-
ئاشىقلىقدا يازغان شېئىرلار -رۇبائىي - [ئىجادىي يازما]
2008-08-03
سۆيۈلمەي سۆيگۈگە تەلپۈنگەن يۈرەك ،
سۆيگۈسىز ھاياتقا نە قىلىش كىرەك ؟
سۆيگۈنىڭ دەرياسى مەۋج ئۇرۇپ ئاقسا،
كۈتەر ئۇ نېمىنى بۇنىڭدىن بۆلەك .
*****
ئاشىقمەن ئوتىڭدا كۈل بۇلۇپ كۆيگەن ،
مەجنۇنمەن سېنى چىن يۈرەكتىن سۆيگەن ،
بەزىدە سەن ئۈچۈن ياشلار ئاققۇزۇپ ،
بەزىدە ساراڭدەك قاقاقلاپ كۈلگەن .قېيىقمەن مۇھەببەت دەريالىرىدا ،
دولقۇنلار ئارىسىغا ئۈن - تىنسىز چۆككەن ،
بىچارە بەندىمەن شۇ ئۇلۇغ ئاللا ،
سۆيگۈدىن ساقىت قىپ ۋەسلىممۇ يۈتكەن .
*****
بىر تېمىم يېشىڭمۇ مەن ئۇچۈن ئاقسا ،
شوخ كۈلكەڭ يار مېنىڭ بەختىمگە بولسا ،
لەۋلىرىڭ دەردىمگە ھەم داۋا بولسا ،
ئۆلسەممۇ رازىمەن سەندەك جانانغا.******
گەر پەرىشتە سەپ بۇلۇپ تۇرسا ئالدىمدا ،
كۆيمەيمەن يەنىلا سەندىن باشقىعا ،
گەر ئالەم ئالما بوپ ئۉزسەم مەن شاحتىن ،
شۇ شېرىن ئالمىنى تۇسام مەن ساڭا .
******
دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەنلەر ئازمۇ ،
ئازاپسىز - ئەلەمسىز ئۆتكەنلەر بارمۇ ،
ئۆلەي مەن سەن ئۈچۈن گەر كەلسە نۆۋەت ،
يار ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەنلەر ئازمۇ .مەنبە :حاتىرە دەپتىرىم
评论
بلوگىڭىز بەك ئىسلكەن ،مەن ئۇلىنىش قىلىۋالدىم .