ئالىپ ئەر تۇڭا داستانى
يوللانغان ۋاقتى:18-02-2012
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 5 پارچە
ئالىپ ئەر تۇڭا داستانى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئابلىكىم مۇھەممەت ئىران پادىشاھى مەنۇ چىھرەىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خەۋرىنى ئالغان تۇر
ئالىپ ئەر تۇڭا داستانى
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئابلىكىم مۇھەممەت
ئىران پادىشاھى مەنۇ چىھرەىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خەۋرىنى ئالغان تۇران پادىشاھى پەسەڭ،ئىرانلىقلارغا ئۇرۇش ئاچماق ئۈچۈن تۈرك ئۇلۇسلىرىنى توپلىدى:«ئىرانلىقلارنىڭ بىزگە قىلغانلىرىنى قايتۇرىمىز،تۈركلەرنىڭ ئۆچىنى ئالىدىغان زامان كەلدى»دېدى.
ئوغلى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئىچىدە قانلىرى قاينىدى.دادىسىغا"«مەن ئارسىلانلار بىلەنمۇ سوقۇشالايمەن،ئىراندىن ئۆچ ئالايلى»دېدى.
ئۇنىڭ بويى چىناردەك،كۆكرىكى ۋەقوللىرى ئارسىلاننىڭكىدەك ،پىل كەبىي كۈچلۈك ئىدى،تىلى ئۆتكۈر قىلىچ كەبىي ئىدى.ئۇرۇش ھازىرلىقلىرى تەييارلىنىۋاتقاندا تۈرك شاھىنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئالىپ ئارىز سارايغا كېلىپ دادىسىغا:«داەا!سەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈكىسەن،مەنۇچېھرە ئۆلدى،ئەمما ئىران ئوردىسىدا بۈيۈك قەھرىمانلار بار. ئىسيان قىلمايلى،ئۇنداق قىلساق ۋەتىنىمىز خاراپ بولار»دېدى.
پەشەڭ ئوغلىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن مۇنداق دېدى:«ئالىپ ئەر تۇڭا بىرئارسىلان ،ئۇرۇشقا ئۆزىنى ئاتىدۇ،باھادىر بىر تىمساھتۇر،ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆچىنى ئالماقچى،سەن ئۇنىڭ بىلەن بىردەك بول.تۈزلەڭدە ئوتلار ياشارغاندا «ئامۇل»(ئامۇ دەرياسى دىمەكچى بولسا كىرەك)غا يۈرۈش قىلىمىز.ئىران ئاتلىرىنى يەر چىشلىتىپ،سۇلىرىنى قانغا بويايمىز.»
باھاردا تۈرك ئوردىسى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ بۇيرۇغى ئاستىدا ئىرانغا يۈرۈش قىلدى.دەھىستاندا ئىككى تەرەپ قارشىلاشتى.
تۈرك قەھرىمانلىرىدىن بارمان ئىرانلىقلار تەرەپكە ئىلگىرلەپ كەلدى.ئىران قوماندانى ئوردىسىنىلا باقتى.ياشلاردىن ھېچكىم قارشى چىقالمىدى.يالغۇز قۇمانداننىڭ قېرىندىشى قۇبادلا مەيدانغا چىقتى،ئۇ قېرىغان ئىدى.قېرىندىشى ئۇنىڭغا:«بارمان ياش،ئارسىلان يۈرەكلىكدۇر.
بۇ كۈنگە قەدەر يېڭىلىپ باقمىدى،سەن ياشاندىڭ،قان ئاق چاچلىرىڭنى قىزارىتسا يىگىتلىرىمىز جەڭ مەيدانىدىن ئۈركۈپ كىتەر».قۇباد پەقەت ئاڭلمىدى:«ئىنسان دىگەن ئوۋ،ئۆلۈم ئۇنىڭ ئوۋچىسىدۇر»دىگەندەك جەڭگە چىقتى.بارمان ئۇنىڭغا:«باشىڭنى ماڭا بېرەي دەپ كەپسەن،بىرئاز ساقلىساڭ ياخشى بولاتتى.چۈنكى سېنىڭ ھاياتىڭغا قەسىت قىلغۇم يوق ئىدى.»دېدى.
قۇباد:«مەن پانىي دۇنياغا قەدىمىمنى ئېلىپ بولغان ئادەممەن»دەپ قارشىلىق ئېتىنى دېۋىتتى.ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە جەڭ قىلدىلەر.شۇندا بارمان ئىلمەك بىلەن قۇبادنى ئېتىدىن يىقتىپ،ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ يېنىغا تاشلىدى.
بۇنى كۆرگەن ئىرانلىقلار يوپۇرۇلۇپ كەلدى،ئىككى قوشۇن قۇچاقلاشما ئۇرۇش قىلدى.جاھان كۆرمىگەن بىر ئۇرۇش بولدى.ئالىپ ئەر تۇڭا ئۈستۈن كەلدى.ئىرانلىقلار مەغلۇپ بولۇپ چېچىلىپ كەتتى.ئىران شاھى ئىككى ئوغلىنى دۆلىتىگە ئاياللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەۋەتتى.
تۈرك ۋە ئىران ئوردىلىرى ئىككى كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن ئۈچىنچى كۈنى ئالىپ ئەر تۇڭا يەنە ھۇجۇم باشلىدى.ئىران ئۇلۇغلىرى ۋە ياراملىقلىرى ئۇرۇش مەيدانىنى تولدۇردى.كېچىسى ئىرانلىقلار بۇزۇلدى.بۇنى كۆرگەن ئىران شاھى ۋە باش قۇماندانى دەھىستان قەلئەسىنى كىرىۋېلىشتى.ئالىپ ئەر تۇڭا قەلئەنى قورشاۋغا ئالدى.ئىران شاھى قەلئەنى تاشلاپ ماڭغاندا ئالىپ ئەر تۇڭا ئۇنىڭ ئارقىسدىن كېلىپ تۇتقۇنلۇققا ئالدى.
ئىران ئاپتاۋى كابۇل ئۆلكىسىنىڭ شاھى مەشھۇر قەھرىمان زال ئىرانلىقلارغا ياردەمگە كەلدى.بۈيۈك ئۇرۇشلار ئېلىپ بېرىپ تۈرك قوشۇنلىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى.بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئالىپ ئەرتۇڭا تۇتقۇنلىقتىكى ئىران شاھىنى قىلىچ ئۇرۇپ ئۆلتۈردى،باشقا ئەسىرلەرنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
لېكىن ئىنىسى ئالىپ ئارىز ئۇنى توستى.تۇتقۇنلار سارىدا قاماقتا تۇردى.ئۆزى دەھىستاندا رەيگە كېلىپ ئىران تاجىنى تاقاپ،ئىران مەملىكىتىنىڭ شاھى بولدى. سارىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغىنى ئۈچۈن ئالىپ ئارىزنى ئۆلتۈردى.
ئىران تەختىدە زەۋ گەشىت ئولتۇرغاندا ئىككى ئوردا يەنە قارشىىلشىپ بەش ئاي ئۇرۇش قىلدى.ئوتتۇرىدا ئاچارچىلىق بولدى.شۇنىڭدىن كېيىن كېلىشىم تۈزۈپ يارىشىپ قالدى.ئىراننىڭ شىمالىي ئۆلكىلىرى تۇراننىڭ بولدى.
