مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3952   يوللانغان ۋاقتى: 2014-08-30 14:59:54

 


مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى
ـــــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
ــــــــ  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى



  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ھازىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا 47 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 22 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ياشايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلىگەندەك، شىنجاڭغا نىسبەتەن ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى بۇ ئۇل تاشنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئۆزى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ۋە مالىمانچىلىق ئاپەتتۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋا ۋە قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىمىز ئەمما سېزەلمەيمىز، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ئەسلا ياشىيالمايمىز. ئوخشاش بىر ئاسمان ئاستىدا ئوخشاش بىر زېمىنغا دەسسەپ تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك.
  كۇنمىڭدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر ئۇيغۇر كادىر ئۈندىداردا: «ھەر مىللەت خەلق ئانار ئۇرۇقىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك» دەپ مۇراجىئەت قىلىپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنىڭ پولات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.
  ھازىر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى. سىياسەت ۋە تاكتىكا پارتىيەنىڭ ھاياتى. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆم ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. سىياسەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىرگەندىلا، مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەڭ زور دەرىجىدە تايانغاندا، ھەربىر مىللەت، ھەربىر پۇقرا جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدۇ.
  ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، ھېسسىيات يېقىنلاشقانسېرى كۈچىيىدۇ. مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا بىر - بىرىمىزگە قايىل بولۇشۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا بىر - بىرىمىزگە ياردەم بەرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغىلى بولىدۇ. ئـۆزئارا باردى – كەلدى قىلىشىش، مۇڭدىشىش – سىردىشىشلارغا چوڭ سىياسەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرلىشىشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئورتاق قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، «قوش تىل»لىق مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش مۇھىتىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەلەيدۇ.
  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى 56 مىللەت ئورتاق قۇرغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەلگۈسىمۇ يەنىلا 56 مىللەتنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تايىنىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت زېمىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىغا قويۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق مۇجەسسەملىسەكلا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم ئاساس ۋە خورىماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلالايمىز.