشاش بولماي قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
−− راست، مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم - ھە؟
−− قاراڭغۇدا سۆزلىرىڭىزنى تاپالماي قالدىڭىزمۇ ياكى كۆرەلمەي قالدىڭىزمۇ؟
ئايالى شۇنداق دەپلا قالتىس بىر قىزىقارلىق گەپ قىلىۋەتكەندەك ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ئايالىنىڭ قاراڭغۇلۇقتىكى كۈلكە ئاۋازىدىن بۇلاق سۈيىنىڭ پىنھاندىكى يېقىملىق بۇلدۇقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى. بۇ بىر قوي كۆزلۈك، گۈل لەۋلىك، كۆكلەم نەپەسلىك، نازۇك ھەرىكەت ۋە يېقىملىق ئاۋازلىق بۇلاق ئىدى. بۇ بۇلاق ئۇنىڭ ھاياجىنىدا قاينايتتى، كۆكسىدە ئاقاتتى. بۇ بۇلاق يەنە ئۇنىڭ غۇرۇرى ۋە ھايات - ماماتى ئىدى.
بىراق ئاشۇ نەس باسقۇر كۈندىن كېيىن ئۇ قارا رەڭگە شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىكى، قارا رەڭ ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا خۇددى چېكى يوق خورلۇقتەك چاقناپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بارماقلىرىغا سانسىز قېتىم لەززەت - ھۇزۇر ئاتا قىلغان ئايالىنىڭ قارا چاچلىرىمۇ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن قاپقارا يىلانلار توپىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قارا رەڭنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇ قارا رەڭ ئىچىدە قىسىلاتتى، سىقىلاتتى. شۇڭا ئۇ بۇ قارا رەڭ ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كېتىشكە تىرىشاتتى. لېكىن ئۇ قارا رەڭدىن ھەر قېتىم قۇتۇلۇپ كېتىش ئىستىكىدە تېپىرلىغاندا قارا رەڭ ئۆزىنىڭ قارا رەڭلىك دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ ئۇنىڭ تېنىنى كىچىككىنە بىر قاراڭغۇ بوشلۇقتا يەنىمۇ يىگلىتىپ تاشلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىيال قۇشلىرى ئاشۇ نەس باسقۇر كۈننىڭ بىر تال شېخىغا قونۇۋېلىپ ھەسرەتلىك سايرايتتى...
ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى بولۇپ، شەنبە كۈنىنىڭ ئاسمىنىدا پارلاپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ قۇياش يەكشەنبە كۈنىنىڭ ئاسمىنىدىمۇ پارلاپ تۇراتتى. كالېندارنىڭ بېشارەتلىرىدىن يەكشەنبە كۈنى ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىچە بولغاندا يەكشەنبە بىلەن سۇنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار بولۇپ، يەكشەنبىمۇ خۇددى سۇغا ئوخشاش رەڭسىز، پۇراقسىز بولسىمۇ، لېكىن يەكشەنبە سۇغا ئوخشاش ماددا ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايتتى، بەلكى ھېس قىلغىلىلا بولاتتى. سۇ تەبىئەتتىكى ئېرىقتا ئاقسا، يەكشەنبە ۋاقىتنىڭ ئېرىقىدا ئاقاتتى. ئەپسۇسكى ئۇ يەكشەنبىنىڭمۇ قارا رەڭدە بولىدىغانلىقىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى. لېكىن ئاشۇ قارا رەڭلىك كادىلاك يەكشەنبىنى ئايالىنىڭ چېچىدەك قاپقارا رەڭدە بوياپ تاشلىدى. ئەمدى ئايالىنىڭ چېچى، كېچە، قارا رەڭلىك كادىلاك، يەكشەنبە بىر نۇقتىدا قارا رەڭدە پارلاپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ ئۆيى 6 - قەۋەتتە ئىدى. ئۇ بىر تال تاماكا چەككەچ دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ تۇراتتى. تاماكىنىڭ كۆكۈچ ئىسى ئۇنىڭ ئېغىز - بۇرنىدىن خۇددى قويۇق بىر تۇتام تۇماندەك تولغىنىپ چىقىپ ئوچۇق دېرىزىدىن سىرتقا ئاقاتتى. ئۆي ئىچىدە بولسا تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان ئېلانلارنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشكە چۈشكەن تەنھەرىكەتچىنىڭ ئاياغ رىتىمىدەك تېز - تېز ئاۋاز دولقۇنلىرى لەيلەيتتى. 6 - قەۋەتنىڭ ئاستىدا سوزۇلۇپ ياتقان قورۇ ئىچىدىكى شالاڭ دەرەخلىك چىملىق ئىچىدە بىر نەچچە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قىزىقچىلىقى بىلەن ھەلەك ئىدى. ئالا - بالداق رەڭدە سىرلانغان كىرا ماشىنىلىرى پات - پات قورۇ ئىچىگە كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى.
ئۇ قولىدىكى كۆيۈپ تۈگەي دەپ قالغان تاماكىنى كۈچەپ بىر شورىغاندىن كېيىن كۆكۈچ ئىسلارنى دېرىزە سىرتىغا پۈۋلىگەچ، قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا ئەپچىللىك بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سىرتقا پىرقىرىتىپ تاشلىدى. كۆزى بولسا ئوچۇق دېرىزە كۆزنىكىدىن پەسكە قاراپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاماكا قالدۇقىغا ئەگەشتى. تاماكا قالدۇقى بوشلۇققا بىر نەچچە غۇلاچ ئۆرلەپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن تۆۋەنگە قاراپ لەيلەپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ ئېگىزدىن پەسكە لەيلەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاماكا قالدۇقىغا قاراپ ئەگەر تاماكا قالدۇقىنىڭ ئورنىغا تىرىك بىر ئادەم 6 - قەۋەتتىن پەسكە چۈشۈپ كەتسە چوقۇمكى تىرىك قالمايدۇ، ئېگىزدىن پەسكە تاشلىنىپ كېتىدىغان نەرسىلەرگە جان بەرمىگەن خۇدانىڭ قۇدرىتىگە كىم قايىل بولماس، دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ كۆزىنى لەيلەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاماكا قالدۇقىغا ئەگەشتۈردى. تاماكا قالدۇقى تۆۋەنلىگەنسېرى ئۇ قىزىق بىر ئويۇننى ھەۋەس بىلەن تاماشا قىلىۋاتقان كىچىك بالىدەك دېرىزە كۆزنىكىدىن تۆۋەنگە بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى. تاماكا قالدۇقى لەيلەپ چۈشكىنىچە قورۇ ئىچىگە كىرىپ توختىغان چىرايلىق بىر قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە چۈشۈپ ئارقىدىن سىرلىرى پارقىراپ تۇرغان سىلىق تۆمۈر پارچىسى ئۈستىدىن سىيرىلگىنىچە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ تاماكا قالدۇقىنىڭ 6 - قەۋەت بىلەن يەر يۈزىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى لەيلەش جەريانىنى تاماشا قىلغاچ ئەگەر تاماكا قالدۇقى بىر پارچە تاش بولغان بولسا چوقۇم ماشىنىنىڭ تەگكەن يېرىنى زېدە قىلىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىدەك غەلىتە خىياللارنى سۈرگەچ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئېچىلىۋاتقان ئىشىكىگە قارىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە دەسلەپ ئۇزۇن، ئىنچىكە بىر پۇت كۆرۈندى. ئىنچىكە - ئۇزۇن پۇت يەر دەسسەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ پۇتقا ئوخشايدىغان يەنە بىر ئۇزۇن - ئىنچىكە پۇتمۇ ئىنىدىن چىققان سۇر يىلاندەك سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ يەرگە ھۆرمەت بىلەن دەسسىدى. شۇ ھامان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان قىزىقىش، ھەۋەس ئىشتىياقى ئۇنىڭمۇ تېنىدە پەيدا بولۇپ چوتكىدەك قويۇق، قارا بۇرۇتلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس لىكىلداپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۆزى بايامقى تاماكا قالدۇقىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەسلەش مەركىزىدىن پاك - پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن - ئىنچىكە ئىككى پۇتقا ئەگىشىپ ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان دولقۇنسىمان بۈدۈر چاچلىق بەدەنگە مەركەزلەشتى. ئەمما سېكۇنت ئۆتمەيلا ئۇنىڭ تېنىدىكى يات جىنسقا بولغان قىزىقىش، ھەۋەس - ئىشتىياق گۈللىرى دەھشەتلىك بوراندا قالغان گۈلدەك پۇررىدە توزۇپ كەتتى. چوتكىدەك قويۇق قارا بۇرۇتلىرى بولسا ئەمدى تۇيۇقسىزلا جان كىرىپ كەتكەندەك تىك - تىك بولۇپ تىترەپ، كۆزلىرىنىڭ ئىككى گىرۋىكى قىسىلىپ كەتتى. چۈنكى ئاشۇ ئۇزۇن - ئىنچىكە ئىككى ئەۋرىشىم پۇتنىڭ ئۈستى بىلەن كېچىدەك قاپقارا چاچلارىڭ تېگىدىكى چىراي ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەۋەس گۈللىرىنى ھەسەت چۆپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ تاشلىغانىدى. قۇلاق تۈۋىدە بولسا ئاشۇ چاچلارنىڭ رەڭگىدەك قارا كېچىدىكى يېقىملىق شىۋىرلاشلار يەنە قايتا ئەكس سادا چىقىرىپ ياڭراشقا باشلىدى...
−− كېچە سىزچە نېمىگە ئەڭ ئوخشايدۇ؟
−− كېچە سېنىڭ چېچىڭغا بەكلا ئوخشايدۇ!
−− نېمە؟
−− سېنىڭ چېچىڭ كېچىگە بەكلا ئوخشايدۇ؟
−− نېمە دېدىڭىز؟
−− راست، مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم - ھە؟
−− قاراڭغۇدا سۆزلىرىڭىزنى تاپالماي قالدىڭىزمۇ ياكى كۆرەلمەي قالدىڭىزمۇ؟
شۇ تاپتا بۇ ئاۋازلار ئۇنىڭ خىيالىدىكى بوشلۇقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆز نۇرى ئاستىدىكى قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىدىن چۈشكەن ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن سۇدەك تۆكۈلۈپ چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. چۈنكى كېچىدەك قويۇق - قارا چاچلار ئاستىدىكى ئۇ ئايال قايسىدۇر بىر قوشنىسىنىڭ ئايالى ياكى قىزى بولماستىن، بەلكى دەل ئۆزىنىڭ ئايالى ئىدى. نۇرغۇن گۈزەل كېچىلەردە ئۇنى ھاياجانغا سالغان بۇ چىرايلىق شەكىل ئەمدى ئۇنى قانداقتۇر بىر نامەلۇم ۋەھىمىگە سالماقتا ئىدى. بۇ ۋەھىمە ئىچىدە ھەسەتمۇ، غەزەپمۇ، گۇمانمۇ ۋە يەنە بىر - بىرىگە سۇدەك ئارىلىشىپ كەتكەن ئاللىقانداق غەلىتە تۇيغۇلارمۇ بار ئىدى. ئىچىدە بولسا راستلا بىر قورقۇنچ قاناتلىرىنى كېرىپ ئەلەڭلەيتتى. بۇ قورقۇنچ ئۇنىڭغا كېچىدەك قارا چاچلارنىڭ ئاستىدىكى ئايالىنىڭ تەن شەكلىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈندۈزدەك يورۇق بولغان روھ باياۋاندىن كېلىۋاتاتتى.
قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىدىن ئۇزۇن - ئىنچىكە ئىككى پۇتلىرى بىلەن يەر دەسسەپ چۈشكەن كېچىدەك قارا چاچلار ئىچىدىكى بۇ ئايال ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىدى. ئايالى ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر نېمىلەرنى دېگەندەك قىلدى. لېكىن ئۇ ئايالىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدى. تاماكا قالدۇقى 6 - قەۋەتتىن 1 - قەۋەتكە لەيلەپ چۈشەلىگىنى بىلەن ئاۋاز 1 - قەۋەتتىن 6 - قەۋەتكە لەيلەپ چىقالمىدى. يەر شارىنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچى ئېگىزدىكى نەرسىلەرنى پەسكە تارتىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغىنى بىلەن ئاسماننىڭ تارتىش كۈچى پەستىكى نەرسىلەرنى ئېگىزگە تارتىپ چىقىش قۇدرىتىگە ئىگە بولمايۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئايالىنىڭ ئاغزىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنىلا كۆردى. ئۇنىڭغا بۇ ھالەت خۇددى ئايالى ئاغزىدىن تاۋۇش چىقارماي گەپ قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئايالى ئارقىدىنلا قويۇق - قارا چاچلىرىنى مۈرىسىدە دولقۇنلاتقىنىچە بىنا تەرەپكە قەدەم ئالدى. ئايالى ئەمدىلا بىر نەچچە قەدەم ئېلىپ تۇرۇشىغا قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ئايالىنىڭ چېچىدەك يەنە بىر قويۇق بۈدۈر چاچلىق بىر باش ماشىنىنىڭ دېرىزە ئەينىكىدىن چىقىپ ئايالىغا بىر نېمىلەرنى دېدى. ئۇ باشنىڭ چاچلىرى ئايالىنىڭ چاچلىرىغا ئوخشىغىنى بىلەن چوتكىدەك قارا بۇرۇتى ئۆزىنىڭ بۇرۇتىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ بىر ناتونۇش ئەرنىڭ بېشى ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ چېچى ئايالىنىڭ چېچىغا ئوخشاپ قالغىنى بىلەن ئۇ ئايالى بولالمايتتى. بۇرۇتى ئۆزىنىڭ چوتكىدەك بۇرۇتىغا ئوخشاپ قالغىنى بىلەن ئۆزى بولالمايتتى، ئۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنا ئۇ ئەرنىڭ بولغىنى بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ ئۆي مەڭگۈ ئۇنىڭ بولالمايتتى. ئەمما ئايالى ئۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىدىمۇ ھەم بۇ ئۆيدىمۇ ئولتۇرالايتتى.
