ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقەدىمىنى تېزلىتىشتىكى يادرولۇق مەسىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3101   يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:35:14

   ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقەدىمىنى تېزلىتىشتىكى يادرولۇق مەسىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

    − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا  (3)

  
 «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ يادروسى ـــ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش». «تەرەققىيات نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىكى بىرىنچى ئۇسۇل». پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ  3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىنىڭ باغرىدىكى شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىدە، «تەرەققىياتنى تېزلىتىش − يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە» دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشى ئۈچۈن غايەت زور ئىجابىي كۈچ بەخش ئەتتى.
  ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى پۇختا ئىگىلەش − پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىق ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغانلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئارزۇ - ئىستىكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يولداش ماۋ زېدۇڭ: «ھەر  مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش بىز كوممۇنىستلارنىڭ ۋەزىپىسى» دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ: «بىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىمىز قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ئەسىر ئالماشقان چاغدا، يولداش جياڭ زېمىن: «ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش − ئېلىمىز سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئىپادىلىنىشى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى ۋە نىشانى» دەپ كۆرسەتتى. يېڭى دەۋر ۋە يېڭى باسقۇچتا، يولداش خۇ جىنتاۋ: «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قىياپىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى. «ئىككى بىر يۈز يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
    «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش»تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، مىللەتلەر سىياسىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىرلەشمە كۈچنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش لازىم. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئاز سانلىق مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشتە يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق ئادەتتىكى قىيىنچىلىق ئەمەس، شۇنداقلا بىر جەھەتتىكى ياكى بىرقانچە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى بىر قاتار ئالاھىدە قىيىنچىلىقتۇر. بۇ ھال مۇقەررەر ھالدا بىزدىن يۇقىرى قاتلامدىن ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەم مەبلەغ ۋە تۈر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىمىزنى، ھەم سىياسەت ۋە ھېسسىيات سېلىنىمىسىنى ئاشۇرۇشىمىزنى؛ ھەم مەركەزنىڭ ھازىرقى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىزنى، ھەم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارنى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى چۆرىدەپ، يېڭى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈشىمىزنى؛ ھەم بارلىق ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنى قاپلىغان ئومۇمىيەتلىك چوڭ - چوڭ قارارلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزنى، ھەم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، يېڭى مەخسۇس سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشىمىزنى؛ ھەم مەركەز ۋە تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشىلىشىمىزنى، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ئورتاق مەدەت بېرىدىغان ۋە ئورتاق ئاتلىنىدىغان غايەت زور كۈچ توپلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
  «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش»تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۈزۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگودىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. بىز ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىشىمىز كېرەك. بازار ۋاسىتىسى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاقتىن بۇيان چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بولۇپمۇ چېگرا بويلىرىنى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە بايلىققا ئېرىشىشىمىز ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پىكىر يولى ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، توپلاشقان، تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتلەردە يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «قان ھاسىل قىلىش» ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى، بۇ جەھەتتە بىز ھەرگىز ھەرقانداق بىر قېرىنداش مىللەتنى، ھەرقانداق بىر ئاز سانلىق مىللەت رايونىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مىسلىسىز تەخىرسىزلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنىڭ تەقەززاسىدىن پەيدا بولغان، شۇنداقلا ئۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش داۋامىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچ ۋە غەيرىتىمىزنى چىڭىتىپ، تونۇشىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغانلا بولساق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايدۇ.
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»دىن نىغمەت ئابلىمىت تەرجىمە قىلغان
  
  تەرجىمانى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىدا