بالزاكنىڭ پەرىشتىسى(2)

يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 9-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ۆتۈرۈلۈپ ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقىلارغا بەدىئىي زوق بېغىشلىيالايدىغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ،
ۆتۈرۈلۈپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقىلارغا بەدىئىي زوق بېغىشلىيالايدىغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ، بارا - بارا كۆزگە كۆرۈندى.
ئايال ئۇنىڭ سۆيگىنى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ سىردىشى، ئەڭ يېقىن ھەمراھى ئىدى. ئايال ئۇنىڭغا ھەقىقىي مۇھەببەت ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
شان - شەرەپلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۇنىڭ بېشىدا ئەگىپ، نامى چىققانسېرى، ساھىبجاماللارمۇ تەرەپ - تەرەپتىن ئۇنىڭغا سايىدەك ئەگىشىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئايال ناھايىتى ئازابلاندى، لېكىن كۈنداشلىق قىلمىدى. ئۇنى سۆيۈش، ئۇنى چۈشىنىش ئايالنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ئىدى. ئايال ئۇنىڭغا ئەبەدىي ھەسەت قىلمىدى، ئۆزىنى ئويلىماي، پەقەت ئۇنىلا ئويلىدى. ئۇنىڭغا ساھىبجاماللارلا ئەمەس، يەنە پۇل، مەرتىۋە، سالاھىيەتنىڭمۇ كېرەكلىكىنى ئايال ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. مۇشۇلارغا قايناق ھېسسىيات قوشۇلغاندا، ئۇنىڭ ئۆمىد - ئارزۇلىرى ۋە شان - شۆھرەتكە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى قاندۇرغىلى، ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشى ئۈچۈن خام ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگىلى بولاتتى. شۇڭلاشقا ئايال ئۇنىڭ خان جەمەتى ئاقسۆڭەك خېنىملىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قايناق ھېسسىياتتىن پايدىلىنىپ بىر قانچە توم ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئايال ھەتتا ئۇنىڭغا »بارلىق ئاياللارغا خىزمەت قىلىش، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنىلا ياخشى كۆرۈش«تىن ئىبارەت جاھاندارچىلىق يولىنى ئۆگەتتى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شۇنداق قىلىپ ئون يىل داۋاملاشتى.
كېيىن ئايال ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا يەنە خۇشاللىق ئاتا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، مۇھەببەت ئۈچۈن كەڭ قورساقلىق بىلەن بۇ خىل يېقىن مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر - بىرىنىڭ قەلب دۇنياسىدىكى دوستلارغا ئايلاندى.
ئايال ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇنىڭ يازغان مۇھەببەت مەكتۇپلىرىنى قانچىلىغان ئۇيقۇسىز كېچىلەردە قايتا - قايتا ئوقۇپ، بۇرۇنقى تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا خاتىرىلىۋالدى، ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا قوشۇلمىدى، چۈنكى ئايال ئۇنىڭدا گۈزەل بىر سېمانىلا قالدۇرۇپ كېتىشنى ئويلاپ، جان تۇمشۇققا كېلىپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىمۇ ئويۇن - تاماشا ئىچىدىكى ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن كۇپايىلەندى.
سالاھىيەتكە، مەرتىۋىگە، مال - دۇنياغا ئىگە بىر ئايال ھېچنېمىسى يوق، ئۆزىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيگەن بىر ئەرنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ »ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ناپولېئون« بولۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشقا رازى بولدى، بۇنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن!
سۆيگەن ئادىمىنىڭ بارغانسېرى شاللاقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قىلىشقان قەسىمىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئايال يەنىلا ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىسىنى سۆيگەندەك كەڭ قورساقلىق بىلەن سۆيۈپ، بارلىقىنى مۇھەببەتكە بېغىشلىدى. بۇنى قانداقمۇ ئەستىن چىقارغىلى بولسۇن !



ھالقىلىق سۆزلەر : Honoré de Balzac


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار