ئازاب – ئوقۇبەتلىك ھېكايىدىن بىرنى توقۇش يېزىقچىلىقنى كەسىپ قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانچە تەس ئىش ئەمەس، ئەمما ئازاب- ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئادەم باشقا كېلىدىغان تۈرلۈك قىسمەتلەرنى، ئىنسان تەبىئىتى يېڭىپ كېتەلمەيدىغان ئاجىزلىقلار ئاساسىدىكى ئىچ ئاغرىتىشنى تالانتىغا تايىنىپلا توقۇپ چىقىرالمايدۇ. سىياسى، ئۇرۇش، قەھەتچىلىك، كېسەللىك، كۈتۈلمىگەن ۋەقە قاتارلىق تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەلگەن ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى تەسۋىرلەش، نۇرغۇن ئازاب– ئوقۇبەتنى ئاجىز، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە يۈكلەپ قويۇش ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغانلىق. بۇ ھېسسىياتنى غىدىقلاپ مەجبۇرىي يىغلىتىدىغان كىنو– تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كونا يولى، بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، كەڭ مەنىدىكى ئېچىنىش تېخىمۇ ئەمەس. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان دىل يارىسىنىلا تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قالدۇرغان دىل يارىسىنى تەسۋىرلىمەسلىك ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلىق. باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى يامانلىقنى ئېچىپ بەرمەسلىك ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلىق. ئىنىسانىيەتنىڭ رەزىللىكىگە توغرا قاراش، ئۆز رەزىللىكىمىزنى تونۇپ يېتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى يېڭەلمەيدىغان ئاجىزلىقى ۋە كېسەللىك ھالىتى خاراكتېرى پەيدا قىلغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تەسۋىرلەشلا ھەقىقىي تىراگېدىيە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا «ۋىجداننى سوراقلاش»نىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ۋە كۈچلۈكلۈكىگە يەتكىلى بولىدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي كەڭ مەنىدىكى ئىچ ئاغرىتىشتۇر. ئىچ ئاغرىتىش ھەققىدىكى گېپىمىنى ئەسلىدە مۇشۇ يەردە توختاتسام بولاتتى، ئەمما گېپىم ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. جەنۇبتىكى مەلۇم بىر داڭلىق كەچلىك گېزىتنىڭ ئابرۇيلۇق، كونا ئىنقىلابچى باش مۇھەررىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، شۇ گېزىتتە ئېلان قىلغان مەخسۇس ئىستون ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر، ئۇ بەلكىم بىزنى ئىچ ئاغرىتىش مەسىلىسىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلىپ قالار. بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى «ئۇنتۇلغۇسىز دۈشمەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى» بولۇپ، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى شەپقەتسىز. شىددەتلىك ئۇرۇش بولىدىغان جەڭگاھتا ئىنسانپەرۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش دېيىش تالىپلارنىڭ سۆزى، بولۇپمۇ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئالاھىدە ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. تۆۋەندە مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدىغان دۈشمەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن بىرنى سۆزلەپ بەرسەم، بەلكىم تىنچلىق دەۋرىدىكى ياشلار ئاڭلاپ، قورقۇپ جان– پېنى چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما شۇ يىلى مەن بۇنىڭغا نورمال روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلغانىدىم. بىراق بۇ ئەسلىمىنى يەنىلا ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمىدىم. 1945- يىلى 7- ئايدا ياپونلار تەسلىم بولۇش ھارپىسىدا، گومىنداڭنىڭ جاھىل قىسمى− 152- دىۋىزىيەگە قاراشلىق بىر چوڭ ئەترىتى بۇ پايدىلىق پۇرسەتكە قاراپ، «شىمالىي تارماق» تۇرۇشلۇق داجېن قاتارلىق جايلارغا غالجىرانە ھۇجۇم قىلغاچقا، ئارمىيەمىز ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېنىدىكى تاغقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. چېكىنىشتىن ئاۋۋال، ئارمىيەمىز داجېنغا يوشۇرۇنغان جاھىل قوشۇننىڭ تۆت رازۋېدكىچىسى (گومىنداڭ ئىشپىيونى)نى تۇتۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىشپىيون يەرلىك دوختۇر قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا، ھەممىسىنىڭ كۆزىنى قارا لاتا بىلەن تاڭدۇق (ئۇلارنىڭ قوشۇنىمىز چېكىنگەن يولنى بىلىۋېلىشىدىن ساقلانماقچىدۇق)، قوللىرىنىمۇ باغلاپ، بىر تال ئارغامچا بىلەن تۆتەيلەننى بىر– بىرىگە «چېتىپ» ئېلىپ ماڭدۇق. دۈشمەن ئەھۋالى جىددىي بولۇپ، ئەتراپىمىزنى قورشىۋالغچقا، بۇ تۆت تىرىك «يۈك» بىلەن ئېڭىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. ناۋادا ئىككى تەرەپ ئېتىشىپ قالساق، بۇ مەككار ئىشپىيونلار تىكىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شىمالىي چاڭجياڭ تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ چياڭ دەرھال چوڭ ئەترەت باشلىقى جېڭ ۋېيلىڭغا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئىشارەت قىلدى. جېڭ ۋېيلىڭ ئۇلارنى ئېتىۋەتسە، ھەم ئوق ئىسراپ بولىدىغانلىقى، ھەم يېقىن ئەتراپتىكى دۈشمەنلەرگە شەپە بېرىپ قويىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئىشتىك بىلەن جايلىۋەتمەكچى بولدى. ئەمما بۇ ناھايىتى قىيىن ئىش، شۇنداقلا ئىنتايىن ۋەھشىي قىلمىش ئىدى. بىراق، جېڭ ۋېيلىڭنىڭ نەزەرىدە بۇ «كىچىككىنە ئىش» ئىدى. قوشۇن چېكىنىپ يىڭدېدۇڭ يېزىسى تۇڭلې كوچىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى تاغنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ كۆزى ئېتىلگەن بىرىنچى دۈشمەن ئىشپىيونىنى دۈم يېتىشقا بۇيرۇپ، ئۇنى ئوتىغۇچ، ئىشتىك بىلەن جايلىۋەتتى. دۈشمەن ئىشپىيونلىرىدىن ئاخىرقى پۇرسەتتە ئاخبارات ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى قاتتىق سوراق قىلىپ، ئاخباراتنى دەرھال تاپشۇرۇشنى بۇيرىدىم. بۇ ئارىلىقتا ئۇ «ئالدىدا ماڭغۇچى» شېرىكىنىڭ ئېچىنىشلىق توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ قالدى– دە، بەزگەكتەك تىترەپ گەپ– سۆز قىلالمىدى. مەن غەزەپ بىلەن ئۇنى قاتتىق بىر تەستەك سالدىم. يەنە بىر دۈشمەن ئىشپىيونىمۇ ئېچىنىشلىق چىرقىراپ بىردەم تىپىرلىغاندىن كېيىن يەرگە يىقىلدى. جېڭ ۋېيلىڭ قالغان دۈشمەن ئىشپىيونىغىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆلۈم جازاسى بەردى. مەن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان بولساممۇ، ئەمما چىرايىمنى قىلچە ئۆزگەرتمىدىم، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىقتا ھېسسىياتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنىدى. ئارىلىقتا نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن جېڭ ۋېيلىڭدىن «سەن ئۆمرۈڭدە قانچىلىك دۈشمەننى ئۆلتۈرگەنسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «100 دىن ئاشار» دېدى. ئۇ ئەسلىدە ياپونلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئالتە دۈشمەن ئىشپىيونىنى ئۆلتۈرگەنىكەن، ئەمما بۇ كېيىنكى گەپ. بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن بۇرۇنقى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن رومان ۋە كىنولىرىمىزنىڭ نەقەدەر ساختا ۋە يالغان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىنى جەنۇبىي جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن دوستلار تونۇيدۇ، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مېھرىبان بىر بوۋاي، قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنىدىغان بىر رەھبەر، كىشىلەر تەرىپىنى قىلىدىغان كىشى بولۇپ قالدى. ئۇ ماقالىسىدە تىلغا ئالغان جېڭ ۋېيلىڭنىڭمۇ جان ئالغۇچى ئەزرائىل ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن، ئەمما ئۇرۇشتىن ئىبارەت مۇنداق پەۋقۇلئاددە مۇھىتتا، ئۇلار ھەقىقەتەن ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ كۆزىنى مىت قىلىپ قويمىغان. ھالبۇكى بىزنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان ئاساسىمىز بارمۇ؟ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى جېڭ ۋېيلىڭ جەزمەن نۇرغۇن مېداللارغا ئېرىشكەن قەھرىمان، ئەمما بىز ئۇنى «ئىچ ئاغرىتىش»نى بىلمەيدۇ دېيەلەيمىزمۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىچ ئاغرىتىش شەرتلىك بولىدۇ؛ ئىچ ئاغرىتىش تالىپلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە. |