بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلىسە ، ئۈچ يىلغىچە ھەر يىلى يىلىغا 8000 يۈەن باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ - [ئىگلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتل]

    2011/01/30

    ئىستۇدېنتلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئىگىلىك تىكلىسە ، ئۈچ يىلغىچە ھەر يىلى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تىجارەت بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قاتارلىقلاردىن يىلىغا 8000 يۈەن باج كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

      يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئىستۇدېنتلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئىگىلىك تىكلىسە ئۈچ يىلغىچە ھەر يىلى تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك تىجارەت بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قاتارلىقلاردىن يىلىغا 8000 يۈەن باج كېمەيتىلىدىكەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىكى ۋاقىتىدا ئىگىلىك تىكلىسە مەكتىپىدىن ‹‹ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئىسپاتى ›› ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن . مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى ‹‹ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش ۋە تېزلىتىشكە دائىر باج سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ›› نى تارقىتىپ ، ئىستۇدېنتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسە دەسلەپكى ئۈچ يىلدا باج كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. مەنبە تەڭرىتاغ تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