ئايالى ئۆزىگە ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقان قويۇق بۈدۈر چاچ، چوتكا بۇرۇتلۇق ئەر شەكىللىك ناتونۇش باشقا سول قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاغزىغا تىك تۇتقىنىچە ئىنكاس قايتۇردى. بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئاچچىق كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇنداق بېشارەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى چەت ئەلنىڭ فىلىملىرىدە كۆپ كۆرگەنىدى. ئايالى بىنا ئىشىكىدىن كىرىپ كەتكەندىن كېيىنلا قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنا خۇددى بىر تامچە مەينەت سۇدەك قورۇدىن چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنا ئاسمان - زېمىننى، ھەتتاكى ئۇنىڭ نەزىرىدە سۇدەك رەڭسىز، سۇدەك پۇراقسىز يەكشەنبىنىمۇ ئۆزىنىڭ سىرىدەك قارا رەڭدە بوياپ تاشلىغانىدى.
ئىشىكنىڭ يېنىك شىرىقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئايالى نەچچە مىنۇت ئىلگىرى قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا ماشىنىدىن ئايالىنىڭ شەكلىدىكى بىر پارچە خورلۇق بۇ قورۇغا كىرگەنىدى. ئەمدى بولسا قورۇ ئىچىگە كىرگەن بۇ خورلۇق ئۇنىڭغا قاراپ كەلكۈن سۈيىدەك ئاقماقتا ئىدى. ئۇ ھېلىلا ئۆزىنىڭ تەن شەكلىگە بۇلدۇقلاپ ئېقىپ كىرىدىغان بۇ خورلۇققا قانداق يۈزلىنىش ھەققىدە ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي سافاغا ئولتۇرۇۋالدى. تېلېۋىزوردا بولسا قايسىدۇر بىر كىنو قويۇلۇۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى سۈرەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيتتى، قۇلىقى ھېچقانداق تاۋۇشنى ئاڭقىرالمايتتى.
ھايالشىمايلا ئىشىك ئېچىلىپ ئۇزۇن - ئىنچىكە ئىككى پۇتلۇق خورلۇق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى.
−− ھۇي، سىز باركەنسىزغۇ؟
ئايالى ئۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغاندەك سورىدى. ئۇ تېلېۋىزوردىكى سۆزلەرنى ئېنىق ئاڭلىيالمىغىنى بىلەن ئايالىنىڭ سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىدى.
−− مەن بولماي كىم بولۇشى كېرەكتى؟
ئۇ ئايالىنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
−− سىز ھەپتىنىڭ ئىككىسى قايتىپ كېلىمەن دېگەن.
−− شۇنداقمۇ؟
−− ھەئە دەمدىم.
ئايالىنىڭ ئىنكاسى تولىمۇ غەلىتە ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ يەنە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئاغزىدىكى كۆكۈچ ئىسلارنى تورۇسقا قارىتىپ يۇمىلاق شەكىلدە چىقىرىشقا باشلىدى. يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدىكى كۆكۈچ ئىسلار ئۇنىڭ ئاغزىدىن بوشلۇققا چىققاندىن كېيىن، دائىرىسىنى ئاستا - ئاستا كېڭەيتىپ يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى چۆرىسى بۇزۇلۇپ تاراپ كېتەتتى. ئۇ شەكىل ئۆزگەرتىۋاتقان ئىس چەمبىرىكىگە قاراپ مۇھەببەت، نىكاھ دېگەننىڭمۇ ئاشۇنداق بىر خىل چەمبەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دېمەك شەكىلگە ئىگە بولغان ھەرقانداق نەرسە ھامان يەنە شەكىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتمۇ ياكى غەيرىي تەبىئىي قانۇنىيەتمۇ؟ لېكن ئۇ بۇ غەيرىي تەبىئىي شەكىللەردىن ئەزەلدىن گۇمان قىلىپ باقمىغانىدى. يەنە كېلىپ ئەخلاق تەربىيەسىدىن دەرس بېرىدىغان ئايالىدەك بىر تۆۋەن دەرىجىلىك ئەخلاقشۇناسنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىدىنمۇ گۇمان قىلمايتتى. لېكىن ئاشۇ بىر تال تاماكا قالدۇقىنىڭ شەرەپ بىلەن چۈشكەن يېرى دەل مۇشۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەخلاقشۇناسنىڭ تەقدىر شېخى بولدى. ئۇ شۇ چاغدا شۇ بىر تال تاماكا قالدۇقىنىڭ بوشلۇقتىن يەرگىچە بولغان ئارىلىقتا لەيلىشىنى تاماشا قىلىشنىلا ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ تاماكا قالدۇقىنىڭ تاماشا ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى يىڭنە سانجىلغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى. كۆز ئالدىدىن بولسا قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن چىقىپ تۇرغان چوتكا بۇرۇت ئەرنىڭ شەھۋەتخورلارچە كۈلۈپ تۇرغان چىرايى بىلەن ئايالىنىڭ چەت ئەل كىنولىرىدىكى ئارتىسلاردەك سول قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاغزىغا تىك تۇتقىنىچە ئىنكاس قايتۇرغان ھالىتى غۇۋا چۈشتەكلا لەيلەپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ قولى كۆيگەندەك سېزىم ئىچىدە قىزىغاندىلا ئۇ تەگسىز خىياللار قوينىدىن قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن يىلاندەك تولغىنىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى ئارىسىغا قىستۇرۇلغان تاماكا تۈزۈك چېكىلمەيلا كۆيۈپ تۈگىگەنىدى. ئۇ قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى ئالدىدىكى كۈلدانغا دۈشمەننىڭ بېشىنى مۇجۇغاندەك زەربە بىلەن مۇجۇۋەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە كۈلدانغا مۇجۇۋېتىلگەن تاماكا قالدۇقى گوياكى قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىدىكى ھېلىقى ئەرنىڭ چاچلىرى بۇزۇۋېتىلگەن بېشىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. شۇ ھامان ئۇنىڭ كۈلداننىڭ سوغۇق گىرۋەكلىرىگە تېگىپ تۇرغان بارماقلىرىنىڭ ئارىسىغا ئەينەك كۈلدان لىققىدە سىقىمدالدى. ئارقىدىنلا ئۇ بارماقلىرى ئارىسىدا نەپىسى بوغۇلغان باشتەك قېتىپ تۇرغان ئەينەك كۈلداننى غەزەپ بىلەن ئېتىۋېدى، كۈلدان باشتا تامغا، ئ−اندىن يەرگە چۈشۈپ، جاراڭشىغان ئاۋاز چىقىشى بىلەن تەڭلا چېقىلىپ نەچچە پارچە بولۇپ كەتتى.
−− نېمە بولدى، چېقىلغان نېمىنىڭ ئاۋازى ئۇ؟
ئايالى ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ تۇرۇپلا قالدى. يەردە چېقىلىپ نەچچە پارچە بولۇپ كەتكەن كۈلدان، سافادا ھېلىلا چېقىلىپ كېتىدىغاندەك كۆپۈپ كەتكەن ئېرى تۇراتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئېرىنى بۇنداق كۆپۈپ كەتكەن ھالەتتە كۆرمىگەن بولۇپ، ئېرى ھەتتا ھاياجانلانغان ۋاقىتلاردىمۇ بۇنداق كۆپۈپ كەتمەيتتى.
−− سىزگە نېمە بولدى؟
ئايالىنىڭ ئاۋازى چېقىلغان كۈلداننىڭ ئەينەك پارچىلىرىدەك پارچە - پارچە بولۇپ چىقتى.
−− تاماكا قېنى؟
ئۇ ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلىۋاتقاندەك بوش، ئەمما زەردىلىك ئاۋازدا سورىدى.
−− ئەنە، ئالدىڭىزدا تۇرمامدۇ... شىرە ئۈستىدە.
−− تاماكا قالدۇقى قېنى دەيمەن؟
−− تاماكا قالدۇقى؟ تاماكا قالدۇقىنى نېمە قىلاتتىڭىز؟
ئايالى ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى راستلا ئاڭقىرالمىغاندەك ئىدى. ئەرلەر دېگەن گالىستۇكۇم قېنى، ئايىغىم قېنى، ھۆججەت سومكام قېنى دەپ سورايدىغان. تاماكا قالدۇقۇم قېنى، دەپ سورىغاننى ئۇ راستتىنلا بۈگۈنگىچە ئاڭلاپ باقمىغانىدى. تاماكا قالدۇقى دېگەن كۈلداندا، ئەخلەتخانىلاردا بولىدۇ. ئۆزى تاشلىۋەتكەن نەرسىنى ئۆزى سورىغان نەدە بار؟ ئادەتتە بۇنداق كۆپۈپ ئاچچىقلانمايدىغان ئادەم بىردىنلا ئاچچىقلانسا ئەجەب بىر تۇرىدىكەن دېسە، ئايالى شۇنداق ئويلايتتى.
ئۇ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىكى ئاچچىق بىلەن ئايالىغا قارىدى. ئايالى تېخىچە ئاشخانىنىڭ بوسۇغۇسىدا ئالدىدىكى پەرتۇقنى ئىككى قولى بىلەن تۇتقىنىچە تۇراتتى. ئايالىنىڭ بۇ تۇرقى ئۇنىڭ كۆزىگە بىردىنلا ئۇزۇن بىر دانە ئەينەك كۈلداندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇ ئەينەك كۈلدان بولسا ئەمدى تولىمۇ سوغۇق بىر نۇر چاچرىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ شۇ ھامانلا ئالدىدىكى بۇ ئۇزۇن بويلۇق ئەينەك كۈلداننىمۇ يەرگە ئۇرۇپلا چېقىۋەتكۈسى كېلىپ كەتتى. لېكىن ئۇزۇن بويلۇق ئەينەك كۈلدان بىلەن ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنىڭمۇ پارچە - پارچە بولۇپ چېقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ بارماقلىرىنى بىر - بىرىگە كۈچ بىلەن كىرىشتۈرگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئايالى تېخىچە ئالدىدىكى پەرتۇقنى ئىككى قولىدا تۇتقىنىچە ئۆرە تۇراتتى. ئۇ ئايالىغا قارىمايلا بوش، ئەمما زەردىلىك ئاۋازدا.
−− كۆزۈمدىن يوقال! −− دېدى. ئۇنىڭ زەردىلىك ئاۋازىدىن ئايالى چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كېچىدىكى ھاياجانلىق ئاۋازىمۇ مۇشۇنداق بوش چىقاتتى. شۇڭا ئايالى بوش ئاۋازنىڭمۇ مۇشۇنداق زەردىلىك چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى...
شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كۆڭۈللۈك ۋە رىتىملىق تۇرمۇشى بوراندا قالغان كەپىدەك چۇۋۇلۇپلا كەتتى. ھەر دائىم بىر تال تاماكا قالدۇقى بىلەن ئايالىنىڭ سېماسى كۆز ئالدىدا ئارىلىشىپ كېتەتتى. گاھىدا بىر تال تاماكا قالدۇقى ئايالىدەك كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە تۇرسا، گاھىدا ئايالى بىر تال تاماكا قالدۇقىدەك بوشلۇقتىن سىرلىرى پارقىراپ تۇرغان قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئۈستىگە لەيلەپ چۈشۈپ ناز بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. تۇرۇپلا ئاشۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنا خۇددى قاپقارا تۈكلۈك بىر ھايۋانغا ئۆزگىرىپ ئۇنىڭغا قاراپ يىرتقۇچلارچە ئېتىلىپ كەلگەندەك تۇيۇلۇپمۇ كېتەتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى ئاشۇ قاپقارا تۈكلۈك ھايۋاننىڭ شەيتاننىڭ چەمبىرىكىدەك توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان يۇمىلاق چاقىنىڭ تېگىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتى.
ئۇ ئۆمرىدە نەچچە تال تاماكا چېكىپ، نەچچە تال تاماكا قالدۇقىنى تاشلىغانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيتتى. لېكىن ئاشۇ بىر قېتىملىق تاشلانغان تاماكا قالدۇقى ئۇنىڭ ئەس - خاتىرىسىدە قارا رەڭدە چاقناپ قالدى. ئايالىمۇ ئەمدى ئۇنىڭ خۇنسىزلىقتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزىگە قاپقارا تۈكلىرىنى يەلكىسىدە قورقۇنچلۇق شەكىلدە يەلپۈپ كېلىۋاتقان ئىككى پۇتلۇق ماشىنىدەك كۆرۈنۈپ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كېتەتتى. لېكىن ئايالى بولسا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەم ئۆزى بىكاردىن - بىكار ئۇۋالچىلىققا قېلىۋاتقاندەك نارازىلىق كەيپىياتتا ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتى. ئۇ بولسا ئىچىدىكى بىر تال قۇرتنى ياكى تېشىغا چىقىرىۋېتەلمەي ياكى يۇتۇۋېتەلمەي زەردىگۆش بولۇپ يۈرەتتى. ئۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەر قولىدا خورلانغانلىقىنى كۆپ ئاڭلايتتى. لېكىن ئەرنىڭ ئايالنىڭ قولىدا خورلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا پاتمايدىغان ئۇ خورلۇق دەل ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلدى. چۈنكى ئايالى باشقا بىر ئەرنىڭ ئاشىنىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۆزىنىڭ ئايالى باشقا بىر ئايال ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخسكە ئايلىنىپ قالغان بولسا، ھېلىقى قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىدىكى چوتكا بۇرۇت ئەر ئۆزى ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخسكە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ مانا مۇشۇ چاغدىلا ئېغىزدىن قانداقتۇر بىر غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئىسمىدەك ئاددىيلا چىقىپ كېتىدىغان بۇ ئۈچىنچى شەخس دېگەن سۆزنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدى.
شۇ كۈنى ئۇ كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلمىگەن بولسا، ئاشۇ بىر تال تاماكا قالدۇقىنى دېرىزىدىن تاشلىمىغان بولسا... ئۇ مۇشۇنداقمۇ ئويلاپ باقتى. لېكىن ئۆزى كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلمىسىمۇ يەكشەنبىنىڭ بۇ قورۇغا خۇددى بۇ شەھەرگە كىرگەندەك كىرىۋېرىدىغانلىقىدەك، بىر تال تاماكا قالدۇقىنىڭ ئاشۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ پارقىراق سىرلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسىمۇ ئۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئاھانەتنىڭ ئۇزۇن - ئىنچىكە پۇتلىرى بىلەن زېمىن يۈزىگە دەسسەۋېرىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت ئۇنىڭ ئۆزىگە سەۋەب ئىزدەپ تېپىپ چىققان خىياللىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتەتتى. بەلكىم ئۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ بۇ قورۇغا تۇنجى قېتىم كىرىشىدۇر. بەلكىم ئاخىرقى قېتىم كىرىشىدۇر ۋە بەلكىم دېرىزە بالكونىدىن تاماكا قالدۇقى تاشلانمىغان كۈنلەردىمۇ كىرىپ چىقىپ تۇرۇۋاتقاندۇر.
ئۇ ئىشقا باراتتى. ئىشتىن كېلەتتى. پۇتى يەردە، كۆزى يولدا بولغىنى بىلەن خىيالى ئايالىنىڭ ئاشۇ خىيانىتىدە ئىدى. كوچا ئاپتۇبۇس بېكەتلىرىدە يات ئەرلەر بىلەن ماشىنىغا قىستىلىشىپ چىقىۋاتقان قارا چاچلىق ئاياللارنى كۆرسىمۇ، ئادەم بىلەن لىق تولغان ماشىنا ئىچىدە بىر - بىرىگە تېگىپ تۇرغان ئۇزۇن - ئىنچىكە پۇتلارنى كۆرسىمۇ، يوللاردا پات - پات كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىلارنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە قارا بوران گۈركىرەپ كېتەتتى. ئايالى بولسا يەنىلا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ئۇنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان سوغۇق چىرايىغا ئەيمىنىش بىلەن قاراپ قويغىنىچە ئارتۇق گەپ - سۆز قىلماي ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋېرەتتى.
−− سىزگە زادى نېمە ئىش بولدى؟
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ئاخشىمى ئايالى ئۇنىڭدىن سورىدى. ئۇ كۆزىنىڭ قىرىدا ئايالىغا قارىۋېدى، كۆزىگە ئەڭ بۇرۇن ئايالىنىڭ ياستۇق ئۈستىدە يېيىلىپ تۇرغان بىر تۇتام قاپقارا چېچى سىرلىرى پارقىراپ تۇرغان ھېلىمۇ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىدەك كۆرۈنۈپ كېتىپ كۆزىنى بوشقىنە يۇمۇۋالدى.
−− نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟
ئايالى ئۇنىڭدىن يەنە سورىدى. ئۇ ئايالىنىڭ سوئالىنى يەنە جاۋابسىز قالدۇردى. راستىنى دېگەندە ئۇ ئايالىنىڭ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا ئايالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدىن ئاڭلىمىغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدەك تۇيۇلاتتى، لېكىن ئايالىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە ئاڭلاندى.
−− جان چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ گەپ قىلىڭە دەيمەن، ئادەمنىڭ ئىچىنى بۇنچىۋالا بۇرۇقتۇم قىلماي. مەندىن كۆڭۈلسىز بولۇپ قالدىڭىزمۇ - يا؟
ئايالىنىڭ ئاۋازىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى گەپلەر دۆۋىسى بوغۇزىغا يوپۇرۇلۇپ كېلەتتى - يۇ، ئاغزىدىن چىقمايلا تۈكۈرۈككە ئايلىنىپ يەنە قايتا ئىچىگە غۇرتۇلداپ كىرىپ كېتەتتى. چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى ئەمەس، بەلكى ئايالىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيتتى. راستىنى دېگەندە ئۇنى ئايالى بىلەن بىر ئۆيدە ساقلاپ كېلىۋاتقان نەرسە دەل ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىپ بوغۇزىغا كېلىپ، ئاغزىدىن چىقمايۋاتقان ئاشۇ بىر ئېغىزلا گەپ ئىدى. ئەگەر ئۇ ئايالىغا ئۆزىنىڭ ھېلىقى كۈنى كۆرگەنلىرىنى ئاغزىدىن چىقىرىۋەتسىلا چوقۇم ئاخىرقى بىر تاللاشقا دۇچ كېلەتتى. يەنى ياكى خورلۇقنى ئىچىگە پاتۇرۇۋېتىپ ئايالى بىلەن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ياشاۋېرىشنى ياكى ئايالى بىلەن دەرھاللا ئاجرىشىپ كېتىشنى تاللىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندا ھېكايىدىكى بۇنداق ئىشلار ئۇنىڭغا ئۇنچە تەسىر قىلىپ كەتمىگەنىدى. شۇڭا گاھىدا ئۇ ھېكايىدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئورنىدا ھۆكۈممۇ چىقىرىۋېتەتتى. ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلغان ئۇنداق ئايال بىلەن بىرگە بولۇش بىر ئەرنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى قۇرتتەك يەپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇنداق ئايالنىڭ كەشىنى ئىسسىقىدىلا ئۆزىنىڭ يولىغا توغرىلاپ قويۇش كېرەك ئىدى. لېكىن ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن ئەرنىڭ ھەسرەت چېكىشى، ئارىسالدى بولۇشى، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشى، ھەتتا بىر ئۆمۈر كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان نەرسىنى بىلمەسلىككە سېلىپ يۈرۈشىدەك بىنورمال روھىي پىسخىكىسى ئۇنىڭغا خۇددى يالغاندەكلا تۇيۇلاتتى. لېكىن ئاشۇ بىر تال تاماكا قالدۇقىنىڭ قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ پارقىراق سىرى ئۈستىگە چۈشۈپ قېلىشىدەك ئاددىيلا بىر ۋەقە بىلەن ئۆزى ئاشۇ ھېكايىلەردىكى بىنورمال پېرسوناژلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇش جەريانىدا باش پېرسوناژلارنىڭ ئورنىدا قىينالمايلا ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىۋەتكىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ رېئاللىقىدىكى ھۆكۈمىنى چىقىرىشتا جېنى تۇمشۇقىغىلا كېلىپ قالدى ۋە ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ باش پېرسوناژلاردەك ھەسرەت چەكتى، ئارىسالدى بولدى ۋە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇ چاغدىلا ئۇ ھېكايە يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى كۆزىتىش سالمىقىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا تولىمۇ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى ئوخشاش بىر نەرسىگە ئۆزى بىلەن ھېكايە يازغۇچىنىڭ قارىشىدا زور پەرق بار بولۇپ، ئۇ ھېكايىدىكى پېرسوناژنىڭ تەقدىرىنى ھېسسىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ قىينالمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بىلەن، ھېكايە يازغۇچى ھەم ھېسسىيات، ھەم ئەقىل نۇقتىسىدا تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلاتتى. شۇڭا ھېكايە يازغۇچى ھامان سەنئەتكار، ئۆزى بولسا ھامان ئوقۇرمەنلىك سۈپىتى بىلەن سۈپەتلىنەتتى.
ئاسماندىكى تولۇن ئاينىڭ سۈت رەڭ نۇرىدا سۇس يورۇپ تۇرغان ياستۇقتىكى قويۇق قارا چاچلارنىڭ ئۈستىدە ياتقان ئايالى تېخىچە ئۇنىڭغا قاراپ ياتاتتى. قارىماققا ئ−ايالى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشىگە، قوپال، ئەمما ھاياجانلىق بارماقلىرىدا قويۇق قارا چاچلىرىنى سىلىشىغا تەلپۈنۈۋاتقاندەك قىلاتتى.
−− مېنى ئارامىمدا قوي!
ئۇ بىر ھازادىن كېيىن شۇنداق دېدى. ئاۋازى تولىمۇ بوش چىققان بىلەن تەلەپپۇزى يەنىلا زەردىلىك ئىدى. ئايالى بولسا ئۇنىڭ زەردىسىگە مېھرى بىلەن جاۋاب بەرمەكچى بولغاندەك ئىسسىق، يۇمشاق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى. ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچى مۇزلاپ كەتكەن بولۇپ، ئايالىنىڭ تېنى بۇ سوغۇقلۇقتىن شۈركۈنۈپ كەتتى.
−− بىر يېرىڭىز ئاغرىمدۇ؟
ئايالى يەنە سورىدى.
−− ياق !
ئايالى ئۇنىڭ قىسقا جاۋابلىرىدىن ھېچنېمىنى ھېس قىلالماي ئىسسىق، يۇمشاق قوللىرى ئارىسىدىكى ئۇ سوغۇق بارماقلارنى ئاستا تارتىپ قورسىقىغا قويۇۋېدى، شۇ ھامان ئۇنىڭ ئالىقىنىغا يېنىك تەۋرىنىش ئۇرۇلدى. بۇ يېنىك تەۋرىنىش ئۇنىڭ تەن قەپىسىنى بىردەمدىلا لەرزىگە كەلتۈردى.
−− سەزدىڭىزمۇ؟
ئايالى يەنە سورىدى. شۇ تاپتا ئايالىنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر يېقىملىق بولۇپ، بۇ يېقىملىق ئاۋاز ئۇنىڭ مېڭىسىدە بىر نەچچە قېتىم ئەكس سادا ياڭرىتىپ ئاستا - ئاستا غايىب بولۇپ كەتتى.
−− تېپىۋاتىدۇ!
ئايالىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كۆزىگە سۇس ياش كەلدى. ئەمما كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئۇنىڭ كۆزىدىكى بۇ سۇس ياش تۇمانلىرىنى يوشۇرۇپ قالماقتا ئىدى.
−− دىق−قەت قىلىڭە، يەنە تېپىۋاتىدۇ. سىزدەكلا كەپسىز بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى يېنىك تەۋرىنىش ئۇنىڭ ئالىقىنىغا پات - پات ئۇرۇلماقتا ئىدى. شۇ ھامان ئۇنىڭ قوللىرى ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى يېنىك تەۋرىنىش پەيدا بولۇۋاتقان ئورۇننى مېھرى بىلەن سىلاشقا باشلىدى. ئەمما ئۇ ئىچىدە مەن بۇ ئايالنىڭ بەدىنىنى ئەمەس، بەلكى بۇ بەدەن ئىچىدىكى كىچىككىنە جاننى سىلاۋاتىمەن دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ بۇ مېھىرلىك سىلاشلىرىدا بولسا ھەم ئاتىلىق مۇھەببەت، ھەم ئەرلىك نەپرەتمۇ بار ئىدى...
ئۇ ئايالى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى بىللە ئولتۇرۇپ قىلمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ كەتكەنىدى. بۈگۈنمۇ ئۇ ئايالىنىڭ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتكەن ئاۋازى ئاڭلانغاندىلا يالغاندىن يۇمۇۋالغان كۆزلىرىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى. ئاندىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ شوراشقا باشلىدى. ئىشىك يېنىدىكى ئاسقۇدا بولسا ئايالىنىڭ خىزمەت سومكىسى ئېسىقلىق تۇرغان بولۇپ، قارىماققا ئايالى ئۇنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭ نۇرلىرى دېرىزە ئەينىكىدە پارلاپ تۇراتتى. ئۇ ئىچ كىيىمى بىلەنلا دېرىزە ئالدىغا كەلدى. كەلدى - يۇ، 6 - قەۋەتنىڭ ئاستىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئالىقانچىلىك مەيداندا تۇرغان ھېلىقى قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىغا كۆزى چۈشۈپ كۆز قارىچۇقلىرى ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك چەكچىيىپ كەتتى. ئۇ قولىدا كۆكۈچ ئىس چىقىپ تۇرغان تاماكىسىنى چېكىشنىمۇ ئۇنتۇغىنىچە تۇرۇپ قالدى. بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى بولسا خورلۇقتىن بىر كېرىلىپ بىر تارىيىپ تۇراتتى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە ئايالىنىڭ ئاھانەتلىك شەكلى كۆرۈندى. ئايالى ئۇدۇللا قارا رەڭلىك كادى−لاك ماشىنىغا خۇددى ئ−ۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك كىرىپ كەتتى. ماشىنا بولسا شۇئان ئورنىدىن قوزغىلىپ قورۇدىن غۇيۇلداپلا چىقىپ كەتتى. ئۇ دېرىزە ئالدىدا خۇددى جېنى چىقىپ كەتكەندەك تۇراتتى. روھى، ئەرلىك غۇرۇرى بولسا ئاشۇ قارا رەڭلىك ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىدا خەستەك يانجىلاتتى، كۆز ئالدىدا بولسا ئاشۇ چوتكا بۇرۇت ئەرنىڭ چىرايى شەكىل ئۆزگەرتىپ ھەر خىل سىياقلاردا نامايان بولاتتى.
−− سەن بىر يارىماس ئەر.
−− سەن ئۇ خوتۇننىڭ دەپسەندىسى.
−− سېنىڭ مەززە قىلىپ شوراۋاتقىنىڭ بىر پارچە ھارام گۆش.
−− ئۇنىڭ قارنىدىكى بالا سېنىڭ ئەمەس.
−− سەن بۇ شەھەردىكى يۇمشاق باش ئەرنىڭ ئۈلگىسى.
−− ئاھانەتلىك ھاياتتىن شەرەپلىك ئۆلۈم ئەلا.
−− خورلۇققا يىقىلغۇچە يەرگە يىقىل...
قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقى، كىمنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان قىيا - چىيا ئاۋازلار ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە گۈلدۈرمامىدەك ياڭرايتتى. ئاچچىق بىر ئاغرىق بولسا يۈرىكىگە شىددەت بىلەن ئاقاتتى. خىيالىدا بولسا چوتكا بۇرۇت بىر ھامىلە ئايالىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ ئۇنى تېپىۋاتقاندەك غەيرىي سېزىم دولقۇنلايتتى. كۆز ئالدىدىكى بوشلۇق بولسا ئىككى يانغا توختىماي تەۋرەيتتى. دېرىزە كۆزنىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىنا بىلەن بولغان بۇ شەھەر ھېلىلا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەك لەپەڭشىيتتى. تۇرۇپلا ئۇ بەدىنىدە ماغدۇر قالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدى - يۇ، ئەمما ئۆزىنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلمىدى. ئۆينىڭ تورۇسلىرى، چىرايلىق زىننەتلەنگەن تاملىرى ئۇنىڭغا قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بارماقلىرى ئارىسىدىن سىيرىلىپ پولغا چۈشۈپ كەتكەن تاماكىدىن سۇس ئىس چىقىپ تۇراتتى. تۇيۇقسىزلا ئۇ ئۆزىنى قانداقتۇر بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ھېس قىلدى ۋە ئاشۇ ئاخىرقى تۇيغۇ بىلەن تەڭ تاماكا ئىسى لەيلەپ ئۆرلەپ تۇرغان پولغا ماغدۇرسىز ھالدا يىقىلدى. ئەمدى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىكى شاۋقۇن - سۈرەنلىك ئاۋازلارمۇ، يۈرىكىدىكى ئاھانەتلىك ئاغرىقلارمۇ يوقالغان بولۇپ، پەقەت نۇرى قالمىغان كۆزلىرىلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئىپادىسىز بىر ھالەتتە چەكچىيىپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئالەم سۈكۈت قوينىغا چۆمگەن بولۇپ، ئاۋاز دېگەن نەرسە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن يوقاتقانىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ غۇۋا يورۇپ تۇرغان كۆزى تۇيۇقسىزلا ئېچىلغان ئىشىككە كېسەل قوينىڭ كۆزىدەك مەنىسىزلىك بىلەن تىكىلدى. ئىشىكنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆزى كۆرمىگەن ھالەتتە ئاچقۇچ ياكى قۇلۇپنىڭ شىرىقلىغان ئاۋازىنىمۇ، ئۆيگە كىرگەن ئادەمنىڭ قەدەم تىۋىشىنىمۇ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ئاڭلاش سېزىمى ھېس قىلمىغانىدى. ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزىگە ئەڭ بۇرۇن كۆرۈنگىنى قويۇق قارا چاچلار ئارىسىدىكى تونۇش چىراي بولدى. ئۇ بۇ چىراينى تونۇغان بولۇپ، بۇ چىراي ئۇنىڭ ئايالى ئىدى. ئايالى ئۆيگە كىرىپلا پولدا ياتقان ئېرىنى كۆرۈپ دەسلەپ كۆزلىرى قورقۇنچتىن پىيالىدەك كېرىلىپ كەتتى. ئارقىدىن چىرايى بۇزۇلغان ھالدا ۋارقىراپ كەتتى. ئۇ ئايالىنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىيالمىسىمۇ ئايالىنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە ئاغزىنىڭ يوغان كېرىلىشىدىن ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئايالى قولىدىكى سومكىنى يەرگە تاشلىغىنىچە ئۇدۇللا دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ سىرتقا بويۇنداپ قارىغىنىچە ۋارقىراپ، قوللىرىنى قالايمىقان شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرەتتى. ئاندىن يەردە تىرىكلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرغان كۆزى بىلەن ئۆزىگە مەنىسىزلەرچە قاراپ ياتقان ئېرىنىڭ سېزىمسىز تېنىنى قۇچاقلاپ، ئېرىنىڭ بېشىنى كۆكسىگە باسقىنىچە يىغلاپ كەتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى ئۇ پەقەت ھېس قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئىچكى سېزىمى بويىچە بولغاندا نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئۆيگە يەنە بىر ئادەم كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئۆيگە كىرىپ كەلگەن بۇ چوتكا بۇرۇت ئادەمنىمۇ دەرھاللا تونۇپ ئۈلگۈردى. شۇ ھامان ئۇنىڭ نۇرسىز كۆز ئالدىدا ئاشۇ نەس باسقۇر يەكشەنبە كۈنى قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنا ئەينىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرغان چىراي ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئاشۇ نەس باسقۇر قارا رەڭگە شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىكى، قارا رەڭ ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا خۇددى چېكى يوق خورلۇقتەك چاقناپ تۇراتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بارماقلىرىغا سانسىز قېتىم لەززەت - ھۇزۇر ئاتا قىلغان ئايالىنىڭ قارا چاچلىرىمۇ ئەمدى ئۇنىڭ يۈزىدە قاپقارا يىلانلاردەك سويلايتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ قارا رەڭنىڭ تولۇق قورشاۋىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ بۇ قارا رەڭ ئىچىدە قىسىلاتتى، سىقىلاتتى. شۇڭا ئۇ بۇ قارا رەڭ ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كېتىشكە تىرىشاتتى. لېكىن ئۇ قارا رەڭدىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئىستىكىدە ھەر بىر قېتىم تېپىرلىغاندا قارا رەڭ ئۆزىنىڭ قارا رەڭلىك دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ ئۇنىڭ تېنىنى كىچىككىنە بىر قاراڭغۇ بوشلۇقتا يەنىمۇ يىگىلىتىپ تاشلايتتى.
ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىككى ئاھانەت چىراي شەكلىگە ئىپادىسىز ھالەتتە قاراپ ياتقىنىچە خىيال قىلاتتى. ئايالى بولسا ئۆزىنى تۇتالماي ياش تۆكەتتى. چوتكا بۇرۇت بولسا دەرھاللا ئۇنى كۆتۈرۈپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. بۇ ھال ئۇنىڭغا خۇددى ئايالى بىلەن چوتكا بۇرۇت ئۇنى يىراق بىر يەرگە تاشلىۋەتكىلى ئېلىپ ماڭغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، شۇ ھامان ئۇنىڭ غۇۋا ئېڭىدە ساقلىنىپ قالغان ئاشۇ نەس باسقۇر يەكشەنبە كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىرىپ باشقىچە بىر كۆرۈنۈشلەر بوراندىكى يالتىراق پارچىلىرىدەك قالايمىقان ئۇچۇشقا باشلىدى.
بۇ قالايمىقان كۆرۈنۈشلەردە بىر تال تاماكا دېرىزە يېنىدا تۇرغان بولۇپ، تاماكىنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇ قىستۇرۇقلۇق ھالەتتە تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىدىن كۆكۈچ ئىسلار يىلاندەك تولغىنىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، دېرىزە يېنىدا تۇرغان تاماكا ئۇنى قېلىن كالپۇكلىرىنىڭ ئارىسىغا باسقىنىچە چەكمەكتە ئىدى. بىر پەستىن كېيىن دېرىزە يېنىدا تۇرغان تاماكا ئۇنى باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا ئەپچىللىك بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سىرتقا پىرقىرىتىپ تاشلىدى. ئۇ بوشلۇققا بىر نەچچە غۇلاچ ئۆرلەپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن تۆۋەنگە قاراپ لەيلەپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ 6 - قەۋەتتىن لەيلەپ چۈشكىنىچە قورۇ ئىچىگە كىرىپ توختىغان چىرايلىق بىر قارا رەڭلىك كادىلاك ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە چۈشۈپ، ئارقىدىن سىرلىرى پارقىراپ تۇرغان سىلىق تۆمۈر پارچىسى ئۈستىدىن سىيرىلگىنىچە يەرگە چۈشۈپ كەتتى...
چوتكا بۇرۇت ئۇنى كۆتۈرگىنىچە پەلەمپەيلەردىن تۆۋەنلەپ چۈشمەكتە ئىدى. ئايالى بولسا چوتكا بۇرۇتنىڭ ئارقىسىدىن تاپ بېسىپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇ چوتكا بۇرۇتنىڭ ئاھانەتلىك قولىدا كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بېرىپ ئاشۇ نەس باسقۇر قارا يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تاماكا قالدۇقىغا ئايلىنىپ 6 - قەۋەتتىن يەرگە تاشلىنىپ كەتكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدى ۋە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى...
ئۈچ كۈنلۈك جىددىي قۇتقۇزۇشتىن كېيىن ئۇ ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ھوشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىپلا كۆرگىنى كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئايالى بىلەن يەنە شۇ چوتكا بۇرۇت ئەر بولدى.
−− ئۇ ھوشىغا كەلدى!
بۇ كېسەل كارىۋىتى يېنىدىكى چوتكا بۇرۇت ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئاڭغىچە ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قولىنى يۈزلىرىگە يېقىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ بولسا شۇ تاپتا بۇ چوتكا بۇرۇت ئەرنىمۇ، يىغلاۋاتقان ئايالىنىمۇ كۆرگۈسى يوق ئىدى. ئىچىدە بولسا دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئايالى بىلەن رەسمىي يوسۇندا ئاجرىشىپ، بۇ ئاھانەتلىك تىراگېدىيەنى تولۇق ئاياغلاشتۇرۇشنى نىيەت قىلدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئىككى ئاھانەتلىك چىراينى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئۈچ كۈندە ئاران ئېچىلغان كۆزىنى يەنە قايتىدىن بوشقىنە يۇمۇۋالدى. لېكىن كۆزىنى يۇمۇۋېلىش مۇمكىن بولغىنى بىلەن ئاڭلاش سەزگۈسىنى يۇمۇۋېلىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئايالى بىلەن چوتكا بۇرۇت ئەرنىڭ قىسقىغىنە سۆھبىتىنى ئاڭلاپ ياتتى.
−− ئەمدى كەتسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئايالنىڭ ئاۋازى ئىدى.
−− بولىدۇ، ئەمىسە ئىش بولسا تېلېفون قىلىڭ ئىدارە باشلىقى.
بۇ چوتكا بۇرۇت ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى. دىيالوگ داۋاملاشماقتا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا پەقەت ئىككىلا تاۋۇش ئەكس سادا چىقىرىپ ياڭراپ تۇراتتى.
چوتكا بۇرۇت... ئىدارە باشلىقى.
ئىدارە باشلىقى... چوتكا بۇرۇت.
شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان تىراگېدىيەنىڭ يېشىمىنى تۇيۇقسىزلا تاپقاندەك بولدى. چۈنكى چوتكا بۇرۇت بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى قىسقىغىنە دىيالوگتىن مەلۇم بولدىكى، ئايالى ئىدارە باشلىقى، چوتكا بۇرۇت بولسا ئايالىنىڭ شوپۇرى ئىدى. ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىدارە باشلىقى بولغىنىنى بىلمىگىنىدەك، چوتكا بۇرۇتنىڭمۇ ئايالىنىڭ خاس شوپۇرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىگەنىدى.
بىرئازدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئايالىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
−− قانداق تۇرىسىز؟
ئۇ ياش بىلەن لىق تولغان كۆزىنى ئاچتى. ئايالى ئۇنىڭ يېنىدا مەڭزىدىكى ياش تامچىسىنى سۈرتكىنىچە تۇراتتى.
−− ياخشى.
ئۇ ئارانلا شۇنداق دېيەلىدى. ئايالى يۇمشاق ۋە ئىسسىق بارماقلىرى بىلەن ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن چېكە چاچلىرىنى تۈزەشتۈرگەچ يەنە سورىدى:
−− سىزگە زادى نېمە بولدى؟
ئايالىنىڭ سوئالى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق سۆزلەر باھار قۇشلىرىدەك پەرۋاز قىلىپ ب−وغۇزىغا كەلدى. ئەمما ئۇ دەرھاللا بوغۇزىغا كېلىپ قالغان سۆزلەر دۆۋىسىنى يەنە قايتا ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ:
−− ھېچنېمە، −− دېدى سۇس كۈلۈمسىرەپ.
ئۇ ئايالىنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن چىرايلىق قوي كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ بوغۇزىدىكى سۆزلەرنى يەنە بىر قېتىم ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. بىراق بوغۇزىدىكى سۆزنى ئىككىنچى قېتىم ئىچىگە يۇتۇۋېتىش بىلەن ئۆزىنى بۇرۇنقى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئۇ قويۇق، قارا چاچلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى كېچە كۆكسىدىكى تولۇن ئايدەك كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئايالىغا قاراپ جاۋاب ئورنىدا سورىدى.
−− ئۇ يەنە تېپىۋاتامدۇ؟
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------