-
ئۈرۈمچىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىلىرى - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/06/03
ئۈرۈمچىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىلىرى
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېقىنقى مەزگىلدە نۇقتىلىق يولغا قويۇش چارىسى (2009 - يىلىدىن 2011 - يىلىغىچە)›› يېقىندا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا سەھىيە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
‹‹چارە›› دە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى شەھەر - يېزىلاردىكى بارلىق ئاھالىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرىدىكەن، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %95 تىن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %98 تىن ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا قۇلايلىق بولغان داۋالاش ياردىمى تۈزۈمى ئورنىتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، تاقىۋېتىلگەن، ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىلىرى بىلەن قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.
‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى
