• تۇرمۇش ھەزىللىرى - [شىئېرلار]

    2008-10-12

     تۇرمۇش ھەزىللىرى


                                                                مۇھەممەد  رۇزى

              1
    يېتىپ قاپتۇ خىلۋەت كوچىدا ،
    گاھى ئىڭراپ، گاھى گاھى بۇلۇپ شۈك.
    قۇچىقىدا قۇرۇق بوتۇلكا ،
    كىيىملىرى پاسكىنا قۇسۇق ،
    قىزغىنىشىپ يالىشار ئۇنى
    ئېچىرقىغان ئۈچ لالما كۈچۈك

                  2
    <<شائىرىڭ>>غا ئىسنات يەتكۈزدۈڭ،
    بولمىغاچغا ھېچبىر قىممىتىڭ .
    توقماق بۇلۇپ تەگدى بېشىڭغا
    <<شېئىر>> دىگەن <<سۈيۈملۈك>>ئېتىڭ.

    بېسىۋالدى  تەنقىت ئۈستۈڭدىن ،
    ئالرايىڭدىن يەكلەندىڭ شۇ ئان .
    توۋا قىلىپ <<شېئىر>> بولغانغا ،
    <<پەرياد>>دىدىڭ كۈتۈرۈپ چۇقان .

    ئاخشام كىلىپ تېخى دۇنياغا ،
    كۆزلىرىڭنى يۇمدۇڭ سەھەردە .
    سېنى كۈچۈپ يازغان <<شائىر>>نىڭ،
    <<شائىرلىقى>>كۆمۈلدى <<يەر>>گە.

                3   
    ياخشىلارغا قىلىسەن ھەسەت،
    تۆھپىسىدىن كۆزۈڭ قىزىرىپ .
    سەنمۇ ئادەم بىلگىنكى كەتسۇن
    كۈزۈڭ ئەمەس،يۈزۈڭ ئەمەس قىزىرىپ .

                  4         
    ماڭا ئىگىل دىسەڭ ئەگەردە ،
    ئىگىلمەيمەن بولساڭمۇ كاتتا .
    ئەلگە ئىگىل دىسەق ئەگەردە ،
    ئىگىلىمەن ئۆلگىچە ھەتتا .

                  5
    ئالتە يىتىم ئانىسىزلىق دەردىنى
    تولا تارتىپ مۈكچەيگەندە بىلىمىز .
    پاناھ بۇلۇپ زەپ بىر مىھرىبان ئانا،
    <<سۇغا >>قاندى <<قاغجىرىغان>> دىلىمىز .

    شۇندىن بۇيان بولدى ئۆيلەردە نۇرستان،
    تۇيۇندۇق زەپ تېتىملىق ئاش تائامغا.
    بىز سۆيۈنگەچ ئۇنىڭ قىزغىن مىھرىدىن ،
    كۈيۈپ قاپتۇ دادام يېڭى<<ئانام>>غا.

    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 20774- سان