
(Herta Müller,1953-)
ئاپتورى: ھېرتا موللىر
ئۆمەرجان ئىسمائىل تەرجىمىسى
(2009-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ مۇكاپات ئېلىش نۇتقى)
ھەر كۈنى ئەتىگەن بوسۇغىدىن ئاتلىشىمغا، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئاپام قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟ دەپ سورايتتى. دەرۋەقە قول ياغلىقىمنى ئېلىۋالمىغاچ، كەينىمگە يېنىپ ئېلىپ چىقاتتىم. ئاپام شۇنداق سورىمىغۇچە قول ياغلىقىمنى ئېلىۋالمايتتىم. قول ياغلىق بولسا ئاپامنىڭ ماڭا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا ئۆزۈمگىلا تايىناتتىم. ئاپام مېنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈشنى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇشۇ “قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟” دېگەن جۈملە بىلەن ئىپادىلەيتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىۋاسىتە ئىپادىلەنگەن مۇھەببەت ئادەمنى قورۇندۇرۇپ قويىدۇ، يېزىدىكىلەر ئۇنداق ياسالمىلىقنى ياقتۇرمايدۇ. مۇھەببەت دېگەن سوئال بەلگىسى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا دېيىلىدىغان بولسىمۇ، بۇمۇ مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى. قوپالراق ئېيتىلغان بىلەن مېھرىبانلىقنى كۈچەيتىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن قول ياغلىقىمنى ئالماي ئۆيدىن چىقىشقا تەمشىلىپ، يەنە قايتىپ كىرىپ ئېلىۋالىمەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا كوچىلاردا ماڭسام، ئاپام يېنىمدىكىدەكلا ھېس قىلىدىكەنمەن.
20 يىلدىن كېيىن، ئۆزۈم يالغۇز شەھەردە تۇرۇپ، بىر زاۋۇتتا تەرجىمانلىق قىلدىم. ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالتە يېرىمدا خىزمىتىمنى باشلاپ كېتەتتىم... ئىككى يىل مانا مۇشۇ رەۋىشتە ئۆتۈپ كەتتى.
ئۈچىنچى يىلى قېلىپلىشىپ قالغان تۇرمۇشۇم ئاخىرلاشتى. ئىشخانامدا بىرەيلەن پەيدا بولۇپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىم ئەتىگەنلىكى كەلدى. ئۇ ئادەم كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، قاۋۇل، يوغان باش، زەبەردەست ساقچى ئىدى، ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك قوغدىنىش ئەترىتىدىن كەلگەن مەخلۇق ئىدى. بىرىنچى قېتىم ئۇ مېنى تىللاپ بولۇپلا چىقىپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىمدا ئۇ پىلاشنى ئىشكاپنىڭ ئاسقۇچىغا ئېسىپ قويۇپ ئولتۇردى. شۇ كۈنى ئەتىگەن ئۆيۈمدىن كۈركۈمگۈل ئەكېلىپ لوڭقىغا سېلىپ قويغانىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ: كۆزىڭىز بەك ئۆتكۈركەن، باشقىلارنى چۈشىنىشكە بەكلا ئۇستىكەنسىز، دەپ ماختاپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇغەمبەرلەرچە دەۋاتقان سۆزلىرىدىن ئارامسىزلىنىپ: كۈركۈمگۈلنى چۈشىنىمەن، بىراق باشقىلارنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئۇقمايمەن، دەپ ئۇنىڭغا رەددىيە بەردىم. ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا كۆركۈمگۈلگە قارىغاندا مېنى بەكرەك چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پىلاشنى قولتۇقىغا قىسىپ چىقىپ كەتتى. ئۈچىنچى قېتىمدا، ئۇ خىزمەت سومكىسىنى ئورۇندۇقۇمغا قويۇپ قويغاچقا، ئۇ كەتكۈچە ئۆرە تۇردۇم. سومكىنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇ مېنى مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ھۇرۇن خوتۇن، خۇددى كوچىدىكى پاھىشىلەردەك چۈشكۈن، دەپ تىللىدى. شىرەدىكى كۈركۈمگۈلنى بىر چەتكە سۈرۈۋېتىپ، بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن قەلەمنى شىرەنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ماڭا:
−− يازە، −− دەپ ۋارقىرىدى. مەن ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىسمىم، تۇغۇلغان كۈنۈم ۋە ئادرېسىمنى يازدىم. ئاندىن (بۇنى مەن دوستلىرىم ۋە تۇغقانلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا تىنمىغان) ئاشۇ قورقۇنچلۇق خەتنى يازدىم: “ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.” دەل مۇشۇ ۋاقىتتا توختىۋالدىم. قەلەمنى قويۇپ دېرىزە يېنىغا كېلىپ، چاڭ - توزانلىق يەرگە نەزەر سالدىم. بۇ ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپىلىق يول بولۇپ، ئىككى قاسقىنىغا پاكار ئۆيلەر سېلىنغانىدى. بۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ يولنىڭ نامى شان - شەرەپ كوچىسى. يول قاسنىقىدىكى تاقىر ئۈجمە دەرىخىدە زاۋۇتتىكى ھېلىقى ئەسكى مۈشۈك ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەتىگەنلىك قۇياش خۇددى ئاسمانغا ئېلىپ قويغان سېرىق داپقا ئوخشايتتى. مەن كوچىغا نەزەر تاشلاپ، ھېلىقى ئەرگە دېدىم:
−− بۇنداق قىلىشنى مېنىڭ ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ.
ساقچى “ۋىجدان” دېگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەسەبىيلىشىپ، ھېلىقى قەغەزنى يىرتىپ يەرگە تاشلىدى. ئاندىن مېنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ھەققىدە خوجايىنغا دوكلات بېرىش ئېسىگە كەلگەن بولسا كېرەك، يەردىكى قەغەز پارچىلىرىنى تېزدىن سومكىسىغا سالدى. ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ، غەزەپلەنگەن ھالدا گۈل لوڭقىسىنى تامغا ئاتتى، لوڭقا چېقىلغاندا خۇددى چىش غۇچۇرلىغاندەك ئاۋاز چىقتى.
ئۇ سومكىسىنى ئېلىپ تەمكىنلىك بىلەن:
−− سەن پۇشايمان قىلىسەن، بىز سېنى دەرياغا چۆكتۈرۈپ جېنىڭنى ئالىمىز، −− دېدى. مەن ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم: ئەگەر ئىمزا قويىدىغان بولسام، ھەممە ئىش ئاخىرلىشىدۇ. مەنمۇ ئۆزۈمگە ئوخشىماي قالىمەن. شۇڭا خالىغىنىڭنى قىل. بىراق بۇ چاغدا ئىشخانا ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى، ئۇ ئاللىبۇرۇن كېتىپ قالغانىدى. كوچىدىكى ھېلىقى مۈشۈك دەرەختىن چۈشۈپ ئۆگزىگە چىقىۋالدى، دەرەخ شېخى تىنماي سىلكىنەتتى.
ئەتىسى سۆرەلمە جەڭ باشلاندى. ئۇلار مېنى زاۋۇتتىن كېتىشكە قىستىدى. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا زاۋۇت باشلىقىنىڭ يېنىغا يوقلىمىغا كىرەتتىم. خۇددى ئاپام ھەر كۈنى سەھەر: “قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟” دەپ سورىغاندەك، زاۋۇت باشلىقىمۇ مەندىن باشقا خىزمەت تاپتىڭىزمۇ؟ دەپ سورايتتى. مەنمۇ ھەر كۈنى ئوخشاشلا مەن زاۋۇتتا ئىشلەشنى خالايمەن. پېنسىيەگە چىققۇچە ئىشلىگۈم بار، شۇڭا خىزمەت ئىزدىمىدىم، دەپ جاۋاب قايتۇراتتىم.
بىر ئەتىگىنى ئىشقا كەلسەم، توم لۇغىتىم ئىشخانام ئالدىدىكى يەردە تاشلاقلىق تۇرۇپتۇ. ئىشخانامغا كىرسەم، بىر ئىنژېنېر مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ: −− ماڭا باشقىلارنىڭ ئىشخانىسىغا ئىشىك چېكىپ كىرمەمسىز؟! بۇ مېنىڭ ئىشخانام، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى، −− دېدى. مەن كەتسەم بولمايتتى. ئەگەر بىر قېتىم ئىشتىن قالساملا، مېنى ھەيدىۋېتىشكە باھانە تېپىلاتتى، ئىشخانام يوق بولدى. ئىشقىلىپ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىشقا كېلىشىم كېرەك.
بىر كۈنى غېرىبلىققا چۆككەن شان - شەرەپ كوچىسىدا دوستۇم بىلەن ئۆيگە قايتقاچ، ئۇنىڭغا ھەممىنى دەپ بەردىم. ئۇ ئىشخانىسىدىكى بىر بۇلۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭا بەردى. ئەمما ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشخانىسى ئالدىدا ماڭا: −− ئەمدى سېنى كىرگۈزەلمەيدىغان بولدۇم، ھەممەيلەن سېنى ئىشپىيونكەن دەۋاتىدۇ، −− دېدى. يۇقىرىدىن تارتىپ تۆۋەنگىچە تارالغان بۇ ئۆسەك گەپلەر مېنى ئازابلىدى. ھەي! مېنى نەس باستى! تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىساق، ئۆزىمىزنى قوغدىساق بولىدۇ. ئەمما تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا ئامال قانچە؟ مەن ھەر كۈنى ھەممىگە تەييارلىنىپ قويىمەن، ھەتتا ئۆلۈمگىمۇ! بۇ ئىغۋالار بىلەن قارشىلاشقۇدەك ھالىم قالمىدى. ھەرقانداق تەييارلىقمۇ بۇ زەخىمنى يېنىكلىتىشكە ئامالسىز. تۆھمەت خۇددى ئېچىپ كەتكەن ئەخلەتتەك دىماقنى ئېچىشتۇرۇپ، سېنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىكەن. چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى قوغداشقا ئىلاجسىزدە! ئىشداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە مەن بىر ئىشپىيون. ئەگەر ئىشپىيون بولۇپ ئۇلارنى پايلىغان بولسام، ئۇلار ماڭا شەكسىز ئىشىنەتتى. ئېنىقكى مەن ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلمىغاچقا ئۇلار مېنى جازالاۋاتىدۇ.
مەن ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا چىقىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئىشخاناممۇ يوق ئىدى، دوستۇممۇ ئىشخانىسىغا كىرگۈزمىدى. پەلەمپەيدە نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇردۇم. پەلەمپەيدە بىردەم ئاستىغا، بىردەم ئۈستىگە مېڭىپ توساتتىن ئاپام ۋە يېنىمدىكى قول ياغلىق ئېسىمگە كەلدى.
قول ياغلىقنى 2 - ۋە 3 - قەۋەت ئارىلىقىدىكى پەلەمپەيگە يېيىپ ئۈستىدە ئولتۇردۇم. لۇغىتىمنى تىزىمغا قويۇپ، سۇيۇقلۇق پىرېسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. مەن “پەلەمپەيدىكى دانىشمەن”لەرگە ئوخشاپ قالغانىدىم. ئەپسۇس، قول ياغلىق مېنىڭ ئىشخانام ئىدى. ئىلگىرى دوستۇمنىڭ ئىشخانىسىدا بىللە تاماق يېگەن بولساق، ھازىر دەل مېنىڭ “ئىشخانامدا” دوستۇم ئىككىمىز بىللە تاماق يەۋاتاتتۇق. ئۇ تاماق يېگەچ ماڭا ئىچى ئاغرىپ كۆز يېشى قىلاتتى. بىراق مەن ياش تۆكمەيتتىم، بۇنداق ۋاقىتتا تېخىمۇ قەيسەر بولۇشۇم كېرەك ئىدى. جاھان باقىي بولمىغاندەك، بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ئاخىر ئىشتىن ھەيدەلدىم.
“پەلەمپەيدىكى دانىشمەن” بولغان شۇ كۈنلەردە، لۇغەتتىن “پەلەمپەي” دېگەن بۇ سۆزنى ئاختۇرۇپ باقتىم: پەلەمپەينىڭ بىرىنچى پەشتىقى ئورنىمىزدىن قوزغىلىشىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ياي شەكىللىك لايىھەلىنىدۇ. ھەر بىر قەدىمىمىز پەلەمپەي يۈزى بىلەن گورىزونتال ھالەتتە ماسلىشىشى كېرەك. ھەر قەدەم يۆتكىگەندە قەدەم ئارىسىدىكى بوشلۇق پەلەمپەينىڭ كۆزى دەپ ئاتىلىدۇ. مەن سۇيۇقلۇق پىرېسنىڭ سىلىقلاش سىستېمىسىغا ئالاقىدار كەپتەر قۇيرۇقى شەكىللىك ئەركەك تۇرۇم، غاز بويۇن تۇرۇبا، قالپاق شەكىللىك ۋىنتا، تۆشۈك بولتا قاتارلىق چىرايلىق سۆزلەرنى بىلىۋالدىم. پەلەمپەينىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئاشۇنداق شېئىرىي مەنىگە باي چىرايلىق ئىسىملاردىن ھازىرمۇ ھەيرانمەن. پەلەمپەينىڭ يۈزى ۋە كۆزى بولغاندىكىن ئۇنداقتا بەدىنىمۇ بولىدۇ - دە! ئىنسانلار ياغاچ - تاش، سېمونت ياكى پولات - تۆمۈرلەر بىلەن ھەپىلىشىپ، نېمىشقا ئۆزلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئاشۇ جانسىز نەرسىلەرگە زورلاپ تېڭىپ ئادەملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغاندۇ؟ بەلكىم بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ئىللىقلىق تېخنىكلارنىڭ جاپالىق خىزمەتكە بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىدىغاندۇ! بەلكىم ئاپام مەندىن قول ياغلىقىمنى ئالغان - ئالمىغانلىقىمنى سورىغانغا ئوخشاش ھەر ساھەدىكى ھەر بىر خىزمەت مۇشۇنداق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلسا كېرەك.
كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيىمىزدە مەخسۇس قول ياغلىق سالىدىغان تارتما بار ئىدى. قول ياغلىقلار ئىككى رەت بويىچە، ھەر بىر رەتتە ئۈچ دەستە قىلىپ قاتلاپ قويۇلاتتى. سول تەرەپتىكىلەرنى دادام بىلەن بوۋام، ئوڭ تەرەپتىكىلەرنى ئاپام بىلەن مومام، ئوتتۇرىسىدىكىنى مەن ئىشلىتەتتىم.
تارتمىدىكى قول ياغلىقلار گويا ئائىلىمىزنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتگە ئوخشايتتى. ئەرلەرنىڭ قول ياغلىقى ئەڭ چوڭ بولۇپ، چۆرىسىدە جىگەررەڭ، كۈل رەڭ ياكى تۇتۇق قىزغۇچ، سۆسۈن رەڭلىك سىزىقلار بار ئىدى. ئاياللارنىڭ كىچىكرەك بولۇپ، چۆرىسى سۇس كۆك، قىزىل ياكى يېشىل رەڭدە بولاتتى. بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىك بولۇپ، ئاق چاقماق ئۈستىگە گۈل ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى بېسىلىپ، گىرۋەكلىرى تورلانمىغان بولاتتى. بۇ قول ياغلىقلارنىڭ بىر رەتتىكىلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردە، يەنە بىر رەتتىكىلىرىنى مەخسۇس تىلاۋەت كۈنلىرى ئىشلىتەتتۇق. تىلاۋەت كۈنىدە چوقۇم قول ياغلىق بىلەن كىيىمنىڭ رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئامال بار قول ياغلىقنى ئاشكارا كۆرسەتمەسلىك كېرەك ئىدى.
