-
ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىنى - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]
2009/03/20
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججىتى
ش ھ [2006] 59 - نومۇرلۇق
شەھەر - بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ
ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىنى
تەڭشىگەنلىك ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەنلىك
توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
«گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» (گ [2005]38- نومۇرلۇق ھۆججەت) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلىرىدىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز:
1. كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى توغرىسىدا
2006 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا توشۇپ، جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل سانى (ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) 15 يىلدىن ئاشقان (15 يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئەمگەك - كاپالەت مەمۇرىيىتى تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىتىپ پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئاساس خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي سچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە: ئاساس خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى پېنسىيىگە چىقىشىدىن بۇرۇنقى ئالدىنقى يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە شۇ كىشىنىڭ ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرغان مائاشىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى ئاساسىي سان قىلىنىپ، تولۇق ھەق تاپشۇرغان ھەر بىر يىلى ئۈچۈن %1 ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ھېسابلاش فورمۇلاسى مۇنداق:
ئاساس خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى = (سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنقى يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى + شۇ كىشىنىڭ ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرغان مائاشى) ÷ 2 × شەخسنىڭ جەمئىي سۇغۇرتا پۇلىنىڭ تاپشۇرغان يىل سانى % ×1
شۇ كىشىنىڭ ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرىدىغان مائاشى = سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنقى يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى× شۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرغان مائاشىنىڭ ئىندېكسى شۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرغان مائاشى=(1+Cn/Xn+... ...+C2\X1+C1/X0)N÷
فورمۇلادىكى X0، X1، X2... ... بولسا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى پېنسىيىگە چىققان شۇ يىلى ھەمدە پېنسىيىگە چىقىشتىن بىر يىل بۇرۇنقى، 2 يىل بۇرۇنقى ... ... n يىل بۇرۇنقى شۇ كىشىنىڭ ھەق تاپشۇرغان مائاشى سوممىسىنى؛
C1، C2... ... Cn+-1 بولسا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى پېنسىيىگە چىقىشتىن بىر يىل بۇرۇنقى، 2 يىل بۇرۇنقى... ...1+n يىل بۇرۇنقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى؛
N بولسا ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ھېسابلاشتىكى ھەق تاپشۇرغان يىل سانىنى؛
شەخسىي سچوتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى بولسا شۇ كىشىنىڭ پېنسىيىگە چىققان ۋاقتىدىكى شەخسىي سچوتىدىكى ئامانەت سوممىسىنى كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدىغان ئاي سانىغا بۆلگەندىكى ساننى كۆرسىتىدۇ (قوشۇمچە بەتكە قاراڭ).
ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر سچوتى تۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن (1996 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن) خىزمەتكە قاتناشقان، بۇ چارە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پېنسىيىگە چىققانلارغا ئاساس خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي سچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىش ئاساسىدا يەنە ئۆتكۈنچى خاراكتېردىكى كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ پېنسىيىگە چىقىدىغان چاغدىكى ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرىدىغان مائاشى ئاساسىي سان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھېساباتى ئېچىشتىن بۇرۇن شۇ كىشىنىڭ ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان ھەر بىر يىلغا %3.1 بويىچە بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ھېسابلاش فورمۇلاسى مۇنداق:
ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى=شۇكىشىنىڭ ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ھەق تاپشۇرغان ئوتتۇرىچە مائاشى × ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر سچوتى ئېچىشتىن بۇرۇن شۇ كىشىنىڭ ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل سانى %×3.1.
2. ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ تەسىس قىلىنىشى توغرىسىدا
يېڭى ھېسابلاش چارىسىدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش چارىسى> نى تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ش ھ [1997] 107 - نومۇرلۇق ھۆججەت) تا بەلگىلەنگەن چارە (تۆۋەندە كونا چارە دەپ قىسقارتىلدى) بويىچە ھېسابلانغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۇختا جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىش قارار قىلىندى. 2006 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2010 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە پېنسىيىگە چىققانلارغا يېڭى چارە بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى كونا چارە بويىچە تارقىتىلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىدىن يۇقىرى بولسا، تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە: 2006 - يىلى پېنسىيىگە چىققانلارغا يۇقىرى قىسمىنىڭ %10 ئى بويىچە، 2007 - يىلى پېنسىيىگە چىقىدىغانلارغا يۇقىرى قىسمىنىڭ %30 ئى بويىچە، 2008 - يىلى پېنسىيىگە چىقىدىغانلارغا يۇقىرى قىسمىنىڭ %50 ئى بويىچە، 2009 - يىلى پېنسىيىگە چىقىدىغانلارغا يۇقىرى قىسمىنىڭ %70 ئى بويىچە، 2010 - يىلى پېنسىيىگە چىقىدىغانلارغا يۇقىرى قىسمىنىڭ %90 ئى بويىچە بېرىلىدۇ، ئۆتكۈنچى مەزگىل 2011 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە يېڭى چارە بويىچە تارقىتىلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى كونا چارە بويىچە تارقىتىلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىدىن تۆۋەن بولسا تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
3. كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا
ئاساس خاركتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى، ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن چىقىم قىلىنىدۇ؛ 2006 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ شەخسىي سچوتىدىكى كۈتۈنۈش پۇلى شەخسلەر سچوتى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. شەخسلەر سچوتى فوندىدىن چىقىم قىلىشقا يەتمىگەندە، جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.
4. كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىش توغرىسىدا
سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا توشسىمۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل سانى 15 يىلغا توشمىسا، ئاساس خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىلماي، شەخسىي سچوتتىكى ئامانەت سوممىسى بىرلا قېتىمدا شۇ كىشىگە چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسىي سچوت تۇرغۇزۇلۇشتىن بۇرۇن ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل سانىغا قارىتا، ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل سانى بىر يىلغا توشسا، جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەنگەن فونددىن 2 ئايلىق ئىندېكسلاشتۇرۇلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرغان مائاشى بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى توختىتىلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا توشۇپ، ھەق تاپشۇرغان يىل سانى 10 يىلغا توشۇپ، 15 يىلغا توشمىغان بولسا، شۇ كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتىنى كېچىكتۈرۈپ داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا رۇخسەت قىلىشقا بولىدۇ، ھەق تاپشۇرغان يىل سانى 15 يىلغا توشقاندىن كېيىن، پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلىدۇ ۋە ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلىدۇ.
5. مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيىگە چىققان بىر قىسىم خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى مەسىلىسى توغرىسىدا
يېڭى چارە بويىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقاتقاندىن كېيىن، تەمىنات سەۋىيىسى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ھەق تاپشۇرغان يىل سانى ۋە پېنسىيىگە چىقىشنىڭ بالدۇر - كېيىنلىكى بىر - بىرىگە زىچ چېتىلىدىغان بولغاچقا، كېسەل بولۇپ ياكى ئىش ئۈستىدىن باشقا ئورۇندا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى تامامەن يوقاتقان ھەمدە كارخانا تاقىلىپ قېلىش، ۋەيران بولۇش سەۋەبىدىن پېنسىيە رەسمىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېجىرگەن خادىملارغا يېڭى چارە بويىچە كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا قارىتا مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن پېنسىيىگە چىقسا %2 تۇتۇپ قېلىنىدىغان سىياسەت ئىجرا قىلىنمايدۇ.
6. باشقىلار
1) شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
2) بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن چارىنى ئاپتونوم رايونۇق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىش چارىسى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى چۈشەندۈرىدۇ.
3) بۇ چارە 2006 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.2006 - يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى
قىسقارتما ماۋزۇ ئەمگەك كارخانا كۈتۈنۈش پۇلى چارە ئۇقتۇرۇش
يوللانغان ۋاقتى:(2006-07-21) 历史上的今天:
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻘﻰ 2009/03/20ھەمدەم بەگ ھاجى 2009/03/20ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 2009/03/20جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى 2009/03/20
