بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • 27 ئۆلكىدىكى 113 مىلىيون ئادەم ئاپەتكە ئۇچىرىدى - [ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار]

    2010/07/22

    27 ئۆلكىدىكى 113 مىلىيون ئادەم ئاپەتكە ئۇچىرىدى

     

    شىنخۇا ئاگىنىتلىقى بېيجىڭنىڭ 7-ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى تىلگىرامىسغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش كاتىپى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ليۇنىڭ 21 -چىسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ كەلكۈن ئەھۋالىي بالدۇر باشلىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى زىيادە كۆپ بۇلۇپ، كەلكۈن ئاپىتى باشلانغاندىن بۇيان زىيان ناھايتى ئېغىر بۇلۇپ، 14 تىرلىون 2مىليارد 200 مىليون يۇەن زىياننى كەلتۈرۈپ چىقاردى دىدى.

    ليۇنىڭ، 4- ئايدا كەلكۈن باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 230 دىن ئارتۇن دەريا ئېقىنلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن يۇقىرى كەلكۈن ئاپىتى يۈز بىرىپ، 25 ئوتتۇرا كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدىكى كەلكۈن سۈيى تارىختىكى يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ، چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا 1987-يىلددىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. سەنشىيا سۇ ئامبىرىغا ئامبار قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ كەلكۈن سۈيى قۇيۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا جياڭشىنىڭ گەن جىياڭ دەرياسى، فۇجىياڭ دەرياسى، شىن جىياڭ دەرياسى، سىچۇننىڭ چۈجىياڭ دەرياسى قاتارلىق دەريا ئېقىنلاردىكى ئېقىن مىقدارى تارىختا خاتىرلەنگەن ئالاھىدە چوڭ سۇ ئاپەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى، فۇجىيەننىڭ مىنجىياڭ دەرياسى  30 يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سۇئاپىتىگە دۇچ كەلدى، چاڭجىياڭ دەرياسى، جۈنخې دەرياسى، جۇجىياڭ دەرياسى ئېقىنلىرى قاتارلقى چوڭ دەريا، چوڭ كۆللەرنىڭ سۇ ئورنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 25 ئوتتۇرا كىچىك دەريالاردا يۈزبەرگەن كەلكۈن تارىختا خاتىرلەنگەن  كەلكۈن ئاپىتىدىن ئېشىپ كەتتى دىدى.

     ليۇنىڭ، بۇيىلدىن بۇيان، 6 كىچىك (Ⅱ) تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ توسمىسى  قاچىلانغان سۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئۈرۈلۈپ چۈشتى، ئاممىنى ۋاقتىدا كۈچۈشكە تەشكىلەنگەنلىكتىن ئادام ئۆلۈش يارلىنىش ئەھۋالى كۈرۈلمىدى دىدى.

    تۇنۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە زىيانغا ئۇچىرىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلەر 7 مىليون 2400 گكتار، ئاپەتكە ئۇچىرىغان ئادەم 113 مىليون، ئاپەتتە قازا قىلغان ئادەم 701 نەپەر، يوقاپكەتكەنلەر 347 نەپەر، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي 645 مىڭ 500 ئېغىز بۇلۇپ، 2000-يلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، كەلكۈن بېسىپ كىلىپ چىققان زىيان كۆرسەتكۈچلىرى ئۈمۈمىيۈزلۈك يۇقىرى. سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇيىلدىن بۇيان مەملىكەت بۇيىچە جىددىي كۆچۈرۈلگەن ئامما 8 مىلىيون 60 مىڭ ئادەم قېتىم بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جياڭشى، خۇنەن، فۇجىيەن قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردە ئۇمۇمىي كۆچۈرۈلگەنلەر 5 مىليون 860 مىڭ نەپەر، كەلكۈندىن قۇتقۇزىۋېلىنغانلار مىليونغا يېقىن ئىكەن .

    2010-يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى ئاقسۇ گېزىتىدىن ئېلىندى.

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