رومان تىلىنىڭ تەسلىكى دېگەندە، ئەلۋەتتە روشەن خاسلىققا ئىگە، ياتلاشقان تىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما، بۇ ياتلاشقان تىل ئاساسەن ئومۇملاشقان تىل بولۇشى، ئەتەي دىيالېكىت-شېۋىلەرنى ئىشلىتىپ ئوقۇشنى تەسلەشتۈرۈش بولماسلىقى كېرەك. دىيالېكىت- شېۋىلەر ئەلۋەتتە تىلىمىزنىڭ مول كانى، ئەمما روماننىڭ دىيالوگ قىسمىدىلا دىيالېكت- شېۋىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ ئارقىلىق پېرسوناژ تىلىنىڭ خاسلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولساق، بۇ ناتوغرا ئۇسۇل بولىدۇ. دىيالېكىت- شېۋىلەرنى بايان تىلىغا سىڭدۈرۈۋېتىشلا تىلغا بولغان ھەقىقىي تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. روماننىڭ ئۇزۇنلۇق، زىچلىق ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. رومان پۇرسەتپەرەسلىكنى ياقتۇرمايدۇ، رومان كالامپاي، كەڭ قورساق، ياخشى – يامىنى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغانلار ۋە چېچەنلەر بولمايدۇ، خۇشامەت ۋە ئەركىلەشنى كۆتۈرمەيدۇ. ھازىرقى دەۋردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاددىيلىقنى قوغلىشىپ، كاللا ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئەلۋەتتە خاتا يېرى يوق. ھەقىقىي روماننى چۈشىنىدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى تەس، ھالبۇكى چۈشىنىدىغانلارنىڭ چىقىشىىنىڭ تەس بولۇشىمۇ نورمال ئەھۋال. ئۇلۇغ رومانلارنىڭ ئەرمەك ھايۋانلاردەك ھەممە جايدا ئېغىناپ يۈرۈشى، سىرتلانلاردەك توپلىشىپ ھۇۋلىشىمۇ ھاجەتسىز. ئۇ چوڭقۇر دېڭىزدا يەككە– يېگانە ئۈزۈۋاتقان، ياڭراق ۋە ئېغىر نەپەس ئېلىۋاتقان، دولقۇنلارنى مەۋج ئۇرغۇزۇپ جۈپلىشىۋاتقان، قانلىق سۇلارنى ھەيۋەت بىلەن چاچرىتىپ بوشىنىۋاتقان كىت بولۇشى، سەپ- سەپ تۇرغان لەھەڭلەر بىلەن يېتەرلىك ئارىلىق ساقلىغان بولۇشى كېرەك. رومان غىدىقلىنىۋاتقان بۇ دەۋرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىناۋىتىنى قۇربان قىلسا بولمايدۇ. رومان بەزى ئوقۇرمەنلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى قىسقارتسا، زىچلىقىنى بوشاشتۇرسا، قىيىنلىقىنى سۇسلاشتۇرسا بولمايدۇ. مەن شۇنداق ئۇزۇن، شۇنداق زىچ، شۇنداق قىيىن بولسۇن دەيمەن، خالىسىڭىز كۆرۈڭ، خالىمىسىڭىز كۆرمەڭ. مەن بىرلا ئوقۇرمەن بىلەن قالغان تەقدىردىمۇ شۇنداق يازىمەن. غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار تەرجىمىسى (تەرجىمان: ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى) |