ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 373   يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:22:49

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  
  ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

  
  سىياسەتنى ئەل رايىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدەپ تۈزۈش؛ تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئاممىغا قىلىدىغان ئىش تېپىپ بېرىش، ئاممىنىڭ پۇل تېپىشىغا ياردەم بېرىش، ئاممىغا ئۈمىد بېغىشلاش كېرەك. 2 -، 3 - كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىش؛ كىمنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىش، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەش، كۈچنى چاغلاپ ئىش كۆرۈش؛ دېگەننى قىلىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئەل رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
   جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. ئاشلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقى، مېۋىچىلىك، ئۆت - چۆپ كەسپى ۋە چارۋىچىلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقانلار ئائىلىسىنى قاپلىشى كېرەك؛ دېھقان - چارۋىچىلارغا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە تىجارەت شەكلىنى ئۆگىتىش كېرەك. بىر ئارتۇقچىلىق بىلەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بىر كەنتتە بىر كەسىپ، بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات بولسا، دېھقانلار بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.
  ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى «قوش تىل»دا تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، خەنزۇچىنى ياخشى ئىگىلىگەندە كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش ئاسان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ   .
   شەمشەر بىلىگەنسېرى ئىتتىكلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلى قەھرىتان سوغۇقتىلا خۇش پۇراق چاچىدۇ؛ ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، كەسكىن بولسا، ئىرادە، ماھارەتنى شۇنچە چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى چىڭ ساقلىشىنى؛ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە تېررورچىلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىمىز، ئۇلارغا چىن مۇھەببەت، چىن كۆڭۈل ئاتا قىلىشىمىز كېرەك؛ ئورتاق دۈشمەنگە زەربە بېرىشتە تىغمۇتىغ ئېلىشىشىمىز، قەتئىي رەھىمدىللىك قىلماسلىقىمىز كېرەك. تۈرلۈك شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە كوللېكتىپ تۈزەش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق كۈرىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلىشىمىز، پولات ئىستىھكام قۇرۇشىمىز؛ زوراۋانلار، تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىمىز، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرگە زەربە بېرىپ، كۆپ ساندىكىلەرنى تەربىيەلىشىمىز، ئۆزىمىزگە تارتىشىمىز كېرەك.
  بىڭتۈەننى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن زور تەدبىر. يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇ، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىز بىڭتۈەننى چېگرانى قوغدايدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە مەدەنىيەت توپلانغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى قوغداش ـــ شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمىتى.
   ھازىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كېلىپ، بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، بىر نىيەتتە بولۇشى ۋە ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
   سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىن ئىناق بولسىلا، ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ.
   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك! كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خۇددى مۇزىكىدا كۈيلەنگەندەك، «يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ ئەڭ گۈزەل» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  
  « جۇڭگو مىللەتلىرى»  ژۇرنىلىدىن پولات ئېزىز تەرجىمە قىلغان
   
  تەرجىمانى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە