-
قانلىق مۇھەببەت (ھىكايە) - [ئىجادىي يازما]
2009-05-08
ئەسەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ، ئەگەر پايدىلانماقچى بولسىڭىز بلوگ ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
قانلىق مۇھەببەت
(ھىكايە)
كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا تورۇستىكى كۈچلىك چىراغ نۇرى كۆزۈمنى قاماشتۇرىۋەتتى، ئۆزۈمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمىنى بىلمەيتتىم، قۇلاق تۈۋىمدە كىملەرنىڭدۇر <كۆزىنى ئاچتى>،<ھۇشىغا كەلدى > دېگەن سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.بېشىم خۇددى سۇقاچىلاپ قويغان قاپاقتەك ئېغىر، ئوڭ پۇتۇم بولسا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيتتى .
-يادىكار ، بالام... كۆزۈڭنى ئېچىپ ماڭا بىر قارىغىنە !
-ئانا ! سەن.......
- ۋاي بالام ، ھەنىم بولسا ھاياتكەنسەن ، مەن سەندىن بەكلا ئەنسىرىگەنتىم . ھۈ.............
گېپىمنىڭ ئايىغى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئانام شۇنداق دېگىنىچە ماڭا ئېسىلىپ ھۈ سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
-قۇيۇڭلا سېلىنى. بالا ئاران بىر ھۇشۇغا كەلگەندە نېمە مېيىت ئۇزىتىۋاتقاندەك يىغلايسىلە.
سول تەرىپىمدىن چىققان تۇنۇش بۇئاۋاز مېنى چۆجىتىۋەتتى.
-دادا! سەنمۇ كەلدىڭما ؟-ھە، كەلدىم . ماشىنا بىلەن كۈچ سىنىشىمەن دېگۈچە ياتىقىڭدا يېتىپ كىتابىڭنى ئۇقۇساڭ بولمامدۇ؟ -دېدى دادام تەنە ئارلاش .
-ھەممىنى قىلغان ئۆزلىرى ، يادىكارغا < چوڭ شەھەردە ماشىنا كۆپ، يولدا دىققەت قىلىپ ماڭ > دېسەم سېلى < بالام خاتىرجەم بۇلۇپ مېڭىۋەر، شەھەرنىڭ شوپۇرلىرى ماشىنا ھەيدەشكە ئۇستا ، شۇنداقلا ئالدىغا كېلىپ قالساڭ ماشىنىسىنى پۇتۇڭنىڭ ئۇچىغا ئەكىلىپ توختىتىپ قۇيىدۇ > دەپ مانا ئەمدى بالا دىققەت قىلماي...._ئانام شۇنداق دىيشىگە دادام ئاچىقلاندى:
-ئەمدى مەندىن كۆرىدىغان گەپمۇ ؟ مەنمۇئۆز ۋاقتىدا چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گەپ تۇرسا ئۇ .-بولدى قىلىڭلار . سىلەر قانداق خەۋەر تاپتىڭلار؟-مەن بىر مەيدان جىدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گەپنى باشقا ياققا بۇرىغاچ ئۆز ئەھۋالىمغا نەزەر سالدىم. ئوڭ پۇتۇم گىپىسكە ئېلىنغان ، بېشىم بولسا تېڭىقلىق ئىدى. شۇھامان كۆز ئالدىمدا ساپ مۇھەببىتىمنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئەبلەخنىڭ كالتەك تۇتۇپ تۇرغان قىياپىتى پەيدا بولدى.
-سىنىپ مەسئۇلۇڭ تېلفۇن ئۇرۇپتىكەن ، تېلفۇننى قويۇپلا بۇ ياققا قاراپ ئۇچتۇق.-دېدى ئانام.
-مۇشۇ ئاناڭنىزە....ئايرىپىلاندا كەلگۈچە تۇلا يىغلاپ يولوچىلارنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتىۋەتتى.-دادام شۇنداق دىيىشىگە ئانام :
-ھە! مەنغۇ يىغلاپتىمەن، داداڭ ئايرۇپىلان قوزغالغۇچە < ما بىر نېمەڭ قاچان ئۇچىدۇ ؟>دەپ ئايرۇپىلان خادىمى بىلەن ئۇرۇشقاچقا تاسلا قالدى بىزنى چۈشۈرىۋەتكىلى ._دىدى.دادام بىلەن ئانامنىڭ سۆزلىرىدىن كۈلىۋەتتىم، ئەمما بۇكۈلكەم شۇنچىلىك سۈنئى بولدىكى يۈرۈكىمنىڭ چۇڭقۇر قېتىدىكى ئازاپ ۋە ئەلەملىرىمنى تاتىلاپ دادام بىلەن ئانامنى كۆرگەندىكى خوشلىقلىرىمنى يوق قىلىۋەتتى. ئەمىلىيەتتە مېنى سوققىنى ماشىنا ئەمەس بەلكى مۇھەببەتنىڭ رەزىل كۈشەندىلىرىنىڭ تاياق توقمىقى ئىدى. ھەي، ئېسىت............ئەينى ۋاقىتتا ئوغۇلبالىلىق غۇرۇرىمنى دەپ ئوينىغان ئۇيۇننىڭ ئەمدىلىكتە مېنىڭ ...ياق ، چىن دىلىمدىن سۆيگەن يايرىم ئىككىمىزنىڭ بېشىغا بۇنچىلىك بالا بۇلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم...
******
ئالىي مەكتەپكە كەلگىلىمۇ 3يىل بۇلاي دىدى، مەنمۇ تۇنجى كەلگەندە ياخشى ئۇقۇپ ئانام بىلەن دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن ، بولسا چەتكە چىقىپ ئۇقۇيمەن دېگەندەك يۈكسەك ئارزۇلارنى قۇچاقلاپ كەلگەن ئىدىم. بۇ چوڭ شەھەرنىڭ بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇقۇپ مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنىمۇ تارتىپ يۈرسەممۇ مەكتەپدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگىدەك ياخشى ئۇقۇپ كېلىۋاتاتتىم. كۈندىلىك تۇرمۇشۇم ئادەتتىكىچە،ياتاق ، كۈتۈپخانا، ئاشخانا ۋە سىنىپ مېنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت سورۇنۇم، ھېيىت_بايراملاردا بالىلار بىلەن سورۇن تۈزۈپ ئانچە-مۇنچە ئىچىۋالىدىغان خۇيۇمدىن باشقا ئارتۇق ئىشىممۇ يوق ئىدى. ياتاقداشلىرىم بىرلىكتە نېمە قىلىشنى دېيىشسە مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قالمايتتىم. پەقەتلا ئالىي مەكتەپنىڭ مودىسىغا ئايلىنىپ قالغان مۇھەببەتدىن تۇلىمۇ يىراق ئىدىم . دەل شۇنداق غەمسىز ئۇقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە تۇرمىشىمغا بىر قىز بۆسۈپ كىردى...........
بۈگۈن ياتاقدا يەنە شۇ تۆتەيلەن قېپ قالدۇق، بىز ياتاقدا پاراڭلاشقاچ ئۇنى - بۇنى تالىشىپ ، كېلىشەلمىسەك جىدەللىشىپ ،ئارقىسىدىن يەنە يارىشىپ دېگەندەك ئاخرى زىركىشتۇق. مەن ياتاققا قاياقلاردىن كىرىپ قالغان ئەسلى رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان كونا گىتتارنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇردۇم . مەن چېلىۋاتقان گىتتار ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياتاقنى جىمجىتلىققا چۆكتى دىيىشكە بۇلاتتى . بۇ خىل جىمجىتلىقتىن زىرىكتىمۇ قانداق قەيسەر ئېغىز ئاچتى.
-ھەي بالىلار ، ئولتۇرۇمىزمۇ مۇشۇنداق ؟ بىرەر ئىش قىلمامدۇق؟
قەيسەر ئۆزى بۇ شەھەرلىك بۇلۇپ شوخ،چىقىشقاق مىجەزى ، ئوچۇق يۇرۇقلىقى ۋە ئۇيۇن تاماشىنى بىز دىن ئاشۇرۇپ ئوينايدىغان مىجەزى تەبىئىيلا ئۇنى بىزنىڭ ياتاقنىڭ سەركىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ <بىرەر ئىش قىلمامدۇق ؟> دېگىنىدىن ئېنىقلا < چىقىپ ئىچمەمدۇق؟>دىگەن مەنا چىقىپ تۇراتتى. مەنمۇ زىرىكىپ ئولتۇرغاچقا دەرھاللا <چاتاق يوق > دىگەن جاۋابنى بەردىم .
-نېمە ئىش قىلىمىز ؟- دەپ سۇرىدى ئالىم دىگەن ياتاقدىشىم .
- مەن يادىكارنى <كىتاب خالتىسى >، ھېچنىمىنى ئۇقمايدۇ ، دېسەم سەن ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشەمسەن نېمە ؟ قەيسەر< چىقىپ ئىچمەمدۇق > دېمەكچى .-دېدى ياسىن دېگەن ياتاقدىشىم ئۇنىڭغا جاۋابەن.ئۇ ئالىمغا گەپ قىلغاچ مېنىمۇ چېقىۋالدى. ئەزەلدىن ئۇنىڭ شۇنداق <تىكىنى بار > گەپ قىلىدىغان خۇيى بولغاچقا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .
-شۇ ئىچىدىغان گەپمىتى ؟ ئۇنداق بولسا ماڭمامدۇق ؟- دىدى ئالىم ۋە دەرھاللا چاپىنىنى كىيىپ تەييار بۇلۇپ بولدى. ئۇ ئەزەلدىن شۇنداق ئالدىراقسان ئىدى.
-ھە ، ئاغىنەم ! ئالدىرىغانغا قارىغاندا سورۇن پۇلىنى سەن تۆلەيدىغان ئوخشىمامسەن ؟- دېدى ياسىن .
- تۆلىسەم تۆلىدىم ، ئەزەلدىن مەندە چاتاق يوققۇ ؟- دېدى ئالىم مەيدىسىگە مۇشلاپ تۇرۇپ.ياتاقدىكى تۆتەيلەننىڭ ئىقدىسادى ئەھۋالى بىر_بىرىمىزدىن قېلىشمايتتى ، ئادەتتە سورۇن تۈزسەك يېغىش قىلىپ ئولتۇرمايلا بىرىمىز تۆلىۋىتىپ چىقىپ كېتەتتۇق، بۇنداق سورۇن بىرىمىزنىڭ بېشىغا بىر قېتىم مېھمان كىلىش بىلەن ئايدا 4_5قېتىم بۇلۇپ تۇراتتى. قەيسەر ئالىمنى تارتىپ كارۋاتتا ئولتۇرغۇزدى ۋە:
-ئالدىرىما ، بۈگۈن باشقىچىرەك ئىش قىلمامدۇق؟_دىدى.
-ۋاي، قويە سېنى . نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟ ما ئاتۇشلۇق بىر مىھمان قىلاي دېگەندە سەنمۇ ئىشنى ئاقساتمىغىنە ، ھېلى بىكار گېپىدىن يېنىۋالىدۇ .-دېدى ياسىن چاقچاق ئارلاش .-سەن ئەمەس مەن، گەپنى دەپ بۇلۇپ كەينىگە سىيىدىغان !- دېدى ئالىم ياسىننى يەۋەتكۈدەك قاراپ.
-بولدى،بولدى ....قۇيۇڭلار ئىككىڭلارنى. ياسىن چاقچاق قىلىپ قويدىغۇ؟ _دېدىم مەن ۋە قەيسەردىن ،_ باشقىچىرەك نېمە ئىش قىلىمىز ؟ - دەپ سورىدىم .
-بىر ئۇيۇن ئوينايلىمىكىن دەيمەن. -قەيسەر شۇنداق دېيىشىگە ياسىن :
-ئوخخووووو ، ھەي داشۆ سىڭ، قانچىگە كىردىڭ سەن ؟ مۇشۇ ياشقا كىرگەندە ئۇيۇن ئوينايمەن دەيسەنغۇ ؟ _دىدى نارازىلىق بىلەن.
ئالدىرىما ، مەن تېخى قانداق ئۇيۇن ئوينايدىغىنىمىزنى دېمىدىمغۇ ؟-دېىدى قەيسەر.
-ھە ، دېگىنە قېنى ، ئاڭلاپ باقىلى .- دىدې ئالىم ئارقىغا يۆلەنگەچ.
-ھازىر تېخى قاراڭغۇ چۈشمىدى ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇقۇتۇش بىناسىدا ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقانلار كۆپقۇ دەيمەن..._قەيسەر شۇنداق دېيىشىگە ياسىن يەنە گەپنى تاتىۋالدى.
-ئۇ كىتاپ خالتىلىرى بىلەن بىزنىڭ نېمە ئىشىمىز ؟ سەن شۇلارنىمۇ چاقىرىپ چىقىپ بىللە ۋاللەي ئوينايلى دېمەيدىغانسەن ؟
-ۋاي-ۋۇي، سەن ئالىمدىنمۇ بەك ئالدىراڭغۇ بۇلۇپ كېتىپسەنغۇ ؟-دېدى قەيسەر چىرايىنى تۈرۈپ - مەن گېپىمنى قىلىۋالاي، مەن ئۇلار بىلەن ۋاللەي ئوينايلى دىمەكچى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چۇقۇم قىزلار بار . بىز ئاۋۋال بىر سىنىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ .ئارىمىزدىن بىرىمىز شۇ سىنپدىكى مەن كۆرسەتكەن قىزغا گەپ قىلىدۇ. قانچە ئۇزۇن پاراڭلىشالىساڭلار تېخى ياخشى.....
