1
ئەشرۇ قەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى ئەنۋارۇلھۇدا،
يارى ئەكسىن مەيدە كۆردەپ جامىدىن چىقتى سەدا .
غەيرى نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم.
يوقتۇرئەي ساقى مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
خوش ئول مەيكى ئاڭا زەرپ ئولسا بىر سۇنغان ساپال
جام ئولۇر گېتى نەما جەمشىد ئانى ئىچكەن گەدا،
جامۇ مەي گەر بۇيىلەدۇر ئول جام ئۈچۈن قىلسا بۇلۇر،
يۈز جاھان ھەردەم نىسارئول مەي ئۈچۈن، مىڭ جان پىدا.
دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغانى ئەي مۇغبەچە،
جامۇ مەي تۇتساڭ مېنى دىۋا نىدىن قىل ئىپتىدا.
تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر
چېھرەئى مەقسۇد مەھۋە ئولغاي ھەم ئولدەم مائەدا،
تەشنەلەپ ئۆلمە ناۋائى چۈن ئەزەل ساقىسىدىن
ئەشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان كىلۇر ھەردەم نىدا،
2
كۆرگەلى ھۆسنۈڭنى زارۇمۇپتەلا بولدۇم ساڭا،
نە بەلالىغ كۈن ئىدىكىم ئاشىنا بولدۇم ساڭا.
ﻫەرنېچە دىدىكىم كۈن-كۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل،
ۋەﻫكى كۈن-كۈندىن بەتەررەق ئاشىنا بولدۇم ساڭا.
مەن قاچان دىدىم «ۋەپا قىلغىل ماڭا» زۇلۇم ئەيلەدىڭ،
سەن قاچان دىدىڭ «پىدا بولغىل» پىدا بولدۇم ساڭا.
قاي پەرى پەيكارغا دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سۈپەت،
ئەي پەرى پەيكەر، نە قىلساڭ قىل ماڭا، بولدۇم ساڭا.
ئەي كۆڭۈل تەركى نەسىھەت ئەيلەدىم ئاۋارە بول،
يۈز بەلا يەتمەسكى مەن ھەم بىر بالا بولدۇم ساڭا.
غۇسسە چەڭگىدىن نەۋائى تاپمادىم ئوششاق ئارا،
تا نەۋائىدەك ئەسرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا.
3
ئوتقا سالغىل سەرۋىنى، ئول قەددى مەۋزۇن بولمىسا،
يەلگە بەرگىل گۈلنى ئول رۇخسارى گۈلگۈن بولمىسا.
سەر-سەرى ئاھىم ئېسەر غەم شامى ھىجران تاغىغە،
ياخشىدۇر تاڭ ئاتقۇنچە بۇ تاغ ھامۇن بولمىسا.
تەلبەلىكدىن ۋاھكى ھەردەم دەردىم ئەفسۇندۇر مەگەر،
ئول پەرى ئىشقىدا ھەردەم دەردىم ئەفزۇن بولمىسا.
گەر كۆڭۈل قەتل ئىستەبان سەن ۋەئدە قىلدىڭ،تاڭلا دەپ،
ئۇشبۇ دەم ئۆلتۈر بۇ ئېھسان بىرلە مەمنۇن بولمىسا.
ئەي نەۋائى تانما گەر دەر ئول پەرى مەجنۇن سېنى،
ئاشىق ئولغايمۇ پەرىغە ئولكى مەجنۇن بولمىسا.
4
نى نەۋا ساز ئەيلىگەي بۇلبۇل گۈلىستاندىن جۇدا،
ئەيلەمەس تۇتى تەكەللۇم شەككىرىستاندىن جۇدا.
ئول قۇياش ﻫەجرىندە قورقارمەن پەلەكنى ئۆرتەگەي،
ﻫەر شەرارىكىم بۇلۇر ئول ئوتلۇغ ئەفغاندىن جۇدا.
دىمە ﻫىجرانىمدىن چەكمەيسەن پىغانۇ-نالە،كۆپ،
جىسمى ئەيلەرمۇ پىغان بولغان نەپەس جاندىن جۇدا.
ھەجىر ئۆلۈمدىن تەلىخ ئىمىش، مۇندىن سوڭ ئەي گەردۇن مېنى،
ئەيلەگىل جاندىن جۇدا، قىلغۇنچە جاناندىن جۇدا.
بولسا يۈزمىڭ جانىم ئال، ئەي ھەجىر لېكىن قىلماغىل
يارنى مەندىن جۇدا، ياخۇد مېنى ئاندىن جۇدا.
ۋەسىل ئارا پەرۋانە ئۆرتەندى ھامانە بىلدىكىم
قىلغۇدۇدەكدۇر سۈبھى ئانى شەمئى شەبىستاندىن جۇدا.
بىر ئىيەسىز ئىت بولۇپ ئېردى نەۋائى يارىسىز
بولماسۇن، يارەبكى ھەرگىز بەندە سۇلتاندىن جۇدا.
5
كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىغە پەرۋا ئەيلەسە،
ﻫەر كۆڭۈل ﻫەمكى سېنىڭ ئىشقىڭنى پەيدا ئەيلەسە.
ﻫەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلىسەم نەۋمىد ئۆلەي،
ﻫەر كۆڭۈل ﻫەمكى سېنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە.
ئۆزگەلەر ﻫۆسنىن تاماشا ئەيلەسەم چىقسۇن كۆزۈم،
ئۆزگە بىر كۆز ﻫەمكى ﻫۆسنۈڭنى تاماشا ئەيلەسە.
غەيرى زىكرىن ئاشكارا قىلسا لال ئولسۇن تىلىم ،
قايسى بىر تىل ﻫەمكى زىكرىڭ ئاشكارا ئەيلەسە.
رەشكىدىن جانىمغا ﻫەر نەرگىس كۆزى بىر شۆئلەدۇر،
باغ ئارا ناگاﻫ خىرام ئول سەرۋ رەئنا ئەيلەسە.
يوق ئاغزىدىن نۆكتە ئەيتۇر مەﻫۋەشىمدەك بولماغاي،
گەر قۇياش ﻫەر زەررەسىدىن بىر مەسىﻬا ئەيلەسە.
ئاقىبەت جانىمغا يەتتى ئەي خۇش ئول مۇغكىم مېنى،
بىر قەترە بىرلە خەرابات ئىچرە رەسۋا ئەيلەسە.
كەلتۈرۈڭ دەفئى جۇنۇنۇمغا پەرىخان يوق تەبىب،
كىم ئول ئەنسابىدۇر پەرى ﻫەركىمنى شەيدا ئەيلەسە.
سۈبﻬىدەك ﻫەردەمدە گەردۇن قويماغاي ئاسارىنى،
نىگاﻫ ئەﻫلى سىدىق كۆڭلى مىﻬرىن ئىفشا ئەيلەسە.
دەﻫىر شوخىغە نەۋايى سەيد ئولما نېچەلىم،
كۈن ئۇزارى تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە.
6
ياشىرۇن دەردىمنى زاﻫىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت،
ئاسرىغان سىررىمنى يايدى سەيلى مىژگان ئاقىبەت.
ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى ۋەﻫكى قىلدى پاش،
ﻫەر تەرەپ كۆزدىن تەرەششۇﻫ ئەيلەگەن قان ئاقىبەت.
تىغى ﻫەجرىدىن نىﻬان كۆكسۈن شىكافىن ئاﻫىكىم ،
ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت.
ۋايكىم كۆكسۈم شىكافىن ئۇلۇسقە بولدى فەﻫم،
ئىشىق ئوتى باغرىمغا قۇيغان داغى پىنﻬان ئاقىبەت.
شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن بىدادىغا خۇرسەند ئىدىم،
ۋەﻫكى بولدۇم ﻫەجرىدىن رەسۋايى دەۋران ئاقىبەت.
گەر بۇدۇر كافىر كۆزۇ زۇننار زۇلپى ئەي پەقىﻬ ،
بولغۇدەكمەن دەﻫىر ئارا مەستى پەرىشان ئاقىبەت.
ئىشقى كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى،
ﻫەجرى تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئۇريان ئاقىبەت.
دەﻫىر بوستانى ئاراسەركەش نىﻬالى كۆرمەدۈك،
سايە يەڭلىغ بولماغاي يەر بىلە يەكسان ئاقىبەت.
ئەي نەۋائى دەۋلەتى باقى تىلەرسەن ۋەسلىدىن،
ئانى كەسىپ ئەتمەك پەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت.
7
ساقىيا مەن يۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يېقىلدىم ئەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ ؟،
ئەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
8
ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ﻫەر لەئزە ياش،
ئۇيلەكىم پەيدا بۇلۇر يۇلتۇز نىﻬان بولغاچ قۇياش.
قۇت بىر بادامۇ دەيرىم گۇشەئى مىﻬراب ئىدى ،
غارەتىدىن ئەتتى ناگاﻫ بىر بەلالىغ كۆزۇ-قاش.
بۇدەمادەم ئاﻫىم ئىفشا ئەيلەر ئول ئاي ئىشقىنى،
سۈبﻬىنىڭ باد-باد دەمى ئانداقكى ئەيلەر مىﻬىرپاش.
بۇسەئى قىلماق مۇرۇۋەت ئەسرۇ قاتتىقتۇر لەبىڭ،
دىسەم ئاغزىڭ ئىچرە ئەيتۇر لەئىل ﻫەم بار نەۋئى تاش.
ناۋەكىڭ كۆڭلۈمگە كىرگەچ جان تالاشماق بۇ ئىكىن ،
كىم قىلۇر پەيكانەنى كۆڭلۈم ئىلە جانىم تالاش.
قاشى ئالدىدا ناۋائى بەرسە جان ئەيىپ ئەتمەڭىز،
گەربۇدۇر مىﻬراپ بىر-بىر قۇيغۇسىدۇر بارچە باش.
ئۆمرى جاۋىد ئىستەسەڭ يىگانە ئولكى بوستان خىزرىدۇر،
سەرۋىكىم دەئف ئەيلەدى ئازادە-ئازالىغ بىرلە مەئاش.
9
تۈن ئاخشام بولدى-يۇ كەلمەس مەنى شەمئى شەبىستانىم،
بۇ ئەندۇﻫ ئوتىدىن ﻫەردەم كۆيەر پەرۋانەدەك جانىم.
نە غەم كۆرگۈزسە كۆكسۈم پارەسىن چاكى گىرىبانىم،
كۆرۈنمەس بولسا كۆكسۈم يارىسىن داغى پىنﻬانىم.
غەمىدىن دۇررى مەكنۇندەك سىرىشكىم ئاقتى جەيﻬۇندەك،
مۇزەييەن قىلدى گەردۇندەك جەﻫاننى ئەشكى غەلتانىم.
پەلەك ﻫەم تولدى كەۋكەبدىن ،قۇياش ﻫەم چۈشتى ئەشﻬەبدىن،
كىلىپ چۈشمەس بۇ مەركەبدىن مېنىڭ خۇرشىدى رەخشانىم.
جەﻫاننى زۇلمەت ئەتتى چەﻫ بۇ زۇلمەت ئىچرە ئۆلگۈم ۋاﻫ،
ماڭا بولساڭ نە خىزرى رەﻫ، نىتىب ئەي ئابى ﻫەيۋانىم.
دىمە كۆكتىن قۇياش كەتمىش پەلەككە تىيرەلىك يەتمىش،
ئول ئاي ﻫەجرىدە تار ئەتمىش،پەلەكنى دۇدى ئەفغانىم.
نەۋائى كەبى ﻫىجراندىن بۇ ئاخشام ئۆلدۈم ئەفغاناىن،
غەمىم يوق بولسا يۈز جەﻫان يىتىپ گەر كەلسە جانانىم.
10
كېزەرمەن كويىدا يىللار نەزەر ﻫالىمغا سالغاي دەپ،
ئەگەر ئۆلتۈرسە قانىم رەڭگى تۇپراغىدا قالغاي دەپ.
كۆڭۈلگە يۈز تۈمەن نىش ئۇرسا ﻫىجران ئەيلەمەن نالە،
ۋىسالىڭ نۇشىدىن ئول زەخمىلەر بىر كۈن ئوڭالغاي دەپ.
كۆڭۈلگە ناۋەكىڭ تا كىردى بىﻬەد ﻫىفزىن ئەيلەرمەن ،
كى بۇ شىشەئى ئىچرە ئول داغى ناگاﻫ ئوشالغاي دەپ.
نەۋائى بىنەۋالىغ بىرلە دائىم مەي ئىچەر بىر كۈن،
نەۋا نەقشىنى دەۋران مۇترىبى بەزمىدە چالغاي دەپ.
11
ئەمەس خىلۋەت نىشىنلەرگە تاماشايى چىمەن ﻫاجەت،
چۇنانچە بولماغاي ئەﻫلى پەناغا ئەنجۈمەن ﻫاجەت .
گىرىپتارى قەدرى رەنايى گۈلگۈن پۇشمەن ۋاﻫ - ۋاﻫ ،
كۆڭۈلدە قالمادى بەرگى گۈلى سەرۋى سۈمەن ﻫاجەت .
بالا دەشتىدىكى ئاۋارىلارنىڭ ﻫالىنى سورماڭ،
كى ئاندا نى گۈلۇ،نى بۇلبۇلۇ،نى كۆﻫكەن ﻫاجەت.
سەﻫەر ۋاختى سابا يەتكۈردى زۇلپۇڭ تارىدىن بۇيى،
مۇئەتتەر ئولدى ئالەم بولمادى مۇشكى خوتەن ﻫاجەت.
