ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

شىنجاڭدا دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقان 20 جىنايەتچى جازالاندى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-08 04:01 مەنبەسى: ئېنتىرنىت ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
يېقىندا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بەش قېتىملىق ئېنتىرنت تورى، كۆچمە ساقلاش ۋاستىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ
  

     يېقىندا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بەش قېتىملىق ئېنتىرنت تورى، كۆچمە ساقلاش ۋاستىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تېرورلۇق تەشكىلاتى ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايى دېلوسىنى تەشكىللىگەن،رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتناشقان دېلولارغا قانۇن بويىچە سوت ئاچتى.دېلوغا چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمى قانۇننىڭ ھۆرمىتى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەردى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش،مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ پەن-تېخىنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى خىرىس ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سېگىنالنى كۆرسىتىپ بەردى.
20 نەپەر جاۋاپكار قانۇن بويىچە جازاغا ئۇچرىدى
بۇ بەش قېتىملىق دېلونى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە سوت قىلدى.20 نەپەر جاۋاپكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.بۇ بەش قېتىملىق دېلونىڭ ئىچىدىكى تۆت قېتىملىق دېلونىڭ خارەكتىرى تېرورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش،قاتنىشىش جىنايىتى دەپ،بىر قېتىملىق دېلونىڭ خارەكتىرى دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى دەپ بېكىتىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، مەمەت ئابدۇراھمان قاتارلىق سەككىز جاۋاپكار ئۇزۇن مەزگىل يىغىلىپ،كاتتىباش سايلاپ،ئەزا توپلىغان،ئاساسلىق ئۇنسۇرلار زوراۋانلىق تېرورلۇق جىنايەت گۇرۇھىنى شەكىللەندۇرگەن،ئۇلار قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر،كۆچمە ساقلاش ۋاستىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش غازات قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىق تېرورلۇق مەزمۇنلارنى تارقاتقان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان،دۆلەتنى پارچىلاش،دىنىي رادىكال،زوراۋان تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى قانۇنسىز كىتاپلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ تەشۋىق قىلغان.بۇ سەككىز جاۋابكار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
ھەسەنجان ئابدۇراھمان قاتارلىق تۆت جاۋاپكار زوراۋان تېرورلۇق جىنايى پائالىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ،باشقىلارنى ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرىدىغان خەنزۇلار بىلەن قارىشلىشىقا تەشكىللىگەن.پارتىلاتقۇچ بۇيۇملارنى ياساپ ئاتالمىش ئۆزىنى قوغدىغان،قانۇنسىز ھالدا پارتىلاتقۇچ بۇيۇملارنى ياسىغان،بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ،بۇلارنىڭ قىلمىشىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش،قاتنىشىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.تۆت جاۋاپكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
قەشقەر رايونىدا،ئوبۇل ئابايىت قاتارلىق ئۈچ جاۋاپكار زوراۋان تېرورلۇق غازات ئۇرۇشى قىلىش مەقسىتى بىلەن  كۆپ قېتىم ئاتالمىش غازات ئۇرۇشى قاتارلىق زوراۋان تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى ئاۋاز چاستوتىسى ۋە ۋېدىئو كۆرۈنۈشلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن،باشقىلارنى غازات ئۇرۇشى قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان،زوراۋان تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىنى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ،بۇلارنىڭ قىلمىشىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش،قاتنىشىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.تۆت جاۋاپكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
جاۋاپكار ئابدۇراھمان ئىمىر دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلىق قىلىش مەقسىتى بىلەن كۆچمە ساقلاش ۋاستىسى ياكى ئۆزى  لازىر نۇرلۇق پىلاستىنكىلارنى كۆچۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كۆپ قېتىم باشقىلارنى دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،جىنايىتى ئېغىر، جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ،سىياسىي ھوقۇقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە،تالىپ ئابلىمىت قاتارلىق تۆت جاۋاپكار ئابدۇرىشىت ئابلىز(قېچىپ يۈرمەكتە) نىڭ تەشۋىق قىلىشى ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئارقىسىدا مەخپى ھالدا ئاتالمىش غازات ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان.ئۇنىڭ قىلمىشىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش،قاتنىشىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ تۆت جاۋاپكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12  يىلدىن بىر يىل ئالتە ئايلىققىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
10 نەپەر قاۋاپكار يۇقىرىغا نارازلىق ئەرزى سۇنغان ئىدى،ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 13-ئىيول ئىككىنچى سوتتا ئۇلارنىڭ نارازلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ،ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>