جۇڭگو ئاخبارات تورى 30-ئىيۇندىكى خەۋىرى جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى مەركىزى تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن سەھەر سائەت 5 تىن 7 ئۆتكەندە، رايونىمىزدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ چېگرا ئورنىدا 6.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7 مىڭ مېتىر ئۇنىڭدىن كېيىن رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئەڭ يۇقىرى يەر تەۋرەش دەرىجىسى 3.9 بالغا يەتكەن.
05:11:44 ئۆتكەندە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى چىگرىسىدا 3.9 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 مىڭ مېتر. 05:21:32 ئۆتكەندە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيىسى چېگرىسىدا 3.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6 مىڭ مېتىر.
05:24:52 ئۆتكەندە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى چىگرىسىدا 3.0 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8 مىڭ مېتر. 05:30:32 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى چېگرىسىدا 3.9 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 5 مىڭ مېتىر.
05:32:13 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى چېگرىسىدا 3.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8 مىڭ مېتىر.
06:11:12 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى چىگرىسىدا 3.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7 مىڭ مېتر. 06:30:09 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى چېگرىسىدا 3.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8 مىڭ مېتىر.