-
يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار رەسمىيلەشتۈرۈلىدۇ - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2011/01/30
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنى زىيارەت، جىڭ بو
يادرولۇق ئەسكەرتمە: يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسى ئۇزاق بولغان، چېتىلىدىغانلار كۆپ، جەمئىيەت ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇرەككەپ تارىخىي قالدۇق مەسىلە. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان زور مەسىلىگە ئايلاندى.