بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىۋى قاتناش، تاكسى، مېترو ۋە ئاپتوموبىل توختىتىشتا ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ.
مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسىغا ئولتۇرۇش ۋە ئاپتوموبىل توختىتىشتا ھەق تاپشۇرۇش، ھەتتا كىنو كۆرۈش، تاللا بازارلىرىغا بېرىشتا، پەقەت كىچىك كارتىنى چىقىرىپ سۈركىسىلا كۇپايە. بۇ خىل قولايلىق ھەممىباپ كارتا ناھايىتى تېزلا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىدا قوللىنىلىدۇ.
28-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «قىزىل تاغ ھەممىباب كارتىسى» يولغا قويۇلۇپ، بۇ كارتىنىڭ رولى شەھەر ئاھالىلىرىغا چۈشەندۈرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تاغ ھەممىباپ كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جېڭ شىجيې ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: ئاھالىنىڭ قولىدىكى ئاممىۋى قاتناشIC كارتىسى پەقەت ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋەBRT ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشقىلا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى بىرقەدەر تار. «قىزىل تاغ ھەممەباب كارتىسى» ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىشتا ئىشلىتىشكە بولۇپلا قالماي، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تاكسى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، مېترو قاتارلىقلار ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدە يولغا قويۇلىدۇ، يەنى: شەھەر ئاھالىسى پەقەت بۇ كارتا بىلەن كۆپ خىل ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرالايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ شىركەت يەنە ئاز سوممىلىق نەرسە سېتىۋېلىش ئىستېمالى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەدرىجىي يولغا قويىدۇ.
ئۇقۇشۇمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناشIC كارتىسى ئىشلىتىپ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان ئاھالە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان ئومۇمىي ئاھالىنىڭ ٪35 ىنى ئىگىلەيدىكەن، يولۇچىلارنىڭ پۇل سېلىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشىغا ئىككى سېكۇنتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىكەن، ئەگەر پۇل قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، كىشىلەر ئاپتوبۇس ئىشىكىدە قىستىلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ بولىدىكەن. بىراق ئەگەر ھەممە يولۇچى كارتا سۈرۈپ ئاپتوبۇسقا چىقسا خېلى كۆپ ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.
جېڭ شڭجيې يەنە: ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاكسىلارغا ھەق تاپشۇرۇشنى قىزىل تاغ ھەممىباب كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى. كېلەر يىلنىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھازىرقى 1 مىليون 700 مىڭ دانە ئاممىۋى قاتناشICكارتىسىغا بۇ تۈرلۈك كەسپىي ئىقتىدار كىرگۈزۈلىدۇ، دېدى.