-
ئادەمنى تىللاپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئاكا - ئۇكىلار 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەمگە قالدى - [تاغدىن - باغدىن]
2008-08-20
ئالدىنقى يىلى 28 - ئاۋغۇست بېيجىڭ شەھىرى مىيۈەن ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق جاۋ بوۋاي كەنت مەيدانىغا بېرىپ كەنىت ئاھالىرىگە نەي چېلىشنى ئۆگىتىۋاتاتتى . بۇ چاغدا كەنت ياڭگىر ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىيا جاۋ بوۋاينىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن زاكۇنلاشتى . چۈنكى ئۇ باشقىلاردىن جاۋ بوۋاينىڭ ياڭگىر ئەترىتىنى ياخشى ئەمەس دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى . ئىككىسى تازا گەپ تالىشىۋاتقاندا ، جاڭ جىيا نىڭ ئىنىسى يېتىپ كىلىپ ، ئاكىسىغا بۇلۇشۇپ جاۋ بوۋاينى تىللىدى . باشقىلار ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەندىن كېيىن ، جاۋ بوۋاي ئۆيىگە ماڭدى . ئەتىسى سەھەردە باشقىلار جاۋ بوۋاينىڭ دەريا بويىدا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى . قانۇن دوختۇرى جاۋ بوۋاينىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بېكىتتى . جاۋ بوۋاينىڭ خوتۇنى جاڭ ئاكا-ئۇكىلار ئۈسىتىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم تەلەپ قىلدى .
مىيۈەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى سوت قىلىپ ئۇلارنىڭ جېدىلى بىلەن جاۋ بوۋاينىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدە ۋاستىلىق سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراپ 4- دېكابىر جاڭ ئاكا - ئۇكىلارنى جاۋ ئائىلىسىگە 20 مىڭ يۈندىن ئارتۇق تۆلەم بېرىشكە بۇيرىدى .مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
历史上的今天:
评论