لېكىن ئۆلۈمدىن قورقماس ئالىپ ئەرتۇڭا ئىرانغا يەنە يۈرۈش قىلدى.ئىنىسى ئالىپ ئارىزنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن دادىسى ئۇنىڭدىن ئاغرىناتتى.يېڭى ئىران شاھى ئۆلۈپ ئىران تەختى يەنە بوش قالغاچقىلا تۇران شاھى پەشەڭ ئوغلى ئالىپ ئەر تۇڭاغا خەۋەر بېرىپ،جەيخۇننى كېچىپ ئىران تەختىدە ئولتۇرغۇسى بارلىقنى بىلدۈردى.ئىرانلىقلار تۈرك قوشۇنىنىڭ كەلگىنىنى بىلىشىپ،قورققىنىچە زالغا باش ئۇردى.زال كۈچىدىن قالغىنىنى چۈشەندۈرۈپ ئوغلى رۇستەمنى ئەۋەتتى.ئىككى قوشۇن ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا رۇستەم تۈركلەرگە يېڭىلگەن كەيقۇبادنى ئىران تەختىگە چىقاردى.
ئەسلى ئوردىسىدىكى ئۇرۇشتا رۇستەم ئالىپ ئەر تۇڭا بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىپ قالدى.ئالىپ ئەرتۇڭانى يېنىدىكى تۈرك قەھرىمانلىرى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.رۇستەم بىر ھەمىلە بىلەن 1600تۈرك باھادىرىنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن تۈركلەر يېڭىلدى. ئىرانلىقلار جەيخۇندىن ئۆتتى.ئالىپ ئەرتۇڭا ئاتىسىنىڭ يېنىغا چېكىندى.ئاتىسى بارىش شەھرىدە ئىدى.تېنىچلىق بولدى.
ئىران تەختىگە كەيكاۋۇس ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەرەپلەر ئىسيان كۆتۈردى.غالىپ كەلگەن كەيكاۋۇس بىر زىياپەتتە بىھۇش قىلىنىپ باغلاندى.بۇ خەۋەر ئىران رەقىبلىرىنى شات ئەتتى.ئالىپ ئەر توڭا بۈيۈك ئارزۇلار بىلەن ئەرەپلەرگە ئاتلىنىشتىن ۋاز كەچتى.تۈرك قوشۇنى ئىران يايلاقلىرىدا تۇتقۇن تۇتۇشقا باشلىدى.ئىرانلىقلار يەنە زالدىن ياردەم ئىستىدى.
زال ئەرەپلەرگە تۇتقۇن بولغان كەيكاۋۇسنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ،ئوردىسىغا كەتكەندىن كېيىن تۈركلەرگە يۈزلەندى.قانلىق بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن تۇرانلىقلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆلدى.ئالىپ ئەر تۇڭا يەنىلا قېچىپ كەتتى.
بىر كۈن ئىراننىڭ يەتتە داڭلىق پەھلىۋانى رۇستەمگە تۇرانغا بېرىپ،ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئوۋ مەيدانىدا ئوۋ ئوۋلىماقنى تەكلىپ قىلدى.سىراخس چۆرىسىدىكى بۇ ئوۋ مەيدانىغا يەتتە كۈندە كەلدىلەر.ئالىپ ئەر تۇڭا بۇنى ئاڭلاپ قوشۇن باشلاپ كەلدى. جەڭلەردە تاۋلانغان تۈرك پالۋانلىرى ئىرانلىقلاردىن ئۈستۈن كېلىپ ،تارمار قىلىشنى ئويلاپ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە،رۇستەم بۇنىڭ قارشىسىچە يەتتە پەھلىۋان بىلەن بىرلىكتە تۈرك ئوردىسىنى تەۋرەتتى.ھەتتا ئالىپ ئەر تۇڭانى تۇتۇۋېلىشقا ئازلا قالدى.
كەيكاۋۇس ئىراندا ئەيىش-ئىشرەت،ئويۇنلار بىلەن يۈرگەندە ئالىپ ئەر تۇڭا تۈرك ئاتلىرىنى ئىرانغا قاراتتى.بۇ خەۋەر كەيكاۋۇسقا يەتتى.ئوغلى سىياۋۇش بىلەن رۇستەمنى تۈركلەرگە قارشى يولغا سالدى.ىۇلار تۈرك ئالدىنقى قوشۇنلىرىنى يېڭىپ بەلىخ قەلئەسىنى ئالدى .بۇ چاغدا يامان چۈش كۆرگەن ئالىپ ئەر تۇڭا بەگلىرىنىڭ پىكرى بويىچە ئىرانلىقلار بىلەن سۈلھى تۈزدى.ئۇلارغا بارىمتاي بەردى.
بۇخارا،سەمەرقەنىد ۋە چاش شەھەرلىرىگە بېكىنىپ گاڭ شەھرىگە چېقىلدى.بۇ كېلىشىمگە رازى بولمىغان كەيكاۋۇس،رۇستەم ۋە سىياۋۇشقا ئوچۇق چىراي ئاچمىغانلىقتىن رۇستەم ئۆز ئۆلكىسىگە چېكىندى.سىياۋۇش بولسا ئالىپ ئەر تۇڭاغا بېقىندى.
تۈركلەرنىڭ پايتەختى بولغان گاڭ شەھرىگە قەدەر ئۇ ئۇلۇغ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.بۇ ئۇنى بەكلا سۆيۈندۈردى.ھەتتا تۈرك قەھرىمانىلىرىدىن پىراننىڭ قىزى بىلەن ۋە سەل كېيىنرەك ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ داڭلىق قىزى گۈزەل فەرەنگىس بىلەن ئۆيلەندى.پىراننىڭ قىزىدىن بىر ئوغۇل يۈزى كۆردى.ئېتىنى كەيخىسراۋ قويدىلەر.
بىر مۇددەتتىن كېيىن سىياۋۇشنى كۆرەلمەيدىغانلار ئۆسەك سۆزلەر بىلەن ئالىپ ئەر تۇڭا بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىىسىغا سوغۇقچىلىق سالدى.سىياۋۇش ئۆلتۈرۈلدى.بۇسەۋەپلىك رۇستەم يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى.دەسلەپكى سوقۇشتا ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئوغلى ساركا ئۆلتۈرۈلدى.بۇنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالىپ ئەر تۇڭا شەخسەن ئۆزى ياۋغا قارشى ئاتلاندى.ئىرانلىقلار يەنىلا غالىپ كېلىپ ئالىپ ئەر تۇڭانى چىن(جۇڭگو) دېڭىزىغا قەدەر قاچۇردىلەر.رۇستەم تۇرانلىقلار نەدە بولسا ئۆلتۈرۈپ.تۇراندا ئالتە يىل تۇرغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايىتتىلەر.
ئالىپ ئەر تۇڭا تۇراننىڭ ۋايران بولغىنىنى،تۈرىكلەرنىڭ ئۆلدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ قان-ياش تۆكتى.ئۆچ ئالماققا ئانىت ئىچتى.قوشۇن توپلاپ ئىرانغا كىردى.ئېكىنلارنى كۆيدۈردى.ئىرانغا ھاكىم بولدى.قەھەتچىلىكتىن ئىرانلىقلار يەتتە يىل قىرىلدى.بۇنىڭ بىلەن ئىراننى قۇتۇلدۇرماق ئۈچۈن كەيخۇسراۋ تەختكە چىقتى.كەيخۇسراۋ ئالىپ ئەر تۇڭادىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن قوشۇن توپلىدى.بىراق، بۇ قوشۇن ئالىپ ئەر تۇڭا بىلەن ئۇرۇش قىلار-قىلماستىنلا مەغلۇپ بولدى.كەيخۇسراۋ يەنە قوشۇن يىغدى.تۈركلەردىن بازۇر ئىسىملىك بىرسى بۈيۈك ياپاراك تاغلىرىغا قار ياغدۇردى.ئىرانلىقلار قوللىرىنى يەڭدىن چىقىرالمىدى،بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىران قوشۇنلىرىنى تىرە-پىرەن قىلدى.ئىرانلىقلار يەنە رۇستەمنى تېپىپ كېلىشتى.پاراسەتلىك بىلەن قىلىنغان جەڭلەردىن كېيىن،رۇستەم تۈرك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ،قوشۇندا بىللە تۇرغان چىن خاقانىنىمۇ تۇتقۇن قىلدى.
ئالىپ ئەر تۇڭا بۇ خەۋەرنى ئىشتىپ بەك ئۈمىدسىزلەندى.قالدى قوشۇننى يىغىشقا چۈشتى.بۇلار:‹‹قانداق قىلارمىز! چىن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلالىغان يەردە تۇران قوشۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس.ئانىمىز بىزنى ئۆلمەك ئۈچۈن تۇغقان ئىكەن ››دېيىشتى.
ئالىپ ئەر توڭا جەڭ ھازىرلىقىنى باشلىدى،ئوغلى شىدە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىكەن ئىدى.بۇ جەڭدە تۇران قوشۇنى تەرەپتىن چىن تاغلىرىدا تۇرىدىغان ‹‹پولاتۋەنىد››ئىسىملىك بىرسىمۇ ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلغان ئىدى.ئىران پالىۋانلىرىنى يەڭسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا رۇستەمدىن يېڭىلىپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئىككى قوشۇن قۇچاقلاشما جەڭگە چۈشتى.ئىرانلىقلار نۇسىرەت قازاندى.ئالىپ ئەر توڭا قاچتى.شۇنىڭدىن كېيىن كەيخۇسراۋ دۇنيانىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا ھاكىم بولدى.بىر كۈن سارىيىدا شاراپ ئچىپ ئولتۇرغىنىدا تۇران تەرەپتىن ئىرانلىقلار كېلىپ تۇرانلىقلاردىن ئۆزىگە زەرەر يەتكەنلىكىنى ئەرز قىلشتى.
كەيخۇسراۋ بۇ ئىشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،ئىران پالىۋانلىرىدىن بىجەننى ماڭدۇردى.بىجەن چېگرانىڭ تۇران تەرىپىدىكى بىر ئورماندا يېنىدا گۈزەل قىزلار بىلەن ئويناۋاتقان مەنىجەنى كۆردى.
مەنىجە ئالىپ ئەر توڭانىڭ قىزى ئىدى.بىر-بىرلىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشتى.مەنىجە ئۇنى تۇرانغا ،سارىيغا ئېلىپ كەلدى.ئالىپ ئەر توڭا بۇنى ئۇقۇپ بەكلا غەزەپلىنىپ، بىجەننى قاماپ قويدى.قىزىنىمۇ ئوردىدىن ھەيدىۋەتتى.ئىران پادىشاھى ياش سەركەردىسىنىڭ قايتمىغانلىقىنى كۆرۈپ،يەنە رۇستەمنى ئەۋەتتى.
رۇستەم سودىگەر قىياپىتىدە تۈرك پايتەختىگە قەدەر كەلدى.بىجەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ سارىيىنى باسقۇن قىلىپ،ئۇنى قاچۇرۇپ،مەنىجەنىمۇ ئىرانغا ئېلىپ كەتتى.
ئالىپ ئەر تۇڭا بولسا يېڭىدىن قوشۇن يىغىشقا باشلىدى.ئىران قوشۇنىنىڭ ئارقىسىدا بىستۇن تېغى بار ئىدى .رۇستەمنىڭ سايىسىدا ئىرانلىقلار يەنە غالىپ كەلدى.ئالىپ ئەر توڭا قارلۇققا قەدەر قاچتى.بەگلىرىگە دېدىكى:‹‹مەن دۇنيادا بۇيرۇقۇمنىمۇ ئۆتكۈزدۈم.مەنۇ چېھرە زامانىدا ئىران تۇرانغا تىك قارىيالمايىتتى.ھالبۇكى بۈگۈنگە كەلگەندە ھاياتىمنى سارىيىمدا ئىرانلىقلار نىڭ تەھدىتى بىلەن ئۆتكۈزمەكتىمەن.ياخشىراق ئۆچ ئالمىسام بولمايدۇ.
مىڭ يەردە مىڭ بىر تۈرك ۋە چىن قوشۇنى بىلەن يۈرۈش قىلايلى››دەپ قوشۇن توپلاشقا باشلىدى.ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆزى قاتناشقان تۈنجى ئۇرۇشتىلا ئىرانلىقلار غالىپ كەلدى.ئىران پادىشاھى ئەسلى ئالىپ ئەرتوڭانى تولۇق يوقاتماقچى بولۇپ،يېڭىدىن ھەر تەرەپتىن قوشۇن توپلاشقا باشلىدى.مىڭ يەردە مىڭبىر قوشۇنىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى توپلىيالىدى.‹‹بايكەنىد››شەھرىدە تۇردى.قارارگاھىدا بارس(يولۋاس)تېرىسىدىن قىلىنغان چىدىرلار بار ئىدى. ئۆزى ئالتۇن ۋە مەرۋايىتلار بىلەن بىزەلگەن تەخىت ئۈستىدە ئىدى.قارارگاھى ئالدىدا نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلىرىنىڭ بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇراتتى.
ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان قوشۇننىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى تۇيۇپ ئارقىدىكلەر ساراسىمىگە چۈشتىيۇ،ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشتى.ئوغلى قاراخانغا قوشۇنىنىڭ يېرىمنى بېرىپ بۇخاراغا قايىتتى.ئوغۇللىرىدىن شىدە(ئەسلى ئىسمى پەشەڭ ئىدى)،سەخەن،ئافراسىياب، گىردىگىر ۋە ئوغلى ئىلەنىڭ ئوغلى گۈھەيلە بۇ قوشۇندا بار ئىدى.چىگىل،تاراز،ئوغۇز،قارلۇق ۋە تۈركمەنلەر قوشۇننىڭ ئاساسى ئىدى.ئىككى قوشۇن جەڭگە چۈشۈشى بىلەن باشتىلا ئىران پادىشاھى كەيخۇسراۋ بىلەن ئالىپ ئەر توڭانىڭ ئوغلى شىدە يەكمۇ-يەك ئېلىشتى.شىدە ئۆلدى.ئالىپ ئەر توڭا ئاڭلاپ چاچلىرىنى يۇلدى.ئەتىسى ئىككى قوشۇن كەچكە قەدەر سوقۇشۇپ ئايرىلىشتى.يەنە كېيىنكى كۈنى سوقۇش قىلدى.ئالىپ ئەر توڭا نەرە تارتقىنىچە ھۇجۇم قىلىپ،ئىراننىڭ بۈيۈك پالۋانلىرىدىن بىر قانچىسىنى ئۆلتۈردى.كەيخۇسراۋ بىلەن ئالىپ ئەرتوڭا ئۇدۇلۇم-ئۇدۇل كېلىپ قالدى.
تۇران پالىۋانلىرى ئۇنىڭ ئىران پادىشاھى بىلەن جەڭ قىلىشىنى خالىماي ئېتىنى تىزگىنىدىن تۇتۇپ دۈمبىسىگە ئالدى.ئۇ كىچە ئالىپ ئەر توڭا قوشۇنىنى ئېلىپ سەيخۇننىڭ بېشىنى كەچتى.
قاراخاننىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ بۇخاراغا كەلدى.بىرئاز ھاردۇق چىقاردى.كېيىن پايتەختى بولغان گاڭغا كەلدى.بۇ شەھەر جەننەت كەبىي ئىدى.تۇپرىقى مىس،تاغلىرى ئالتۇندىن ئىدى.ھەر يەردىن قوشۇنلار يىغدى.بۇ ئارىلىقتا جاسۇسلىرى كەيخۇسراۋ جەيھۇندىن كەچتى دەپ ئۇقتۇرۇشتى.كەيخۇسراۋنىڭ ئالدىنقى قوشۇنى سوغدىغا كەلدى.بىر ئاي تۇرۇپ دەم ئېلىۋېلىپ يەنە ئىلگىرلىدى.
تۈركلەر ئىرانلىقلارغا سۇ بەرمىدى،قوشۇنلارنىڭ ئارقىدا يالغۇز قالغان ئىرانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشتى.كەيخۇسراۋمۇ ئالدىغا ئۇچرىغان ساراي،قوي-پادا،ئەر-ئاياللارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈپ ماڭدى.ئىككى قوشۇن گۈلزارىيۇن دەرياسى بويىدا روبىرو بولدى.بىر-بىرىنى كۆرۈشتى.ئالىپ ئەر توڭانىڭ قوشۇنىدىن كەيخۇسراۋ قورقۇشقا باشلىدى.قوشۇنىنى ئارقىسىغا چېكىنىپ تەڭرىگە يالۋۇردى. شۇ ھامان بوران چىقىپ،چاڭ-توزانلارنى تۇران قوشۇنى تەرەپكە ئۇچۇرۇشقا باشلىدى.تۈركلەر سېپى بۇزۇلدى.لېكىن ئالىپ ئەر توڭا قاچماقچى بولغانلارنى ئۆلتۈرۈش پەرمانى چىقاردى.ئۇلار ئۆرۈلۈپ سوقۇشتى.كىچە كەلگەندە ئىككى قوشۇن ئايرىلدى.
ئالىپ ئەر توڭا ئەتىسى يەنە ئېلىشتى . ھالبۇكى ئۆزىگە كەلگەن خەۋەرچىسىدىن ئوغلى قاراخاننىڭ قوغۇنىدىن يالغۇز قاراخانلا ساق قالغانغىنىنى ئاڭلىدى.بۇنىڭ بىلەن ھەسرەتلىرىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تېزلا چۆل تەرەپكە ئېتىلدى.رۇستەمگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى.كەيخۇسراۋ بۇنى رۇستەمگە بىلدۈرۈپ،ئۆزى ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى.ئالىپ ئەرتوڭا گاڭغا كېلىپ رۇستەمنى باسقىن قىلىشنى ئويلىسىمۇ ئۇنىڭ ھۇشيار تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ ۋاز كەچتى. ۋە شەھەرگە كىردى.
بۇ قارابالىق شەھرى قەلئەسى شۇ قەدەر ئېگىزدە ئىدىكى ئۈستىدىن بۈركۈتمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيىتتى.ئىچىدە يىمەك-ئىچمەك مول،ھەر تەرىپىدە بۇلاقلار،كۆللەر بار ئىدى.كۆللەرنىڭ كەڭلىكى بىر ئوق يېتىم كىلەتتى. گۈزەل باغچىلىرى،سارايلىرىمۇ ئايرىم بىر جەننەت ئىدى.ئالىپ ئەر توڭا قوشۇنى گاڭدا قورشىلىپ قېلىپ چىن پادىشاھىغا مەكتەپ يېزىپ ياردەم تىلىدى.كەيخۇسراۋمۇ قوشۇنى بىلەن كېلىپ رۇستەم بىلەن بىرلەشتى.قەلئەنىڭ چۆرىسىگە خەندەكلەر قازدۇرۇلدى.تاملار يىقىلدى.شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشتى،ھەممە كىشى ئۆلتۈرۈلدى.ئالىپ ئەرتوڭا ساىيىنىڭ ئاستىدىكى لەخمە يولدىن 200 بېگى بىلەن قېچىپ قۇتۇلۇپ،چىن پادىشاھىنىڭ قېشىغا كەتتى.
چىن خاقانى بۈيۈك بىر قوشۇن تىكلەشكە ھازىرلىق كۆردى.بۇنى كۆرگەن تۈركلەر ھەر تەرەپتىن ئالىپ ئەر توڭانىڭ يېنىغا يىغىلىشقا باشلىدى.كەيخۇسراۋ گاڭغا بىر قومانداننى تەيىنلەپ ئالىپ ئەر توڭا تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلدى.ئالىپ ئەر توڭا ئۇنىڭغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىپ كىشىلەردىن يىراق يەردە،ئۆزلىرىلا يەكمۇ-يەك ئېلىشىشنى تەلەپ قىلدى.كەيخۇسراۋ قوبۇل قىلمىدى.ئۇ كۈنى ئىككى قوشۇن كەچكە قەدەر ئۇرۇش قىلدى.كىچە بولۇشى بىلەن تەڭ كەيخۇسراۋ قوشۇنىنىڭ ئالدىغا خەندەكلەرنى قازدۇردى،بىر قىسىم كىشىلىرىنى تۈرك قوشۇنىنىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇردى.
