بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك    ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش ھەققىدە (1)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 583   يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:00:22

   بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

   ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش ھەققىدە (1)

   
تەھرىر ئىلاۋىسى: 
  پارتىيەنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئومۇمىيىتىگە ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مۇھىم بايانلارنى قىلىپ، ئىجادىي كۆز قاراشلارغا باي نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈم ۋە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم بايانلاردا، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلانغان، مەزمۇنى مول، چۈشەندۈرۈشلىرى ئېنىق، تۈپتىن ياخشىلاش ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئىتتىپاقلىق ئارزۇسى»غا يېتىشىگە، «تەرەققىيات ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشىغا غايەت زور ئىجابىي كۈچ قوشتى. مىللەتلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بولسۇن ئۈچۈن، تور بېتىمىزدە بۇ ھەقتىكى چاتما ئوبزور ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
  
  ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۇنى ــــ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە تەبرىكلەۋاتقان كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا خەت يېزىپ، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز ــــ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولىدىغان كۈرەش مۇساپىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئالاھىدە ئىجادچانلىقىنىڭ مۇھىم بۇلىقى. دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم بايانى بىزنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، ئىجاد قىلىش كۈچىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەنبەسى ۋە كەڭ رېئال ئاساسىغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىگە، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى. تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
    ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان تارىخىدىن كەلگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىدا قېرىنداش مىللەتلەر يېتىلدى، تەرەققىي قىلدى ۋە بىرىكتى. قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى، بىپايان زېمىننى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلدى. «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن سۆز گەرچە 20- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ سۆزگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ سۆزگە بىزنىڭ ئورتاق غايىمىز، ئېتىقادىمىز ۋە ئورتاق مەنىۋى ماكانىمىز سىڭىپ كەتكەن.
    ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالى پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشىدىكى ئاساسىي نۇقتىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسى دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەر ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقانلىق دۆلەت ئەھۋالىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، مىللەتلەر مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان پوزىتسىيەسىگە ئوخشىمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، توغرا تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەنتەنىلىك بۇرچىنى ئاڭلىق ھالدا زىممىسىگە ئېلىپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىنى 30 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى، بۇنىڭ بىلەن 55 ئاز سانلىق مىللەت باراۋەر سالاھىيەتتە سىياسىي سەھنىگە چىقتى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە باراۋەرلىك ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى غوجايىن بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئىسلاھ قىلىش - ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىدا چوڭ قەدەم تاشلاپ، دەۋر قەدىمىگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
    ئېلىمىزنىڭ«بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» ئەھۋالى مىللەتلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىغا ئۆزگىچە مەزمۇن قوشتى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ــــ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىستىكى. «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەيدىغان «ئىتتىپاقلىق ئارزۇسى»غا يېتىش، ھەر مىللەت خەلق زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلايدىغان «تەرەققىيات ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ـــ مىللەتلەر خىزمىتى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىدا زىممىسىگە ئالغان تارىخىي مەسئۇلىيەت. ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئامما تېخىمۇ ياخشى مائارىپنىڭ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتنىڭ، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ، تېخىمۇ راھەت ئولتۇراق شارائىتىنىڭ، تېخمۇ گۈزەل مۇھىتنىڭ بولۇشىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىش نىشانىمىزدۇر. جۇڭگو ئارزۇسىنى رويقاپقا چىقىرىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، بىز ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش ئەھۋالىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىكىمىز كېرەك. مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ۋە ئىش قىلغاندا، ھەم مەملىكەت ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتۇش، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇلار يۈزلىنىۋاتقان، باشقا جايلاردىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشتە، خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندە ھەم ئومۇمىيلىق، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش تاكتىكىسى بولۇش، ھەم شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا بېقىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ باشقا جايلار بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
  ھازىرقىغا قاراپ، ئۆتمۈشتىكىنى ئەسلىسەك، چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا ئىشەنچكە تولۇپ تاشىمىز. ئىشەنچىمىز كامىلكى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىزنىڭ بۇ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىز تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقۇسى؛ ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىمىز تېخىمۇ ھەيۋەت قامىتى بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگۈسى!
    
  «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»دىن نېغمەت ئابلىمىت تەرجىمىسى
  تەرجىمانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىدا