-
سۆز ۋە ھەرىكەت - [تەرمىلەر]
2008-08-01
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بىر ئاددى سىناق ئىشلەتكۈزۈپتۇ :
ئوقۇتقۇچى ئوڭ قۇلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى بىر- بىرىگە تەگگۈزۈپ ھالقىسمان شەكىل چىقارغاندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ شۇنداق شەكىل چىقىرىشقا بۇيرۇپتۇ . ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇنداق شەكىل چىقىرىشىپتۇ.
-قېنى ، ئەمدى ھەممىڭلار شەكىل چىقارغان قۇلۇڭلارنى ماڭا ئوخشاش پىشانەڭلەرگە قويۇڭلار !-دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ۋە قۇلىنى پىشانىسىگە ئەمەس بەلكى زاڭىقىغا قويغان پېتى جىم تۇرۇپتۇ.
بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ «پېشانەڭلەرگە قويۇڭلار» دېگىنى بويىچە قوللىرىنى باشتا پىشانىسىگە قويغان بولسىمۇ ، لېكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز قۇلىنى زاڭىقىغا قويۇۋالغىنىغا قاراپ ، دەرھال قوللىرىنى زاڭىقىغا قويۇشۇپتۇ.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار " پېشانەڭلەرگە قويۇڭلار " دېگەننى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ قوللىرىنى زاڭىقىغا قويۇپتۇ.يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قوللىرىنى ھېلى پىشانىسىگە ، ھېلى زاڭىقىغا يۆتكەپ ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي ئىككلىنىپ تۇرۇپتۇ ....ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئىشەنچلىك بىرسى قولىنى پېشانىسىگە قۇيالماپتۇ .
-مەن قولۇڭلارنى پېشانەڭلەرگە قويۇڭلار دېسەم ،سېلەەر نىمە ئۈچۈن دېگىنىم بۇيىچە قىلمايسسىلەر ؟-دەپ سۇراپتۇ ئوقۇتقۇچى.
-مۇئەللىم !-دەپتۇ ئوقۇغۇچىلار چۇرقىرىشىپ ،-سىز بىزگە ئڭنداق دېگىنىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز زاڭىقىڭىزغا قويۇۋالغان تۇرسىڭىز ؟!
ئوقۇتقۇچى سالماقلىق بىلەن مۇنداق دەپتۇ :
-سىلەر مېنىڭ دېگىنىمى قىلماي ، ھەركىتىمنى دورىدىڭلار . گەرچە مەن توغرا سۆزلەۋېتىپ ھەرىكىتىمدە ئازغان بولساممۇ ،لېكىن سىلەر دېگىنىمدەك قىلىشىڭلار كېرەك ئىدى ،ئەپسۇسكى كۆز ئالدىڭلاردىكى ئادەمنىڭ سۆز- ھەركىتىنىڭ بىردەك بىردەك ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇنىڭ ھەركىتىنى قارىغۇلارچە دورىدىڭلار......
ئوقۇغۇچىلار لام- جىم دېيەلمەي ئاستا يەرگە قارىشىپتۇ .
-دېمەكچى بولغىنىمنى بەلكىم چۈشۈنۈپ بولدىڭلار،-دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ،-ئادەم ئاڭلىغاندىن كۆرە ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنگە بەكرەك ئىشىنىدۇ.بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە سۆزلىگەندە ، دېگىنىمىز بىلەن قىلغىنىمىز بىردەك بولمىسا ، ئۇلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ . شۇڭا ، باشقىلارغا تەلەپ قويۇشتىن ئاۋۋال ، ئۆزىمىز ئاشۇ تەلەپكە لايىقلىشىشىمىز كېرەك . باشقىلارغا نەسىھەتنى ئاغزىدىلا قىلغاندىن ئۆزئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەننىڭ يۇقىرى بۇلىدۇ .مەنبە :جۇڭگو مىللەتلىرى(2008-يىللىق1-سان)
历史上的今天:
توردىكى ھەرقانداق ناخشىنى چۈشۈرەلەيسىز . 2008-08-01ئىنگىلىزتىلىدىن كۈندە 10 جۈملە (1) 2008-08-01