• قانلىق مۇھەببەت (ھىكايە)3 - [ئىجادىي يازما]

    2009-06-24

    بۇ ھىكايە ئۆز ئىجادىيىتىم ، داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.ئەسەرگە قىزىققان بولسىڭىز يېقىندىن دىققەت قىلىڭ

    ئەسەرنىڭ بېشىنى بۇ ئادرىسدىن كۆرۈڭ.

    logs/40598539.html

    تۇرمۇش يەنە ئىزىغا چۈشتى ، ياتاقدىن سىنىپقا، سىنىپدىن ئاشخانىغا ، ئاشخانىدىن ياتاققا.............بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كىلىپ قالغان بۇ مەكتەپ ھاياتىم مېنى بەكلا زىرىكتۈرگەن ئىدى ، ياتاقدىكىلەر بىلەن ئوينىغان شۇ ئۇيۇنغىمۇ ھەش - پەش دېگۈچە 5كۈن بولدى، ھېلىقى قىزنىڭ سىماسىمۇ كۆز ئالدىمدا  بارغانسىرى غۇۋالىشىپ كېتىپ باراتتى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى پاراڭلاشقان گەپ _سۆزلەر ھېلىھەم ئېسىمدە. ھەي..........................5كۈنگۈچە ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە نېسىپ بولمىدى. مەن ئۇ شۇ كۈنى كىتاب كۆرىۋاتقان زالغا سورۇن تارقاپ ئەتىسمۇ، ئۆگىنىمۇ چىقتىم ، لېكىن ئۇنى ئۇچرىتالماي كۆڭلۈم غەش ئىدى.

    بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى ، مەن ياتاقدا يالغۇز قالدىم ، ياتاقدىكى ئۈچىنىڭ بىرسىمۇ يوق ، ئۇلارنىڭ نەگە بېرىپ ، نەدە تۇرىشنى بىر ئۆزى بىلەن خۇدا بىلىدۇ. يامان بولغىنى   بۇگۈن تاماققا ئۆزۈم يالغۇز چىقىدىغان بولدۇم، ئەزەلدىن يالغۇز بىر يەرگە چىقىشقا مەن بەكلا قېرىق ، تاماققىمۇ شۇندان ، ھەي ..... ، ئەمدى يالغۇز چىقمايمۇ ئامال يوق ، ئاچ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ دە.
    ياتاقنى قۇلۇپلاپ ھالسىراپ كەتكەن قورسۇقىمنى تويدۇرغىلى ئاشخانىغا ماڭدىم ، مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، مەن لەغمەندىن بىرنى بۇيرۇتۇپ قۇيۇپ بۇلۇڭدىكى بىر ئۇرۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم، يالغۇز بولغاچقا بەك كۆزگە چېلىقىدىغان يەردە ئولتۇرۇشنى بىئەپ كۆرگەن ئىدىم. ھالسىراپ كەتكەن قورسۇقۇمنى سىلاپ ھېلىمۇ 15مىنۇتدەك ئولتۇرىۋەتتىم  لېكىن مەن بۇيرۇتقان لەغمەن چىقاي دېمەيتتى ، ئاچچىقىمدا ئاشپەز ئۇستامدىن سۈيلىگىلى تاماق ساتىدىغان كۆزنەككە باردىم .

    -ئۇستام! سىلەرنىڭ خېمىرچى ئۇن تارتقىلى تۈگمەنگە كەتمىگەندۇ ؟ مەن بۇيرۇتقان لەغمەن نېمانداق چىقمايدۇ

    -ئالدىرىماي تۇرۇڭ ئۇكام . ھازىر چىقىدۇ .
    -بولسا تىزرەك بولساڭلار.
    -بۇلىدۇ، بۇلىدۇ........ما ئېنىمىزنىڭ لەغمىنىنى تىزرەك چىقىرىپ بېرىڭلار!
    قايتاي دەپ  ئارقامغا بۇرۇلۇلىشىمغا مەن نەچچە كۈننىڭ ياقى كۆرۈشكە تەشنا بولغان ھېلىقى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى .
    -قورساق بەكلا ئاچقان ئوخشىماممدۇ ؟
    شۇ ۋاقىتدا ئۇنى كۆرۈپ بەكلا خوش  بۇلۇپ كەتتىم.
    -ھە..... ، شۇنداق . ھېچ بۇيرۇتقان تاماق چىقاي دېمەيدىغۇ...

    -ھە...قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇردىڭىز مۇ ؟ -دېدى ئۇ ماڭا .
    -قەدىر ئەھۋال ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ -دەپ سورىدىم ياندۇرۇپ .
    -مەنمۇ ياخشى .-دېدى ئۇ .
    _تاماققا كىرگەنما؟-دەپ سورىدىم يەنە .
    -ياقەي، مەن بۇ ئاشخانىغا  چاچ ياساتقىلى كىرگەن .-دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ .
    ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن ئارقامدىكى تاماق سېتىش كۆزنىكىدە تۇرغان ئاشپەز كۈلىۋەتتى .<ھىم ...ئوخشىدى مانا !بۇ ئاشخانا تۇرسا ئۇ تاماق يېگىلى كىرمىسە نېمە قىلغىلى كىرەتتى ؟> دېدىم ئىچىمدە .

    -كەچۈرۈڭ ،ھە.... مەن ئويلىمايلا سۇراپتىمەن ،  يالغۇز  كىرگەن ئوخشىمامسىز ؟-دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا نەزەر تاشلىغاچ .
    -كەچۈرۈمنىڭ ھاجىتى يوق ، بۈگۈن ياتاقدىكى قىزلارنىڭ ئىشى بار ئىكەنتۇق ..يالغۇز قالدىم ، سىزمۇ يالغۇز ئوخشىمامسىز ؟-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن .
    -ئىككەيلەننىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئىكەن ...ياتاقدىكىلەر مېنىمۇ يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ ھەممىسى ئۇچرىشىشقا كەتتى . بولمىسا بۈگۈن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىۋالاي ،خالامسىزكىن ؟-دەپ سورىدىم . مېنىڭ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوقتى .
    ئۇ ئاغزىنى ئۈمچەيتكىنىچە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، شۇ تاپدا مەن ئۇنىڭ قۇشۇلىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم . راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ ھازىرقى ئالدىمدا تۇرغان قىياپىتى بەكلا ئۇماق بۇلۇپ ھازىرغىچە ئېسىمدىم چىقمايدۇ.
    -ئەسلىدە مېنى مېھمان قىلىش بۇنچىلىك ئاسانغا توختاپ قالسا بولمايتتى ، بوپتۇ ،سىز دەپ قاپسىز ، سىزدىن باشقا ئادەم بولسا تىزلىنىپ يالۋۇرسىمۇ قۇشۇلمايتتىم .-دېدى ئۇ ئۇماق تەبەسسۇم بىلەن .





    评论

  • بۇنىڭ ئاخىرىنى ئەمدى يازمايدىغان ئوخشىمامسىز ؟
  • بەك ياخشى چىقىپتۇ !!!

    ئاخىرىنى قاچان يازىسىز ؟