كۆنەس ناھىيىسىدە لاي لاتقا ئاپىتى يۈز بەردى
يوللانغان ۋاقتى: 16:46 01-08-2012 مەنبە: ياشىن تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
كۆنەس ناھىيىسىدە لاي لاتقا ئاپىتى يۈز بېرىپ 16ئادەم قازا بولدى 21ئادەم يوقاپ كەتتى
31-ئىيۇل ،كۆنەس ناھىيىسىنىڭ ئارالتۆبە كەنتىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا تاغ گۆمۈرۈلىشى بىلەن ئارالتۆبەدىكى بىر ۋاقىتلىق خىزمەت چېدىرى كۆمۈلۈپ قالدى ، 31-ئىيۇل سائەت 22گىچە لاي لاتقا ئاپىتى يۈز بېرىپ 16ئادەم قازا بولغان 21ئادەم يوقاپ كەتكەن .
ئاپەت كەلگەندىن كېيىن شەھەر دىرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان .
ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقىنى قوغداش ئىدارسىنىڭ نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشىچە ، بۇ قېتىمقى گۆمۈرۈلگەن تاغنىڭ ئۇزۇلىقى 2 كىلومېتىر ، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 50مېتىر ، تېيىزلىكى 6مېتىر ، 1مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق قوم شېغىلنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا سەۋەب بولغان . ھازىر قۇتقۇزۇش يەنە داۋاملاشماقتا .

31-ئىيۇل قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماقتا

|
------分隔线----------------------------