• 2010-03-28

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى - [قانۇن سەھپىسى ]



    بىرىنچى ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، ئىمزالاپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغداش ،سىرتقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

    ئىككىنچى ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورتى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىش ۋە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە.

    ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس پاسپورتنى يالغاندىن ياساشقا ، ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ، قەستەن بۇزۇشقا ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، دۆلەت ئىشى پاسپورتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

    پاسپورت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

    خەتكۈچ :
  • 2010-03-28

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى - [قانۇن سەھپىسى ]


    1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 - يىل  2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى<غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.
           كىرىش سۆز
         جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان،  بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىسىنى ماركسىزم - لېنىنىزم بويىچە ھەل قىلىدىغان تۈپ سىياسىتى، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى.
    مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دېمەكتۇر. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ دېگەن روھنى، دۆلەت مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، دېگەن پرىنسىپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

    خەتكۈچ :