• Altكونۇپكىسىنىڭ 12 خىل ئىشلىتىلىشى - [تور بىلىملىرى]

    2008-09-14

    1)Alt كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىك ستونىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ، Alt+F ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ ھۆججەت تىزىملىكىنى قوزغاتقىلى
    بولىدۇ ،شۇنىڭدەك ( ماس ھالدىكى ھەرپ + Alt+ ) نى بېسىش ئارقىلىق شۇنىڭغا ماس ھالدىكى تىزىملىكنى قوزغاتقىلى بولىدۇ .

    2) Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچى پروگراممىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ،ئۇ ئارقىلىق خالىغان ۋەزىپىنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ . بۇ بىرلەشمە كونۇپكىنى قايتا بېسىش ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقىلى بولىدۇ .

    3)مەلۇم ئوبيېكتىپنى تاللاپ Alt+Enter بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ ئوبيېكتىپنىڭ خاسلىقىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ .

    4) DOS كۆزنىكىدە تۇرۇپ Alt+Enter بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق پۈتۈن كۆزنەك ھالىتى ۋە ئادەتتىكى كۆزنەك ھالىتى ئوتتۇرىسىدا
    ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ .

    Alt+PrintScreen (5 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئېكراننى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ .ئاندىن ئۇنى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش
    يۇمتالى ئارقىلىق رەسىم شەكلىىدە ساقلىۋالغىلى بولىدۇ . ساقلاش ئۇسۇلى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمتالىنى قوزغىتىپ قۇرۇق بەتتىن بىرنى ئېچىپ
    ئېچىپ چاپلىساقلا بولىدۇ .

    Alt+F4 (6 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ .

    Alt (7 كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي يەنە Tab نى بىرلەشتۈرۈپ بېسىش ئارقىلىق ۋەزىپە ستونىدىكى كۆزنەكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا
    ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ .

    8) نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پروگراممىدا تۇرۇپ Alt+Space بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بىۋاستە سىستېما كونترول تىزىملىكىنى
    ئاچقىلى بولىدۇ .

    Shift+Print Sscreen+Alt (9 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق يوقىرى سېلىشتۇرما دەرىجىسىگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ .

    Shift + Num Lock +Alt (10 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ماۋۇس كونۇپكىسى ۋېكليۇچاتىلىنى ئاچقىلى بولىدۇ .

    Word (11 تا تۇرۇپ تېكست تاللىماقچى بولغاندا ئاۋۋال Alt كونۇپكىسىنى بېسىپ ئاندىن تاللىساق تىك قاتار بويىچە تاللاشقا بولىدۇ .

    Word (12 تا تۇرۇپ Alt +Shift + D بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ كۈنلۈك چېسلانى كىرگۈزگىلى بولىدۇ ،
    Alt +Shift + T بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.