• خۇدا ئادەمگە ئەۋەتكەن 3 پارچە خەت - [تەرمىلەر]

    2008-07-27

     خۇدا ئادەمگە ئەۋەتكەن ئۈچ پارچە خەت:    ھاياتلىقنى تونۇشتىكى ئەقىل پاراسەت.
    _مەندە ئۆلۈم ۋەھىمىسى يوق،چۈنكى مەن تىخى ياش.
      ئۆلۈمنىڭ ياش بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟سەن ئون مىڭ يىل ياشىساڭمۇ،ئون مىڭ يىلدىن كىيىنكى بىر كۈنى ئوخشاشلا يەنە ئۆلىسەن.مەن ھازىر ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قانچىلىك دەھشەت ھېس قىلسام،ياش ۋاقتىمدىمۇ شۇنچىلىك دەھشەت ھېس قىلغان.
    ياشانغان بىر ئەپەندى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى.
    _ئەي خۇدا!_دېدى ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا غۇدۇراپ،_مىنى يىنىڭغا ئەكىۋالىغىنىڭغا ئازراقمۇ ئاغرىنمايمەن،لىكىن،مىنى قايتۇرۇپ كىلىشتىن ئىلگىرى نىمىشقا ماڭا خەۋەر بىرىپ قويمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقىم بولاتتى.بالا_ۋاقلىرىمنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كەلگەن بولاتتىم.لىكىن مىنى تۇيۇقسىزلا ئەپكىلىۋىلىپ بەكمۇ تەمتىرتىپ قويدۇڭ.
    _مەن ساڭا ئىلگىرى ئۈچ پارچە خەت يىزىپ،باقىي دۇنياغا كىلىشكە تەييارلىق قىلىشنى ئەسكەرتكەنغۇ!_دىدى خۇدا.
    _نىمە!مەن ئۇنداق خەت تاپشۇرۋالمىدىمغۇ؟
    خۇدا چۈشەندۈردى:
    _بىرىنچى خەت،بەل_پۇتلىرىڭغا ئاغرىق كىرگۈزدۈم؛ئككىنچى خەت،چاچلىرىڭغا ئاق ئارىلاتتىم؛ئۈچىنچى خەت،چىشلىرىڭنى بىر_بىردىن چۈشۈردۈم.مانا ھەممىسى سىنى ئەسلىي ماكانىڭغا قايتىپ كىلىشكە ئەسكەرتكەنلىك
    ئەمەسمۇ؟!
    ئادەمنىڭ يىشى ئۇلغايغانسىرى قىرىلىقنىڭ سىگنالى ئۈزلۈكسىز چېلىنىپ تۇرىدۇ.ئاغرىق_سىلاق ۋە ئۆلۈم_يىتىم ئادەم ھاياتىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان نەرسە.بۇ دۇنيادا ئارمانسىز ياشىغان ئادەم ئۆلۈم ئالدىدا ھىچقانداق ۋەھىمەۋە ئەپسۇسلىنىش ھېس قىلمايدۇ.
    ھايات شۇنداق نەرسە،خۇدانىڭ ئۈچ پارچە خىتىنى چۈشىنىپ، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇغان ئادەملا ھاياتتىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولالايدۇ.

    مەنبە :<مەڭگۈلۈك ھەمراھ_ئەقىل پاراسەت> دىگەن كىتاىپتىن ئىلىنغان