سۇئال ئەيلەبدۇركى يېغلىماقدىن نى غەرەز ئاخىر،
دىدىلەر مۇستەپا دوستۇم ماڭا ۋەيسى قىرەن ﻫاجەت.
زىلەيخايى گۈلشەنىن قىلدى سەمۇمى ئىشىق خاكىستەر،
بۇ يەڭلىغ دىمە كىم ئول يۈسۇفى گۈل پىرەﻫەن ﻫەجەت .
بۇ مۇشتى ئۇستىخانىمنى ئانىڭ كويىغا تاشلاڭلار،
شەﻫىدى ئىشقىغا تابۇت،نە گۆرۇ،كېپەن ﻫاجەت.
رەفىقا بىسەرۇفالارنى سەن ئاغرىتماغىل زىنﻬار،
ﻫەبىب ئىشىكىگە بارغاندا نە سەن ﻫاجەت،نە مەن ﻫاجەت.
نەۋائى يارنىڭ ئاستانەسىنىڭ تۇپراغى بولدۇڭ،
ساڭا ئەمدى نە سەﻫرايۇ،نە شەﻫرۇ،نە ۋەتەن ﻫاجەت.
12
جۇنۇن ۋادىسىغا مايىل كۆرەرمەن جانىزارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزىگارىمنى.
پەلەك بىدادىدىن گەرچە مەنى خاكى غۇبار بولدۇم ،
تىلەرمەن تاپماغايلار تۇتىيالىققا غۇبارىمنى.
شەك ئىرمەس پەرتەۋى چۈشكەچ ئۆيى رەختى ﻫەم كۆيمەك،
چۇ گۆرىستان گادايى سەزمىگەي شەمئى مازارىمنى.
دىمەڭ قايسارى ئەزىم ئەتكۈڭ ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر،
قەزا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانى ئىختىيارىمنى.
تۈگەندى ئەشك گۈلگۈن ئەمدى قالمىش زەپىران يۈز،
پەلەك زۇلمى بەدەن قىلدى خازان بىرلە باﻫارىمنى.
دىيارىم ئەﻫلى بىرلە يارىدىن باشىمغا يۈز مېﻬنەت،
نىتاڭ باشىم ئالىپ كەتسەم قويۇپ يارۇ-دىيارىمنى.
ﻫەياتىم بادەسىدىن سەرگىرانمەن ئەسرۇ ئەي ساقى،
قەدەﻫقە زەﻫرى قاتىل قۇي، داغى دەئف ئەت خۇمارىمنى.
جاﻫان تەركىنى قىلماي چۈنكى تىنماق مۇمكىن ئېرمەستۇر،
نەۋائى قىل مېنى ئازاد ئۆرتەب يوقۇ-بارىمنى .
13
سىۋىنگىل ئەي كۆڭۈل ئاخىرقى جىسمىڭ ئىچرە جان كەلدى،
قۇۋان ئەي جانى مەﻫزۇنكىم ﻫەياتى جاۋىدان كەلدى.
سەپەردىن ئول پەرى يەتتى ،مەنى مەﻫزۇننى شاد ئەتتى ،
كۆڭۈلدىن ئەسكى غەم كەتتى تەن ئىچرە تازە جان قالدى.
خىرەد يېغ بۇ مەساپىڭنى ،تەﻫەممۇل قوي گەزاپىڭنى،
ۋەرەﻫ تەرك ئەيلە لاپىڭنى كى ئاشۇبى جەﻫان كەلدى.
دەمىكىم ئاندىن ئايرىلدىم كۆڭۈلنى ﻫەمراﻫى قىلدىم ،
بۈگۈن كەلدى كۆڭۈل بىلدىمكى،ئول نا مىﻬرىبان كەلدى.
كىلىپدۇر ياشۇرۇن ئول شاﻫ مەنى مەجنۇن ئەمەس ئاگاﻫ،
پەرى ئەرمەس ئېسە ئول ۋاﻫ كۆزدىن نىچۈك نىﻬان كەلدى.
پەلەك باقتى پىغانىمغا ئەجەل رەﻫىم ئەتتى جانىمغا،
خەزانلىق بوستانىمغا گۈلى باغى جىنان كەلدى.
مۇغەننى بىر نەۋائى تۈز، نەۋائى نەغمەئى كۆرگۈز،
ئاياقچى تامسا تۇت توققۇز كى دارايى زەمان كەلدى.
14
بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،
قۇيۇندەك ﻫەر زەمان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان.
نى ئەندۇﻫ مەلالىمغا بەلىيەت دەشتىدەك غايەت،
نە سەۋداۋۇ جۇنۇنۇمغا مەلامەت بەﻫرىدەك بايان.
تۈنۈم دەيجۇر،ئۈزۈم رەنجۇر،ئىچىم غەمناكۇ،باغرىم چاك،
تىلىم لالۇ،تېنىم بىﻬال،ئىشىم ئەفغان،سىرىشكىم قان.
زەئىپۇ دەردۇ غەم پىشە نەﻫىپۇ مىﻬنەت ئەندىشە،
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان قەتىلى،خەنجەرى ﻫىجران.
پىغانىمدىن پەلەك غەمكىن سىرىشكىمدىن جەﻫان رەنگىن،
نە دەردىم ئوتىغا تەسكىن ،نە ﻫەجرىم دەردىغە دەرمان.
باشىم غەم تاشىدىن پارە،تەنىم ﻫەجىر ئوقىدىن يارە،
كۆڭۈل بۇ پارەغە چارە تاپارغا تاپمايىن ئىمكان.
كۈزۈم نەملىق،بۇيۇم خەملىك ئىچىم ئەندۇﻫى ماتەملىك،
نى ﻫەمدەملىق ،نى مەﻫرەملىق،تاپىپ بۇ مىﻬنەتى پىنﻬان.
ﻫەم ئەﻫۋالى تەباﻫىمدىن، ﻫەم ئاﻫى سۈبﻬىگاﻫىمدىن،
ﻫەم ئوتلۇغ دۇدى ئاﻫىمدىن قارارىپ كۈلبەئى ئەﻫران .
نەۋايى بولسا مىﻬنەت كۆپ ئىچە كۆر جامى ئىشرەت كۆپ،
نېچە بولسا سەئۇبەت كۆپ بۇلۇر ۋەﻫدەت مەيى ئاسان.
15
مۇزەﻫﻬەپ ئەيلەگەن پەيكانىلارىڭ جىسمىم ئارا ﻫەريان،
دىمە ياش چەكتىكىم چەكتى زەبانە شۆئلەئى ﻫىجران.
قاچان پەيكان كۆرۈنگەي ﻫەجىر ئوتىنىڭ شۆئلەسى بولسا،
ئانى تارتىپ چىقارماق زەخىم ئىچىدىن بارمىدۇر ئىمكان.
نى تاش ئاتىپ تەنىمنى زەخىم قىلساڭ غەمگە قالۇرمەن،
مۇڭانى باغلاي،ئانى قايدا باغلاي دەپ مەنى ئۇريان.
بەلا دەشتىدە كۆرگەن ۋەشى مەجنۇننى مەنى داغى،
خىرەد ئەﻫلى قاشىدا تەلبە كۆرگەندەك قالۇر ﻫەيران.
سۆڭەكلەرنى تېنىمدىن بىر-بىر ئايرىدى غەمۇ-ﻫىجرىڭ،
مەﻫەلدۇر سەگلىرىڭنى ئەيلەسەم كۈلبەم ئارا مېﻬمان .
نىمەن قالغۇم نىسەن باقى زەمانە كەلگىل ئەي ساقى،
قەدەﻫ دەۋرىنى خۇش تۇتقىل ۋەپاسىزدۇر بەسى دەۋران.
ۋەپاسىزدۇر جاﻫان ئەﻫلى زاماندا نە ۋاپا بولغاي،
زامان ئەﻫلى گەر ئۇلاردىن ۋاپا ئىزدەر ئىرۇر نادان.
خۇشا دەير ئىچرە مەيخانە تولا ئىلكىڭدە پەيمانە،
مەنۇ ئەﻫلى پانا ئاغزىدا«كۇللۇمەن ئەيلەي ﻬاپان.››
پەنا يولىدا سائىللىقنى ۋەگەر سۇلتانلىقتىن ئارتۇق بىل،
كىم ئۆلمەگلىكتە تەڭدۇرلەت ۋەگەرسائىل،ۋەگەر سۇلتان.
جەﻫان ئىچرە كىشىنىڭ چۈن يوقىنىڭ بارى يەكساندۇر،
نى فەررۇخ كىمسەدۇر كۆرگەن جاﻫان بارى-يوقى يەكسان.
ناۋائى ئۆزنى خۇش تۇتكىم كىشىگە دەﻫىر ئىشى باردۇر،
ئەگەر مۈشكۈل تۇتار مۈشكۈل،ۋەگەر ئاسان تۇتار ئاسان.
(ئابلىكىم مۇھەممەت ساكرائۇلى تەييارلىغان)
|