ھەمىشە روماننىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تەكىتلەشمۇ ئاسانلا قارشى رەددىيەگە ئۇچرايدۇ. لۇشۈن، شېن سۇڭۋېن، جاڭ ئەيلىڭ، ۋاڭ زېڭچى، چېخوف، بورخىسلارنىڭ ھەممىسى تەييار مىساللار. مەن ئەلۋەتتە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئۇلۇغ يازغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما ئۇلار لېۋ تولىستوي، دوستويېۋىسكىي، توماس مان، جامېس جويس، مارسېل پىروئۇستتەك يازغۇچىلار ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ يازغۇچىلارنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىدە بار بولغان ھەيۋەتلىك، كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە يوق، بۇمۇ ئېھتىمال مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولسا كېرەك. روماننىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىشى كەڭ تارقىلىش بىلەن، باسما ۋە ئوراش بىلەن، مەنپەئەت بىلەن، يەڭگىلتەك پىسخىكا بىلەن، شۇنداقلا قانۇنسىز كۆپەيتىپ بېسىلغان سىن دېسكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئازاب– ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش (بۇ يەردىكى ئازاب– ئوقۇبەت ماددىي تۇرمۇش نامراتلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى كۆپىنچە ھالدا مەنىۋى ئازاب– ئوقۇبەتنى كۆرسىتىدۇ) ۋە شەخسنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈكتىن كېلىپ چىققان تىراگېدىيەدىن ئىجادىيەت بايلىقىغا ئېرىشكەندە، بۈيۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، قانۇنسىز كۆپەيتىپ بېسىلغان سىن دېسكىلىرىدىن ئىجادىيەت مەنبەسى ئىزدىگەندە، جۇڭگوچە تەجرىبە ۋە جۇڭگوچە تەسىراتتىن ئايرىلغان، نەپىسرەك كىچىك نەرسىلەرنىلا يېزىپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بەزىلەر بۈگۈنكى دەۋردە بەك ئۇزۇن روماننى كىم كۆرمەكچىدى؟ دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۆرىدىغان ئادەم رومان ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ كۆرۈۋېرىدۇ؛ كۆرمەيدىغىنى ھەرقانچە قىسقا بولسىمۇ كۆرمەيدۇ. روماننىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەنلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈپ سەۋەب ئەمەس. ياخشى بولۇش ئۇزۇن بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەلۋەتتە. قېرى خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزىراپ كەتسىمۇ بولمايدۇ؛ ئەمما «چوكانتال مەۋسۇمىدىكى دەريا ساھىلى»دەك گۈزەل رەسىم كەشتىلەنگەن بولسا ئۇزۇن بولغىنى ياخشى. ئۇزۇنلۇق لەغمەن سوزۇش ئەمەس، سۇ قوشۇش ئەمەس، پۈۋلەپ يەل بېرىش ئەمەس، ماغزاپ چىقىرىش ئەمەس، كاۋاك ئۈگرە ئەمەس، پىلىكئوت ئەمەس، قەغەز يولۋاس ئەمەس؛ ئۇزۇنلۇق ھەقىقىي نەرسە، ئاق تۇرنىنىڭ پۇتى، ئۇزۇن بولمىسا بولمايدۇ، ئۇزۇن بولمىسا بولمايدىغان ئۇزۇنلۇق، چوقۇم مۇشۇنداق ئۇزۇن بولۇشى كېرەك بولغان ئۇزۇنلۇقتۇر. سەددىچىن سېپىلى نېمىشقا شۇنداق ئۇزۇن؟ كەينىدىكى قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت، دۆلەت ئۇنىڭ شۇنداق ئۇزۇن بولۇشىنى بەلگىلىگەن. روماننىڭ زىچلىقى زىچ ۋەقەلىك، زىچ پېرسوناژ، زىچ ئىدىيەنى كۆرسىتىدۇ. ئىدىيە دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلارنى ئېقىتقىنىچە تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىپ يېتىپ كېلىپ، كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ بىرنەچچە ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغان ئۇنداق رومان ئەمەس. زىچ ۋەقـەلىك ئەلۋەتتە ۋەقەلەرنىڭ ئاددىي تىزىلىشى ئـەمـەس، ئەلۋەتتە ئاقما بايانمۇ ئەمەس. ھېمىڭۋاينىڭ «مۇزتاغ نەزەرىيەسى» بۇنداق رومانلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇن كېلىدۇ. زىچ پېرسوناژلار ئەلۋەتتە ساردىن بېلىقى كونسېرۋاسىغا ئـوخشاش زىچ بـولماستىن، بـەلكى ھـەر بىرى يېڭى ۋە جانلىق، بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇشقا قارىتىلغان. بىر ياخشى روماننىڭ ئاساسلىق پېرسوناژلىرى ئەدەبىي تىپلار سالونىغا كىرەلەيدىغان بولۇشى، يانداش پېرسوناژ بولغان تەقدىردىمۇ، جانلىق ۋە رېئال تىرىك ئادەم بولۇشى، ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ بايان قىلىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەپلەنگەن سەھنە جابدۇقى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. زىچ ئىدىيە كۆپ خىل ئىدىيەنىڭ توقۇنۇشى ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىر– بىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر روماندا ئاتالمىش توغرا ئىدىيە، ئاتالمىش ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئالىيجانابلىقلار ياكى ئاددىي، فورمىلاشقان ياخشى– يامانلىقنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىلا بولسا، بۇ روماننىڭ قىممىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. ئىلغار ئەھمىيىتى بار ئاشۇ رومانلارنى ئىدىيەسى ئەكسىيەتچىل بىر يازغۇچى يازغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. پەلسەپەۋى تەپەككۇرغا ئىگە رومانلارنىڭ ھەممىسىنى پەيلاسوپلار يازغان بولۇشى ناتايىن. ياخشى رومان «شاۋقۇن پەيدا قىلالايدىغان» بولۇشى، كۆپ مەنىلىك، كۆپ چۈشەنچىلىك بولۇشى، كۆپىنچە ئەھۋالدا يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسىغا بېقىنماسلىقى كېرەك. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوتتۇرىسىدا تۇتۇق بىر جاي بولۇشى كېرەك، بۇ يەر دەل يازغۇچى تالانتىنى ئىشقا سالىدىغان بىپايان زېمىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنـداق دېـيىشـكىمۇ بولىدۇكى، زىچلىققا ئىگە رومان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خاتا ئوقۇلىدىغان روماندۇر. بۇ يەردىكى خاتا ئوقۇلۇش ئەلۋەتتە يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسىغا قارىتا ئېيتىلغان. ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ خاتا ئوقۇلۇپ قالىدىغانلىقىدا. يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئۇنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تۇيغۇسى ماس كەلگەن رومان بازارلىق رومان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما «ئۇلۇغ رومان» بولالمايدۇ. روماننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەدىئىي جەھەتتىكى ئىجادىيلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئىجادىيەت ھامان ناتونۇش بولىدۇ، ئوقۇرمەنلەردىن كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يېنىك– يۇمشاق رومانلارنى ئوقۇغانغا قارىغاندا ئازابلىق ۋە قىيىن بولىدۇ. قىيىنلىقى قۇرۇلمىدىكى تەسلىكنى، تىلدىكى تەسلىكنى، ئىدىيەدىكى تەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. روماننىڭ قۇرۇلمىسى ئەلۋەتتە توغرىدىن توغرا بايان قىلىش بولسىمۇ بولىدۇ، بۇ تەنقىدىي رېئالىزملىق كىلاسسىك يازغۇچىلار ئادەتلەنگەن، خېلى ئاسان بىر خىل ئۇسۇل. قۇرۇلما ئەزەلدىنلا نوقۇل شەكىل ئەمەس، ئۇ بەزى چاغدا ھەتتا مەزمۇنمۇ بولالايدۇ. روماننىڭ قۇرۇلمىسى رومان سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يازغۇچىنىڭ مول تەسەۋۋۇرىنىڭ ئىپادىسى. ياخشى قۇرۇلما ھېكايىنىڭ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ھېكايىنىڭ بىر خىل ئەھمىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ. ياخشى قۇرۇلما ھېكايىدىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ. ھېكايىنى تەھلىل قىلالايدۇ. مەن تېخى بىرنەچچە يىل ئاۋۋال «قۇرۇلما دېگەن سىياسىي دېگەنلىكتۇر» دېگەنىدىم. ئەگەر «قۇرۇلما دېگەن سىياسىي دېگەنلىكتۇر» دېگەن سۆزنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، مېنىڭ «مەي دۆلىتى» ۋە «جەننەتتىكى سامساق نوتىسى ناخشىسى» دېگەن رومانىمغا قاراڭ. كىلاسسىك يازغۇچىلاردىن كېيىن يەنە رومان يازالىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا روماننىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە تالانتىمىزنى كۆرسىتەلىگەنلىكىمىزدە. |