ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تارىم نېفىتلىكىدە يېڭى گاز زاپىسى بايقالدى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-01 01:47 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
يېقىندا تارىم نېفىتلىكىنىڭ راۋاپ رايون بۆلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان تەبئىي گاز زاپىسى بايقالغان.
  

يېقىندا تارىم نېفىتلىكىنىڭ راۋاپ رايون بۆلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان تەبئىي گاز زاپىسى بايقالغان.

Www.SalamURUMQI.Com

 

تارىم نېفىتلىكىنىڭ «12-بەش يىل» نىڭ تۇنجى يىلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشاللاندۇرىدۇ. بۇ بىر يىلدا مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ تەبىئىي گازلىق ۋە 100 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك بايقالدى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى 3-دەرىجىلىك زاپاس ساقلاش مىقدارى 500 مىليون توننا ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 400 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولدى.
تارىم نېفىتلىكى ئون يىلدىن بۇيان ئىلمىي پىلانلاپ، «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسى، يەنى 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە زاپاس مىقدارنى كۆپەيتىپ، 20 مىليون توننا نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلاش؛ 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بايلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 30 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش؛ 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، نېفىت زاپىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 40 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى بېكىتتى.
تارىم نېفىتلىكى «كەڭ كۆلەمدە چارلاش» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرگەچكە، كۇچا، شىمالىي تارىم، ئوتتۇرا تارىمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بازا نېفىتلىكتىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز تارالدى، يەنى خانقىتام 6-رايون بۆلىكىدە 1000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى «نېفىت دېڭىزى» بايقالدى؛ چوڭ شىمال 201-رايون بۆلىكىدىكى مول تەبئىي گاز بايلىقى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ كىشىنى ھەممىدىن بەك خۇش قىلىدىغىنى چوڭ شىمال گازلىقى قارا 2-گازلىقىدىن كېيىنكى ئۇۋاق جىنىسلىق -چوڭ گازلىققا ئايلاندى، بۇ گازلىق زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە؛ يېقىندا بايقالغان راۋاپ رايون بۆلىكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر 51-رايون بۆلىكى تارىم نېفىتلىكى ۋە گازلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن باسار رايون بولۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.
Www.SalamURUMQI.Com
 
2011-يىلى تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېز كۆپەيدى، بىر يىلدا سانائەت نېفىت، تەبىئىي گاز قۇدۇقى 29غا، بۇرغىلاپ چارلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %61.7 يېتىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ياخشىكەن
(11)
57.9%
ناچاركەن
(8)
42.1%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>