-
ئاقسۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش دېلوسى پاش قىلىندى - [ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار]
2010/08/27
شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش دېلوسى پاش قىلىندى
جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 25-چېسلا مۇنداق دېدى: 19-ئاۋغۇست ئاقسۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش دېلوسى پاش قىلىندى. ج خ ئورگىنى ئەتراپلىق تەھقىقلەش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى دېلونى زوراۋانلىق جىنايى دېلوسى، دەپ بېكىتتى. ئەخمەت قۇربان باشچىلىقىدىكى ئالتە كىشىلىك زوراۋانلىق جىنايى شايكىسىدىكى ئىككەيلەن پارتلىتىشتا قازا قىلغاندىن باشقا، قالغان جاۋابكارلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلدى.
بۇ شايكىنىڭ ئۈچ ئەزاسى 19-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈچ چاقلىق توكلۇق ۋېلىسىپىت بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىسى قاراتال يولى بىلەن ئۈرۈمچى-قەشقەر تاشيولى تۇتىشىدىغان يول ئېغىزىدا كىشىلەر توپى ئارىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلىتىپ، سەپتە تىزىلىپ تۇرغان ئامانلىق ساقلاش بىرلەشمە ئەترىتىنىڭ ئۈچ ئەزاسى ۋە يولدا كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 15 كىشىنى يارىلاندۇرغان. دېلو سادىر بولغاندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى تەھقىقلەش ۋە قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. يەرلىك ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، 22-ئاۋغۇستقىچە جاۋابكارلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مەسئۇلى: زوراۋانلىق جىنايىتى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ج خ ئورگانلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ، دېدى.
مەنبە: خەلق تورىمەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

评论
بۇ مىنىڭ تۇغ ئادرىسىم رەھمەت.
سىزنڭچۇ؟
تۇغ ئادىرىسىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ.