-
كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىسىنى ھۆكۈمەت تۆلەپ بېرىدۇ. - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2011/03/14
ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارىنىڭ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ شەخسىلەرنىڭ تۆلەشكە تىگىشلىك قىسىمىغا تۇلۇقلىما بېرىش توغرىسىدىكى سىياسەت.
«ئىشسىزلىق تىزىملاش كېنىشكىسى » بار ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىللىرى ھەرخىل كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇددىتى 1 يىلدىن ئارتۇق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزىسە ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئىجتمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تارقاتقان[2010]18- نۇمۇرلۇق ھۆجەتتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، شەخىسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى قىسىمىغا تۇلۇق تۇلۇقما بېرىلىدۇ.
1. تۇلۇقلىما ئۆلچىمى ۋە مۇددىتى. ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىللىرى ھەرخىل كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشسا، كارخانىلارنىڭ تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئۈچ خىل سۇغۇرتىنى ئاساس قىلىپ، شەخىسلەر تۆلەشكە تىگىشلىك قىسىغا قارتا تۇلۇق تۇلۇقلىما بېرىلىدۇ. تۇلۇقلىما بېرىش مۇددىتى بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلغان مۇددەت ئوخشاش بولىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
2. ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش ۋە تارقىتىش تەرتىۋى. ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇلۇقلىمىسى ئاۋال تاپشۇرۇپ كىين تۇلۇقلاش، پەسىل بويىچە بويىچە قايتۇرۇپ بېرىش چارىسى قوللىنىلىدۇ. شەخىسلەر ئىلتىماس قىلىدۇ، تۇرۇشلۇق كارخانا جەملەپ تۇرغۇزىدۇ، شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ ئىلتىماسى،«ئىشسىزلىق تىزىملاش كېنىشكىسى »، كىملىك، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئەمگەك توختامى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۆلىگەنلىك ئىسپاتى، ئىش ھەققى بەرگەنلىك ئىسپات، شەخسىلەرنىڭ بانكا ھسابات نۇمۇرى قاتارلىق ماتىرياللارنى ئېلىپ، سابىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارتى ۋە مالىيە نازارتى تارقاتقان « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۇلۇقلىما چارىسى» 新劳社字 [2009] 18- نۇمۇرلۇق ھۆجەتتىكى بەلگىلىمە بويىچە، پەسىل بويىچە ئىلتىماس قىلىپ يوللاپ، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ، مالىيە تارماقلىرى قاراپ چىققاندىن كىيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۇلۇقلىمىسىنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلغۇچىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
3. بۇ سىياسەت 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 20150 – يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
