ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

شىنجاڭدا ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-01 17:00 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى تۈنۈگۈن(31-ئىيۇل) چۈشتىن كېيى
  


 

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى


    تۈنۈگۈن(31-ئىيۇل) چۈشتىن كېيىن، تورىمىز مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن(1-ئاۋغۇست)تىن باشلاپ شىنجاڭدا ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، قىسمەن رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى 50 مىللىلېتىردىن ئاشىدىغان قارا يامغۇر ياغىدىكەن.
 
   مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن(1-ئاۋغۇست) كېچىدىن 4-ئاۋغۇست كېچىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا سۇس ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر(2~12 مىللىلېتىرغىچە) ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا بويلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، بايىنغۇلىن، قومۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر(12~30 مىللىلېتىرغىچە) ياغىدىكەن، قىسمەن جايلىرىدا بولسا قارا يامغۇر(50 مىللىلېتىردىن يۇقىرى) ياغىدىكەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رايونلاردا يەنە 4~5 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا بولسا توققۇز بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن.
   ئۈرۈمچىدە، ئەتە(2-ئاۋغۇست) چۈشتىن كېيىندىن 3-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قاتتىق يامغۇر(10~20 مىللىلېتىر) ياغىدىكەن، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي رايونى، يۇقىرىقى تاغ(نەنسەن)، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرى شۇنداقلا داۋانچىڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قاتتىق ياكى قارا يامغۇر(18~30 مىللىلېتىر) ياغىدىكەن، قىسمەن جايلىرىدا بولسا يامغۇر مىقدارى ھەتتا 30 مىللىلېتىردىن ئاشىدىكەن ھەمدە تۆت بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئوتتۇراھال(6~15 مىللىلېتىر) يامغۇر يېغىپ، 5~6 بال غەرب شامىلى چىقىدىكەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رايونلاردا ئەتە(2-ئاۋغۇست) چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە قىسقا ۋاقىت چاقماق چاقىدىكەن.
   بۇنىڭغا قارىتا، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يامغۇر قاتتىق ياغىدىغان جايلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يامغۇرنىڭ تاشيول، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق قاتناش-تىرانسىپورتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدىغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەكىتلىگەن.

ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>