• قانلىق مۇھەببەت (ھىكايە)2 - [ئىجادىي يازما]

    2009-06-06

    ئەسەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ، ئەگەر پايدىلانماقچى بولسىڭىز بلوگ ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

    ئەسەرنىڭ بېشىنى بۇ ئادرىسدىن كۆرۈڭ.

    logs/39099731.html

    تۆتىمىز ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدۇق، بىنادا بىر_ئىككى سىنىپدا دەرىس ئۇقىۋاتاتتى، قالغان سىنىپلارنىڭ بەزىسى قۇرۇق بولسا ، بەزىسدە جۈپ ئاشىق _ مەشۇقلار شېرىن مۇھەببەت پاراڭلىرىغا چۈشكەن ئىدى، يەنە بەزى سىنىپلار دا بولسا تىنىم تاپماي دەرىس يادلاۋاتقان ، تىل ئۆگىنىۋاتقانلار بار ئىدى. بىز ئۇيۇنىمىزنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتە قىزلار كۆپ كىرىپ ئۈگۈنۈش قىلىدىغان ، ياسىننىڭ گېپى بۇيىچە ئېيتقاندا <كىتاپ خالتىلىرى> ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان 3-قەۋەتتىكى چوڭ ئۆگۈنۈش زالىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق . بۇ زالدا ئۆگنىش قىلىۋاتقانلار بۇلۇپمۇ قىزلار ھەقىقەتەن كۆپ بۇلۇپ بىزنىڭ ئۇيۇنىمىزغا ئەڭ مۇۋاپىق سەھنە ئىدى.

    قەيسەر ئۈچىمىزگە قاراپ :
    -ھە..ياشلار ، مانا جەڭ مەيدانىغا كەلدۇق. ئەمدى كارامىتىڭلارنى كۆرىمەن.-دىدى مەنىلىك كۈلۈپ .- قايسىڭلار باشتا كىرىسىلەر ؟
    -ھەمىمىزدىن بەك ئالىم ئالدىراقسانغۇ؟  قاچان مەن كىرەرمەن دەپ كۆزى تۆتقۇ دەيمەن .-دېدى ياسىن ئالىمغا قاراپ كۈلۈپ.
    - كىرسەڭ ئۆزۈڭ باشتا كىر ، مەن كىرمەيمەن. - دېدى ئالىم .بەك جىددىلىشىپ كەتتىمۇ قانداق ئۇنىڭ پىشانسىدىن تەر چىقىپ كەتكەن ئىدى.
    - بولدى...بولدى .. تەمتىرىمە، سېنى باشدا كىرگۈزمەيمەن ،-دېدى قەيسەر- ئادىل بۇلۇشى ئۈچۈن چەك تارتايلى ، قانداق؟
    بىز بۇ پىكىرگە قۇشۇلدۇق. قەيسەر بىر قەغەزنى 3پارچە قىلىپ يىرتتى ۋە ئۇ قەغەزلەرگە ئايرىم 1،2،3،دەپ يازدى. ئۇ ئۈچ پارچە قەغەزنى ئايرىم -ئايرىم قاتلاپ ئالقىنى ئارىسىغا ئالدى ۋە ئالقىنىنى جۈپلەپ سىلكىپ قەغەزلەرنى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن ؛
    -قېنى ، تەلىيىڭلارنى سىناپ كۆرۈڭلار . -دېدى. ئۈچىمىز بىردىن قەغەزنى ئالدۇق دە ئاچتۇق .  ماۋۇ تەتۈر پەلەكنى كۆرۈڭ ، قېرىشقاندەك مەن 1-نۆۋەتدە كىرىدىغان چەكنى ئاپتىمەن. ئالىم 2-نى ،ياسىن بولسا 3- ئالغان ئىدى.
    -بۈگۈنكى تەلەي يادىكارنىڭكەن ،  قانداق يادىكار؟ ئىشنىڭ بېشىنى ئۆزلىرى باشلاپ بېرەملا ؟-دېدى ياسىن ماڭا قاراپ ، ئۇ ئەتەي مېنى تىرىكتۈرۈش ئۈچۈن تەكەللۇپ سۆزلىرى ئىشلىتىۋاتاتتى .
    مەن ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدىم ،يېنۋالغىلى تېخى بولمايتتى ، بېشىمغا نېمە كەلسە كۆرەرمەن ، ناھايىتى كەلسە جاجام بىر شاپىلاق، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
    -بۇلىدۇ، ھەرقاچان ئىشنىڭ بېشى مەندىنغۇ ؟ -دېدىم مەن.-قېنى قەيسەر ؟ مەن قايسى قىزغا گەپ قىلسام بۇلاركىن ؟
    قەيسەر چىرايىمغا قاراپ قۇيۇپ ئوتتۇرا گۇرۇپنىڭ 2- رېتىدە كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇرغان بىر قىزنى كۆرسەتتى. مەن ئۇقىزغا زەن سېلىپ قارىدىم ، ئۇ قىز بۈدرە چاچلىرىنى قۇيىۋەتكەن، ئۈستىگە ھالرەڭ مايكا كىيىۋالغان، چىرايى تەبىئىي گۈزەل بۇلۇپ گىرىممۇ قىلمىغان ئىدى، قارىماققا ئاددى -ساددا ، شۇنچىلىك سەبىئي كۆرىنەتتى، مەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى كىتابقا قارىدىم، ئۇ ئۇقۇۋاتقان كىتاب ھەممە ياشلىرىمىز ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان < لېيىغان بۇلاق> ئىدى.

    -  نېمە ھاڭۋېقىپ تۇرسىەن ؟ كىرمەمسەن؟-دېدى قەيسەر.
    -قورقىۋاتقان بولساڭ بىللە كىرەيمۇ يا؟-دېدى ياسىن .
    -قورقىدىغان سەن بولمىسام يا مەن ؟ ھېلى سېنىمۇ كۆرىمىز . -دېدىم مەن ياسىنغا زەرد قىلىپ.
    -ئۇنداق بولسا كىرمەمسەن؟-دېدى ياسىن. <بولدىلا ، بۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشماي > دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ھەمدە زالنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قەيسەر كۆرسەتكەن قىز تەرەپ قاراپ ماڭدىم.
    -ئاداش ، خۇداغا ئامانەت! ئۆلمىسەك يەنە كۆرىشەمىز.- بۇ ياسىننىڭ ئاۋازى ئىدى . ئىچىمدە <ماۋۇ مازنى چىققاندىن كېيىن راس ساۋىمايدىغان بولسام >دەپ ئەپسانى تىللار بىلەن ئۇنى تىللاپ ماڭدىم .مانا..ئۇ قىزنىڭ يېنىغا 4قەدەملا ئارلىق قالدى ، 3قەدەم ،2 قەدەم........يېنىغىمۇ كېلىپ قالدىم مانا . ئۇ قىزچاق ئاياق ئاۋازىمنى ئاڭلىدى بولغاي بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ قويدى ۋە ئېرەن قىلماي كىتابىنى كۆرىۋەردى، مەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۇ قىز ئولتۇرغان رەتتىكى بوش ئۇرۇندا ئولتۇردۇم ۋەبىر نەرسە ئىزدىگەندەك پارتا ئاستىغا ۋە ئوڭ سولغا قاراشقا باشلىدىم.ئۇ مېنىڭ بۇ قىلىقىمدىن سەل ھەيران بولدىمۇ قانداق ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، مەن بۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىكى ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلىدىم ۋە دەرھاللا  بوش ئاۋازدا ئۇنىڭدىن:
    - كەچۈرۈڭ ، سىزگە دەخلى قىلىپ قۇيىدىغان بولدۇم، بايا مەن بۇ پارتىدا بىر كىتابىمنى قۇيۇپ قويغان ئىدىم ، سىز كۆردىڭىز مۇ ؟- دەپ سۇرىدىم.
    -ياق ، مەن بۇيەردە ئولتۇرغاندا ھېچقانداق كىتاب يوق ئىكەن. -دېدى ئۇ قىز جاۋابەن،-سىز قۇيۇپ قويغان قانداق كىتاب ئىدى ؟ -دەپ سورىدى مەندىن.
    - رومان كىتاب ئىدى، جالالىدىن بەھرامنىڭ <لېيىغان بۇلاق >دېگەن كىتابى .
    بەكلا ياخشى كىتاب ئىدى ، مۇشۇنداقلا يۈتتۈرۈپ قۇيارمەنمۇ ؟ ھەي ئېسىت.....-مەن يالغان _راستلاردىن ھەسرەتلەنگەندەك بۇلىۋالدىم. ئۇ ھەيرانلىق بىلەن:
    -مېنىڭ قۇلۇمدىكىمۇ شۇ كىتاب ، مۇشۇ ئەمەسدۇ؟-دەپ ماڭا كىتابنى كۆرسەتتى.
    -ياق بۇ 2-قىسىمى ئىكەن ، مەن كۆرىۋاتقىنى 3-قىسمى ئىدى.-دېدىم مەن ئۇنىڭغا. - خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن سىزنى ئېلىۋالدى دەپ ئويلمىدىم.
    -ھەي ئېسىت ،بالدۇرراق كىرگەن بولسام راستلا ئېلىۋالار كەنمەن، دېمىسىمۇ ئۇ ئېلىۋالغۇدەك ياخشى كىتاب تۇرسا .-دېدى ئۇ چاقچاق ئارلاش ،-سىزمۇ بەكلا بىخەستىلىك قىلىپسىز....
    -ئېلۋالغان بولسىڭىزمۇ سىزنى <ئوغرى> ئېسىلىۋالمايتتىم،گوركىي <كىتاب ئوغۇرلىغانلىق ئوغۇرلۇق ئەمەس > دېگەن ئەمەسمۇ .- مەنمۇ ئۇنىڭ چاقچىقىغا قايتۇرۇپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم.- سىز مۇ بۇكىتابنى ئۇقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز دە؟
    -ھىم، شۇنداق . مەن بۇكىتابنىڭ ھەممە قىسمىنى دوستلىرىمدىن ئارىيەت ئېلىپ  باشتىن ئاخىر ئۇقۇپ بولغان، لېكىن يەنىلا قايتىدىن ئۇقۇغۇم كىلىپلا تۇرىدۇ.
    ئىشنىڭ بېشى ياخشى باشلىنىپ كەتتى ،مەن پاراڭلىشىش ۋاقتىنى سۇزۇش ئۈچۈن گەپنى شۇ روماندىكى ھېكمەت -گۈلزىبا، مۇرات ۋە زۇمرەتلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى ۋە شېرىن مۇھەببەت زەرگۈرەشتىلىرى توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر بىلەن باشلاپ كەتتىم،ياخشى بولغىنى  ئۇ قىزچاق ماڭا ئوخشاشلا كىتاپ خۇمار ئىكەن ، ئىككەيلەن شۇ رومان توغرۇلۇق ،ياكى بولمىسا ئۇقۇغان باشقى كىتابلىرىمىز توغرۇلۇق پاراڭ سېلىشىپ كەتتۇق،ئۇمۇ ماڭا ئەگىشىپ روماندىكى ئاشىق _مەشۇقلارنىڭ چىن سۆيگۈلىرىغا ئاپىرىن ئۇقۇپ خۇشال كۈلسە ،روماندىكى خالىققا ئوخشاش مۇھەببەت دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن قايناپ سۆزلەيتتى ، مەن ئۇنىڭ سۆزلىگەندىكى قىياپىتىگە قاراپ قىز زاتىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندەك ھاڭۋېقىپ قاراپ ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇ ئاچچىقلانسۇن ياكى خۇشال بولسۇن شۇنچىلىك ئۇماق بۇلۇپ كېتىدىكەن .  زالنىڭ جىمجىتلىقىنى ئىككەيلەننىڭ پىچىر-پىچىر پاراڭلىرى بۇزۇپ تۇراتتى، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئىشكنىڭ ئەينىكىدىن قەيسەرنىڭ مېنى <سىرتقا چىق > دەپ شەرەتلىگەنلىكىنى كۆردۈم، ئەمدى بۇ قىز بىلەن بولغان شېرىن سۆھبەتتى ئۈزمىسەم بولمايتتى. مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا :
    -قۇرۇق پاراڭ سېلىپ سىزنى كىتاب ئۇقۇغۇلىمۇ قويمىدۇم، ئەگەر كىتابنى بىرەرسى ئەكىرىپ قالسا ماڭا خەۋەر قىلىۋەتسىڭىز. _دېىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەمەس قوشنا ياتاقنىڭ نۇمىرىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.مەن چىقىپ كەتكىلى تەمشەلگەندە ئۇماڭا :
    -قىزىقىشىمىز ئوخشاش ئىكەن ، مەنمۇ بىرەرسى بىلەن ئۆز قىزىقىشىم توغرۇلۇق پاراڭ سېلىشىپ باقماپتىكەنمەن، سىزگىمۇ رەھمەت.كىتابنىڭ خەۋىرى بولسا سىزگە خەۋەر قىلىۋىتىمەن...
    -بۇلىدۇ، سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت. -دېدىم مەن ئۇنىڭغا .ئۇجاۋابەن ماڭا تاتلىق بىر كۈلۈپ قويدى.مەن زالدىن چىقىپ كەتكۈچە خۇددى بىر نەرسەمدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك بۇلۇپ قالدىم.

