بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • گوۋۇيۈەن 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ‹‹<ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››نى ئېلان قىلدى، يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى›› 2011 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى سۇغۇرتىلاش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداش 28 – دېكابىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: يېڭى ‹‹نىزام›› ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.