مىللەتلەر مەسىلىسىنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىش كېرەك
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 513 يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:32:32
مىللەتلەر مەسىلىسىنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىش كېرەك
ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا (2)
2013- يىلى 3 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى يېپىلغاندا قىلغان سۆزىدە: «ئېلىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بارچە خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەممىمىزنىڭ ئەجىر ۋە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم بايانلار بىزگە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىز ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوبېيكتىپ ئاساسى ۋە تۈپ چىقىش نۇقتىسى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ئوچۇق جاكارلىدى.
باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە ئىش قىلىش ـــ پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا ماڭغانلىقىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ماركسىزم: قانۇنىيەت شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا، ئۇ ماھىيەتلىك، مۇقەررەر، مۇقىم باغلىنىشتۇر، دەپ قارايدۇ. قانۇنىيەت ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن چۈشمەيدۇ، قانۇنىيەتكە بولغان تونۇشقا سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئېرىشەلەيمىز. 90 نەچچە يىللىق مىللەتلەر خىزمىتى تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، پارتىيەمىز ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوغا ئاددىيلا ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، بەلكى ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جوڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، يېڭى تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەن. دەل شۇنداق جاپالىق ئىزدىنىش داۋامىدا، پارتىيەمىز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەچكە، توغرا مىللەتلەر سىياسىتى تۈزۈپ چىقىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مىللەت نەزەرىيەسى مىللەتلەر سىياسىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى.
باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇش ـــ نۆۋەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى بىر ئاساسىي تونۇش ۋە بىر ئاساسىي ھۆكۈمدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئاساسىي تونۇش دېگىنىمىز: «مىللەتنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشى ئۇزاق تارىخىي جەرياندۇر. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، مىللەتنىڭ يوقىلىشى سىنىپنىڭ يوقىلىشىدىن، دۆلەتنىڭ يوقىلىشىدىنمۇ ئۇزاق بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. مىللەت ھاياتى دەۋرىيلىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئومۇملۇقى، ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، خەلقئارالىقلىقى، مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن. بىر ئاساسىي ھۆكۈم دېگىنىمىز: «سوتسىيالىزم دەۋرى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئامىللار ئۈزۈكسىز كۆپىيىپ بارىدۇ، لېكىن مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، مىللەتلەرنىڭ پەرقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى پەرقى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ سوتسىيالىزم دەۋرىدە نامايان بولغان باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.
باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولغاندىلا، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى كۆپ خىللىقنى قوغداش بىلەن بىردەكلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىز ھەم مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۇنى تولۇق قوغدىشىمىز، ھەم مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئۆرنەك قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەدرىجىي تورغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك ئورتاق غايە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي روھ ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى يارىتىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ھەم مىللەتلەرنىڭ پەرقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۈنئىي ھالدا يوقىتىش خاھىشىغا قارشى تۇرۇشىمىز، ھەم مىللەتلەر پەرقىنى سۈنئىي ھالدا چوڭايتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئايرىۋېتىدىغان، جاھىللىق بىلەن بېكىنىۋالىدىغان خاھىشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، بىلىش قانۇنىيىتىنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. بىز مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھارماي ئىزدىنىپ، قانۇنىيەتكە باشتىن - ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، قەتئىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرىدىغانلا بولساق، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى، مىللەت ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزۈكسىز بېيىتالايمىز، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.
«جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى» دىن نىغمەت ئابلىمىت تەرجىمە قىلغان
تەرجىمانى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۈڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىدا