ئىجادىيەت ۋە يازغۇچى(ھېمىڭۋاينىڭ نۇتقى)
يوللانغان ۋاقتى:17-06-2011
مەنبە: تارىم 2009-4-سان
مۇھەررىر: تەكلىپلىك مۇھەررىر
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
(ھېمىڭۋاينىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى)
(ھېمىڭۋاينىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى)
تاھىر ھامۇت تەرجىمىسى
مەن گەپكە ئانچە ئۇستا ئەمەس، پەقەتلا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
نۇرغۇنلىغان بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلىدىغان ھەر قانداق بىر يازغۇچى بۇ مۇكاپاتنى ئالغاندا خىجىللىق ھېس قىلماي قالمايدۇ. بۇ يەردە ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ دەپ يۈرۈش ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ۋىجدانىغا ئاساسەن بىر تىزىملىكنى تىزىپ چىقالايدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ باش ئەلچىسىگە مەن ھاۋالە قىلغان بۇ بىر پارچە نۇتۇق تېكىستى بىلەنلا بىر يازغۇچىنىڭ بارلىق تەسىراتىنى دەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ئەسىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ بەزىدە بەختلىك؛ بىراق ئۇ نەرسىلەر ئاخىر روشەنلىشىشكە باشلايدۇ. ئاشۇ نەرسىلەرگە ۋە يازغۇچىدىكى ئىقتىدارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، يازغۇچى تارىختا نام قالدۇرىدۇ ياكى ئۇنتۇلىدۇ.
يېزىقچىلىق ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا بىر خىل يالغۇزلۇق ھاياتىدىن ئىبارەت. خىلمۇخىل يازغۇچىلار تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ يالغۇزلىقىنى يەڭگىللىتىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولالىشىدىن گۇمانلىنىمەن. نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يازغۇچى يالغۇزلۇق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دائىم ئادەتتىكىچىلا بولىدۇ. ۋەھالەنكى، يالغۇزلۇق ئىچىدە تەنھا ئىشلەيدىغان يازغۇچى ناۋادا ھەقىقەتەن باشقىلاردىن پەرقلىنەلىسە، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەبەدىي نەرسىلەرگە ياكى ئەبەدىيلىكى كەم بولغان نەرسىلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك.
بىر ھەقىقىي يازغۇچىنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇنىڭ تېخى يېتىپ بارالمىغان ساھەسىدىكى يېڭى بىر نىشانى بولۇشى كېرەك، ئۇ مەڭگۈ باشقىلار قىلىپ باقمىغان ياكى باشقىلار تېخى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى قىلىشى لازىم. شۇندىلا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى يارىتالايدۇ. ئەگەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلگىرى يېزىلىپ بولغان نەرسىنى يەنە بىر ئۇسۇل ئارقىلىق يېزىشلا بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ تولىمۇ ئاسان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، بىزدىن بۇرۇنقى پېشۋالار نۇرغۇن بۈيۈك نەتىجىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ شۆھرىتى بىر ئاددىي يازغۇچىنى بۇرۇنقى نەتىجىلەردىن يىراق بولغان مەنزىلگە يېتىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇنى تايانچسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ گېپىم ھېلىمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. يازغۇچى ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرماسلىقى، بەلكى يېزىشى كېرەك.
كۆپچىلىككە رەھمەت!
(ھېمىڭۋاي مۇكاپات ئېلىشقا ئۆزى بارمىغان، بۇ نۇتۇقنى ئامېرىكىنىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇراسىمدا ھېمىڭۋايغا ۋاكالىتەن ئوقۇغان)
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------