ئاپتورى: جېڭ رۇ مەمتىمىن تۇرسۇن تەرجىمىسى Honoré de Balzac
شۇ يىلى بالزاك 22 ياشقا كىرگەن، دې. بېرنى 45ياشقا كىرگەن بولۇپ، توققۇز بالىنىڭ ئانىسى ئىدى. ئەگەر چوڭ ئوغلى ھايات بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن، يەنى يېڭى كەلگەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بوپ قالاتتى.
ئۇ ۋاقىتلاردا بالزاك تېخى نامى چىقمىغان ئاددىي قەلەمكەش بولۇپ، ئانچە - مۇنچە ھېكايە يېزىپ، يالغان نام بىلەن ئېلان قىلدۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى رەتسىز، كىيىملىرى يارىشىمسىز بولۇپ، ئايىغىنىڭ بوغقۇچى يىلبويى چىگىلمەيتتى، ساقاللىرى ئۆسكىلەڭ، چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، شالىسىنى چاچرىتىپ گەپ قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سورۇنلىرىدا ئۇ كىشىلەرنىڭ دائىملىق مەسخىرە ئوبيېكتى ئىدى.
بىراق ئايالنىڭ ئانىسى خانىشنىڭ دېدىكى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئوردا تۇرمۇشىنى پىششىق بىلەتتى، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى، يۈرۈش - تۇرۇشى، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتلىرىنى ئۆگەنگەنىدى.
ئۇ بۇ ئايالنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ، سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ قالدى.
مۇھەببەت دېگەن مانا مۇشۇنداق سىرلىق نەرسە، ياش پەرقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا سەۋەب بولالىغان ئەمەس. ئۇ ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە چوغدەك لاۋۇلداپ تۇرىدىغان سۆيگۈ مەكتۇپلىرىنى يېزىپ، مۇزلاپ قالغان بىر يۈرەكنى قايتىدىن ئېرىتىۋەتتى. ئايال ئوتلۇق مۇھەببەت مەكتۇپىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى، خەتلىرىدىكى ھەر بىر قۇردىن ئۇنىڭ باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانتىنى كۆرۈپ يەتتى. ئايال ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقىغا، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئەڭ كاتتا ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەندى. شۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭغا ھېچكىم، ھەتتا ئانىسىمۇ ئىشەنمەيتتى. پەقەت بۇ ئاياللا ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئۇنى تونۇپ يېتەلىدى.
ئۇلار مۇھەببەتلەشتى، ئايال ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان بىر بالا بىلەن مۇھەببەتلەشتى. پۈتۈن كائىنات - ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ، جاھاندىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ، ئۇلار ئۆزگەرمەيدىغان، ھەر قانداق پىتنە - پاساتلارغا پەرۋا قىلمايدىغانغا ۋەدىلەشتى. ئايال ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەنىۋى ئۇستازى ئىدى. ئۇنى ئىلھاملاندۇراتتى، ياردەم بېرەتتى، يېتەكلەيتتى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى خام ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇراتتى، ھەتتا ئۇنىڭ قول يازمىلىرىنى جۈملىمۇ جۈملە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، قايسى جايلىرىنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقىنى، قەيەرنىڭ ياخشى يېزىلمىغانلىقىنى، قايسى تەرەپنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، قانداق تۈزىتىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرەتتى. مېھىر - مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى تەدرىجىي يۇقىرى ك
|


