بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • بىز دائىم ئىچكىرىگە خىزمەت ،ئۆگىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن بېرىپ قالىدىكەنمىز، بىراق مۇشۇ جەرياندا يۇرتىمىزنىڭ تاماقلىرىنى سېغىنىپ قالساق تاپالماي قىينىلىپ قالىدىكەنمىز شۇڭا   ئىچكىردىكى ئۇيغۇر تاماقخانىللىرىنى تىزىملىكى، ئادىرىسى، تىلفۇن نۇمۇرىنى بىلىدىغانلار بارمۇ، بولسا ھەممىز تەڭ ھەركەتكە كىلىپ، بۇ تور بېتىگە چىقىرىپ قۇيايلى، بىلىدىنغانلار بولسا قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىكنى چىقىرىپ قۇيايلى، ھەر ۋاقىت ھاجىتىمىز چۈشكەندە تاپارمىز، قېنى دوسلار قانداق دەيسىلەر .