بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]

    2011/01/30

     

     

    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسىي قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىيەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.
      يېقىندا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرىنىئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى يوللىدى. 2010 – يىلى 4 – ئايدا، مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – قېتىملىق يىغىنىدا «گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئەمگەكچىلىرىنى يۆتكەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى» غا قاراپ چىقىلغانىدى.

      دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ھازىر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە ئىش ھەققى كاپالەت سوممىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، قىسمەن رايونلاردا ئىش ھەققى كاپالەت سوممىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش دائىرىسى قاتناش، سۇچىلىققاتارلىق ساھە ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن قۇرۇلۇش تۈرىدىن باشقا ساھەدىكى كارخانىلارغا كېڭەيتىلدى.

      2010 – يىلىدىن بۇيان، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش جەھەتتە،مەملىكىتىمىزدىكى 29ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەپ، ئوتتۇرا ھېساببىلەن %24.1 ئۆستۈردى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2010–يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسلىدە، سىرتقا ئىشلەشكە چىققان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 1596يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.7 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە،ئېلىمىز خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. 2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى 2891 كارخانىنىڭ نېسىي قالدۇرغان ئىش ھەققى ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغان، چېتىلىش سوممىسى 1مىليارد 607 مىليون يۈەنگە يەتكەن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققى، ھوقۇق – مەنپەئەتى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدالغان.

      مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