ئۆيىمىزدە قول ياغلىق ھەرقانداق نەرسىلىرىمىزدىن، ھەتتا ئۆزىمىزدىنمۇ مۇھىم. ئەمەلىيەتتىمۇ قول ياغلىق نۇرغۇن يەرلەردە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: بۇرنىمىزدىكى پوتلا ۋە قاننى سۈرتۈش؛ جەينەك ۋە تىزلىرىمىز يارىلانغان ۋاقىتتا، يىغلىغان ۋاقىتتا كۆز ياشلىرىمىزنى سۈرتىمىز ياكى قول ياغلىقنى چىشلەپ مىشىلداپ يىغلايمىز؛ بېشىمىز ئاغرىسا سوغۇق سۇغا چىلانغان قول ياغلىقنى پېشانىمىزگە قويۇۋالىمىز؛ قول ياغلىق ئارقىلىق يەنە ئاپتاپتىن ياكى يامغۇردىن دالدىلىنىمىز؛ ئەگەر سەن بىر ئىشنى ئېسىڭدە تۇتماقچى بولساڭ قول ياغلىقنى تۈگۈۋالساڭ بولىدۇ؛ مۇھىم نەرسىلەرنى قول ياغلىققا چىگىۋېلىشقا بولىدۇ؛ پويىز قوزغالغان ۋاقىتتا قول ياغلىقنى پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىمىز. بانات شېۋىسىدىكى “كۆز يېشى” دېگەن سۆز ئاڭلىماققا رۇمىنىيە تىلىدىكى “پويىز” دېگەن سۆزگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن رېلىستىن چىققان گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلىماققا يىغا ئاۋازىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كەنتتە بىرەرى قازا قىلسا، ئۇلار مېيىتنىڭ ئاغزىنىڭ يۇمۇق ھالەتتە تۇرۇشى ئۈچۈن، قول ياغلىق بىلەن ئېڭىكىنى چېتىپ قويىدۇ؛ ئەگەر شەھەر كوچىسىدا بىرەرى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتكەن - كەچكەنلەر قول ياغلىق بىلەن يۈزىنى يېپىپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا قول ياغلىق ئۆلگۈچىنىڭ خاتىرجەم ياتىدىغان يەرلىكى بولىدۇ.
يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنى قەبرىستانلىقتىكى گۈللەرنى سۇغىرىشقا بۇيرۇيتتى. ئىككى - ئۈچەيلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ بىردەمدىلا سۇغىرىپ بولاتتۇق - دە، چېركاۋ پەشتىقىغا يىغىلىشىۋېلىپ، بەزى قەبرىلەردىن لەرزان كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاق ئىسلارغا نەزەر سالاتتۇق. ئاق ئىسلار بىر پەس لەيلەپ قاراڭغۇ بوشلۇققا سىڭىپ كېتەتتى. بىز لەيلەۋاتقان ساناقسىز قول ياغلىقلاردەك ھايۋانات، ئىستاكان، شېشە، كۇرۇشكا، پەلەي، ئىشتان شەكلىدىكى ئىسلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ روھى، دەپ بىلەتتۇق.
ئۇزاق ئۆتمەي ئوسكار پاستېئورنىڭ سوۋېت ئەمگەك لاگېرىغا سۈرگۈن قىلىنغان چاغدىكى كەچمىشىنى يازماق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ماڭا بىر رۇسىيەلىك ياشانغان موماينىڭ ئۇنىڭغا كاناپتىن توقۇلغان ئاق قول ياغلىق بەرگەنلىكىنى، ئۇ موماينىڭ ئوغلىمۇ ئوسكار پاستېئور بىلەن قۇرداش بولۇپ، ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكى، ئوغلىنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئوسكار پاستېئور ئۇ ئايالنىڭ ئىشىكىنى چېكىۋاتقاندا، ئېچىرقاپ كەتكەن بىر تىلەمچى قولىدىكى بىر كاللەك كۆمۈرنى يېمەكلىككە تېگىشىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، ئايال ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىپ شورپا ئەكېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ ئايال تىلەمچىنىڭ پوتلىسىنىڭ قاچىغا ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېخى ئىشلىتىلىپ باقمىغان كاناپ ئاق قول ياغلىقنى ئۇزىتىپتۇ، قول ياغلىققا ئەتىرگۈل ۋە گۈل شاخلىرى نەپىس كەشتىلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى رەڭدار ئىكەن. گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن بۇ قول ياغلىق تىلەمچىنى ھەم ھاياجانغا ساپتۇ ھەم ئۇنى ئازابلاپتۇ، كاناپ رەخت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلىگەن بولسىمۇ، بىراق يىپەك ئەتىرگۈل ئۇنىڭ نامراتلىقىنى ئېچىپ تاشلاپتۇ. ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ئوسكار پاستېئورمۇ ئوخشاش. يەنى ئۇ جاھاندارچىلىققا خام، تەنتەك بالىدۇر. يۇقىرىدىكى ئىككى “تىلەمچى”نىڭ قايسىبىرى بولسۇن، بۇ ئايالنىڭ ئىلتىپاتىدىن تەسىرلەندى. ئەمما كېيىنكىسىگە نىسبەتەن، ئۇ ئايالمۇ ئۆزىگە شۇنداق ئىككى رول يۈكلىگەن: بىرى، نام - شەرىپى نائېنىق رۇس ئايال؛ يەنە بىرى، تەشۋىشلەنگەن ھالدا “قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟” دەپ سوراۋاتقان ئانا.
يۇقىرىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن بېرى مەندە “قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟” دېگەن بۇ سوئال ھەممە يەردە مەۋجۇتمۇ؟ قول ياغلىق دۇنيادىن ھالقىپ، تېخى ئېرىپ كەتمىگەن قارلىق دالىلارغا بارالارمۇ؟ ئوتلاق ھەم تاغ - دەريالاردىن ئاتلاپ، ھەرقايسى چېگرالاردىن ھالقىپ كېتەلەرمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار پەيدا بولدى.
گەرچە ئون نەچچە يىل رۇمىنىيە تىلىدا سۆزلىگەن بولساممۇ، ئوسكار پاستېئور بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، رۇمىنىيە تىلىدا قول ياغلىقنىڭ “كاناپ” (batista) دېيىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. بۇ رۇمىنىيە تىلىنىڭ شۇنچە ھېسسىي، ئەمما شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەختلەرنىڭ ھېچ يېرىنى يۆگىمەي ياكى قاتلىماي، بىۋاسىتە ھالدا قول ياغلىق بارلىققا كەلگەن. قارىغاندا ھەر جاي، ھەر زاماندا قول ياغلىق كاناپ رەختتە ئىشلىنىدىغان ئوخشايدۇ.
ئوسكار پاستېئور ئۇ قول ياغلىقنى ھېلىقى قوش سالاھىيەتلىك ئانا - بالىنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ساندۇقىدا ساقلاپ كەپتۇ. بەش يىلدىن كېيىن، ئۇ قول ياغلىقىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. چۈنكى بۇ كاناپ قول ياغلىق ئۈمىد ھەم ۋەھىمىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. ئەگەر سەندىمۇ ئۈمىد ۋە ۋەھىمە تۇيغۇسى بولمىسا ئۆلگەنگە باراۋەرسەن.
ئىككىمىز ئاق قول ياغلىق توغرۇلۇق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، مەن يېرىم كېچىدە نۇرغۇن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ ئوسكار پاستېئورغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئاق رەڭلىك كارتىغا بىر پارچە شېئىر يازدىم:
تېلېگراف كودى ئۇسسۇلغا چۈشتى دېدى، −− بې،
لىق سۈت قويۇلغان ئىستاكانغا سەكرەڭلار
ئاق رەڭلىك كاناپ، سۇر يېشىل سىنك
گويا بارلىق نەرسىلەر
ئۇچراشسىلا قىلار ئالاقە
بۇ يەرگە قارا
مەن پويىزدىمەن
سوپۇن تاختىسىدىكى گىلاستەك
ناتونۇشقا ئەسلا ئۈندىمە.
ھەم تېلېفوندا ھېچنېمە دېمە.
شۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى كارتىنى ئوسكار پاستېئورغا بەرگىلى باردىم. ئۇ: −− كارتىغا >ئوسكارغا تەقدىم< دەپ يېزىشىڭىز كېرەكتى، −− دېدى. −− ئىشقىلىپ سىزگە بەرگەندىكىن سىزنىڭ بولىدۇ - دە! −− دېسەم، ئۇ: −− ئاپلا، بەلكىم كارتا بۇنى ئۇقماسلىقى مۇمكىن، −− دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كارتا ئۈستىگە “ئوسكارغا” تەقدىم دەپ يازدىم ۋە ئىككىنچى ھەپتىسى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەردىم. بۇ خۇددى قول ياغلىقىمنى ئالماي ئۆيدىن چىقىپ، يېنىپ كىرىپ ئېلىۋالغاندەكلا بىر ئىش بولدى.
يەنە بىر ھېكايىمۇ قول ياغلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
مېنىڭ مەز ئىسىملىك بىر تاغام بار ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى ئائىلىمىزنىڭ ئاشلىق سودىسى بىلەن مىلىچمال دۇكىنىنى باشقۇرۇشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، بوۋام مەزنى تېمسۇئارغا سودىگەرچىلىكنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. ئۇ ئوقۇغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار گېرمان ئىمپېرىيەسىدىن كەلگەن، ئىسمى - جىسمىغا لايىق ناتسىستلاردىن ئىكەن. مەز بەلكىم سودىگەرچىلىككە ئائىت كۆپ تەربىيە قوبۇل قىلغاندۇ! ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى بىلەن ئۇ بىر ناتسىست بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. ئوقۇش ئاخىرلاشقاندا مەز سېپى ئۆزىدىن ناتسىستقا ئۆزگىرىپ، پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئۇ خۇددى ھاڭۋاقتى ئادەمدەك يەھۇدىيلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلايتتى. بوۋامنىڭ ماللىرىنى يەھۇدىيلار نېسىگە تەمىنلەپ بەرگەچكە، بوۋام مەزنى بىر قانچە قېتىم تىللىدى. تىللاپلا بولدى قىلماي، بىر قانچە كاچات سېلىۋەتتى. ئەمما ئۇ ھوشىنى تاپمىدى. ئۇ كەنتتە بىلەرمەن بولۇۋېلىپ، ئۇرۇشتىن قاچقان تەڭتۇشلىرىنى بوزەك قىلاتتى. مەز رۇمىنىيەدىكى قىسىمدا مەمۇر بولۇپ، نەزەرىيەنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ شەكىل ۋە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، ئۆزلۈكىدىن ئېسئېسچىلار ئارميەسىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىر قانچە ئايدىن كېيىن يۇرتقا كېلىپ توي قىلدى. ئۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، سەل ئوڭشالغان بولۇپ، سىرلىق مەخپىيەتنى باھانە قىلىپ، بىر قانچە كۈن ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. بۇ مەخپىيەت −− توي قىلىش ئىدى.
