جۇگوپىڭ شېئىرلىردىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇقادىر جالالىدىن باغ ئادەمسىز باغ ئىچىدە، سۆيۈپ قالدىم ئۆزۈمنى. كۈلدۈم ئىگە بولغاچ شېئىرغا . يىغىلىدىم بولغاچ مەندە شېئىرلا . جىمجىتلىقتىكى رەسىم بۇلبۇل پېيى لەيلىمەكتە ئاپتاپتا . تەنھا سۇۋادان چىقىرىپ تالىپتەك ۋىجىك قولىنى، دۇئا قىلار كەچكى شەپەققە . تاشنىڭ مېڭىسىگە بىلگەنلىرىنى گاچا زېمىن ئويۇپ قويار ئۈن –تىنسىز . خۇدا ئەڭ ئاخىرقى ياراتمىشىڭ مۇشۇمۇ ؟ كۈتۈش تۇرماقتىمەن يىل –يىللاپ ، كۈمۈش ئۆرۈك دەرىخىنىڭ قېشىدا ، كۈتۈپ گويا ۋاقىتسىز بىر ۋىسالنى . يېشىل ياپراق پۈتتى سارغىيىپ سەيياھلارمۇ كېلىپ كەتتى ھەم . بىر چىراينى ماڭا ناتونۇش ، كۈتمەكتىمەن يەنىلا بۇدەم . بىلمەيمەنكى ،سورىما مەندىن ، شۇنچە ئۇزاق كۈتكىنىڭ كىم دەپ . شۇ ئېنىقكى كەلسە ئۇ ئەگەر ، بىر قاراپلا تونۇيەن شۇ دەپ . يۈرمەكتە ئۇ كېچە ھەم كۈندۈز ، ئىشىنمەن بۇنىڭغا شەكسىز . كېلەر مۇشۇ دەرەخقە قاراپ ، باسقان چىغىر يوللىرى چەكسىز . يول ئەكىس ئېتەر ئاسفالىت يولدا ، جىمجىتقىنە يۇلتۇزلۇق ئاسمان . نىگاھىڭنى ،نىگاھلىرىڭنى ، سالقىن كېچە سۇنارمەن تامان . سوراپ يۈرۈش نىمىگە ھاجەت ، كېلىپ قايدىن بارىسەن نەگە . ئارتۇقچىدۇر قورقۇش ۋەھىمە ، كۆزلەر كۆزگە تىكىلگەن دەمدە . مېڭىۋەرگىن يوللىرىم مېنىڭ ، تاپىنىڭدا تۇرار يېيىلىپ . رەڭدار پەيلەر ئۇچقان گەز ئارا ، بارار قۇشلار يۇرۇتقا يول ئېلىپ . تۇرالغۇمىز بوپ قالار ئېنىق ، بىر تۈپ دەرەخ بولسا مۇبادا . بولار بىزدە پارلاق نۇر زىيا ، بىرلا يۇلتۇز بولسا سامادا . سەھەردىكى ئاي سەھەردىكى گۈنسىز ئاي ، تاڭ ماڭزىدە تۇرغان ئالتۇن ياش . ئېيىتقىنا ،مەن قويايمۇ سۈرتۈپ ، كېچىنىڭ بۇ قالدۇق ئىزىنى . شۇنچە گۈزەل ھۆسنىڭگە سېنىڭ ، غەمكىن سېھىر بېغقشلىسۇن دەپ ، قالدۇرايمۇ ۋە ياكى ئۇنى . ئورماندا ئورمانلىقتا يالغۇز بىر ئايال خاراپ بولغان ئاق قەسىر ، قىزىل ئېرەن ئايال گويا سۈپ –سۈزۈك ئېرىق يۈرىكىنى ئىچەر ئۆزىنىڭ . ئىلھام كالدۇسكوپتەك كۆزۈڭ ئىچىدە، تۇرار مېنىڭ تەقدىرىم ئۇۋاق . گاھ چېچىلار تال –تال غازاڭدەك ، گاھ يىغلىتىپ بولار باتاناق . قېنى بەخىت ،قېنى ھەم لەگلەك ، شېئرىمنىڭ ئورگىنالىدا ـــ ئېتىۋلىپ سېنىڭ كۆزۈڭنى ، شېئىر پۈتتۈم لەۋلىرىڭ ئارا . سۈرەن سالما ئەي كەپسىز بالا ، قىزىل كىرسىت تۇرار ئاق تامدا . كېسەل بولغان بىر ھەسەن –ھۈسەن ، ساڭگىلايدۇ ئۇپۇقتا كۆكنىڭ ــ قىزىتمىسى ئۆرلىگەن چاغدا . ھەممە نەرسە كېتەر بەرىبىر كېتەر ھەممە ، قالار ئەسلىمە ــ ئېغىر ياكى كۇكۇن ھالەتتە . كېتەر ھەممە ، قېپ قالىدۇ ئۆز ، سەگەكلىكتە ياكى تەڭلىكتە . كېتەر ھەممە ،قالىدۇ ئۆلۈم ، توساتتىن يا ئاستا سۈرەتتە . كېتەر ھەممە ، قالماس ھېچنىمە ، مەڭگۈلۈككە – ئەبەدىيلىككە . ئىستەك سۇدا ئۆسكەن گىياھلار كەبى ، ئۇزۇن –ئۇزۇن كىرپىكىڭ ئارا ؛ چاقناپ تۇرغان سېنىڭ كۆزلىرىڭ ، بىر جۈپ قارا بېلىجان گويا . ياقىدىسدىن كىيىملىرىڭنىڭ ، شۇڭغۇتتىممەن يۈز –كۆزلىرىمنى؛ پۇراپ كەتتىم كۈنگە قاقلانغان ، مېۋەڭنىڭ خۇش شىېرىن ھدىنى. يەلكىنىنى يايغان بىر كېمە ، لەيلەپ يۈرەر دېڭىز كۆكسىدە ؛ يۈر مەن بىلەن پەقەت ۋە پەقەت ، بىز ئىككىمىز بولايلى بىللە . مۇنار ۋە قانال قارلىغاچلار ھۈركۈپ مۇنارنىڭ ، ئەتراپىدا ئۇچار پىرقىراپ . بىر دۆۋە كۈل گويا بەھەيۋەت ، ئىسرىقداندىن توزىدى شۇ تاپ . پەرەنجىلىك مۇناختۇر گويا ، تۈپتۈز قانال بويىدا سۆگەت . سىرلىق سۈكۈت قۇچىقى ئارا ، باش ئەگكەنچە تۇرۇشار رەت –رەت . ئۈزدۈم قانال ئىچىدە سىلىق ، بولۇپ خۇددى پەرۋاسىز بېلىق . تۆكۈلگەن ياپراق يەڭگىل لەيلەپ چۈشتى بىر غازاڭ ، تىنىق زەڭگەر كۆكنىڭ ئاستىدا ، بولدى ھايات ھېكىمىتى ئۈچۈن ، ئانىسدىن تۇنجى رەت جۇدا . قىزنىڭ نازۇك نەپىس سايىسى ، قالدى چاقناپ دەرەخ ئاستىدا . سەبى چۈشنى ئاپئاق بىر ئاياغ ، چەيلىمەكتە ئىگىز پاشىندا . كۈز باغلىرى نۇرلىرنى چېچىپ كەچنىڭ قۇياشى ، تۇتاشتۇردى ئەڭ ئاخىرقى مەشئەلنى . بىر تۈپ ئېرەن يوپۇرمىقى شەھۋەتكە ، ئوخشاپ كېتەر قىىللقتا بەئەينى . قۇچقىدا بۈك –باراقسان ئورماننىڭ ، تۇرار ئىدى رەڭدار بوياق تاختىسى . سۈكۈت ئىچرە ھەمرا بولار ئۇنىڭغا ، ئېزىپ قالغان شولىلارنىڭ دەستىسى . نىلۇپەرلىك بىر كۆل بۇندا ئۇنتۇلغان ، ئايان قىلار گىرە –گىرە ئەسلىمە . چۈش ئايلىنار ئورۇندۇقنى ئادەمسىز ، رەڭگى ئۇنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن بەك خىرە . قىش كۈنى كەچكى قۇياش بىر تال غازاڭدەك ، چۈشتى لەيلەپ كۈلرەڭ ئورماندا . قاغا قارا كىيگەن دىۋانە ، ئاقۇش كۆلگە تىكىلەر بۇندا . قىز ئۇسۇلدا ، ئۈزۈم سەيلىدە ، قىز پەلەينى تاشلىدى سېلىپ . كۆرۈپ بۇنى چاڭغا ، تىيىنىنى قالدىم تۇشتىن ئېسىمگە ئېلىپ . گۇگۇمدىكى شاپتۇلزار ئاسماندىكى سەرگەندان قاغا ، شاخلار ئارا ئۆتتى پالاقلاپ ، سېھىرلىك پال سالدى مەسىت چۇقان . سولدى مىڭلاپ شاپتۇل دەرىخى ، غەم تۈپەيلى پەلەك ئاستىدا . مىستىن پۈتكەن مىڭلىغان كىرسىت ، تۇرار جىمجىت زاۋال قوينىدا . ئۇيقۇسىز چاغلار يامىشىدۇ ئۆزگە ياستۇققا ، تۈن نىسبىدە چۈشلىرىم مېنىڭ . سۇمبۇل –سۇمبۇل چاچنىڭ كەينىدە ، غايىپ بولار پارچىسى ئۇنىڭ . پەسلىمەكتە دەۋىرگەن دېڭىز، گۈللۈك لۆڭگە لەيلەيدۇ سۇدا . كۆلەڭگۈسى ئىككى ئادەمنىڭ ، يۆلەنمەكتە قانرەڭ بارخانغا . شاخلىرىغا بىر تۈپ پىكوسنىڭ ، زېرىككەن ئاي ئۆلدى ئېسىلىپ . دەرىزەمنىڭ كۆزنەكلىرىگە ، تاتىراڭغۇ تىلىنى سېلىپ . تۇغۇلغان كۈن قىيپاش تۇرغان سائەت مۇنارى ، تەنھا قايتىپ كەلدى بىر قاغا . ھايات بىر رەت ئۇرسا قوڭغۇراق ، ساپتۇ كىم قۇلاق ، قوڭغۇراقتىن چىققان ساداغا . مەزمۇت گەۋدەڭ ئۇزىدى يىراق ، شۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا قاراپ . قاراپ ئېزىتقۇ تىلسىم شەھەرگە ، قاراپ كۈلرەڭ كېرسىتلەرگە . چۆككەن نىگاھ پالۇبىنىڭ ئۈستىدە كېچە ، دەل ئۇ ئۇزاق تۇرغان يەر ئۈستىدە باقتىم مەنمۇ رىشاتكىغا يۆلىنىپ ، بارمىكىن دەپ ئىزدىدىم . ئۇنىڭ غايىپ نىگاھلىرىنى ، تۇم قارىيىپ ئاققان دەريا يۈزىدە . كۆرگىنىم پەقەت ، ئاي شولىسى بولدى يېتىم قولۋاقتەك . تېز ئېقىننىڭ شاۋقۇنىدا ئۇ ، پاچاقلاندى ئۈنسىز –ساداسىز . پارچىلار چۆكۈپ كەتتى تارىخىغا دەريانىڭ ، كۆرەلمىدىم ئۇنى قايتىدىن . توساتىنلا سەۋەبى يوق بىر ھەسرەت ، ئۆتكىنىدە ئاستا سىپاپ قەلبىمدىن . ئۇنىڭ چۆككەن نىگاھلىرى چاقنىدى ، زامانلارنىڭ ئېقىندىن ، شاۋقۇنىدىن . خۇدا ۋە نىتىسى ئالتىنچى كۈن دەل خۇدا ئىلاھلارغا بىھۆرمەتلىك قىلغان كۈن . ئىلاھى بىر زېرىكىش ئوغىسىنى قاينىتىپ ئۇنىڭ ئويلاپ قالدى ياراتسام دەپ بىر جانۋار . يارىتىشنى ئويلىماپتۇ ئۇ ، بىراق ئۆىدىنمۇ ئىلاھى بىر ئادەمنى جاكارلىدى شۇ ئادەم خۇدا ئۆلدى دەپ . يارىتىشنى ئويلىماپتۇ ئۇ يەنە ئۆزىدىنمۇ زېرىكىشلىك ئادەمنى . بولۇپ قىساسكار مەجرۇھلىرى نىتسىنى . |