-بۇنىڭ بىز تۈزمەكچى بولغان سورۇن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى ؟ - دەپ سۇرىدىم ھەيرانلىق بىلەن .
-سۇرۇننىڭ پۇلىنى شۇنداق قىلىپ يىغىش قىلىمىز .- دىدى قەيسەر . ئالىم تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ :
-نېمە ؟قانداق قىلىپ ؟ سەن قىزلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ بۇگۈن كەچ ئولتۇرىشىم بارتى ، .ئاتىغىنىڭىزنى ئىئانە قىلسىڭىز دەيمىزما ؟ -دەپ سۇرىدى . قەيسەر كۈلىۋىتىپ :-ياقەي، نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە، بۈگۈنكى سورۇنغا پۇلنى تەڭ چىقىرىمىز ، قانچىدىن چىقىرىش ئۆزۈڭلىگە باغلىق، گەپنى مۇنداقلا دەي، ئاندىن ئاسان چۈشىنىسىلەر،مەسىلەن ، ئالىم مەن كۆرسەتكەن قىزغا گەپ تاشلاپ 1مىنۇت پاراڭلاشسا سورۇنغا چىقىرىدىغان پۇلى 5يۈەن ئازلايدۇ. ھەممەيلەنگە تۆۋەن ئۆلچەم 50يۈەن، ئەگەر مەن خالىغان بىر قىزنى كۆرسىتىپ سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇنىڭ بىلەن 10مىنۇت پاراڭلىشالىساڭلار بۈگۈنكى سورۇنغا پۇل چىقارماي مىھمان سۈپىتىدە ئولتۇرۇپ چىقىپ كەتسەڭلار بولدى. چۈشىنىشلىك بولدىما ؟
-ئەگەر ھەممەيلەن 10 مىنۇت پاراڭلىشىۋەتسەكچۇ ؟_دەپ سۇرىدى ياسىن .
-ئۇنداقلا بولسا بۈگۈنكى سورۇن ماڭا ھېساب .-دىدى قەيسەر .
-ئىسىل، مەن قۇشىلىمەن.-ياسىن تىزلا ئىپادە كۆرسەتتى.
-يېرىم كۈن ئادەم ئەخمەق قىلىپ تاپقان ئۇيۇنىڭ مۇشۇما ؟-ئالىم تېرىككەندەك قىلاتتى،-مەن قۇشۇلمايمەن .
ئالىم ئەزەلدىن بىر قىزبالىغا گەپ قىلىش تۈگۈل تىكىلىپ قاراپ باققان بالا ئەمەس ، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان ئىدى.ئۇنىڭ بۇنىڭغا قۇشۇلماسلىق نۇرمال ئەھۋال. ياسىن شۇھامان ئالىمغا :
-ۋاي !!!ئاغىنەم، نىمىدىن ئەنسىرەيسەن ؟ قىزلار سېنى يەپ كەتمەيدۇ، مۇشۇنداق تارتىنىپ ئولتۇرساڭ كېيىن بويتاق قالىسەن جۇمۇ . ئاناڭ سېنى ئوغۇلبالا دەپ تۇققانمۇ ياكى...._ئۇ ئاخىرقى گېپىنى يۈتىۋەتتى، ئالىم يەنىلا قۇشۇلمىسا يەنە سېسىق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ئويلىدى بولغاي ئامالسىز قۇشۇلدى. قەيسەر مەندىن :
-يادىكار ،سەنچۇ؟-دەپ سۇرىدى. ئەگەر مەن قۇشۇلمىسام بۇلارنىڭ سېسىق گەپلىرىنى غۇرۇرىم كۆتۈرمەيدۇ،مەنمۇ ئامالسىز ئەھۋالدا قالدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنى چۈشىرىۋالماسلىق ئۈچۈن :
-چاتاق يوق، چاتاق بار يەردىمۇ مەن يوق .-دەۋەتتىم.
-ئۇنداق بولسا نېمىگە قاراپ ئولتۇرىمىز ؟ ئاتلانمامدۇق جەڭگە؟!-ياسىن شۇنداق دىيشىگە ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇقۇتۇش بىناسىغا قاراپ ماڭدۇق.داۋامىنى بۇئادرىسدىن كۆرۈڭ:
قانلىق مۇھەببەت (ھىكايە)2
Blog:سەرخىل تەرمىلەر بلوگى2009-06-06 17:29:38