مومامنىڭ تارتمىسىدا مەزنىڭ ئىككى پارچە سۈرىتى ساقلانغان بولۇپ، بىرى توي سۈرىتى، يەنە بىرى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان چاغدىكى سۈرىتى ئىدى. توي سۈرىتىدە زىلۋا بويلۇق كېلىنچەك ئاق توي كۆڭلىكى كىيىپ، بەئەينى بۈۋى مەريەمنىڭ ھەيكىلىگىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇ مەزدىن بەش ئىلىك ئېگىز ئىدى. ئۇ بېشىغا شامدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەك تاقىغان بولۇپ، قارىماققا ئاپپاق قار ئۈستىدىكى ياپراقلارغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكىسى بولسا، ناتسىستلارنىڭ فورمىسىنى كىيگەن مەز بولۇپ، كېلىنچەكنىڭ ئېرى ئىدى؛ كېلىنچەكنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپلا قالماي يىگىتى ئىدى. ئۇ ئالدىنقى سەپكە كېتىپلا، ئۇنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى سۈرىتى ئۆيگە ئەۋەتىلدى. سۈرەتتە بىر ئەسكەر مىنادا پارتلاپ پارە - پارە بولۇپ كەتكەنىدى، سۈرەتتە قارا تۇپراق ئۈستىدىكى ئوتتۇرىسىغا غەلىتە رەسىم بېسىلغان، تۆت بۇرجەك ئاق رەخت ئۈستىگە كۆيۈپ كەتكەن جەسەت سۆڭەكلىرى دۆۋىلەنگەنىدى.
مومامغا نىسبەتەن بۇ سۈرەت ھەم ئاق قول ياغلىق ئۈستىدە ئۆلگەن ناتسىست ھەم ئۇنىڭ خىيالىدا مەڭگۈ ياشاۋاتقان ئوغلى. مومام بۇ قوش مەنىگە ئىگە سۈرەتنى ئىبادەت كىتابىنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇۋالاتتى. كۈندىكى ئىبادىتىمۇ قوش مەنىدەك قىلاتتى. بەلكىم ئۇ تەڭرىدىن تۇيۇقسىز ناتسىست بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ دۇئا قىلار.
بوۋام 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ ئازابلانغان ھالدا مەزنى تىلغا ئالاتتى. ئۇ سەگەكلىك بىلەن سۆزلەيتتى. بايراقلار لەپىلدەۋاتقان چاغدا كىشىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بۇرغا ئىچىگە سىيرىلىپ چۈشىدۇ. بۇ مەن بۇرۇن باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ دەۋرلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. ھەر كۈنى چوڭ - كىچىك تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ھۆكۈم ئىقتىدارىنىڭ بۇرغا ئىچىگە سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر، بىراق مەن بۇ بۇرغىنى چالمايمەن.
لېكىن كىچىك ۋاقتىمدا ئاككوردىيون چېلىشنى ئۆگەندىم. چۈنكى ئۆيىمىزدە مەزدىن قالغان بىر قىزىل ئاككوردىيون بار ئىدى. ئاككوردىيوننىڭ بېغى ئۇزۇن بولغاچقا، مۇئەللىم باغنى مۈرەمدىن چۈشۈپ كەتمىسۇن، دەپ قول ياغلىق بىلەن بېلىمگە باغلاپ قويدى.
بىز گۈدۈك، ئاككوردىيون ياكى قول ياغلىق قاتارلىق بىر - بىرىگە قىلچە ئالاقىسىز كىچىككىنە نەرسىلەرنى تۇرمۇشتا بىرلەشتۈرەلمەمدۇق؟ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆز ئورنى بولىدۇ. بۇلار ئۆز ئورنىدىن چەتنىسە، بىر خىل تەكرار ئەنسىزلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش ۋە ياكى گېرمان تىلىدا دېيىلگەندەك “شەيتان چەمبىرىكى” بولۇپ قالىدۇ. بىز بۇ نۇقتىغا ئىشىنىمىز، ئەمما تېشىمىزغا چىقىرالمايمىز. ھالبۇكى دېيەلمىگەننى يازغىلى بولىدۇ. شۇڭا يېزىقچىلىق پۈتۈن بەدەننى ئىشقا سالىدىغان، سۈكۈت ئىچىدىكى جىسمانىي ئەمگەكتۇر. سۆزلىسەك دەۋرىمىزدىن ھالقىتىۋېتەلەيمىز. ئەينى ۋاقىتتا بۇرغا چېلىشقا بارمىغانلىقىم ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ئازابلارغا دۇچار بولدۇم. ئەمما يېزىقچىلىق سۈكۈتتە باشلىنىدىكەن. ئاشۇ پەلەمپەيلەردە مەن ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىن ئ−ۇيىلىدىغان “ئەبلەخلەر”گە ئۇچرىدىم. يۈز بەرگەن جىمى ئىشلارنى دېيىشكە تىلىم كۆيىدۇ. گەپ ئارقىلىق نەرسىلەرنىڭ بىر قىسىم سىرتقى ھالىتىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، بىراق ئىچكى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگىلى بولمايدۇ. مەن بۇنى ئۆزۈمگە ئۈنسىز شىۋىرلايمەن. يېزىقچىلىقتا يېزىقتىن ئىبارەت “شەيتان چەمبىرىكى”دىن پايدىلىنىپ ھەممىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە مەن ھاياتلىق ئىنتىلىشلىرىم بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن.
پەقەت ھەرپلەر ھەرىكەتلىنىپ تۇرغاندا، ئاندىن مەيدانىمنى چۈشەندۈرەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئېغىزدىن چىقىرىشقا ئامالسىز گەپلىرىمىزنى ھەرپلەر ئەينەن ئىپادىلىيەلەيدۇ.
مەن يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا، يېزىق ۋە ئۇنىڭ “شەيتان چەمبىرىكى”گە ئەگىشىپ، تاكى مەن ئىلگىرى بىلمىگەن ئىشلار ئاشكارىلانغۇچە يازىمەن. رېئاللىققا ماس ھالدا ھەرپلەرنىڭ گاچا تىياتىرى باشلىنىپ، رېئاللىقنىڭ كۆزىتىش ئۆلچىمى زادىلا قالمىغاندا، مۇھىم تەرەپلەر ئاجىزلىشىپ، بەزى ئاساس بولمىغان تەرەپلەر كۈچىيىدۇ. بۇ ئەھۋال ئېغىرلاشقانسېرى ھەرپلەرنىڭ “شەيتان چەمبىرىكى” رېئال دۇنيادا پەيدا بولغان ئىشلارغا ئاللىبۇرۇن چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇۋېتىدۇ. ھەرپلەرنىڭ گاچا تىياتىرى ھەم دەھشەت ھەم تىزگىنلەش قىيىن بولىدۇ، ھەمىشە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن تەلەپلەر قويۇلغاچقا، دەرھاللا ھېرىپ قالىدۇ. ئەگەردە بىز بارلىق ئىقتىدارىمىزدىن مەھرۇم قېلىشقا تاس قالغان بولساق، ئويلاشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا بارلىق ئىشلاردا ئەقىلگە مۇۋاپىق كۆز قاراش مەۋجۇت بولمايدۇ. باش تېما ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەرپلەرمۇ مېنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار باش تېمىنى ئۆزىنىڭ پىكىر - خىيالى بويىچە خالىغان يۆنىلىشكە باشلاپ ماڭىدۇ. بۇلارنىڭ راستلىقىغا دەيدىغان باشقا گېپىممۇ يوق. پەلەمپەيدە ئىشلىگەن ئاشۇ كۈنلەردە، بالىلىق ۋاقتىمدا دەريا ۋادىسىدا كالا باققان چاغلىرىمدىكىدەك غېرىبسىندىم، ئۇ چاغلاردا يوپۇرماق ۋە گۈل - چىمەنلەرنى يەپ ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ كېتەتتىم. چۈنكى مەن ئۇلاردەك ياشاشنى بىلمەيتتىم. ئۇلار بىلەن سۆزلىشەتتىم. ئىسىملىرىنى چاقىراتتىم. مەسىلەن: غولىدىن سۈتتەك سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈك −− سۈتلۈك خوخا دېگەندەك. ئەمما بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئۆز ئىسىملىرىنى ئاڭقىرالمايدۇ. شۇڭا مەن “سۈت”، “خوخا” دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمەي، “تىكەنلىك”، “يىڭنە بوي” دېگەن ئىسىملارنى قويدۇم. ياسىغان ئىسىملار ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئارىمىزدا تېگىگە يېتىپ بولغىلى بولمايدىغان ھاڭ بارلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەستىن ئۆز - ئۆزۈمگە شىۋىرلايتتىم. بۇ ماڭا نىسبەتەن خورلۇق. بىراق بۇ ماڭا پايدىلىقمۇ ئىدى، مەن پادا باقاتتىم. ھەرپلەر مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى. مېنىڭ ھېسلىرىم:
چېھرىڭدىكى ھەر بىر ھەرپلەر
“شەيتان چەمبىرىكى”دىن تولۇق خەۋەردار
بىراق تىنىپ قويمايدۇ ئەسلا.
يېزىقنىڭ باشقا تاللىشى يوق، پەقەت كۆز بويىيالايدۇ، خالاس. چۈنكى ئوبيېكتلار ئۇلاردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالدايدۇ. ھېسسىيات، چىراي ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. يېزىقنىڭ ئاۋازى ھەمدە ئۇ ياراتقان بارلىق ۋەقەلەر، ماتېرىياللار ۋە چىراي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆز بويىشى قاتارلىقلار تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش يۈزىدە توپلىنىدۇ، بۇ يېزىقچىلىقتا ئىشەنچ مەسىلىسى بولماستن بەلكى يالغانچىلىقنىڭ پاكىتىدۇر.
زاۋۇتتا ئىشلىگەن ئاشۇ ۋاقىتلارنى ئەسلىسەم، پەلەمپەيدە قول ياغلىقنى ئىشخانام قىلغانىدىم، ئاشۇ ۋاقىتتا مەن لۇغەتتىن سۆرەلمە مۈلۈك ئېشىش نىسبىتى دېگەن treppenzins)) پېئىلدىن بىرنى تاپقانىدىم. مەنىسى بولسا مال پۇلى ئۆسۈمىنىڭ پەلەمپەي شەكلىدە ئۆسۈشى دېگەنلىك. بۇ بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چىقىم، يەنە بىر ئادەمگە كىرىم ئەكېلەتتى، يېزىقچىلىقمۇ شۇنداق. يازغانلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا، رېئال دۇنيادىكى نۇقسانلارنى شۇنچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېزىق گەرچە ئالدىن كۆرەلمىسىمۇ، بىراق بۇلارنى بايقىيالايدۇ ھەم يېزىقنىڭ رېئاللىقنى تەلتۆكۈس ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھايات سىناقلىرىدا يېزىققا چىڭ يېپىشىمىز، پارە - پارە بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
مېنىڭچە ماتېرىيال ئۆز جىسمىغا نائېنىق بولغاندەك، ھالەت ئۇلار ئىپادىلىگەن ھېسسىياتنى چۈشەنمىگەندەك، يېزىقمۇ ئېغىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەمما بىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن ئوبيېكت، چىراي ئىپادىسى ۋە يېزىققا موھتاجمىز. قانچە كۆپ ھەرپ ئىشلىتەلىسەك، شۇنچە ئەركىن بولالايمىز. ئەگەر ئېغىزىمىزنى قۇلۇپلاپ قويسا، ئامالنىڭ بارىچە چىراي ئىپادىسى ۋە باشقا نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىدىيەمىزنى ئىپادىلىسەك بولىدۇ. كېيىنكىسىنى ئۆزلەشتۈرمەك قىيىن بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويمايدۇ، بۇلار بىزنىڭ ئىزا - ئاھانەتلىرىمىزنى بىر خىل ئابرۇيغا ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، مۇھىمى ئۇزاققىچە سېزىلىپ قالمايدۇ.
مەن رۇمىنىيەدىن چەت ئەلگە كۆچمەن بولۇپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر يېزا ساقچىسى ئاپامنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئاپام ئىشىكتىن چىقىپ ئۇزاق ماڭماي “قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟” دېگەن سوئال يادىغا كەپتۇ. ئۇ ئېلىۋالماپتىكەن، ساقچى ئالدىراتسىمۇ، ئۆيگە كىرىپ قول ياغلىقتىن بىرنى ئېلىۋاپتۇ. ساقچى ئىدارىسىدە ھېلىقى ساقچى ئاپامغا قاتتىق ھۆركىرەپتۇ. ئاپام رۇمىنىيە تىلىنى ئانچە ئۇقمىغاچ، ئۇنىڭ نېمىدەپ ھۆركىرەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەپتۇ. ساقچى ئىشىكنى تاقاپ ئىشخانىدىن ئايرىلىپتۇ. ئاپامنى ئۇ يەرگە ساق بىر كۈن سولاپ قويۇپتۇ. بىچارە ئاپام ئىشخانىدا بىرەر سائەتچە يىغلىغاندىن كېيىن، ئىشخانىدىكى جاھازىلارنى كۆز ياشلىرىدا ھۆل بولۇپ كەتكەن قول ياغلىقىدا سۈرتۈشكە باشلاپتۇ. ئاندىن بۇلۇڭدىكى چېلەكنى سۆرەپ كېلىپ، ئىلغۇچتىكى لۆڭگىنى ئېلىپ پول سۈرتۈپتۇ. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭ - تاڭ قالدىم. “نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىنى تازىلايسەن؟” دېدىم مەن. ئۇ قىلچە ئوڭايسىزلانمىغان ھالدا: “بۇنداق قىلسام ۋاقىت تېز ئۆتىدىكەن. ھەر نېمە بولسا ئەرلەرنىڭ قول ياغلىقىدىن بىرنى ئېلىۋالغان ئىكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسى بەك مەينەت ئىكەن” دېدى.
مۇشۇ ۋاقىتتا ھېس قىلدىمكى، ئۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندا مۇشۇ خىل ئارتۇقچە، ئەمما ئۆزى رازى بولۇپ ئىزا - ئاھانەتكە ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزى ئۈچۈن بەزى قەدىر - قىممەتلەرنى يارىتىپتۇ. مەن بۇنى بىر پارچە شېئىر بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشتىم:
كۆڭلۈمدىكى سولماس ئەتىرگۈلنى ئويلاۋاتىمەن.
ئەلگەكتەك روھسىز ئادەمنى ئويلاۋاتىمەن
بىراق، قوغدىغۇچى سورىدى:
كىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ
دېدىم مەن: تىرىنى قۇتقۇزۇش
ئۇ توۋلىدى: تىرە دېگەن ئۇ بىلسەڭ
ھاقارەتكە ئۇچرىغان بىر قول ياغلىق
يوق ئۇنىڭدا ئەسلا ھەم يۈرەك.
ھېلىھەم قەدىر - قىممىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان كىشىلەردىن “قول ياغلىق” دېگەن سۆز قوشۇلغان پەقەت بىرلا جۈملىنى سورىۋالغۇم بار: قول ياغلىقىڭنى ئېلىۋالدىڭمۇ؟
بەلكىم بۇ سوئال قول ياغلىقنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغاندۇر، ناۋادا بىر ئادەمنىڭ تەنھالىقىغا قارىتىلسىچۇ؟
|