-
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۇەن بېرىلىدۇ - [ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/07/26
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۇەن بېرىلىدۇ
( جىڭ خۇا ۋاقىت گېزىتى) خەۋىرى، 7-ئاينىڭ 20 كۈنى مەملىكەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى مەمىلكەت بويىچە تىلىۋىزىيە يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلقى لو لىن يىغىندا كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسلىرىدە ئۆلگەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ئۆلۈم تۆلەم ئۆلچىمى، شەھەر- بازار ئاھاللىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرچە كىرىىمىنىڭ 20 ھەسسى بويىچە ھىسابلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. يېڭى ئۆلچە يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن بىخەتەرلىك ھادىسلىرىدە ئۆلگەن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋا باتلىرىغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۇەن بۇلۇپ، ئىككى ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى كۆتىرىلگەن.
ئاشكارلىنىشىچە يېقىندا گوۋۇيۇەن تارقاتقان « كارخانلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش » نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە، 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ خىيىم خەتىرى يۇقىرى كەسىپ ۋە كارخانلارغا قارتا پۈتۈن يىللىق بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش رەنە تۈزىمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قۇيۇپ، ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزىمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ.
2009-يىلى جوڭگۇ شەھەر بازار ئاھاللىرىنىڭ كىرىمى 17300 يۇەن بۇلۇپ، 20 ھەسسە بويىچە ھىسابلىغاندا، بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان تۆلەم 340 مىڭ 600 يۇەن بۇلۇپ، دەپنە تۇلۇقلىمىسى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرنىڭ نەپىقە پۇلىنى قوشقاندا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسلىرىدە ئۆلگەن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋا باتلىرىغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئوتتۇرا ھىساب بىلەن بولغاندا500 مىڭ يۇەندىن 600 مىڭ يۇەن ئارلىقتا بۇلىدۇ. بۇ نۆۋەتتە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان 200 مىڭ يۇەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچەمدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى. لو لىن بۇ تەدبىرنى يولغا قۇيۇشنىڭ مەخسىدى ۋەقە سادىرقىلغان كارخانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتى مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش دەپ بۈلدۈردى.

评论