-
‹1›ئاغزاكى پۈتۈشكەن توختام
ئايرىم چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار،پوخراۋى كارخانىلار ۋە كوللىكتىپ كارخانىلاردىكى تىجارەت قىلغۇچىلار،كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلغاندا ئەتەي ھالدا خىزمەت ئىزدىگۈچىلار بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاشماي بەزى ئاددي ھالدىكى ئاغزاكى پۈتۈشۋالىدۇ. خىزمەت ئىزدىگۈچىلار كۆپىنچە بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئىنتايىن قەدىرلىگگەنلىكتىن،ئادەتتە ئەمگەك توختامى ئىمزالاش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويوشقا پىتىنالمايدۇ.شونداق قىلىپ،بىردىنلا ماجرا كىلىپ چىقسا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.دۆلىتىمىز« ئەمگەك قانۇن» نىڭ 19ـ ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ،« ئەمگەك توختامى يازما توختام ئارقىلىق ئىمزالىنىشى كېرەك.شۇنىڭ ئۆچۈن ،ئاغزاكى پۈتۈشكەن توختاملار دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قانداق بىر قانۇنىدا كۈچكە ئىگە ئەمەس.