-
چەتئەلدىكى غەلىتە قانۇنلار - [تاغدىن - باغدىن]
2008-09-14
ئامرىكا كالفورنىيە شىتاتىنىڭ لېيفىدسەيد دىگەن يىرىدە پۇخرالارنىڭ چۈشتە تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىشىغا بولمايدىكەن.
نيۇ-يورك شىتاتىنىڭ گىېلىندا مۇزىكا بەزمىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقاندا ، كىشىلەرنىڭ زالدا خاسىڭ يىيىشىگە ۋە چىكىنىپ چىقىپ كىتىشىگە بولمايدىكەن .
يىڭى جېرسېي شىتاتىدا رىستۇرانلاردا ھاراقنى « غۇرت-غۇرت » قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئىچكەنلەر قولغا ئىلىنىدىكەن .
ئوكلا خوما شىتاتىدا باشقىلارنىڭ كالا گۆشى قاتلىمىسىنى چىشلەپ قويغانلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدىكەن .
ماسساچۇئۇ سېتىس شىتاتىدا چىركاۋدا خاسىڭ يىيىشى ۋە پەمىدۇر بىلەن سەدەپ قۇلۇلىسىنى بىرلىكتە قورۇش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھىسابلىنىدىكەن . يەنە مۇشۇ شىتاتنىڭ لىن ئېن دىگەن يىرىنىڭ قانۇنىدا ، بوۋاقلارغا قەھۋە ئىچكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ ،دەپ بەلگىلەنگەنىكەن .
نېبراسكا شىتاتىنىڭ ۋورگلو دىگەن يىرىدە چۈشتىن ئىلگىرى سائەت يەتتىدىن چۈشتېن كىيىن سائەت يەتتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ساتىراشلارنىڭ سۇڭپىياز يىيىشى مەنئىي قىلىنغانىكەن .
كېنىتوككى شىتاتىنىڭ لېكسىڭتوندا بىر نورمالسىز قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ تۇخۇم ماروژنىسىنى يانچۇقىغا سېلىشى مەنئىي قىلىنغانىكەن .
<< ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئون چوڭ كەشپىيات | باش بەت | Altكونۇپكىسىنىڭ 12 خىل ئىشلىتىلىشى >>