    مەن چىققاندىن كېيىن ئۇ ئۈچى مېنى خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى ، مەن خۇددى ئۇرۇشدا غەلبە قىلغاندەك مەغرۇر ھالداگىدىيىپ قويدۇم. بۇ قىلىقىمغا قاراپ ياسىن تۇنجى ئېغىز ئاچتى .
    -يا ئاللا ، مەن سېنى سېپى ئۆزىدىن كىتاب خالتىسى دەپ ئويلىسام مۇنداق ئىشلاردىمۇ ياڭزام بار دېگىنە ، ھەجەپ كونا تۇنۇشلاردەك پاراڭلىشىپلا كەتتىڭغۇ؟ ئۇ قىزنى تۇنۇمسەن يا ؟
    مەن ياسىنغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم ۋە :
    -ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ ؟ مېنىڭ بۇ مەكتەپدە قىز ساۋاقداشلاردىن بۆلەك قىز تۇنۇشۇم يوققۇ ؟-دەپ جاۋاب بەردىم .قەيسەر مەندىن :
    -ئاداش، ساق  20 مېنۇت پاراڭلىشۋەتتىڭ، ۋاقىتنى ئاشۇرساڭ سورۇن ماڭا ھېساب دېسەم سەن مېنى تاسلا قالدىڭ قاق _سەنەم قىلىۋەتكىلى . ئېيتە شۇنچە ئۇزۇن پاراڭلاشقۇدەك نېمىلەرنى دېيىشتىڭ ؟- دەپ سورىدى .
    -ھە ،راست ... ئۇ قىزنىڭ ئىسمى نېمىكەن ؟ سۇرىغانسەن  ؟- مەن قەيسەرگە جاۋاب بەرگۈچە ئالىم مەندىن شۇنداق سۇرىدى .
    -ھە!.......-مەن شۇنداق دېگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم .- شۇنچە پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراش يادىمغا كەلمەپتۇغۇ....مېنىڭ مۇشۇ دۆتلىكىمنى زە...
    -قويە سېنى ، ئىسمىنىمۇ سۇرىمايدىغان ئىش بۇلامدۇ ؟ ھېچ بولمىسا تىلفۇن نۇمۇرىنى سورىۋالساڭ بولمامدۇ ؟- قەيسەر ماڭا ئاچچىقلانغاندەك قىلاتتى.
    -ۋاي.....يەنە بىر قېتىمغا پۇرسەت كەپقالا ، ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا كېلەيلى، نۆۋەت ئالىمنىڭ، ئەمدى ئالىم كىرىپ چىقمامدۇ؟-تىلىمدا بۇنداق دېگىنىم بىلەن ئىچىمدەئۆزۈمنىڭ دۆتلىكىگە قاقشايتتىم .
    -ھە .. توغرا ،  ئالىم ئەمدى نۆۋەت سېنىڭ ، سەنمۇ يادىكاردەك ئۇنتۇغاقلىق قىلما ھە....-ياسىن ئالىمغا شۇنداق دېدى ۋە قەيسەرگە:- قەيسەر ، قېنى ئالىمغا بىرەر قىزنى كۆرسەتمەمسەن

    ئالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ <مەن كىرمەيمەن > دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ كىرىشكە زىنھارئۇنىمىدى، بىز ئۇنىڭغا سېسىق گەپ قىلىپمۇ ئۇنىتالمىدۇق، سورۇن پۇلىنىڭ يېرىمنى چىقىرىش بەدىلىگە ئالىم بۇ نۆۋەتدىن قۇتۇلدى. ياسىن بولسا قەيسەر كۆرسەتكەن باشقا بىر قىزغا 5مىنۇتلارچە پاراڭ تاشلاپ يېنىپ چىقتى ، ئۇ ئۇزۇن پاراڭلاشمىغىنى بىلەن قىلغان ئىشى مېنىڭكىدىن ئۈنۈملىك ئىدى ، ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىلا ئەمەس تېلفۇن نۇمىرىنىمۇ قۇشۇپ بىلىپ چىققان ئىدى.
    بۈگۈنكى سورۇندا پەقەت ئېچىلالمىدىم، ئۇ قىزنىڭ مەن بىلەن پاراڭلاشقاندىكى ئۇماق تۇرقىنى پەقەتلا ئۇنتالمىدىم، ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكىگە بەكلا ئاچچىقىم كېلىپ تۇراتتى. مۇمكىن بولسا ئاللا ئىگەم يەنە بىر كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلسىكەن دېگەن ئۈمۈددە كېچىدىكى ئۇيقۇنىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم........ 

    داۋامىنى بۇئادرىسدىن كۆرۈڭ

    logs/41447721.html.