ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىق تويى خاتىرىسى) (ئەدەبىي خاتىرە) Uyghur classical literature 2007 - يىلى نورۇزنىڭ ھارپا ئېيى بولغان فېۋرال ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر بولۇپ، 9 - فېۋرال ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان خاتىرە كۈن ئىدى. بۈگۈن پۈتۈن ئۆزبېكىستان دائىرىسىدە بۇ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر شائىرنىڭ تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دېمەك، ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆزبېك خەلقى ئۈچۈن نارەسمىي شادىيانە بايرام! نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 566 يىل تولغان بۇ خاسىيەتلىك جۈمە مەن چەت ئەلدىكى ھاياتىمدا قاتناشقان ۋە يۇقىرى مىللىي ئىپتىخاردا نىشانلانغان تەسىرلىك مەرىكە سۈپىتىدە مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئارماندۇر!
شۇ كۈنى ئەتىگەندە مەن ئۇستازىم نۇرباي جاببارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ۋە رەتلىك كىيىنگەن يۇقىرى كۇرس ئىستۇدېنتلىرى بىلەن ئازادە ھەم باغۇ - بوستانلىق »خەلقلەر دوستلۇقى« مەيدانىغا كەلدۇق. ئەتىگەنكى تاشكەنت قۇياشى تېرەك بويى ئۆرلىگىنىگە قارىماي ھارارەتلىك ۋە يېقىملىق ئىدى. بىز كەلگەندە ئالىيېشىل بايراقلار، رەڭگارەڭ لېنتىلار ۋە تۈرلۈك - تۈمەن گۈل - چېچەكلەرگە پۈركەنگەن مەيدان ئاللىقاچان ھېيت كەيپىياتىدىكى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغانىدى. ئالىي مەمۇرلار، ھەربىيلەر، شائىر - ئالىملار، مۇئەللىملەر، ئىشقىلىپ پايتەختكە دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن زىيارەت ۋە تىجارەت ئەھلى بولۇپ پوزۇر كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ چېھرىدە بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جەۋلان قىلاتتى. مەيداندا مۇقامچىلارنىڭ نەۋايىنىڭ »قارا كۆزۈم«، »جۇنۇن ۋادىسىدا« ۋە »مۇناجات« )كەلمىدى( قاتارلىق غەزەللىرىگە ئىشلەنگەن مۇڭلۇق ناخشىلار ياڭرايتتى. ئارتىسلار ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. شائىرلار بۇ ئۇلۇغ مۇرەببىي تەرىپىدە ھاياجان بىلەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلسا، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ غەزەللىرىگە خور ئېيتاتتى. تەتقىقاتچىلار نەۋايى ئىجادىيىتى ھەققىدە تەلقىن ئېلىپ بارسا، يەنە باشقىلار شائىرنىڭ ئەل بەختى، دۆلەت تىنچلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلەيتتى. چارەك كەم سائەت 9 لاردا مەرىكىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، ئالدى بىلەن پىرېزىدېنتنىڭ ۋەكىللىرى نەۋايى ھەيكىلىگە گۈلچەمبەر قويدى. كېيىن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى، ئاندىن ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى پايتەخت دۆلەت كۇتۇپخانىسى، يەنە تاشكەنت شەھىرىنىڭ ئاۋات ۋە گۈزەل نەۋايى كوچىسىغا جايلاشقان ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى قاتارلىق يۈزلىگەن ئورۇنلار شائىر ھەيكىلىگە گۈل قويدى.
ئەمدىلىكتە زەپەر دەرۋازىسى شەكىللىك پېشايۋاننىڭ ئاستىدىكى ئېگىز سۇپىغا قاتۇرۇلغان، بىر قولىدا قايسىدۇ بىر دىۋاننى تۇتقىنىچە خىيالغا پاتقان قىياپەتتىكى نەۋايىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك كۆركەم ھەيكىلى گۈل دېڭىزىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانىدى. شائىر ياشلىقىدا سۆيگەن قىزى گۈلگە ئاتاپ ئىشقى غەزەللەرنى يازغاندا گۈلزارلىق بېغىدا مانا شۇنداق قىياپەتتە رەڭگارەڭ گۈللەردىن ئىلھاملانغان بولغىيمىتتى، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەركىزى، ئۆزبېكىستان نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ بۆشۈكى بولغان »ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇزېي«غا يېتىپ كەلدىم. مۇزېي نەۋايى كوچىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان مەشھۇر كۆكۈلداش مەدرىسەسى ياكى چارسۇ بازىرىدىن ئالاھازەل ئىككى بېكەت يىراقلىقتىكى ئۆزبېكىستان مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىناسىنىڭ قارشىسىغا، يەنى يولنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بىنا ئالدىدىكى دەل - دەرەخلىك مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا تەخمىنەن ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى شائىرنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك مەرمەر ھەيكىلى قاتۇرۇلغان ئىدى. ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بۇ ھەشەمەتلىك بىنانىڭ 1 - قەۋىتى مەمۇرىيەت بولۇپ، 2 - قەۋىتىدە مۇنىرە ئاپا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال مېنى سوغۇققان كۈتۈۋالدى.
−− ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپا، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم، نەۋايى مۇزېيىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خېلى بۇرۇنلا كۆرۈشۈپ كېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ كېچىكىپ قالدىم، سالامەتمۇسىز؟ −− سالام بەردىم ئايالغا.
−− ياخشىمۇسىز، مۇشۇنچىلىك تۇردۇق ئوغلۇم، −− ئاددىيلا جاۋاب قايتۇردى ئايال. مۇنىرە ئاپا 60 ياشلاردىن ھالقىغان ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بوشىشىپ كەتكەن يۈزلىرىدىكى ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلار ھايات سەرگۈزەشتلىرىدىن روشەن بېشارەت بېرىپ تۇرسا، گەپ قىلغاندىكى خورسىنىشلىرىدىن ئازابلىق، پۇشايمانلىق بىر يۈرەكنىڭ نىداسى كېلىپ تۇراتتى.
مەن پىلانىم بويىچە نەۋايى مۇزېيىنى ئالدىراش ئايلىنىشقا باشلىدىم. مۇزىي ئەمەلىيەتتە نەۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇر مىرزىدىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىيلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالون ئىكەن. مەسىلەن: 2 - قەۋەتتىن باشلانغان نەۋايى قىسمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى، ئەسەرلىرىگە ئىشلىگەن قىستۇرما رەسىملەر، سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، نەۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھىرىنىڭ رەسىم ۋە مودېللىك تارىخىي قىياپىتى، شائىر ياساتقان بەزى ئىنشائاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى، ئۆيى ۋە مەقبەرىسىنىڭ قىياپىتى، زامانداش رەسساملار سىزغان نەۋايى پورترېتلىرى، ئەدىب ھاياتىغا دائىر تۈرلۈك ھۆججەت - ۋەسىقىلەر، شائىر ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرى، شۇ زاماندىن ھازىرغىچە، ئۆزبېكىستاندىن چەت ئەللەرگىچە بولغان نەۋايىشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى بەكمۇ ئىلمىي ۋە ئېدىتلىق تىزىلغان. كۆرگەزمىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى چىڭگىز ئەھمەر نەۋايى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر ئۈچۈن سىزغان رەسىملەر بولۇپ، بۇلاردىن شائىرنىڭ سەللە ۋە تونلۇق ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ياشانغانلىق كۆرۈنۈشى، 1501 - يىلى 13 - دېكابىر نەۋايىنىڭ ئاستىراباد ئۇرۇشىدىن قايتقان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارانى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ، سەكتەلىنىپ ئاتتىق يىقىلىپ ھوشسىزلانغان قىياپىتى )شائىرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن بۇ كۈن پەيشەنبە بولۇپ، نەۋايى شۇ ياتقىنىچە قوپالماي ئىندىنى، يەنى 3 - يانۋار، يەكشەنبە ۋاپات بولغان(، مەشرەپنىڭ دارغا ئېسىلىشلىرى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سىزىلغان. بۇلاردىن >خەمسە<نىڭ سۇلتان ھۈسەيىنگە ئارمۇغان قىلىنىشى« )شائىرنىڭ ئېتىنى يېتىلەش( ناملىق رەسىم يارىتىلغان ئوبرازلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىيات ئىپادىسىنىڭ يارقىنلىقى، تۈركىي ئەدەبىيات تارىخىدىكى، جۈملىدىن پادىشاھ بىلەن شائىر ئوتتۇرىسىدىكى ئالەمشۇمۇل ۋەقەنىڭ چىن، بەدىئىي خاتىرىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. رەسىم نەۋايىنىڭ ئۈلپەتلىرىدىن زەينىددىن مۇھەممەد ۋاسىفىينىڭ خاتىرىسى ئارقىلىق شەرقكە كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر ھېكايىگە ئاساسەن سىزىلغان:
ئەلىشىر نەۋايى »خەمسە«سىنى ھۈسەيىن بايقاراغا تەقدىم قىلغاندا، پادىشاھ ئالەمگە مەشھۇر »باغى ھۈسەينى«گە ئوردا ئەمەلدارلىرى، ھىرات پازىللىرى ۋە سەنئەتكارلارنى يىغىپ:
−− بىر ماجىرا ئۇزاقتىن بېرى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ھەل بولماي كەلدى، بۈگۈن شۇ ئىشنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، −− دېدى.
بۇ مەسىلە شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، ھۈسەيىن بايقارا خېلىدىن بۇيان ئەلىشىرنىڭ مۇرىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە ئۇنى »پىرىم« دەپ ئاتايتتى. ئەلىشىر بولسا:
−− يائاللا، يائاللا، بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى! ئەسلىدە بىز مۇرىتمىز، سىز بولسىڭىز ھەممىمىزگە رەھنامەسىز، پىرسىز، −− دەپ جاۋاب بېرەتتى.
ئەمدى سۇلتان ھۈسەيىن ئەلىشىردىن سورىدى:
−− ئېيتىڭچۇ، پىر نېمەيۇ، مۇرىت نېمە؟
−− پىرنىڭ تىلىكى، مۇرىتنىڭ ئىستىكى بولماقتۇر، −− جاۋاب بەردى شائىر.
شۇ چاغدا سۇلتان ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ ئاق ئېتىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى، بۇ ئاجايىپ شوخ ۋە ئۇچقۇر ئات ئىدى.
سۇلتان ھۈسەيىن:
−− ئۇنداقتا سىز مۇرىت، مەن پىرىڭىز بولىدىغان بولسام ئاتقا مىنىڭ، مەن ئۇنى يېتىلەيمەن، −− دېدى.
ئەلىشىر بولسا:
−− >مەن سۇلتان ئات<قا مىنىپ كۆنمىگەن، مىنەلمەيمەن، −− دەپ پادىشاھنى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلدى.
پادىشاھ ئەلىشىرنىڭ نازۇكلۇقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سوراۋەردى.
−− مەۋلانە، يەنە ئېيتىڭچۇ، شاھنىڭ ئەمرى نېمىدۇر؟
−− ۋاجىپتۇر.
−− مەن سىزنىڭ نېمىڭىز؟
−− پادىشاھىم، باشپاناھىم.
−− ئۇنداقتا پادىشاھ ئەمرىدىن باش تارتىشنىڭ بائىسى نېمىدۇر؟
ئاقىۋەت ئەلىشىر ئاتقا مىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئالىي ھەززەت ئاتقا مىنىشى بىلەن پادىشاھ سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا دۇردۇن ياغلىققا ئورالغان زەر مۇقاۋىلىق »خەمسە«نى قولتۇقلىغىنىچە ئاتنى يېتىلەپ مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدى. ئالەم پەيدا بولۇپ بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى. بۇنى كۆرۈپ ئەركانۇ دۆلەتتىكى ياخشى - يامان ھەيرانلىق دېڭىزىغا چۆمدى. ئارتۇق ھاياجاندىن ئەلىشىر ھوشىدىن كەتتى...
تەتقىقاتچىلارنىڭ يېزىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئوردىدا شائىرنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپەيگەن، ئەل ئىچىدىكى شۆھرىتىمۇ ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا »نەۋايى مۇزېي« مەنبەشۇناسلىق، يازغۇچىشۇناسلىق ئومۇمەن ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ جانلىق، تەسىرلىك تەربىيە مەكتىپى بولۇپ، ئۇ ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئارقىلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان ھەمدە تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن بىر خەلقنىڭ پىداكارانە كۈرەش تارىخىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا كېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان نەۋايى ئەنجۈمەنىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇزېيدىن ۋاقتىنچە ئايرىلدىم.
سىز ئۆزبېكىستاننىڭ قەيىرىگە بارماڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈكىنى ئەسلىتىغان بەلگە - ئۇچۇرلارنى يولۇقتۇرىسىز. مەسىلەن، »موللا بىلال كوچىسى«، »قەشقەر ئاشخانىسى« دېگەن ۋىۋىسكىلارنى ئۇچرىتىسىز. تاشكەنتتىن سەمەرقەند، ھەتتا خارازمگىچە ئاشخانا − رېستورانلارنىڭ ئىشىكىدىكى تاماق تىزىملىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە »ئۇيغۇر لەڭمەن« دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز.
مەن خېلى ئۇزاق ساقلىغاندىن كېيىن »ئۇيغۇر كوچا − 10« بەلگىلىك كونا ئاپتوبۇس كەلدى. شۇ ۋەجىدىن كىچىكلىكىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاپتوبۇسلارنى بالىلارنىڭ قوڭغۇز ماشىنا دەيدىغانلىقى ئېسىمدىن كەچتى. ئاپتوبۇس ماي توڭىنى ئۈستىگە ئارتىۋالغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى، مەن بىرئاز ئەجەبلىنىپ ماشىنىغا چىقتىم. ئەمما كونا بولۇشىغا قارىماي ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى پاكىز تازىلانغان ۋە رەتلىك كىيىنگەن ئادەملەر بىلەن تولغاندى. ھەي، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپتۇ! بۇنداق ئىسىملارنى يات ئەللەر تۇرماق، ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە. دېمەك مەن بۇ قېتىم »ئۇيغۇر لەڭمەن«دىن كېيىن »ئۇيغۇر كوچا - 10«نى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغانتىم، »ئۇيغۇر كوچا − 10« دېگەنلىك 10 - نومۇرلۇق بۇ ئاپتوبۇس ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە بارىدۇ دېگەنلىك ئىدى. توپونومىيە ئىلمىدە تەبىئىي كوچا - كويلارنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ دەل مۇشۇ ماشىنا »ئۇيغۇر كوچا - 10« دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىۋېلىپ كۈنىگە نەچچە نۆۋەت، ھەپتىسىگە ۋە ھەتتا ئېيىغا نەچچە يۈز قېتىم نەۋايى كوچىسىنىڭ ئادەملەر مىغىلداپ تۇرىدىغان ئاۋات نۇقتىلىرىدىن بولغان چارسۇ بازىرىدىن ئۆتۈپ، ئالەمگە »ئۇيغۇر« سۈزىنى تارقىتىدۇ دېگەن گەپ! شۇ تۇرقى بىلەن مەزكۇر ئاپتوبۇس ماڭا بارغانچە كونا ئېلان سەنئەت بۇيۇمىدەك قىممەتلىك كۆرۈنمەكتە ئىدى. »ئۇيغۇر كوچا − 10« بىر خىل رىتىمدا لۆمۈلدەپ كېتىۋاتاتتى. يولدا مېڭىش خۇشياقمىغاندەك ياكى ئۈستىدىكى خادىسى توك سىمىدىن كېتىپ توختاپ قالغان تىراللىبۇسلار پات - پات ئۇچراپ تۇراتتى.
−− شوتتا ئوتتىرىڭ، −− دېگەن ئاۋاز بىلەن خىيالدىن ئېسىمگە كەلدىم. 55 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان ئۆزبېك ئايال ئورۇندۇقنى بوشاتقىنىچە يېنىمدا تۇراتتى. »ئۇيغۇر كوچا − 10« 20، 20 مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىنمۇ ھېلىقى ئورۇندۇقتا ھېچكىم ئولتۇرمىدى. توغرىسى يېنىمىزدا بالا كۆتۈرگەن، مېيىپ ياكى ياشتا چوڭراق بىرسى يوق ئىدى.
−− سىزنى دىيەپمەن، ئوتىرىڭ، −− دېدى ئايال، بۇ قېتىم ماڭا قاراپ تۇرۇپ. ئاپا پەس ئاۋازدا ئۆزبېكچە شۇنچىلىكلا گەپ قىلدى.
ئۇ قولۇمدىكى يوغانراق كىتاب سومكىسىغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، ئەسلىدە ماڭا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن ئىكەن، بىرئاز ئوڭايسىزلاندىم. خىيالىمدىن ھەر خىل پىكىرلەر كەچتى. ئۆزىچە مېنى ئۈزىدىنمۇ قېرى كۆرۈپتۇ - دە، قاملاشمىغانلىققۇ بۇ، دېگەنلەرنى ھەش - پەش دېگۈچە ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. شۇنداقتىمۇ:
−− ئاپا، مەن دېگەن ياش، سىز ئولتۇرۇڭ، يەنە بىر بېكەتتىن كېيىن چۈشىمەن، −− دېدىم ئايالغا تەمكىنىمنى بۇزماي.
−− ھەي ئوغلۇم، باشقىچە ئويلىماڭ، ھازىرقى دەۋرنىڭ ياشلىرى ئائىلە، خىزمەت ۋە باشقا تىرىكچىلىكنىڭ غېمىدە يۈگۈرۈپ بەكلا چارچايسىلەر. بىز قېرىلار ئەتىدىن - كەچكىچە ئۆيدە تۇرۇپ ئارام ئالىمىز، يەنىلا سىز ئولتۇرۇڭ، −− دېدى تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن. ۋۇجۇدۇمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۆرلىگەن ئىسسىق ئېقىمدىن بوغۇزۇم توسۇلغاندەك بولدى. ئۆزۈمنى پېشانەمگە سوغۇق شامال ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلدىم. ئوتتۇرا ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ يوغان، نۇرلۇق قوي كۆزلىرى مەڭزىلىرىنى يورۇتۇپ، ئەمدىلا خوشلاشقان چوكانلىق لاتاپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. چاچلىرىنى يارىشىملىق تۈگۈپ بوينىغا ناۋاترەڭ ھېلىلە ياغلىق ئارتىۋالغان بۇ ئايال كۆز ئالدىمدا شۇنچىلىك ئۇلۇغۋار، گويا ئاپامدەك مېھرىبان بولۇپ گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. ئاپتوبۇس گەرچە ئىلگىرىكى قەشقەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىنى ئەسلىتىدىغان، ئەمما ئىككى قاناتتىكى ئۆيلەر زامانغا لايىق، زىچ قىلىپ سېلىنغان ئەگرى، لېكىن ھېسىپتەك ئۇزۇن ئۇيغۇر كوچىسىدا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ماڭا بۇ بىزنى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئىللىق دەريا بويى يېشىللىقىغا ئېلىپ ماڭغاندەك كۆڭۈللۈك بىلىنمەكتە ئىدى. مەن ئۇنىۋېرسىتېت بېكىتىدە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۇزاق سەپەرگە چىققاندەك بىر خىل رىتىمدە كېتىۋاتقان »ئۇيغۇر كوچا − 10«نىڭ ئارقىسىدىن ئۇزاققىچە قاراپ تۇردۇم...
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن - تاڭ، ئادىتىم بويىچە ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، ئىلمىي ئىشىمغا ئائىت ماتېرىياللارنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. سائەت 10 لاردا ئوچۇق چىراي ۋە مېھىر ئىسسىق تەلەبە قىز يېنىمغا كېلىپ. »داملا،① سىزنى ئۆزبېك تىلى كافېدراسىدىكىلەر ئىزدىشىۋاتىدۇ« دەپ ئۇقتۇردى. 5 - قەۋەتتىكى تىل ئىشخانىسىغا ئەدەپ بىلەن كىردىم. ئىشخانىدىكى ھەممە نەرسە كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۇيۇم كافېدرانىڭ ئەسلىدىكى كۆركەملىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ئىشخانا - كافېدرالىرى يېرىم كۇتۇپخانىلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئىشخانىنىڭ كۈنپېتىشىدىكى پۈتۈن بىر تامنى بويلاپ قويۇلغان ئىشكاپقا تىلغا ئائىت ئۆزبېكچە، رۇسچە ۋە ئىنگلىزچە ... لۇغەت، كىتابلار تىزىلغان. كۈنچىقىش تېمىغا:
تۈرك نەزمدە چۇ تارتىپ مەن ئەلەم،
ئەيلەدىم ئول مەملەكەتنى يەك قەلەم.
بېيىتى يېزىلغان نەۋايىنىڭ ئۆلچەملىك رەسىمى ئېسىلغان. ئۇنىڭ ئاستىغا سوۋېت تۈركۈلوگلىرىنىڭ ئۆزبېك تىلىنى تارىخىي باسقۇچلارغا ئايرىپ چۈشەندۈرگەن ئىسخېمىلىق خەرىتىسى چاپلانغان بولۇپ، بىرىنچى قۇردا كۆرسىتىلگىنى مالۇفنىڭ »ئۇيغۇر تىلى −− چاغاتاي ئەدەبىي تىلى − سوۋېت دەۋرى ئۆزبېك تىلى« دېگەن بۆلۈش ئۇسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشخانىدىكى كىيىم ئاسقۇچ، بوي ئەينەك، ئۆستۈرۈلگەن گۈل، پولدىكى گىلەم، توڭلاتقۇ، يىغىن ۋە دەرس تەييارلىقى ئۈچۈن قويۇلغان يوغان، يۇمىلاق ئۈستەل قاتارلىقلار مائارىپقا بولغان ئېتىبار بىلەن ئادەمنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنى ئىشخانا ئەمەس، ئارامبەخش ئۆي كۇتۇپخانا دېگەن تۈزۈك ئىدى.
−− خوش كېلىپسىز ئۇيغۇر يىگىت، −− دېدى كافېدرا باشلىقى دادابايېف يېزىۋاتقان نەرسىسىدىن باش كۆتۈرۈپ ۋە سۈرلۈكرەك قىياپەتتە سۈزىنى داۋاملاشتۇردى:
−− بۈگۈن نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ تەۋەللۇت ئايەم كۈنى. ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ يېنىدىكى ئاكا دېمىك لېتسى )ئالىي تولۇق ئوتتۇرا(دا ئوقۇغۇچىلار بىلەن شائىر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچىمىز. سىزنى ئۇيغۇرلاردىكى نەۋايىشۇناسلىق ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتىكى پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟
−− ئۇستاز، ئالدى بىلەن ئىلتىپاتىڭىزغا كۆپ رەھمەت، مەن نەۋايىشۇناس ئەمەس، ئەمما بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمنى سىزدىن، ئوقۇغۇچىلاردىن ئايىمايمەن، −− جاۋاب بەردىم قەتئىيلىك بىلەن.
−− يارايسىز، ئەمما بىر شەرت، »نەۋايى ئۇيغۇر« دېگەن گەپنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز كېرەك، −− دەپ شۇنچىكىلا قوشۇپ قويدى.
دادابايېف 60 ياشلاردىكى، ئېگىز ۋە گەۋدىلىك يارىشىملىق چاچ - بۇرۇتلىرىغا ئاق سانجىغان كىشى ئىدى. ئۇ تۆت جىلدلىق »نەۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى«نىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسى بولۇپ، يۇقىرى قاتلام ئۆزبېك زىيالىيلىرىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە مەلۇم ئىشەنچسىزلىك كۆلەڭگە تاشلىغاندەك قىلاتتى.
−− داملا، ئەلۋەتتە ھەممە گەپ ماڭا بەرگەن سۆز ھوقۇقىڭىزنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن »نەۋايىنى ئ−ۇيغۇر« دېمىگەن تەقدىردىمۇ »نەۋايى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەشھۇر شائىرى« دېمەسلىككە زادىلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن، −− دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاش. بۇ مېنىڭ تاشكەنتكە كەلگىنىمگە بەش ئاي بولغان، شۇنداقلا فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچلار بىلەن خېلى ئۆزلىشىپ قالغان چاغلىرىم ئىدى. ئۇ پىكرىمگە ئارتۇقچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىدىمۇ، ئىشقىلىپ باشقىچە ئىپادىدە بولمىدى.
شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچەيلەن ئاكادېمىك چوڭ زالىغا كىردۇق. ئاق كۆڭلەككە گالىستۇك تاقاپ، قاراشىم كىيگەن )بۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى بولۇپ، ھەممە ئوقۇغۇچى كاستۇمنى بىناغا كىرگەندىكى چوڭ زالغا ئېسىپ قويىدىكەن( يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت سالىمى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىزنى تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى داملا نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە لېكسىيە قىلدى. ئاندىن »ئەمدى سۆز ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسى تۇرسۇن قۇربانغا« دېگەن تەكلىپتىن كېيىن مىكروفوننى قولۇمغا ئالدىم:
−− مەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇختار ۋىلايىتىدىن گۈزەل تاشكەنت شەھىرىڭلەرگە كەلگەن تەتقىقاتچىمەن. مەيلى نەۋايىنىڭ 20 توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشر قىلىپ، شائىرنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇشتا بولسۇن ياكى نەۋايى ۋىلايىتىدەك كۆپلىگەن جاي ۋە دۆلەتلىك نەۋايى مۇكاپاتىدەك ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى شائىرنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ ئۇنىڭغا تۈگىمەس شان - شەرەپ كەلتۈرۈشتە بولسۇن، ئۆزبېكىستان دۇنيا نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى، سىلەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ كەلدۇق. لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەلىشىر نەۋايى تەتقىقاتى بويىچە قىلغان ئىشلىرىمىز ئاز ئەمەس. ھازىر شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلار ئىچىدە نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كىتابەت نۇسخىلىرى ھەممىدىن كۆپ. مەسىلەن: 1952 -، 1959 - يىللاردا شىنجاڭ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشتە 2000 پارچە قول يازما تېپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى نەۋايى ئەسەرلىرى ئىگىلەيدۇ. بىزدە »خەمسە«چىلىك ئەنئەنىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 71 - يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. بولۇپمۇ مەشھۇر »ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى«دا نەۋايىنىڭ 100 دەك غەزىلى )1250 مىسرا ئەتراپىدا( ئاھاڭغا سېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمىتىمىز زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىپ، ھەر بىر مۇقامنى بىردىن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا نوتىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ دۇنياغا تارقاتتى. ئۇ 12 توملۇق پىلاستىنكىلىق زامانىۋى مۇزىكا قامۇسىنىڭ تەركىبىدە بۇ غەزەللەر يەر شارىنىڭ تۈركىيلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بارلىكى بۇرجىكىدە جاراڭلىماقتا. ھازىر »جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە >ئون ئىككى مۇقام< ئىلمىي جەمئىيىتى« نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق تومىنى مەتىن فاكسېمىلى ۋە تىرانسكرىپسىيەسى بىلەن قوشۇپ نەشر قىلىشنى پىلانلىدى. دېمەك ئەلىشىر نەۋايى قېرىنداش ئۆزبېك خەلقىنىڭ قانچىلىك سۆيۈملىك شائىرى بولسا، تارىختىن بويلاپ جۇڭگونىڭ باي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىگە تارقىتىپ، باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە تىل - ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن، خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت بايراقدارى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق ئۇلۇغ شائىرىمىز، بۇ ھەقتە ھەممىگە ئېنىق پاكىتلار بار. ئەمما مەنىۋى چاڭقاقلىقىمىزنى قاندۇرۇشتا نەۋايى خەزىنىسى سۈيىنى مەڭگۈ ئىچىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر دېڭىزدۇركى، خەلقلىرىمىز ئۇنىڭدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق، −− مەن ئەنە شۇ ئۇرغۇلۇق جۈملىلەر بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇردۇم. يېنىمدىكى داملا پېشىمنى تارتىپ تۇرسىمۇ، ماڭا بېرىلگەن ئون مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئويلىغانلىرىمنى ئۆزبېكچە - ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئەنە شۇنداق دەۋالغانلىقىمدىن ئىچىم بوشاپ، كۆڭلۈم يورۇدى. مەجلىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەۋايى نېمىشقا ئۆيلەنمىگەن، قەبرىسى ھازىر ساقلانغانمۇ، تۇنجى شېئىرىنى قايسى تىلدا يازغان، »دىۋان فانى«نىڭ پارس - تاجىك تىلىدىكى تەسىرى قانداق؟ دېگەندەك تاڭسۇق سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشتى.
ئاخىرىدا مەكتەپ مۇدىرى:
−− نۆۋەتتە يىغىنىمىزنىڭ يېڭى كۈنتەرتىپى بويىچە 9 - سىنىپ تەلەبەسى مۇنىسە بىزگە نەۋايىدىن بىر ئاشۇلە )ناخشا( ئورۇنلاپ بېرىدۇ، −− دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ھەشەمەتلىك، يوغان زالنىڭ كۈنپېتىش يېقىدىن گۈلدۈراس ئالقىشلار ئىچىدە ئۈچ قىز سەھنىگە چىقىپ، نېمە ئۈچۈندۇر چەتتىكى ئىككىسى قايتىپ كېتىشتى. مەڭزىلىرى ھال سېرىق مۇنىسە گۈزەل ۋە سەبىي كۆرۈنەتتى. قىز نەۋايى بوۋىنىڭ ئەۋلادى سۈپىتىدە شائىرنىڭ مەشھۇر »قارا كۆزۈم« ناملىق غەزىلىگە ئىشلەنگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا ئىدى.
قارا كۆزۈم، كەلۇ مەردۇملۇغ ئەمدى فەن قىلغىل،
كۆزۈم قارەسىدا مەردۇم كەبى ۋەتەن قىلغىل.
يۈزۈڭ گۈلىگە كۆڭۈل رەۋزەسىدىن ياسا گۈلشەن،
قەدىڭ نىھالىغە جان گۈلشەنىن چەمەن قىلغىل...
يۈزۈڭ ۋىسالىغە يەتسۇن دېسەڭ كۆڭۈللەرنى،
ساچىڭنى باشتىن ئاياغ ئىلە شىكەن قىلغىل...
يۈزىدە تەرنى كۆرۈپ ئۆلسەم، ئەي رەفىق، مېنى،
گۇلاب ئىلە يۇيۇ گۈل بەرگىدىن كەفەن قىلغىل...
شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان ھەر خىل سەۋىيە ۋە دەرىجىدىكى ئادىمىيات پەنلىرى، جۈملىدىن دەرسلىك كىتابلاردا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەرجىمىھالى، ئەسەرلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنە داستانلىرىنىڭ ئاممىباب نەسرىي ئوقۇشلۇقلىرىمۇ ئىشلەنگەن. شۇڭا مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەر ئادەتتىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ نەۋايىدىن شېپى كەلتۈرۈپ سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن. دېمەك، ئۆزبېك خەلقى ئۇلۇغلارنى ھۆرمەتلەشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىززەت - غۇرۇرىنى ساقلاشنى ۋە بۇنداق ئومۇملاشقان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدە نەۋايىغا ئائىت مەزمۇنلار يوقنىڭ ئورنىدا. ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تەمتىرىمەي تۇرۇپ شائىرنىڭ بىر نەچچە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. »قارا كۆزۈم« غەزىلىنى ئوقۇغۇچى تۇرماق، بىزدە خېلى كۆپ داڭلىق شائىر ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ بىلىشى ناتايىن! كۈنىمىزدە بۇ خىل يامان يۈزلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان!
زالدا ناخشىغا تەڭكەش قىلىنىپ، رىتىملىق چاۋاك ساداسى ياڭرىماقتا ئىدى. چىرايلىق مۇنىسەنىڭ قويۇن ۋە ئېتەكلىرى گۈلگە تولدى. ئۆسكىلەڭ ماڭلايلىرى بىلەن دولىسىنى بېسىپ تۇرغان ئىككى ئۆرۈم چېچى، گۈل تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى بىلەن قىز كىچىك پەرىشتىگە ئوخشاپ قالغانىدى. قىز مەجاز ياكى سۆز سەنئىتى ماھارىتى مىسلىسىز، ئاۋاز ئەگىتمىلىرى مۇرەككەپ، چۈشەنمەك قىيىن بۇ غەزەلنى ئۆزبېك مۇقاملىرىنىڭ بەستلەنگەن شۇ ناملىق شېئىرنىڭ ئاھاڭىغا تەقلىد قىلىپ كۈيلىگەنىدى. غەزەلنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى بېيىتلىرىنى ئوقۇغاندا، بىر خىل ئىچكى ئۆرتىنىشتىن بولسا كېرەك، مۇنىسەنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ ۋە تىترەپ توختىدى. ئون مېتىردەك يىراقلىقتىن گۆدەك قىزنىڭ ئىككى مەڭزىدىن شام ئېرىگەندىكى كۈمۈش مەرۋايىتتەك نەملىكنىڭ بويۇنلىرىغىچە پارقىراپ سىرغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مۇنىسە كۆزلىرى ئوچۇق ئەما ئىدى... ئەقەللىيسى ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىنىڭ تۈگۈل ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشمۇ نېسىپ بولمىغان. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقاندىكى مۇڭلۇق قىياپىتى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. تەڭرىدىن يورۇقلۇق ۋە مۆجىزە تىلەپ نەۋايىنىڭ »قارا كۆزۈم«ىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئۇزاقتىن كېيىن ھېس قىلدىم. نەۋايى نېمىدېگەن بەختلىك ئىنسان - ھە! 500 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ نەزملىرى تىل، ئىرق ۋە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە ھېچ ئىجازەتسىز ھالدا ساياھەت قىلىپ يۈرمەكتە. دۇنيادا ياخشى، گۈزەل ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھەممە ئادەمنىڭ مېنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى توختىماي تالاشسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھامان مەنسۇبىيىتى بولىدۇ. تۈركىي ئەدىبلەر ئىچىدە ئۇنى پىر - ئۇستاز تۇتمىغانلىرى يوق. ئەل ئىچىدىكى مەشرەپ - سامالار، غېرىبلار ھېكايىتى ۋە ياشلارنىڭ مۇھەببەت مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسى ئەلىشىر نەۋايىسىز بولمىغان. مانا قارىمامسىز، 12 - ئەسىردىكى بىر ئاجىزە كۆڭۈل ئىزھارى ۋە بارلىق دەرد - ئىستەكلىرى ئۈچۈن شائىرلار ھەم شېئىرلار ئىچىدىن ئەلىشىر نەۋايىنى ئەڭ مەقبۇل شائىر قىلىپ تاللىۋالغان. قىيقاس - چۇقانلىق زال بىر لەھزە جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە جانلىنىشقا باشلىدى. مۇنازىرىلىك ۋە تەسىرلىك سۆھبەتنى زورىغا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا خوشلىشىپ سىرتقا چىقساق يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ.
تاشكەنتنىڭ يامغۇرى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈنچى ئىدى. تەبىئەت گويا مەيۈس كۆڭلۈمگە غەمخانە بولۇۋاتاتتى. ئۆزۈمنى گويا يامغۇر سىمفونىيەسى ئىچىدە زېمىنغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. مەن بىر شېئىردىن تاشكەنتنىڭ سۈيى قىزلارنىڭ لېۋىدەك تاتلىق، دېگەن سەترلەرنى ئوقۇغان. دېمىسىمۇ باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر تاشكەنتنىڭ سۈيىدىن سوۋغاتلىق ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشىدىكەن. شۇ تاپتا يامغۇر يۈز ۋە لەۋلىرىمنى سالقىن ۋە تاتلىق قىلىپ ئاقماقتا ئىدى. يىراقتىكى يامغۇرلۇق تۇماندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنىسەنى كۈنلۈك ئاستىغا ئېلىپ ھەسەل ھەرىلىرىدەك توپلاشقىنىچە ياتاقلىرىغا قايتىۋاتقانلىقىنى نېپىز پەردە ئارقىسىدىكىدەك خىرە - شىرە كۆرۈپ قالدىم.
مەنىلىك نەۋايىخانلىق سۆھبىتى مەندە نەچچە كۈنگىچە شېئىرىي ھالەت ھاسىل قىلغانىدى. قاراڭغۇلۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاي بەختلىك كۈلۈپ تۇرغان ئاخشاملارنىڭ بىرىدە ئۆمۈرلۈك ھۈنەرگە ئايلانمىغان ھەۋەسكارلىق جىلمىيىشقا باشلىدى - دە، قىزنىڭ كۆز ئالدىمدىكى غايىۋى ئوبرازىغا قاراپ لەۋلىرىم پىچىرلاشقا باشلىدى:
تاشكەنتتە يامغۇر
قىز تىترىمەكتە، يۈرىكى گۈلخان،
تاشكەنتتە يامغۇر.
يۇمران ياناقلاردىن ئاقماقتا پەۋەس،
دالا گۈللىرىنىڭ كۆزلىرىگە دۇر.
باھار غۇنچىلىرى سويلايدۇ لېكىن،
تاشكەنتتە يامغۇر.
كۈللۈكسىمان سەۋسەن تۇماندا،
ئانار مەڭزلەرگە سەپمەكتە ھال نۇر!...
نۇرەپشان كامالەكتە قەترەلەر بالقار،
تاشكەنتتە يامغۇر.
چېچەكلەر چايقىلار سەلكىن بىر كۈيدە،
ئېھتىمال بۇ ساماۋى ياغدۇ)ر(.
ھەممىنىڭ قىسمىتىگە رەمزەئىي چاغدۇر،
تاشكەنتتە يامغۇر.
قاراڭغۇ كىرپىكلەرنىڭ تاڭدەك يۈرەكى،
باھار ئەييامىدا داغدۇر.
نەرگىس گۈلگە ئايلاندى، ۋۇجۇدلىرى كۆز،
تاشكەنتتە يامغۇر.
دۇنيا بەدەل بولسۇن، ياشلىق يامغۇرغا،
قۇشتەك بىر جان كۆيۈك، نەپىسى ئاھدۇر.
قىز قۇمرىغا جور، چۈنكى بۇ تاشكەنت،
باھار گۈللىرى توزغىغان باغدۇر!...
بۈگۈن ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدىكى ھەممە ئىزگۈ سادالارغا ھەمنەپەس بولۇشۇم، ئۆزبېكلەرنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن قۇۋىنىشىم، ئۆزبېك زىيالىيلىرىنىڭ بۆشۈكى بۇ مەشھۇر ئالىگاھتىكى تېخىمۇ چوڭراق ئىلمىي مەجلىسنىڭ شاھىتى بولۇشۇم كېرەك ئىدى. ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتمەكتە. شۇڭا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دېگەندەك سائەت ئىككىلەردە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەدەنىيەت زالىغا كىردىم. بۇ چاغدا يامغۇر پەسلەپ كامالەك )ھەسەن - ھۈسەن( ئالەمنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە ئىككى قۇتۇپنى تۇتاشتۇرغۇچى ئالتۇن كەمەردەك يەتتە خىل رەڭدا جۇلالىنىپ تۇراتتى. زال بىردەمدىلا مەن بۇرۇن ئاڭلىغان ياكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارت ئەدىبلىرى بىلەن تولۇشقا باشلىدى. ئەمدى ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا، ھاسىلىق ۋە ئايالى قولتۇقىدىن يۆلىگىنىچە »ئۇلۇغبەك خەزىنىسى« رومانىنىڭ ئاپتورى ئادىل ياقۇپوف ئاكا كىرىپ كەلدى. مەن بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھەشەمەتلىك »خەلقلەر دوستلۇقى« سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچىنىڭ »80 ياشلىق ئۆمۈر نەزىرىسى«دە ئەدىبنىڭ ئالدىغا تەزىمگە بېرىپ، جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇرلىقىمنى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئۇستازىم ئارسلان ئابدۇللا »ئۇلۇغبەك خەزىنىسى«نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا قول يازمىنى ئاققا كۆچۈرۈشكە قاتناشقانلىقىمنى، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇستازنىڭ خاكىپايىغا قوللىرىمدىن يېتىلەپ كەلگەن تەقدىرى ئەزەلگە مىڭ شۈكرانىلەر ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگىنىمدە، ئەدەبىي مەردانىلىقىدىن ئۇزاق ياشىغان يازغۇچى ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەققىم ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى. ھازىر ئەدىب قارىماققا ئوت كەتكەن توغراقتەك قۇرۇپ - قاغجىراپ كەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سەل ياش ئەگىپ تۇرغان مېھرىبان قوي كۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ياۋروپاچە كۆركەم لايىھەلەنگەن زالدىكى شىمالدىن جەنۇبقا بويلىتىپ، تۆت ئەتراپ تولدۇرۇپ قويۇلغان ئېللىپسسىمان ئۈستەل كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قىيپاش قارىشىمدا زامانىۋى ئۆزبېك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن ئاتاخان نەۋايىشۇناس ئالىم ئەزىز قەييۇم )دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمدىكى ئاساسلىق ھىمايىچىم(نىڭ زالدا پەس ئاۋازدا ياڭراۋاتقان نەۋايىنىڭ »مۇناجات« )كەلمىدى(، »18 ياش ھ−ەيرەتلىرى«، »بولمىسا ئىشق ئىككى جاھان بولمىسۇن«، »دوستلار، ئالەم ئىشىغا يارۇ ھەمدەم بولمىڭىز« ۋە »جۇنۇن ۋادىسىدا« غەزەللىرىگە مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ، كۆزلىرىنى يۇمغانچە يەڭگىل تەۋرىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاراپ مەشھۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ بىر شېئىرىدىكى: »كىشى شېھىت كېتەر مۇقام ئاڭلىغانچە يۇمسا كۆزىنى« دېگەن مىسراسى ئېسىمگە كەلدى. كەلگەن چوڭ ياشلىقلارغا نەچچە قېتىم ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. قىسىلىپ بېرىپ ئالدىدىكىرەك بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم. سائەت ئىككى يېرىملار بولاي دېگەندە زالغا »خەلق شائىرى«، ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇللا ئارىپوف كىرىپ كەلدى. مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېكىستاننىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغاچقا، چوڭراق ئىلمىي پائالىيەتلەر مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. جۈملىدىن، ئەركىن ۋاھىدوف، ئابدۇللا ئارىپوف ۋە ئەزىز قەييۇموفقا ئوخشاش بۈگۈنكى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرى مەزكۇر ئالىگاھ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇلار ھەر مەۋسۇمدا نەچچە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىكەن. شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق دەرسلىرىنى كۆپرەك يازغۇچى - شائىرلار ئۆتىدىكەن. شۇڭا بۈگۈنكى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان تەۋەللۇت توي مەجلىسى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، سورۇندا نەۋايىشۇناس ئالىملار، مۇئەللىملەر، ئەدىبلەر، خەلق سەنئەتكارلىرىدىن باشقا ئىستۇدېنتلارمۇ كۆپ ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مىللىي ئۇسلۇبتا چىرايلىق زىننەتلەنگەن بۇ زالنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى دەرسخانىسى دېيىشكە بولاتتى. يىغىن رەئىسى، ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ رەھبىرى نۇرباي جابباروف »ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ پىر - ئۇستازى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مەشھۇر شائىر، كاتتا دۆلەت ئەربابى، ھەزرەت ئەلىشىر نەۋايى بوۋىمىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي مەجلىسىمىز ھازىر باشلاندى. نۆۋەتتە سۆز >ئۆزبېكىستان قەھرىمانى< ئۇستاز ئابدۇللا ئارىپوف ئاكىغا« دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن زالدا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى.
−− ئەسلىدە تارىختا ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان بۈگۈنكى كۈن بىز ئۆزبېك مىللىتىنىڭ يېڭى يىلىمىز بولۇشى كېرەك، −− دەپ گەپ باشلىدى ناتىق شائىر، −− 1930 - يىللاردا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بىرەسمىي قەلەمكەشلەر سۆھبىتىدە شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئىتتىپاق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ »سىلەر ئەلىشىر نەۋايى يۇرتىدىن كەلدىڭلار« دەپ سۆزلىگىنى ئۈچۈن نەۋايى بىزنىڭ بولۇپ قالغان. مەن نەۋايىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇلۇغ شائىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇر گۆھەرلىرىنى مىراس قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەن ۋە ياخشى كۆرىمەن. شائىر ئەسەرلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن كىشى ئۇنىڭدىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىيەت ئالەمگە چىققىنى بىلەن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ چوققىسىنى تېخىچە بويسۇندۇرالىغىنى يوق.
ئا. ئارىپوف زىلۋا بوي، تاقىرباش، قىرغىز چىراي ئەمما ئىنتايىن ئۆتكۈر نەزەرلىك شائىر ئىكەن. ھازىرغىچە رۇس ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا 30دىن ئارتۇق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپتۇ. مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيېف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى نەشرگە تەييارلىغان »ئابدۇللا ئارىپوف شېئىرلىرىدىن تاللانما«دىكى شېئىرلار ئاددىي ۋە قىسقا ھەجىمدە ئالەمچە نەزمىي ھېكمەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە قادىر بولغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغىچە سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. توپلامدىكى »سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟« قاتارلىق شېئىرلار ئۆزبېكىستاندا خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە ئۇ ئامەتلىك شائىر بولۇپ، تەقدىر ئۇنى مۇستەقىل ئۆزبېكىستان رېسپۇبلىكىسى دۆلەت شېئىرىنىڭ ئاپتورى بولۇشتەك مەڭگۈلۈك شان - شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغان. Poet
−− شەرق رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، −− دەپ سۆزىنى ۋەزمىن ۋە تەمكىن داۋاملاشتۇردى شائىر، −− يۈرەك ئەسلىي بىر قۇش بولۇپ شائىرنىڭ كۆكسىدىن ئىبارەت بۇ قەپەستە »ناۋا« قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بوغۇلۇپ ۋە نالە - پەرياد قىلىپ كۈنۈ تۈن ئۆزىنى شائىرنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ، قەپەسنى چېقىپ تاشلاپ ئۇچۇپ كەتمەكنى ئىستەيدىكەن. لېكىن شائىر بۇ خىل شېرىن ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئەركىگە يول قويمايدىكەن. ئەنە شۇنداق ئۆمۈرلۈك كۈرەشتە ئاخىر شائىر »فانى« بولۇپ، تەقدىرگە تەن بېرىدىكەن. قۇش شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ كۆككە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. مانا بۇ شائىرلاردىكى، جۈملىدىن، نەۋايىدىكى پەرىشتىلىك روھ. چۈنكى دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە، پەرىشتىلەرنىڭ دىنىمۇ، مىللىتىمۇ، تىلىمۇ بولمايدىكەن. ئۇ ھەممىگە ئورتاق. دېمەك، نەۋايى ئىنسانىيەتنىڭ شائىرى. بىر دانىشمەننىڭ »سۆزنىڭ تومۇرلىرىدا قان ئاقسا، يۈرىكى ئۇرۇپ، كۆزى كۆرۈپ تۇرسا ۋە قۇلىقى ئاڭلىسا −− سۆز تىرىكتۇر« دېگىنىدەك، نەۋايى ھەزرەت قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىك سۆز سەنئىتىدە تىرىكتۇر. كىلاسسىكلار شېئىرىي مەنە، بەدىئىيات ۋە مەنتىق ئىلمىدە كۆپ ئىزدەنگەن.
ئارقىدىن »ئۆزبېكىستان قەھرىمانى«، خەلق شائىرى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەركىن ۋاھىدوف سۆزگە چىقتى. ئالدىنقى يىلى مەن ئۆزبېك مىللىي ئاكادېمىك دىراما تىياتىرىدا بولۇپ ئۆتكەن شائىرنىڭ 07 ياشقا تولغانلىق ئىجادىي كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئەركىن ۋاھىدوف بۈگۈنكى زامانىۋى ئۆزبېك شېئىرىيىتىدە كىلاسسىك غەزەلچىلىكنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان شائىر.
سەير قىلماقنى ئىستىسەم مەن غەزەل بوستانىدا،
نە بار ساڭا دەپ كۈلمىڭىز مىر ئەلىشىر قاشىدا...
ئەھلى شېئىر بەلكى كىتابىم نەزمى ئىشق دەپ ئاچادۇر،
ياق كىتابىم سۆيگۈنىڭ دىۋانىغا دېباچەدۇر...
»ياشلىق دىۋانى« ئۇنىڭ داڭلىق توپلىمى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا ياشلارنىڭ قويۇن ۋە ياستۇق دەپتىرىگە ئايلانغان. شائىرنىڭ »روھلار ئىسيانى« داستانى بىز ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەكس سادا قوزغىغان.
−− بۈيۈك نەۋايىنىڭ يېنىق ئىشقىي غەزەللىرى، −− دەپ پەسرەك ئاۋازدا ھاياجان بىلەن سۆز باشلىدى ئەركىن ۋاھىدوف، −− دىۋاندىن - دىۋانغا كۆچۈرۈلۈپ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقاپ ۋە كىتاب بەتلىرىگە پارچىلەر پۈتۈلۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ياشلىقىمىزدا يادلىغانمىز، سۆيگۈ مەكتۇپلىرىغا قوشۇپ پۈتكەنمىز. قۇياش پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئويغىنىش ھاسىل قىلغاندەك نەۋايى ئەسەرلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى سۈپىتىدە بىزلەر ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولۇپ كەلدى، خەلقىمىزنى ئاقارتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر سەپەر پۇرسىتىدىن بىر نەچچە دېھقان يىگىت بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلار: »ئەركىن ئاكا، كاتتا شائىرسىز! ھەتتا >فائۇست<نى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىل−غان−سىز، نېم−ە ئۈچۈن >نەۋايى<نى تەرجىمە قىلمايسىز؟« دەپ سوئال قويۇشتى. بۇ مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىشكەن. شۇڭا ھەيران بولۇپ: »تىلىمىزنى تىلىمىزغا ئاغدۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟« دەپ جاۋاب بەردىم. كېيىن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئاممىباب نۇسخىلىرى كۆپلەپ نەشر قىلىندى، بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن. لېكىن بۇنداقتا ئەسەر ئاددىيلىشىپ، گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ. قىزىلگۈل ئۆزىنىڭ بەرگى، شاخ، تىكەن ۋە غوللىرى بىلەن گۈزەل! ھازىرقى شېئىرىي ئىجادىيىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت پىكرىي يالىڭاچلىق، ئاددىيلىق ۋە گۈزەل نەزمىي مۇھىتنىڭ بولماسلىقى. بۇ شەرق شېئىرىيىتىدە كىلاسسىك شائىرلار بۇرۇندىن ئېتىبار بېرىپ كەلگەن مەسىلە...
كېيىن ئەنجان، پەرغانە، سەمەرقەند، بۇخارا ۋە خارەزمدىن كەلگەن ئالىملار نەۋايىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە پەزىلىتىگە دائىر مەنىلىك، كونكرېت تەرەپلەر ھەققىدە بىر شىڭگىلدىن ئاغزاكى نۇتۇق بايان قىلىشتى. ئۇلار ئىلمىي مەجلىسلەردە ماقالە ئوقۇماي كۆپرەك شۇ ئىنساننىڭ پېئىل - پەزىلىتى ۋە ئومۇمىيەتچىلىكى ھەققىدە ئەركىن سۆزلىشىدىكەن. مەن ئەنجۈمەننىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا باشقىلاردىن نەجمىدىن كامىلوف بىلەن پىرىمقۇل قادىروفنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. نەجمىدىن ئاكا ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي پەن ئالىمى بولۇپ، دوكتورلۇق ئىشىم جەريانىدا ئۇنىڭ »تەسەۋۋۇپ« ۋە نەۋايى ھەققىدىكى »خىزىر چەشمىسى« ئەسەرلىرىنى كۆرگەنىدىم. بۇ كىشىنى ئىلمىي رەھبەر قىلىپ تاللىغان ماگىستىرلارنىڭ ئېغىزىدىن: »نەجمىدىن داملا پەزىلەتتە پەرىشتە، ئىلىمدا ئىسمى جىسمىغا لايىق >كامىل< ئىنسان« دېگەن تەرىپلەشلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان. ئۇ سۆز نۆۋىتى كەلگەندە بۈيۈك نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى: »رۇس ئالىملىرىدىن ژىرمۇنسكىي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا >نەۋايى ۋە ئەدەبىي ئويغىنىش< دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ خۇددى ياۋروپادىكىگە ئوخشاش ئويغىنىش دەۋرىنىڭ بولغانلىق تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كۆنراد پەرھاتنى >ئىنسانىيەتنىڭ ئىدېئالى< سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. دېمەك، تۈركىي خەلقلەر گىرېك، ئەنئەنىۋى شەرق ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات ئۆركىشى قوشۇلۇپ ۋە جەۋھەرلىنىپ ئەلىشىر نەۋايىنى، شۇنداقلا نەۋايىنى بايراق قىلغان شەرق ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىز تېخى شائىر ياراتقان ئۇلۇغ بىر دەريانىڭ ساھىلىدا ئايلىنىپ يۈراۋاتىمىز« دەپ خۇلاسىلىدى. نەجمىدىن كامىلوف مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ھەققىدىكى دىسسېرتاتسىيەمنىڭ سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسى بولغاچقا، كېيىن مەن پىرېزدېنت نامىدىكى دۆلەت ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ ئالىم بىلەن نەچچە مەرتە دىدارى مالاقەتتە بولدۇم. سۆھبەت قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى. يىغىندىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە قارىماققا سۆزلىگۈچىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقاندەك قىلساممۇ ئەمەلىيەتتە ئوتلۇق بىر خىيال مېنى باغرىغا باسماقتا ئىدى... قول كۆتۈرۈپ: »مەن جۇڭگودىن، يەنى نەۋايىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىگەن غايىۋى قەھرىمانى پەرھاتنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەن ئۇيغۇرمەن« دېگۈم كەلدى. بىراق بۇ پىكىر ئىلھامى قانداق شىددەتلىنىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تېزلىكتە يالتايدىم. چەپ تەرىپىمدە ئولتۇرغان يازغۇچى پىرىمقۇل قادىر ئاكىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن:
−− ئۇستاز، مەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن، ھازىر ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسىمەن. ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق سۆيۈملۈك يازغۇچىسىز. رومانلىرىڭىزنى ئوقۇپ، دىدارىڭىزنى كۆرۈشنى خىيالىي ئارزۇ قىلغانمەن، شۇ تاپتا بېشىم ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بولۇۋاتىدۇ، −− دېدىم.
پاكار بويىغا ئېغىر كېلىدىغاندەك يوغان بېشى، ئۆسكىلەڭ، توم قارا قاشلىرى ئاستىدىكى مۈشۈكياپىلاقنىڭكىدەك چوڭقۇر ۋە ئۆتكۈر كۆكۈچ كۆزلىرى 80 ياشلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بۇ كىشىنى قەتئىي ۋە سەل سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن تېز پەسلەۋاتقان ئۆمۈر قۇياشى ئۇنىڭ چىرايىدا باغرى يۇمشاقلىق ۋە تولىمۇ رايىشلىقنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
−− ئۇيغۇر تىلىدا قايسى ئەسەرلىرىم نەشر قىلىنغان؟
−− »يۇلتۇزلۇق تۈنلەر«، »ھۇمەييۇن«، »ئەكبەر«. سىزنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يازغۇچىسىدەك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ بابۇر ھەققىدىكى رومانىڭىز بىزدە كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئېسىل ئەسەرلەر بار، ھالبۇكى بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ئەسەرنىڭ ئۆزبېكچە نەشر قىلىنمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم. ۋەتىنىمگە قايتقاندا دوستلىرىمغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. دېمەك، بىز سىلەرگە قېرىنداشلىق ۋە دۇنياۋى نۇقتىدىن قاراپ كەلدۇق.
كېيىن پىرىمقۇل قادىر ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىمدىن ئۈمىدۋار بولغاندەك »زور، جۈدە زور، ئوغلۇم« )ناھايىتى ياخشى!( دەپ دوپپىلىق يوغان باشلىرىنى لىڭشىتقىنىچە كۈلۈمسىرىدى. كېيىن بىر ئۆسمۈرنىڭ مۇزىكانتلارنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ »ئەلىشىرنىڭ ئانىسى« شېئىرىنى ياڭراق ۋە تەسىرلىك ئاۋازدا ئوقۇشى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلدى. دېكلاماتسىيە شېئىرنىڭ:
مەيلىغۇ ئۇ كىم بولسۇن،
يالغۇز بىر سۆز مەناسى.
ئەلىشىرنىڭ ئانىسى ئۇ،
نەۋايىنىڭ ئانىسى...
دېگەن بېيىتلىرىغا كەلگەندە، بالىنىڭ ئۈنى ئانىنىڭ باغرىغا بۆلەنگەندەك ئاستا - ئاستا پەسلەشكە باشلىدى. مۇزىكىنىڭ ئەۋجى لەرزانلاشماقتا ئىدى. مىكروفوندىن ياڭرىغان ئۇرغۇلۇق، مەنتىقلىق ۋە مەنىدار بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ زالدىكى ھاياجانلىق ۋاراڭ - چۇرۇڭ پەسەيدى.
−− ئۆزبېكنىڭ يۈرىكى نەۋايىنىڭ كۆكسىدە سوققان، ئۇلۇغ شائىرنىڭ روھى بىز تۈركىي خەلقلەرنى يۆلىگەن، −− دېگەن جۈملىلەر بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ دىققىتى بىر نۇقتىغا تىكلەندى. مۇنبەردە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى ئەزىز قەييۇموف سۆزلىمەكتە ئىدى. بادام گۈللۈك قارا دۇخاۋا دوپپىسىنى ئوڭغا قىيسايتىپراق كىيىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقىدىن ھەمىشە ئىككى كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالغۇچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلىدىغان بۇ مەردانە نەۋايىشۇناس قوقانلىق مەشھۇر ئالىم پولاتجان داموللامنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەزىز قەييۇم »خەمسە«دىكى ھەر بىر داستاننىڭ يېزىلىش جەريانى ئاممىبابلاشتۇرۇلۇپ ھېكايە قىلىنغان ئەدەبىي كىتابلىرى، جۈملىدىن نەۋايىنىڭ ئىجادىي بىيوگرافىيەسىگە بېغىشلانغان »ئاجايىپ كىشىلەر ھاياتى« ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇش. ئۇ يەنە »نادىر سەھىپىلەر«، »قەدىمىيەت ئابىدىلىرى« قاتارلىق كۆپلىگەن بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزبېكىستاندىكى بىردىنبىر ئاتا - بالا زەلىلىشۇناس ئالىملار ئىكەن. مەلۇمكى، زەلىلى 18 - ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ نادىر ۋەكىلى بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدىن ئېتىبارەن پەرغانە ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان. ئەزىز ئاكا نەشرگە تەييارلىغان ئاتىسى پولاتجان داموللىنىڭ »قوقان تارىخى ۋە قوقان ئەدەبىي مۇھىتى«، »تەزكىرەئىي قەييۇمى« قاتارلىق ئەسەرلەردە، ئۆزبېكىستاندا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. مېنىڭ زەلىلى تېمىسىدىكى تەتقىقاتىم تاماملىنىپ، دىسسېرتاتسىيە ياقلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان 2008 - يىلى ئىيۇن ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى دائىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرسىدە، ئىلمىي رەھبىرىم نۇرباي جاببارنىڭ: »تۇرسۇن ئاغا، ئامەتلىك ئىكەنسىز، ئەزىز پولاتوۋىچ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى، ياشىنىپ قالغاچقا ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلمىغان. زەلىلى ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاتا مىرا س مۇئەمما بولغاچقا سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈچۈن ئىلمىي ھىمايىچى بولۇشقا قوشۇلدى«، دېگىنىدە دوپپامنى ئاسمانغا ئاتقۇدەك بولغانىدىم. كېيىن ئالىم ئۆيى ۋە ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيىدىكى ئىشخانىسىدا دىسسېرتاتسىيەمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈپ قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى. ئاخىرىدا »شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى«دا ئېلان قىلىنغان »>تەزكىرە ئىي قەييۇمىي<دا زەلىلى تەلقىنى« ناملىق ماقالەمنى ژۇرنال بىلەن قوشۇپ سوۋغا قىلغىنىمدا، ژۇرنالنى دادىسىنىڭ قوقاندىكى »ئۆي مۇزېي«ىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەۋەتلا خۇشال بولغانىدى. كېيىن مەن ئۇنىڭ »يىراق چىندىن بىر مۇساپىر ئىلىم ئىزدەپ ۋەتىنىمىزگە كەلسە، ئۇنىڭ تەرىپىدە بىر نەچچە ئېغىز ھەققانىي پىكىر ئېيتىش مەسئۇلىيىتىمىز بار« دېگەن مەقسەتتە ماڭا ھىمايىچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. قىسقىسى، ئەزىز قەييۇم كۆڭۈل نۇرەپشانلىقى يۈز - كۆزىدە نامايان، ئاسمان باغىر، ئومۇمىيەتچىل بولۇشتەك پەزىلەتلىرى بىلەن مەندە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇردى.
−− مەھمۇد كاشغەرىي، −− دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئالىم، −− »دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك«نى يېزىپ، ئانا تۈركىي تىلىمىزنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن »بەيگىگە چۈشكەن ئاتتەك« رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان مەقامىنى نامايان قىلغان بولسا، ئەلىشىر نەۋايى مەشھۇر »خەمسە«سى ئارقىلىق قۇياشى پەسلەۋاتقان ئۆزبېك تىلىنى جاھان مىقياسىغا ئېلىپ چىقتى. تىل ۋە ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھى ھەم دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەينىكىدۇر، دەيدۇ بەھبۇدىي ① ھەزرەتلىرى. شائىرنىڭ »تىلغا ئېتىبارسىزلىق، ئەلگە ئېتىبارسىزلىق« دېگىنى شۇنداقلا:
نەۋاسىز ئۇلۇسنىڭ ناۋا بەخشى بول،
نەۋايى يامان بولسا، سەن ياخشى بول...
پەرىم بولسا ئۇچۇپ قاچسام ئۇلۇسدىن تا ئاياغىم بار،
قاناتىم كۆيسە ئۇچماقدىن، يۈگۈرسەم تا ھاياتىم بار....
دەپ شام پەرۋانىسى بولۇپ ئۆرتىنىشلىرى ئەمەلىيەتتە زامان زۇلمىغا، ئۆز ئۇلۇسىغا ۋە ئۇنىڭ جاھانساز زىيالىيلىرىغا قىلغان مۇراجىئەتى ئىدى. شۇڭا سەمەرقەندتە »نەۋايىغىچە نەۋايى بولمىغان، نەۋايى دەۋرىدە نەۋايى نەۋايىنىڭ ئۆزى، نەۋايىدىن كېيىن نەۋايى چىقامدۇ - چىقمامدۇ، بۇ دەرگۇمان« دېگەن مەنىلىك ھېكمەتنىڭ تارقىلىشى تاسادىپىي ئەمەس!
شۇنداق قىلىپ ئىلمىي مەجلىس ئۆتكۈر نەزەرلىك ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەققۇل نۇتقىنىڭ »... ئەمدى نەۋايىغا قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى...« دېگەن سۆزلىرى بىلەن تۈگەللەندى. يىغىن رەئىسى نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممە دەۋرنىڭ زۆرۈرىي مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرەلىشىدەك مەڭگۈلۈك قىممىتىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى ئەنجۈمەننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسىتېت مۇزېيىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى ئۇقتۇردى. گەرچە يىغىن نارەسمىيرەك ئېچىلغىنى بىلەن ئۇنىڭدا شائىر ھەققىدىكى ئەڭ سەمىمىي پىكىرلەر ئېيتىلدى. نەۋايىنىڭ بۇ يىللىق خاتىرىسىگە ئاتاپ شائىر ئىجادىدىكى »بوزلۇق« لارغا بېغىشلانغان بىر نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسەر نەشر قىلىش قارارلاشتۇرۇلدى. بەزى نەشرىياتلار بۇنداق ئەسەرلەرنى ئەڭ تۆۋەن تەننەرختە چىقىرىشقا ۋەدە بەردى. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ نەۋايى ھەققىدە گەپلىشىۋالسا گويا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نېمەتتىن بەھرىلەنگەندەك راھەتلىنىپ ۋە ئەركىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
مۇزېي مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ 2 - قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنچە چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئەمەسلىكىگە قارىماي ئۇنىڭغا قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلار ئىلمىي ۋە كۆڭۈل قويۇپ تىزىلغانىدى. تاملارغا قاراخانىيلار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ خەرىتىسى چاپلانغان، مۇزېينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلىم - پەن قۇياشىنىڭ پارلاۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىپ، ئۇلۇغبېك )1394 - 1449( نىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيكىلى قويۇلغانىدى. بۇ چاغدا سائەت چۈشتىن كېيىن بەشتىن ئاشقان بولغاچقا، مەن بۇ كىچىك ھېكمەتخانىدىكى ھەممە يىغىلمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي، ئىچكىرى بۆلۈمچىدىكى كىشىلەر توپلىشىۋالغان ئەينەك جازىنىڭ ئالدىغا سىغدىلىپ كىردىم. كۆز ئالدىمدا باشقا ھۆججەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك بىر قول يازما تۇراتتى. خېلى كۆپ يىغىن ئەھلىنىڭ مەزكۇر قول يازمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولسا كېرەك. رۇس ۋە ئىنگلىزلار ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ۋە كۆك نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ئارقىلىق قول يازمىنى ئىما - ئىشارە قىلىپ ئاللىنېمىلەرنى دېيىشسە، ئۆزبېك ئالىملىرى »جۈدە زور« دېيىشەتتى. مەن ئۇنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىش نىيىتىدە رۇسچە ۋە ئۆزبېكچە يېزىلغان چۈشەندۈرۈشكە نەزەر ئاغدۇردۇم. قول يازما 19 - ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن »دىۋان نەۋايى« بولۇپ، چوڭ، قېلىنلىقى، نەپىس ۋە قىممەتلىكلىكى بىلەن ئادەمنى تاڭ قالدۇراتتى. كىتابقا قارىغانسېرى ئۇ سۇ يۈزىدىكى مەيىن چەمبىرەكتەك يوغىناپ، ئۇنىڭ مەن يېقىندا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قول يازمىلار فوندىدا كۆرگەن تېخىمۇ بەھەيۋەت بىر قول يازما بىلەن روشەن سېلىشتۇرمىسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭغا 1983 - يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان »نەۋايى ئەسەرلىرى قول يازمىلىرىنىڭ تەۋسىفى« دېگەن كىتابنىڭ 17 - ، 28 - ، 29 - ۋە 30 - بەتلىرىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش تۆۋەندىكىچە:
»ئۇشبۇ قول يازما ئەلىشىر نەۋايى كۈللىياتلىرىنىڭ 19 - ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن مۆتىۋەر نۇسخىلىرىنىڭ بىرىدۇر... كۈللىيات نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى جەملىگەنلىكى ۋە ھەجىم جەھەتتىن چوڭلۇقى بىلەن شائىرنىڭ باشقا قول يازمىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ... كۈللىيات: 692 بەت، تېكىست ئۆلچىمى: 18×28، قول يازما ئۆلچىمى: 30×44 بولۇپ... كۈللىيات 19 - ئەسىر كاشغەرىي ئۇسلۇبىغا خاس نەپىس نەستەئىلىق خېتى بىلەن كۆچۈرۈلگەن... ھەر بىر ئەسەر باشلىنىشتىن بۇرۇن زەر ۋاراق قالدۇرۇلغان... بولۇپمۇ >ئەربەئن< دىكى ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسى ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەللەنگەن. قول يازما قاتتىق مۇقاۋىلىق، قاتتىق مۇقاۋا يۈزىگە تامغا ۋە تامغىسىمان نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن. نۇسخىنى بەش يىل جەريانىدا يەنى ھىجرىيە 1240 - 1245 )مىلادى 2824 - 1830( يىللاردا كاشغەرىي شەھىرىدە ئابدۇرېھىم ئىبن مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۆچۈرگەن... بۇ ھەقتە قول يازمىنىڭ بەش جايىدا تارىخ بېرىلگەن بولۇپ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى تارىخ كىتابنىڭ 680 - ، 692 - بېتىگە مۇنداق پۈتۈلگەن:
)... ئۇشبۇ مۇبارەك شەرق نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى 1245 - يىلىدا تۈگىدى...
ھەر كىم بۇ كىتابقا قارىسا
ئابدۇرېھىم كاشغەرىينىڭ خېتىنى كۆرىدۇ(«
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەبۇ رەيھان بىرونى نامىدىكى مەشھۇر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلار ئاساسىدا )1952 - 1975( يىللاردا ئون توملۇق كىتابلار كاتولوگى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1980 - يىلى 31 - دېكابىرغىچە بولغان مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇلار ئىچىدە نەۋايى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن 175 جىلد قول يازمىنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ تەركىبىدە شائىر 24 پارچە ئەسىرىنىڭ 254 نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان )يۇقىرىقى كىتاب، 4 - بەت(. دېمەك، ئابدۇرېھىم مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۈللىياتى مەزكۇر فوند )يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلگەن ئەسلىي بىر نۇسخىسىمۇ بۇ ئىنستىتۇتنىڭ نادىر كىتابلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋېتىپتۇ(قا جەمئىيلەنگەن نەچچە ئون مىڭ پارچە قول يازمىنىڭ، جۈملىدىن، مەن شۇ تاپتا ئۈستىدە ھەيران بولۇپ تۇرغان »دىۋان نەۋايى« نىڭمۇ سەرخىلى ئىدى. بۇ تەۋەررۈك بايلىقنى ئالدىنقى ئەسىرلەردە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان رۇسىيەلىكلەر ئېلىپ كەتكەن ياكى ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوف ئېيتقاندەك 1958 - يىلى ئابدۇرېھىم فازىل كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلىرى سوۋېتلىققا سېتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنى كىتابەت ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولاتتى. شۇل دەقىقىلەردە تەسەۋۋۇرۇم قاناتلانماقتا، ھاياجانلانماقتا ئىدىم. ئەگەر سېھىرگەرلەردەك كارامەت كۆرسىتىپ، ھازىر ئىككى كىتابنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويالىغان بولسام ياكى بۇ ئادەملەر ھازىر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە! ساغلام ھېسسىياتقا ئىگە ئادەم سۈپىتىدە شۇ تاپتا ئەجدادىمدىن خىيالەن پەخىرلىنىپ، لەۋلىرىم »مەن قەشقەردىن كەلگەن« دېگەن سۆزنى ئەتراپتىكىلەر ئۇقۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە پىچىرلىماقتا، بۇ سادا كۆڭۈل قەپىسىمدە ياڭرىماقتا ئىدى...
تاشكەنتتە ئۆتكەن گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈنۈم ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى. لېكىن كېچىچە بۈگۈنكى كۆرگەنلىرىمگە ئۆتكەن بىر ئەسىردە رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئۇلىنىپ، گويا ياتىقىم دېرىزىسىگە ئېسىلىپ تۇرغان ئاي بىلەن ئۇيقۇدىن بىدار ئۈنسىز مونولوگلاشماقتا ئىدىم...
دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى، كېلەچىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشى بۇرۇنراق باشلانغان، ئۇلار تەجرىبە ۋە ئەقىلغە تايانغان. جۈملىدىن رۇسلارمۇ شۇنداق. رۇسلارنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋروپا ئالىملىرىغا ئوخشاش 19 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىغان. I.N. بېريازىننىڭ »تۈرك خىرىستوماتىيەسى« ناملىق نوپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم نەۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار نەۋايىنى ئىلمىي ساھەدە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. رۇس ئالىمى M. نىكىتسكىي 1856 - يىلى تۇنجى بولۇپ »ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەھمىيىتى« ماۋزۇسىدىكى چوڭ ھەجىمىلىك ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىپ، شائىرنىڭ سىياسىي پائالىيىتى، مەدەنىيەت تۆھپىلىرى، شۇنداقلا تۈركىي تىل تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىغان. 1868 - يىلىغا كەلگەندە رۇس شەرقشۇناسى V. ۋىليامىنوف. زېرنوف سانت − پېتىربورگدا 16 - ئەسىردىكى ئالايى بىننى مۇھىبىي تۈزگەن »ئەل لۇغەت ئۇن - نەۋايى يات ۋەل - ئىستىشھادەت ئول - چىغاتائىيات« ناملىق لۇغەتنىڭ رۇسچە نەشرىنى روياپقا چىقارغان. ئارقىدىنلا I.N. ئىلمىنسكىي شائىرنىڭ »مۇھاكەمەت ئۇل - لۇغەتەين«ئەسىرىنى تېرەن ئىلمىي تەھلىل بىلەن رۇسچە نەشر قىلدۇرغان. گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شورالار ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا نەۋايى ئەدەبىي مىراسىغا نىسبەتەن بەزى ئىنكارچىلىق قاراشلار ساقلىنىشتىن قەتئىينەزەر، نەۋايىنىڭ بىيوگرافىيەسى، بەدىئىي ۋە ئىلمىي مىراسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلىنىپ تۇرغان. 1926 - يىلى ھىجرىيە ھېسابىدا شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقى )845 - 1345( مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا »نەۋايى« ماۋزۇسىدا ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. B.B. بارتولد مەزكۇر كىتابتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ۋە تولۇقلاپ، 1928 - يىلى »مىر ئەلىشىر« توپلىمىنى رۇس كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. مەزكۇر توپلامدىكى بارتولدنىڭ »مىرئەلىشىر ۋە سىياسىي ھايات«، B.B. بېرتېلسنىڭ »نەۋايى ۋە ئەتتار« ناملىق ماقالىلەر نوپۇزلۇق ئەسەرلەر بولۇپ، ئاۋۋالقىسىدا شائىرنىڭ ھاياتى ۋە دەۋرىگە ئائىت يېڭى مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، كېيىنكىسىدە بېرتېلس بارتولدتىنمۇ ساغلام پوزىتسىيە بىلەن شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سوپىزم بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، نەۋايى دۇنيا قارىشى ھەم ئىجادىيىتىنى ئۆز دەۋرىگە قويۇپ تەتقىق قىلىشتەك ئىلمىي كەيپىياتقا يول ئاچقان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ 1938 - يىلى ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500 يىللىقىنى 1941 - يىلى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى نەۋايىشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا سەۋەب بولغان. گەرچە 1941 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 - جاھان ئۇرۇشى جەڭگاھلىرىغا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىش كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئۇرۇش مەزگىلىدە چىقىرىلغان بۇ مەردانە قارار ئۆزبېك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن. نەۋايى تەتقىقاتى بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قامال−دىكى سانكت - پېتربورگدا 1.A. ئوربېلى، 1.Y.كراچوۋسكىي، A.K. باراۋكوف، A.E. ياك−ۇب−وۋسكىي، A.A. سېمېنوف، A.N. بولدىرېف، A.N. كونونوف، B.B. پىئوتروۋسكىي، B.1. رۇدېنكو قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇ ئالىملارنىڭ »ئەلىشىر نەۋايى« ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1946 - يىلى لېنىنگىراتتا نەشردىن چىقتى. 1948 - يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇرۇش تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ 500 يىللىق تويى پۈتۈن ئىتتىپاق مىقياسىدا نەۋايىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. بۇ ۋاقىتقا ۋەكىل قىلىپ بېرتېلسنىڭ شائىرنىڭ »سەددى ئىسكەندەرىي« داستانى ئاساسىدىكى »ئالېكساندىرنىڭ مۇھەببىتى«، »نەۋايى« ناملىق مەخسۇس ئەسەرلىرىنى؛ M.E ماسساننىڭ »ھېراتنىڭ 15 - ئەسىردىكى تارىخىي توپوگرافىيەسىگە دائىر« ناملىق رۇس تىلىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. 1968 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە تاشكەنت شەھىرىدە نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 527 يىللىقى نىشانلاندى. دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى مەزكۇر ئالەمشۇمۇل خاتىرىگە يوللىغان بېغىشلىمىسىدا »نەۋايىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى، ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە ئىلھامبەخش ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ« دەپ بېغىشلىما ئەۋەتتى. بۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا ئون توملۇق قىلىپ نەشر قىلىنىشى ۋە رۇس تىلىدىكى 200 توملۇق مەشھۇر »جاھان ئەدەبىياتى« مەجمۇئەسىنىڭ بىر جىلدىنىڭ مەخسۇس نەۋايى مىراسىغا بېغىشلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەۋايىشۇناسلىقنى دۇنياۋى ئىلىمگە ئايلاندۇرغانلىقى ۋە بۇ پەننىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى نامايان قىلغان. ئۆزبېكىستاندا نەۋايىنى ئىلمىي ۋە ئاممىباب يوسۇندا ئۆگىنىش ئىشلىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىن ۋاقىتلىرىدا جانلانغان. بۇ دەۋردە شائىرنىڭ دەۋرى، ھاياتى، ئىجادىنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم ئاممىبابلاشتۇرۇشتا ئالىم شەرەپىدىنوف، مەقسۇت شەيخزادە، خەمىت ئالىمجان، غاپۇر غۇلام، توختاسىن جەلىلوف قاتارلىق ئالىملار جان پىدالىق كۆرسەتكەن بولسا سەدىردىن ئەينى، مۇسا تاشمۇھەممەد ئوغلى ئايبېك، ئۇيغۇن، ئابدۇراھمان سەئىددى ۋە ئىززەت سۇلتانلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. يەنە غۇلام كەرىموف ۋە ۋاھىد ئابدۇللايېف كەبى ياش تالانتلار يېتىشكەن.
بۇ باسقۇچقا ۋەكىل قىلىپ خەمىت ئالىمجاننىڭ »ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە«، »پەرھاد - شېرىن«، »نەۋايى ۋە خەلق«، »نەۋايى ۋە زامانىمىز«، »نەۋايى ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ ياراتقۇچىسى« قاتارلىق ماقالىلەرنى؛ ئايبېكنىڭ شائىرنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرىنى تۇنجى شەرھلەپ يازغان »نەۋايىنىڭ دۇنيا قارىشىغا دائىر« ناملىق ئەمگىكىنى، شەرىپىدىنوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايى«، شەيخزادىنىڭ »گېنىئال شائىر« لارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار نەۋايىشۇناسلىق بويىچە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدەنگەن. تىلشۇناس ۋە يېزىقشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن پەرساخان شەمسىيېف، سەلھ مۇتەللىپوفلار تېكستولوگىيە پېنى پىرىنسىپلىرى بويىچە شائىرنىڭ بىر قانچە ئەسىرىنىڭ لاتىنچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان. زامانىۋى ئۆزبېك پېنىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان بۇ ئالىملار ھەممىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن شائىر ئەسەرلىرىنىڭ لۇغىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان. نەۋايىنىڭ 1948 - يىلىدىكى 500 يىللىق تۇغۇم تويىغا ئاتاپ نەشر قىلىنغان »ئۇلۇغ ئۆزبېك شائىرى« ناملىق ئۆزبېكچە، رۇسچە توپلام سەۋىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىدۇ. توپلامدىكى يەھيا غۇلامنىڭ »نەۋايىنىڭ دەۋرىنى ئۆگىنىش ھەققىدە« ۋە »15 - ئەسىردىكى ئاسىيا شەھەرلىرىدە بىنالار تۈركۈمى ئەنئەنىسى«؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماسساننىڭ ئەسىرى، نەبىيېفنىڭ »15 - ئەسىردىكى ماۋارەئۇننەھرنىڭ سىياسىي - ئىقتىسادىي ھاياتىدىن«، ئايبېك ۋە دېچنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئىدىيەلەر دۇنياسى«، باھىد زاھىدوفنىڭ »نەۋايىنىڭ بەزىبىر ئىجتىمائىي - سىياسىي قاراشلىرى« ۋە »لىسانۇت تەير پەلسەپىسى ھەققىدە«، ھادىزارىفنىڭ »لۇتفى ۋە نەۋايى«، شەيخزادىنىڭ »نەۋايىنىڭ لىرىك قەھرىمانى ھەققىدە«، شۇنداقلا تاجىك مۇتەپەككۇرى ئەينىنىڭ »نەۋايى ۋە تاجىك ئەدەبىياتى« قاتارلىق ئەسەرلەر چاغاتاي دەۋرى تارىخى ۋە تۆمۈرىيلەر زامانى ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخىنى ئۆگىنىشكە قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نەۋايىشۇناسلىقتىكى نامايەندە خاراكتېرلىك تەتقىقاتلار سانىلىدۇ.
بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلانغان ئۇلۇغ ئەدىبنىڭ 525 يىللىق تويىغا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلەر بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ئۇسۇل، مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ئومۇمىي ساھەگە ئېلىپ كىرىپ، قوللانمىلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى يارىتىش بويىچە كۆزنى قاماشتۇرغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان. شائىر مىراسىنىڭ تولۇق بىبلوگرافىيەسىنى تۈزۈش، ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان. مۇھىمى، نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئىلگىرىكىدەك پارچە - پۇرات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى ياقلاش بۇ دەۋر نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇلار ئىچىدە ئاكادېمىك V. زاھىدوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ پىكىر ۋە ئوبرازلار دۇنياسى«، M. شەيخزادىنىڭ »ئۇستازنىڭ سەنئەتخانىسىدا«، مەشھۇر مەتىنشۇناس ئالىم ھەمىد سۇلايماننىڭ »ئەلىشىر نەۋايى لىرىكىسىنىڭ تېكستولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرى«، ياقۇپجان ئىسھاقوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئىلك دىۋانى«، پېشۋا ۋە تۆھپىكار نەۋايىشۇناس ئالىم ئابدۇقادىر ھېيتمەتوفنىڭ »نەۋايى لىرىكىسى« ھەم »نەۋايىنىڭ ئىجادىي مېتودى« ئەسەرلىرى ئەدەبىي ۋە تارىخىي پاكىتلىرىنىڭ بايلىقى، ئەقلەن ئومۇملاشتۇرۇشلىرىنىڭ مەنتىق قۇۋۋىتى ۋە يۈكسەك ئىلمىي سۈپىتى جەھەتتىن پەقەت ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىلولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ياخشى سەۋىيەسىنى نامايان قىلغان دىسسېرتاتسىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە ھازىرقى مۇستەقىل دۆلەتلەردە نۆۋەتتە كاندىدات دوكتور ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرىنىڭ ماۋزۇلىرى توردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئوخشاش ياكى تەكرار تېمىلار قوبۇل قىلىنمايدۇ، بىر دىسسېرتاتسىيە نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرىدىكى ئونلىغان مۇتەخەسسىسنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇن كىتابى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنئەنىسى بويىچە 150 ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت، كۇتۇپخانا ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. دىسسېرتاتسىيەلەر مەزكۇر پەن ساھەسىدىكى تۈگەللەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر قاتارىدا نوپۇزلۇق كۇتۇپخانىلارغا قويۇلۇپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا قوللانمىلىق رول ئوينايدۇ، ئوچۇق نەشر قىلىنىپ، ئۇنى جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. قىسقىسى، دىسسېرتاتسىيە دەپ ئاتالغان يۇقىرىقى ئەمگەكلەر قىلنى قىرىققا يېرىپ يېزىلغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلارسىز نەۋايىشۇناسلىقنىڭ ئۆتمۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس!
20 - ئەسىرنىڭ 70 - ، 80 - يىللىرىدا ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ بارغان. شائىر ئەسەرلىرى ژانىرشۇناسلىق ۋە فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە يىرىك ھەم مەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلغان. مەسىلەن، V. زاھىدوفنىڭ »ئۇلۇغ شائىر ئىجادىينىڭ قەلبى«، S. ئەركىنوفنىڭ »نەۋايى >پەرھات ۋە شېرىن<ى ۋە ئۇنىڭ سېلىشتۇرما تەھلىلى«، N. مەللەيېفنىڭ »نەۋايى ئىجادىينىڭ خەلقچىل نېگىزى«، »نەۋايى >خەمسە<سى« قاتارلىقلار پىكرىمىزنىڭ جانلىق دەلىلى. جۈملىدىن، »يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى −− ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدۇر« دېگەن قەدىمىي ھېكمەتكە ئاساسلىنىپ، دادىل ۋە ئەمەلىيەتچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىززەت سۇلتان ئۆز كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە: »بۇ كىتاب ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە شۇ ۋاقىتقىچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئۆزگىچە... سۆزلەش نۆۋىتىنى بىز بۇ قېتىم نەۋايىنىڭ ئۆزىگە بەردۇق. راستتىنلا نەۋايى بۈگۈن بىز بىلەن ئۆزى ھەققىدە ئۆزى سۆھبەت قىلىشى مۇمكىن« ② دەپ كۆرسەتكەن بولسا، 28 - سەھىپىسىدە مىرزا ھەيدەر ۋە نەۋايىنىڭ »بەدايىئۇل بىدايە« نىڭ دېباچەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان:»ئۇنىڭ )نەۋايىنىڭ(ئەسلىي ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى كىچىككىنە باخشى دەپ ئاتىلاتتى، ئاددىي كىشىلەردىن ئىدى«، »بۇ ئۇيغۇر ئىبارىتىنىڭ فۇسەھەسىدىن ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغەسىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى... كىم بىرىنىڭ شېرىن ئەبياتى ئىشتىھارى تۈركىستانغا بەغايەت ۋە بىرىنىڭ لەتىف غەزەلياتى ئىنتىشارى ئىراق ۋە خۇراساندا بىنىھايەتدۇر ھەم دىۋانلىرى مەۋجۇد ئىدى.« كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى »نەۋايىنىڭ قەلب دەپتىرى« ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ »يارىسى« ۋە »ئېھتىيات پەردىسى« نى ئېچىپ تاشلاپ، ئەسلىي ئەسەرچىلىك ياكى مەنبەشۇناسلىق تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەردۇر. بۇ يىللاردا نەۋايىشۇناسلىق ئۆزبېكىستاندا يۇقىرى كەسپىي ساپا ۋە زور ئىجادىيەت قوشۇنىغا ئىگە مول ھوسۇللۇق، مۇكەممەل پەنگە ئايلانغان. بىر ئىجادىي كوللېكتىپ ئىشلەيدىغان ئىشلار شەخسلەرنىڭ جاسارىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئالىدىغان بولساق، مەتىنشۇناس ۋە مەنبەشۇناس ئالىملاردىن پەرساخان شەمسىيېف بىلەن ھەمىد سۇلايماننىڭ قۇم دۆۋىسىدىن كېپەك ئالتۇن تاسقىغاندەك، ئونلىغان ۋارىيانتلارنى سۆزمۇ سۆز سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى بېغىشلاپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە »خەمسە« نىڭ مۇكەممەل نەشرى بىلەن »خەزەيىن ئۇل - مەئانى« نىڭ ئاكادېمىك نۇسخىسى يورۇقلۇققا چىققان. بولۇپمۇ بۇ يىللاردا يورۇقلۇققا چىققان نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ 15 توملۇقى )16 كىتاب( ئۆزبېك مىللىتىنىڭ مەدەنىي ھاياتىي تارىخىدىكى ئاجايىپ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي، مەنىۋى ۋەقەلەر سۈپىتىدە دۇنيادا ئالقىشلانغان.
ئومۇمەن، يۇقىرىقىدەك تەتقىقات سەمەرىسىدىن باشقا ئۆزبېك خەلقى ئەلىشىر نەۋايى ئەنئەنىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول ۋە ئەندىزە بىلەن ئۆز ئەدەبىياتىدا داۋاملاشتۇرغان، ئۆزلەشتۈرگەن.
بىرىنچى، سەنئەتكارلار نەۋايى داستانلىرىدىكى مەلۇم پوئېتىك ھېكايىلەر ۋە جانلىق ئېپىزوتلارنى ئۈزۈۋېلىپ، بۇنىڭدىن مۇستەقىل ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنى قايتا ياراتقان. بۇنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابىغا شائىر داستانلىرى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن خۇرشىدنىڭ »پەرھات ۋە شېرىن«، »لەيلى ۋە مەجنۇن«؛ كامىل ياشىننىڭ »مېھىر ۋە سۇھەيل«، »دىلئارام« كەبى مۇزىكىلىق دىرامىلارنى مىسال كۆرسىتىش مۇمكىن. شائىر ۋە دىراماتورگ خۇرشىد 1922 - يىلى نەۋايى داستانلىرىدىن »پەرھات ۋە شېرىن« نى، 1925 - يىلى »لەيلى ۋە مەجنۇن« نى سەھنىلەشتۈرگەن. ئاۋۋالقى داستان ئۈستىدە ئىشلىگەندە مېھىنبانۇ بىلەن شېرىننىڭ پائالىيەت سەھنىسىنى ئۆزبېكىستان دائىرىسىگە كۆچۈرگەن. شېرىننىڭ پەرھاتقا قويغان مۇھەببەت شەرتىنى ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ چوڭ جەزىرە −− مىرزا چۆلگە سۇ باشلاش مۇتىفىغا ئۆزگەرتىپ، ئەسەرنىڭ تۈپ تېماتىك غايىسىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۆزبېك مىللىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قاراتقان. كېيىنكىسىدە ئەسلىي داستان سۇژىتىنىڭ مۇھەببەت تارمىقىنى كېسىۋېلىپ، لەيلى - مەجنۇننىڭ قەدىمىي ئەرەب روھىيىتىگە خاس سۆيگۈ ماجىرالىرىدىن كېلىپ چىققان غەمكىن ۋە مەيۈس كونا پاجىئەسى ئارقىلىق، ئىنسان شەخسىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىشى كېرەك، دېگەن زامانىۋى يېڭى پىكىر يۈكسەكلىكىنى ياراتقان. كامىل ياشىننىڭ »مېھ−ىر ۋە سۇھ−ەيل« مۇزىكىلىق دىرام−ىسى )1940 - يىلى(، جۈملىدىن ھەمئاپتورلۇقتا ي−ازغان »دىلئارام« ئوپېراسى )1958 - يىلى( نەۋايىنىڭ )سەبئەئى سەييار( داستانىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق سەھنىلەشتۈرۈلگەن. »مېھىر ۋە سۇھەيل« نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى »سەبئەئى سەييار« ىدىكى بەشىنچى ئىقلىمدىن كەلگەن مۇساپىرنىڭ ھېكايىسى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولسا، كېيىنكى ئوپېرامۇ مەزكۇر داستاننىڭ سۇژىت ئۈزۈندىلىرىگە ئاساسلانغان. K. ياشىن ئەسەردە بەدىئىي فانتازىيەدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ناخشىچى دىلئارام بىلەن مېمار - رەسسام مانىنى سۆيۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم دىراماتىك تىرەنلىك ھاسىل قىلىپ، ئىلغار ئىجتىمائىي كۈچلەر زالىملار بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشى لازىم، دېگەن ئاكتۇئال بەدىئىي غايىۋى پىكىرنى ئالغا سۈرگەن، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسىگە مەدھىيە ئوقۇغان. ئومۇمەن دىراماتورگلار تارىخىي كونا تېمىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىجادىي پايدىلانغان. نەۋايى دەۋرىگە خاس كونا مۇتىفلارنى يېڭى زامان روھىغا ماس ھاياتىيلاشتۇرغان.
ئىككىنچى، نەۋايى ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا شائىرنىڭ كۆپ قىرلىق ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ مەلۇم مۇھىم تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرۈش. بۇ ئۇسۇلدا يارىتىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەرلەر ئايبېكنىڭ »نەۋايى« رومانى، بادېتسىكىينىڭ »ئاددىي ئىنسان« رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمى، ئۇيغۇن ۋە ئىززەت سۇلتانلارنىڭ مەشھۇر »ن−ەۋايى« دىرامىسى ۋە شۇ ئاساستىكى »نەۋايى« كىنو سېنارىيەسى، L. باتنىڭ »ھايات بوستانى« پوۋېستى، مىركەرەم ئ−اسىمنىڭ »زۇلمەت ئىچىدە نۇر« پوۋېستى، »شائىرنىڭ ياشلىقى«، »سۈرگۈن«، »دەرۋىش ئەلىنىڭ پىتنىسى« ھېكايىلىرى؛ غاپۇر غۇلام، خەمىت ئالىمجان، مەقسۇت شەيخزادە، مىرتۆمۈر ۋە باشقىلارنىڭ داستان ۋە شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. ئومۇمەن ئۆزبېك زىيالىيلىرى ئىچىدە نەۋايى ھەققىدە يازمىغانلىرى ئاز. رەسسام چىڭغىز ئەھمەر ۋە قەيدەلوفلار نەۋايىنىڭ ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ئۆلچەملىك گويا ھاياتتەك ئويچان رەسىمىنى سىزىپ، شائىرنى جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمگە تونۇش سېماغا ئايلاندۇردى. ئومۇمەن، سەنئەتكارلار نەۋايى خاراكتېرىدىكى پەزىلەت ۋە بەلگىلەرنى بەدىئىي غايىسىگە ئاساسەن تاللىغان. ئۇلار شائىرنىڭ خەلقچىللىقى ياكى ئىجادىي ئىلھامىنىڭ ئۆز دەۋرىگە خاس تەرەپلىرىنى، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، ئايبېك »نەۋايى« رومانىدا شائىر ئوبرازىنى ياراتقاندا نەۋايىنىڭ خەلق تەقدىرى يولىدىكى تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى زامانىۋىلىق پىرىنسىپىدا تۇرۇپ راۋاجلاندۇرغان. شۇڭا ئەسەردە بىر تەرەپتىن، شائىرنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەلەر ساھىبى ئىكەنلىكى، ئىككىنچى ياقتىن خەلق تەقدىرى يولىدا بۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىش خاھىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن. نەۋايى دۇنيا قارىشىدىكى كونا زامانغا خاس ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.
ئۈچىنچى، ئەدىبلەر شائىر داستانلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلانمىغان، شائىرنىڭ ياكى زامانداشلىرىنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلىمىگەن. بىراق نەۋايى گۇمانىزمى ۋە ماھارىتىنىڭ جەۋھىرىنى، مىللىي خەلقچىل ساداسىنى يېڭى رېئالىستىك مېتودنىڭ ئەنئەنىۋىلىك پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىجادىيەتلەردە جاراڭلاتقان. بۇ نۇقتىدا ئابدۇللا قادىرىنىڭ »ئۆتكەن كۈنلەر« رومانى ۋە خەمىت ئالىمجاننىڭ »زەينەپ ۋە ئامان« داستانى ھەققىدە گەپ قىستۇرۇش ئارتۇق ئەمەس!
مىسال ئۈچۈن »ئۆتكەن كۈنلەر« نىڭ »يازغۇچىدىن« دەپ بېرىلگەن كىرىش سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: »ئېنىقكى، بىز يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق. بەس، بىز ھەر بىر يوسۇندا ھەم شۇ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭىلىقلىرى ئارقىسىدىن ئەگىشىشىمىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش داستانچىلىق، رومانچىلىق ۋە ھېكايىچىلىقلاردىمۇ يېڭى ئەسەرلەر يارىتىشقا، خەلقىمىزنى شۇ زاماننىڭ >تاھىر ۋە زۆھرە< لىرى، >چاھار دەرۋىشلىرى<، >پەرھات ۋە شېرىن< لىرى شۇنداقلا >بەھرام گور< لىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا ئۆزىمىزدە مەجبۇرىيەت ھېس قىلىمىز.« ئا. قادىرى مەزكۇر بايانلىرى ئارقىلىق رومانىنىڭ تامامەن يېڭى تىپتىكى ئەسەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيلىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن روماندا خەلق كىتابلىرى، چۆچەكلەر ۋە نەۋايى داستانلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەنلىكىدىنمۇ بېشارەت بەرگەن. گەرچە خەمىت ئالىمجان »زەينەپ ۋە ئامان«دا ئاشىق - مەشۇقلار تەقدىرىنى زامانغا لايىق ۋىسال تېپىشقان قىلىپ، نەۋايىدىكى پاجىئەنىڭ ئەكسىنچە يول تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ مەسنەۋى فورمىسى، جاراڭدار قاپىيەسى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىكچى مەنىدارلىقىدا نەۋايى ماھارىتىنىڭ بەدىئىي ساداسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئۆزبېكىستاندا مىللىي ئىستىقلال شاماللىرى سوقۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا نەۋايىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي بىساتى ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرى بولغان قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ نۆۋىتىدە شائىرنىڭ 20 توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمى )بۇنىڭغا تۆت جىلدلىق »ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى« نى قوشقاندا جەمئىي 24 توم( نىڭ ئىشلىنىشىگە سەۋەب بولغان ۋە بۇ غايەت خاسىيەتلىك ئىش ئاخىرقى قېتىم 1987 - ~ 2004 - يىلىغىچە روياپقا چىققان. ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەق−قۇلوف »زەنجىرلەن−گەن شىر قېشىدا«، »شېئىرىيەت روھىي مۇناسىۋەت« )1989 - يىلى(، »ئەدەبىيات پەرزەنتلىرى« )1990 - يىلى(، »تەسەۋۋۇپ ۋە شېئىرىيەت« )1991 - يىلى(؛ سەئىدبېك ھەسەنوف »نەۋايىنىڭ 17 تۆھپىسى« )1991 - يىلى( قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن نەۋايىشۇناسلىقتىكى كۆپ يىللىق شۇراچە قامال ۋە تەپەككۇردىن ئازاد بولغانلىقىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تاماندىن شائىرنى ئۆز تارىخىي مۇھىتىغا قويۇپ، ئىجادىنى ئۆز ئەينى بويىچە تەتقىق قىلىدىغان ۋە سۆز ئىشلىتىشتىكى سەنئەتكارلىق تالانتىنى بەدىئىيلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ باھالايدىغان بىر قەدەر ساپ ئەدەبىياتشۇناسلىق ئېستېتىكىسى شەكىللەندى. 1991 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 550 يىل توشقان ئاشۇ كۈننى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ نەۋايى خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇنداق قوش تەنتەنىلىك تارىخىي شارائىتتا نەشر قىلىنغان »ئەلىشىر نەۋايى. غەزەللەر، شەرھلەر« ناملىق توپلامدىكى ئەركىن ۋاھىدوف، نەجمىدىن كامىلوف، مۇھەممەد ئەلى، جامال كامال كەبى ئىجادكارلار قەلىمىگە مەنسۇپ ماقالىلەر ئەنە شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. كېيىنكى يىللاردا مەھكەم ماھمۇدوف قاتارلىق ئالىملار ياراتقان »مەنىۋىيەت −− كامىللىق سائادىتى«، »ئىمان −− قەلب گۆھىرى«، »ئىشق، ئاشىق ۋە مەشۇق«، »ئەلىشىر نەۋايى ۋە نەقشىبەند« ھەم »نەۋايى ۋە ئىلاھىيەت« ماۋزۇلۇق كىتابلار نەۋايىشۇناسلىقتىكى »كۈن چۈشمىگەن تەرەپلەر« نى »يورۇق نۇقتا« غا ئايلاندۇرغانلىقى بىلەن قىممەتلىك.
1957 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 9 - فېۋرالدا نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە جايلاردا ئىلمىي، ئەنئەنىۋى يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىر مىراسىنى ئۆگىنىش بويىچە قىلىنغان ئىشلار يەكۈنلەنمەكتە، يېڭى پىلانلار تۈزۈلمەكتە. بۇلاردىن باشقا نەۋايىغا بولغان تۈگىمەس ھۆرمەت - مۇھەببەتنى ئىپادىلەش، شائىرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە سەمەرقەند بىلەن بۇخارا ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان ۋە قەدىمىي زەرەپشان ۋادىسى »نەۋايى ۋىلايىتى« گە ئۆزگەرتىلگەن. گۈزەل تاشكەنت شەھىرىنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان ئاۋات كوچىغا »نەۋايى كوچىسى« دەپ نام بېرىلگەن. كوچا مەركىزى ۋە يول بويىغا »ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى« قۇرۇلغان، شائىرنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان. سەمەرقەند دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ياۋروپاچە گويا سۈرەتتەك گۈزەل ئۆزبېك دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كۇتۇپخانىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى ۋە يېنىدىكى كۇتۇپخانا، زور مۇكاپاتلار، يەنە نەچچە ئون مەدەنىي مۇئەسسەسەلەر، يۈزلىگەن مەكتەپلەر، يېزا - كەنتلەرنى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش قارارلاشتۇرۇلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ياپونىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىغا نەۋايىنىڭ ئۇلۇغۋار ھەيكىلى ئورنىتىلغان.
قىسقىسى، 2007 - يىلى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلغان »ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا تەسىرى« ناملىق دۇنياۋى مەجلىستە ۋاشىنگت−ون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركۈلوگى E. سىرتەئۇتەس خانىم ئېيتقاندەك، نەۋايى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان، ھەتتا بۈيۈك بىرېتانىيەدە ئۇلۇغ شېكېسپېرمۇ ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى شۆھرەت قازانغاندەك ئالقىشلانمىغان! غەربنىڭ تونۇلغان نەۋايىشۇناسى A. بادراگىلىگېتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، »يەر شارىدىكى تاغلار ئارىسىدا ئەڭ ئېگىزى ھىمالايا چوققىسى بولسا، شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۈكسىكى ھەزرەت نەۋايىدۇر.« ③ بىراق نەۋايى 15 - ئەسىردىكى تەكشى تۈزلەڭلىكتىن تاسادىپىي ئۆسۈپ چىققان تاغ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى شەكىللەنگەن ئۇزاق قەدىمكى تاغ تىزمىلىرىدىن ھاسىل بولغان يۈكسەك چوققا! دېمەك، تاغ بار يەردە چوققا بار، تاغ يوق يەردە چوققىمۇ يوق!
ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ياپون دېڭىزىغىچە؛ ھىنگان، ئالتاي تاغلىرىدىن ھىمالايا چوققىسىغىچە بولغان بىپايان مەركىزىي ئاسىيا زېمىنىدا ياشىغۇچى خەلقلەر ئارىسىغا يېيىلغان. نەۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ۋاپات بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ياۋروپادا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. دۇنيادىكى ئۇلۇغ ھېكمەتخانا )كۇتۇپخانا( لار شائىر ئەسەرلىرى بىلەن بېزەلگەن. ئىجادىيىتى ئىنگلىز مۇتەپەككۇرلىرىدىن شائىر ئېللوتقا ۋە ئوكيان ئاتلاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارك. تىۋېنغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، نەۋايى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە يەنە بىر سوۋغىسىدۇر! لېكىن ئەقلىمىزنى ئىنسابقا چىللاپ شۇنىمۇ ھەققانىي ئېيتىشىمىز كېرەككى، ئېرتىش دەرياسى بىزدىن باشلانغان بىلەن مەنزىلدىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ »ئانا دەريا« ۋە ئۇنىڭ سۈيى »ئابى ھاياتتۇر«. بىر مېۋىلىك دەرەخكە نىسبەتەن كۆچەت تىككۈچىنىڭمۇ، ئۇنى ئاسراپ - پەرۋىشلەپ مېۋىگە كىرگۈزگۈچىنىڭمۇ ھەققى - ھوقۇقى بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن »دۇنيادىكى ئەڭ باي قول يازمىلار فوندى« رويخېتىگە ئېلىنغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت يۇقىرى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۆزبېكىستان ھازىر دۇنيا نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە تەن ئېلىنىپ، شائىر ھەققىدىكى تەتقىقات ئالتىنچى يۈز يىللىققا قەدەم قويماقتا. نەۋايى ئەسەرلىرى تاشكەنت قاتارلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا دۇنياۋى كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارى ھەر يىلى يېڭى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت ۋە كۆپلىگەن نۇسخىدا نەشر قىلىنماقتا، چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. زىكرى قىلىنغاندىكىدەك، بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايىنى ئىدېئاللاشتۇرۇپ چۈشەنمەسلىكنىڭ ھېچبىر ئامالى يوق. كۈنىمىزدە بۇ دۆلەتتە نەۋايى بېغى دۇنيانىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە ئۆزىنىڭ مول ھوسۇللۇق پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆزبېك خەلقى شائىرغا سىڭگەن ئەسىرلىك مېھنەت تەرىنىڭ ئالتۇن سۈيىدە »نەۋايى ئېنسىكلوپېدىيەسى« نىڭ سەلتەنەتلىك قەسرىنى بېزىمەكتە. ھالبۇكى، بۇ قەسىرنىڭ بوسۇغىسى بىزلەر ئۈچۈن گويا ئەپسانە تەرزدە دۇنيايىمىزنىڭ تېشىدىكى مۇئەمما بولۇپ تۇرماقتا!
بېلىق سۇغا تويمايدۇ! قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ!
|