تۈركلەر كىچە باسقىن قىلىپ كېلىپ خەندەككە چۈشۈشتى.ئارقىدىكى كۈچلىرىمۇ بۆكتۈرمىدىن چىقتى،شۇنىڭ بىلەن تۈرك قوشۇنىنى يەڭدى.ئالىپ ئەر توڭا
قالغان قوشۇنىنى ئېلىپ چۆلگە چېكىندى.كەيخۇسراۋ گاڭغا كەتتى.چىن پادىشاھىمۇ كەيخىسراۋدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتتى.كەيخۇسراۋ ئالىپ ئەرتوڭانى بىر مەھەل يېنىغا تارىتماسلىق شەرتى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ياراشتى.ئالىپ ئەر توڭا بۇنى ئاڭلاپ پەرىشان بىر ھالدا چۆلگە چېكىندى.زەرە دېڭىزىغا كەلدى.بۇ يەنە بىر چېتى كۆرۈنمەيدىغان بىر دېڭىز ئىدى.ئارىدا بىر كېمىچى بار ئىدى!«ئەي پادىشاھ!بۇ چوڭقۇر دېڭىز ئۆتەلمەيسىىلەر.78ياشقا كىردىم.بۇ يەردىن بىرمۇ كىشىنىڭ ئۆتەلىگەنلىكىنى كۆرمىدىم.»دېدى.
ئالىپ ئەر توڭا،«تۇتقۇن بولماقتىن ئۆلمەك ياخشىدۇر» دەپ جاۋاپ بەردى.بىر غېمى يۈز بولدى.كېمىگە چىقىپ يەلكەننى ئېچىپ «گانگىدىز»شەھرىگە باردى.ئالىپ ئەر توڭا ئارىدا «كەچمىشنى چۈشۈنەلمىدىم.تەلىيىم يەنە كېلىپ قالار» دەپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى.كەيخۇسراۋ،ئالىپ ئەرتوڭانىڭ دېڭىزدىن ئۆتكىنىدىن خەۋەر تاپتى.تەييارلىقلىرىنى تېزلكىتە پۈتكۈزۈپ زەرە دېڭىزىىنىڭ قىياسىغا كەلدى.يەتتە ئايدا دېڭىزدىن ئۆتتى.گانگىدىزنى ئالدى.ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىكار بولۇپ ئەلىپ ئەر توڭا گىزلىككە قاچتى.
كەيخۇسراۋ بۇ ندىن كېيىن تۇراننىڭ پايتەختى گاڭغا كېلىپ.ئالىپ ئەر توڭانى سۈرۈشتۈردى.ھېچكىم بىلمىدى.ھالبۇكى بۇ يەرلەردە ئۇ يىمەك-ئىچمەكسىزدالادا يۈردى.تىك قىيالىق بىر تاغ ئۈستىدىكى غارنى ئۆزىگە ئۆي قىلىۋالغان ئىدى.بۇ غاردا ئىنسانلاردىن يىراق ياشىغان ھۇم ئىسىملىك بىرى بار ئىدى.بىر كۈن غاردا بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى .ئالىپ ئەر توڭا ئۆز-ئۆزىگە تەكرار سۆزلەۋاتاتتى.بۇ سۆزلەرنىڭ تۈركچە بولماستىن ياپۇنچە ئىكەنلكىنى پەرق ئەتكەن ھۇم بىر ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.
لېكىن ئۇ يەنە قېچىش ئۈچۈن سۇغا ئېتىلدى.كەيخۇسراۋ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ،ھىيلە بىلەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىپ ئۆلتۈردى.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------